نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

نەسىللىك قوي فىرمىسى

 

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

ئۇمۇمىي ئەھۋالى: باي ناھىيەلىك نەسىللىك قوي فىرمىسى باي ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ، غەرىپ تەرىپى دەريا ئارقىلىق ئونسۇ ناھىيەسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شىمالى تەرىپى مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، فېرمىنىڭ ئۇمۇمىي يەر مەيدانى 965كۇۋادىرات كىلومىتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 493.33گېكىتار، پايدىلىنىشقا بۇلىدىغان تەبئىي ئوتلاق 73مىڭ 300گېكىتار، فېرما تەۋەلىكىدە 4چارۋىچىلىق، 1دېھقانچىلىق ئەتىرتى، جەمئىي 1878ئادەم بار.  2012- يىلى نەسىللىك قوي فىرمىسى ئېكىلوگىيەلىك چارۋىچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە چارۋىچىلىقتىكى كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىشنى تەرەققىيات تېمىسى قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى كەسىپ بەلۋىغىنى تەرەققىيات ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش شەكىلىنى ئۆزگەرتىشنى تىزلىتىپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسەت تۈزۈپ، چارۋا باقمىچىلىق رايۇنى ۋە كۆلەملەشكەن چارۋىچىلىق ئائىللىرى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىق تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ ۋە جايىدا ئىشلىتىپ، مەبلەغ غەملەپ ۋە كىرگۈزۈپ ئوت – چۆپ تېرىپ چارۋا باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نەسىللىك چارۋىلارنى كىرگۈزۈپ، چارۋا بېقىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، سۈپىتى ۋە تاۋارلىشىش نىسبىتىنى يۇقۇرى كۆتىردى. پۈتۈن فېرمىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇمۇمىي كېرىمى 23مىليۇن 947مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 5.5%ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە چارۋىچىلىق كېرىمى 12مىليۇن 963مىڭ 700يۈەنگە يىتىپ ئۇمۇمىي كىرىمنىڭ 54.1%نى ئىگەللىدى؛ تېرىقچىلىق كېرىمى 6مىليۇن 649مىڭ 700يۈەنگە يىتىپ، ئۇمۇمىي كېرىمنىڭ 27.8%نى ئىگەللىدى؛ باغ – ئورمانچىلىق كېرىمى 63مىڭ يۈەنگە يەتتى؛ 3- كەسىپتىن قىلىنغان كېرىم 260مىڭ يۈەنگە يەتتى؛ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كېرىمى 8260.38يۈەن بولدى. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش مۇۋاپىقلىشىشقا يۈزلىنىپ، ئىقتىسادى قۇرۇلما ئۆزگىچە، ئۈنۈم تىپىغا ئايلىنىشقا باشلىدى.

چارۋىچىلىقنى كۈچەيتىش: 2012- يىلى نەسىللىك قوي فىرمسى پارتكومى ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى   چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە يىتىشتۈرۈشنى، چارۋىچىلىقنى راسا كۈچەيتىشنى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتتى. دۆلەت دەرىجىلىك ئىنىچكە يۇڭلۇق قوي نەسلىنى يىتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى نىشان قىلىپ، 《ساپالى》قوي يۇڭى ۋە 《جوڭگو مېرنۇس ئىنچكە يۇڭلۇق قويى (شىنجاڭ تىپلىق)》قاتارلىق كۇرۇسلۇق مەھسۇلات ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، چارۋىچىلىقنىڭ ئۆلچەملىشىش، كەسىپلىشىش، زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋىچىلىقنىڭ ياخشى تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاپ، پۈتۈن يىلدا چارۋىچىلىق ئۇمۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 12مىليۇن 963مىڭ 700يۈەنگە يىتىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 3451.46يۈەنگە يىتىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 41.8%نى ئىگەللىدى. پۈتۈن فېرمىنىڭ چارۋا قوتان قالدۇقى 55مىڭ تۇياق، ئىشلەپچىقارغان ئەلا سۈپەتلىك ئىنىچكە قوي يۇڭى 97توننا، تىۋىت 3.5توننىغا يەتتى. بىر كىلوگىرام تايلىمىغان يۇڭىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 31يۈەنگە يىتىپ، باشقا يېزىلارنىڭكىدىن 5-6يۈەن يۇقۇرى بولدى، ھەر كىلوگىرام تايلىغان ساپ يۇڭنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 59.6يۈەنگە يەتتى؛ ھەر كىلوگىرام ئۆچكە تېۋىتىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 295يۈەن بۇلۇپ، باشقا يېزىلارنىڭكىدىن 30يۈەن يۇقۇرى بولدى.

تېرىقچىلىقنى ئەلالاشتۇرۇش: 2012- يىلى نەسىللىك قوي فىرمىسى پارتكومى ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى تۈرلۈك پەن – تېخنىكا تەدبىرلىرىنى كېڭەيتىش سالىمىغىنى زورايتىتى بۇلۇپمۇ   يولغا قۇيۇش لايىھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئۈلگە، ئۆرنەكلەرنى كۈچەپ كۆرسۈتۈپ، پەن – تېخنىكا بۇيىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى سورتلارنى كېڭەيتىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئېلىپ بېرىلۋاتقان يېزا ئىگىلىك تۈرلىرىنى ئەستايدىل تەشكىللەپ ۋە ياخشى يولغا قۇيدى بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا، تۆۋەن ھۇسۇللۇق ئېتىزلارنى ئۆزگەرتىش، توپراقنى رېتسىپلىق ئۇغۇتلاش، زىرائەتلەردىن يۇقۇرى ھۇسۇل ئېلىش بۇيىچە بەرپا قىلىش پائالىيتى، زىرائەتلەرنى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىغى بۇيىچە قۇر ئارىلاپ ۋە كىرىشتۈرۈپ تېرىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئونۋىرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتىردى. دېھقانچىلىق تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ تەڭشەپ، ئۆزگىچە ئىقتىسادى زىرائەتلەر تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلدى. ئىنچكە ھىساپلاش ئارقىلىق، پۈتۈن فىرمىدىكى بۇغداي تېرىش كۆلىمى 172.5گېكىتار، قۇناق كۆلىمى 86.7گېكىتار، بېدە كۆلىمى 69.5گېكىتار، قىچا كۆلىمى 135گېكىتار بولدى. جوغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە تايىنىپ، ئۆزگىچە ئىقتىسادى زىرائەتلەرنى تېرىپ، نەسىللىك قوي فىرمىسىنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يولنى بىكىتىتى، فېرما بۇيىچە 6.6گېكىتار يەرگە ئۆزگىچە سامساق تېرىپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 600كىلوگىرامغا يىتىپ، 600مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، پۈتۈن فېرما ئىقتىسادى كىرىمدىكى يېڭى يارقىن نوقتىغا ئايلاندى.

پەن – تېخنىكا تۈرلىرى: 2012- يىلى نەسىللىك قوي فىرمىسى پارتكومى ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تۈرلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە يولغا قۇيۇشىدىكى مول – ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ 《دۆلەتلىك تېۋىتلىق ئۆچكە كەسپىي تېخنىكا سېستىمىسى باي ئونۋىرسال تەجىرىبە پونكىتى قۇرلۇشى》تۈرى، 《ئىنچكە يۇڭلۇق قوي ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش》تۈرى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ 《دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنچكە يۇڭلۇق قوي يېڭى نەسلىنى يىتىشتۈرۈش》تۈرى، 《جۇڭگو مېرنۇس (شىنجاڭ تىپلىق)ئىنىچكە يۇڭلۇق قويى ساغلىق يىتىشتۈرۈش ياردەم پۇلى》تۈرى، 《جۇڭگو مېرنۇس (شىنجاڭ تىپىلىق)ئىنىچكە يۇڭلۇق قويى نەسىللىك قوشقار يىتىشتۈرۈش ياردەم پۇلى》تۈرى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ 《200مىڭ دانە ئېكىلوگىيەلىك مەھسۇلات ئورمان كەكلىكى بازا قۇرۇلۇشى》تۈرىنى يولغا قۇيۇپ، 2مىليۇن 800مىڭ يۈەن پەن – تېخنىكا تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈردى ۋە يولغا قويدى. نەسىللىك قوي فىرمىسى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ《دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مول – ھۇسۇل مۇكاپاتى》بۇيىچە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى. چارۋىچىلىق پەن – تېخنىكىسىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋىچىلىق پەن – تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش شەكىلىنى ھەقىقى ئۆزگەرتىپ، چارۋىچىلىق سېستىمىسىنىڭ ئىقتىساسلىقلار ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق، مەبلەغ ۋە تۈرلەرنى تېخىمۇ ياخشى بىرىكتۈرۈپ، چارۋىچىلىق پەن – تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك يۇقۇرى كۆتىرىپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چارۋىچىلىق كەسپىنى يەنىمۇ زارايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ۋە مالىيە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى.

خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى: 2012- يىلى نەسىللىك قوي فىرمىسى پارتكومى ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى پۈرسەتنى قولدىن بەرمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، 4مىليۇن 967مىڭ يۈەن مەبلەغنى خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيتىش قۇرۇلۇشى ۋە خەتەرلىك كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا سەرىپ قىلدى. پۈتۈن يىلدا 42ئائىللىك  يېڭى ئۆي سېلىپ، 25ئائىللىك ئۆينى كېڭەيتتى، دېھقانچىلىق 6- ئەتىرتىدىكى 77ئائىلىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 144يۈرۈش خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 16ئائىللىك كېسەك ئۆينى ئۆزگەرتتى. 《ئۈچ رايۇننى ئايرىش》،《بەشنى تازىلاش بەشنى ئۆزگەرتىش》نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان يېزا – كەنىت مۇھىتىنى تۈزەش، ھويلا – ئاراملارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سۇ، توك، يول، باغ، ئېرىق، پار قاتارلىق يانداشما قۇرۇلۇشلارنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىدىن 40كۆكتات ئورىسى سالدى؛ كەنىتنى يېشىللاشتۇرۇش ۋە ھويلا – ئارامنى گۈزەللەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلىدى ھەمدە خەلقنى ماكانلاشتۇرپ بېيتىش ئۈلگە نۇقتىسىدا ھويلا تېمىنى ئاقارتىپ ۋە فارفۇر خىش چاپلاپ، كەنىت قىياپىتىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىي ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈردى؛ خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى ئۈلگە نۇقتىسدىكى 587مىتىر يولنى ئاسفالىتلاشتۇرۇپ، ئاھالىلار ئولتۇراق رايۇنىغا 254تۈپ كۈچەت تىكىپ، كەنىتنىڭ قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى؛ كۈن نۇرلۇق يول چىرىقىدىن 50دانە ئورنۇتۇپ، 6كىلوۋاتلىق كۈن نۇرلۇق ئېلىكتىر ئىستانىسىسىنى يېڭىدىن سالدى. 

ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتىقا چىقىرىش: 2012- يىلى نەسىللىك قوي فىرمىسى پارتكومى، باشقۇرۇش كومىتېتى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 《ئىككى دەرىجە باشقۇرۇش، 4دەرىجە مۇلازىمەت قىلىش》ئۇچۇر تورى سېستىمىسىنى ئورنۇتۇپ، بىر تۇتاش بولغان ئەمگەك كۈچلىرى بازىرى ئۇچۇر مۇلازىمەت تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئەمگەك كۈچلىرىدىكى تەمنىلەش – ئېھتىياج ئۇچۇرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالاقىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا، تىز قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت مەزمۇنىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، تور قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ياخشى ئۇچۇر ئالاقە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى. 《ئاۋال تەربىيەلەپ كېيىن سىرتىقا چىقىرىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش》تەپەككۈر يولى بۇيىچە، ئەمگەك كۈچلىرىنى سرىتقا چىقىرىش خىزمىتىدە يىڭى ئىلگىرىلەش بولدى، ئەمگەك كۈچلىرى يۆتكەش بۇيىچە تەربىيەلەش شىركىتى قۇرۇلۇپ، يىتەكلەش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتى ئۆزلۈكسىز كۈچەيدى. پۈتۈن يىلدا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى 254ئادەم قېتىم سىرتقا چىقىرىپ، 3مىليۇن 816مىڭ يۈەن ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى ياراتتى؛ 《تىرىشپ باي بۇلۇش، ھەرمكارلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش》پائالىيتىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تىز راۋاجلىنىپ، كۆلىمى ئىزچىل كېڭەيدى.

ئىجىتمائىي مۇقىملىق: 2012- يىلى نەسىللىك قوي فىرمىسى پارتكومى ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى مۇقىملىق خىزمىتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تۈرلۈك مۇقىملىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. 《بىر قولدا تەرەققىياتنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا مۇقىملىقنى تۇتۇش》خىزمەت تەلىپى بۇيىچە، ئىجىتمائىي مۇقىملىق خىزمىتىدىكى 《بىخەتەر تور》بەرپا قىلىپ، زىممىنى قوغداش مەسئۇلىيتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامان – ئىسەنلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پۈتۈن يىلدا 26قېتىم مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت يىغىنى ئاچتى، ئۇمۇمىي كۆلىمى 340كۇۋادىرات مىتىر كېلىدىغان 4ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى سالدى، ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش ئىشخانسى يېڭىدىن سەپلەنگەن 4نەپەر كەنىت ساقچىسى ۋە 8نەپەر ياردەمچى ساقچىغا ھەربىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت تەربىيەسى ئېلىپ باردى. ئامانلىق ساقلاش بىرلەشمە مۇداپىئە ئەتىرتى يېزىلىق پارتكوم ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال ماسلىشىپ، ئۆز ئورنىنىڭ دېجۈرنىلىك ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەۋەلىكىدىكى تەسەددبىي ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلدى. نۇقتىلىق ئادەملەرگە بولغان باشقۇرۇش ۋە تەربىيلەش خىزمىتى قانۇن بۇيىچە كۈچەيتىپ، سىرتقا چىققان ئىشلەمچىلەرگە بولغان باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ماڭغان تۇغىنى ئېنق بۇلۇش ئىشقا ئاشتى.ئامانلىق ساقلاش بۇيىچە يۇشۇرۇن خەۋىپ-خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، پۈتۈن يىلدا جەمئىي 5 قېتىم چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىخەتەر بۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى. كۆچمە نۇپۇسلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «كىم باشقۇرسا، شۇ مەسئۇل بۇلۇش، كىم ئادەم ئىشلەتسە، شۇ ئۈستىگە ئېلىش» دىن ئىبارەت پىرىنسىپقا ئاساسەن، «ئۆز ئىشى ۋە ئۆز ئادەملىرنى ياخشى باشقۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆچمە نۇپۇسلارنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئومومىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى.  

پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش: 2012-يىلى نەسىللىك قوي فېرمىىسى پارتىيە قۇرلىشى خىزمىتىدە مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلىنى قۇرۇشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ،بىر قەدەر  ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. پۈتۈن يىلدا  «تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تۆتنى ئىگىلەش» «ئۈچ دەرىجە بىرلىكتە بەرپا قىلىش» «ئون بىر» «ئىلغار نەمۇنچىلاردىن بۇلۇش» «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل ماكان بەرپا قىلىش»قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسى قاتلام پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ئىككى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز زورايتى. چارۋىچىلىق بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئەتىرىتىدىكى 480 كۇۋادىرات مېترلىق بازا قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ، پارقازان، پار، سۇ، توك، ئاشخانا قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەرنى تۇلۇقلىدى. 5 كەنىتتىكى بازىنىڭ ھەممىسگە مۇناسىۋەتلىك ئىشخانا ئەسلىھەلىرى سەپلەندى. كەنىت ئىككى كومىتېت رەھبەرلىك بەنزىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى ئەتىرەتنىڭ ياچېيكا شۇجىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئارقىدا قالغان بىر كەنىتنى يۆلىدى. چارۋىچىلىق ئۈچىنچى ئەترەت يىل بېشىدا كادىرلارنىڭ مائاشىنى تارقىتالمىغان شارائىتتا، بىر يىل تىرىشش ئارقىلىق ھازىر ئامانەت پۇلى 300مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئارقىدا قالغان كەنىتتىن ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

ئىدىيىۋى تەربىيە: 2012-يىلى نەسىللىك قوي فېرمىىسى پارتىكومى ۋە باشقۇرۇش كومىتىتى «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ،گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلىش»تېمىسىدىكى تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىنى ئاساسي ۋاسىتە قىلىپ، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

   «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلىش»تېمىسىدىكى تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرمىللەت كادىر ئاممىسى ئارىسىدا ئاساسى تېمىلىق تەربىيە پائالىيتنى راۋاجلاندۇرۇپ، پائال پىلانلاپ، ئىلمىي يىتەكچلىك قىلىپ، «شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى» «بەش قاراش» «تۆتنى تونۇش» «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» شۇنداقلا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى،  ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىك پارتكوم  كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتنى قانات يايدۇردى. دېمۇكراتىك قانۇن - تۈزۈم، مەنىۋى مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئادىل-ھەققانىي بۇلۇش، سەمىمىي- دوستانە بۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەشۋىقاتىنى زورايتىپ، جەمئيەتنىڭ ئومومىيۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. مەدەنىيەتلىك ئورۇن، مەدەنىيەتلىك كەنىت، مەدەنىيەتلىك بۆلۇم، مەدەنىيەتلىك ئائىلە قۇرۇشنى ۋاستە قىلىپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنى ئامما ياقتۇرىدىغان، ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك  مەنىۋى-مەدەنىيەت بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى ۋە مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالار ئەخلاقى، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئىجتىمائى  ئۇمۇمىي ئەخلاق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق تەربىيە پائاليەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ساغلام، مەدىنىي، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلدى. بەرپا قىلىش پائالىيتىنىڭ مەزمۇنىنى تەدىرجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «پەن-تېخنىكا ئارقىلىق مەيداننى گۇللەندۇرۇش»ئىستىراگىيىسىنى پۇقتا قەدەمدە يولغا قۇيۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەن-تېخنىكا ئېڭى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا بۇيىچە تەربىيىلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. 

پاكلىق قۇرۇلىشى: 2012-يىلى نەسىللىك قوي فېرمىىسى پارتىكومى ۋە باشقۇرۇش كومىتىتى خەلق ئاممىسىنڭ رازى بولۇشىنى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتىرىپ، ھۆكۈمەت ئىستىلى، كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە رايۇن ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىجىتمائىي تەرەققىياتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىم ئالغا ئىگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قەرەللىك يىغىن، ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك يىغىن ئېچىش تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ۋە ئورۇنلىنىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، فېرما ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى، فېرما پارتكومى ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتتى، سىياسەتنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى تۇلۇق، جايىدا ئېجرا قىلمىغان، ئىنىتزامغا خىلاپلىق قىلغان  كوللېكتىپ ۋە شەخسىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ۋە بىر تەرەپ قىلدى.  پارتىيە ئىشلىرى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارە بۇلۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋاقتىدا تەرتىپ بويىچە ئاشكارىلاپ، «ئادىل،ھەققانىي، ئاشكارە»بۇلۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. كەنىتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار كەنىتنى ھۆددىگە ئېلىش، ئۈنۈمنى باھالاش ۋە فېرما پارتكومى، باشقۇرۇش كومىتېتى رەھبەرلىرى كەنىت بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ھۆددىگە ئېلىش، پونكىت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قاتارلىق خىزمەت مېخاينىزىمنى ئورنۇتۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگەلەش شۇنداقلا خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۈزۈم ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇش ۋە ئىش قىلىشتەك ياخشى  مېخاينىزىمنى شەكىللەندۈرۈپ، خىزمەتنىڭ ئەمەلىيلىشىنى ئىلگىرى سۈردى،كەنىت ياچېيكا شۇجىلىرى بىلەن 4 قېتىم پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى بۇيىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى، كەنىت ئىشلىرى، مالىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بۇلۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا كوللېكتىپنىڭ «ئۈچ خىل مۈلۈك»نى ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەلەشتۇردى.

 

  

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号