نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

تېرەك بازىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

 

【ئومۇمىي ئەھۋالى】تېرەك بازىرى باي ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا، قاپسىلاڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 40 كىلومېتر كىلىدۇ. شەرقتە چوغتال (باي ناھىيە نەسىللىك قوي فېرمىسى ۋە بۇلۇڭ يېزىسىنىڭ چارۋىچىلىق رايونى) بىلەن، غەربتە مىچىغ يېزا چارۋىچىلىق مەيدانى بىلەن، جەنۇپتا باي بازىرى، مىچىغ يېزىسى، چوڭكۆۋرۈك يېزىسى بىلەن، شىمالدا تەڭرىتېغى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتىن غەربكىچە، شىمالدىن جەنۇپقىچە بولغان ئارلىقى 20 كىلومېتر، ئومۇمىي كۆلىمى 112.4 كىۋادىرات كىلومېتر كىلىدۇ. تېرەك بازىرىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، تاغ جىلغىسى ۋە قوشنا يېزا، بازار چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئايرىۋېتىشى تۈپەيلىدىن يەر شەكلى تەكشى ئەمەس، ئاساسلىقى تېرەك تاغ جىلغىسى، تەلۋۈچۈك دەرياسى يۇقىرى ئېقىمى ۋە قاپسىلاڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان. تېرەك بازىرىدا شىتاتلىق مەمۇردىن 26 نەپەر، قارا خىزمەتچىدىن 2 نەپەر بار. تېرەك بازىرىنىڭ تەۋەلىكىدە ئىككى كەنت كومىتېتى ـــــ چامغۇرلۇق كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە سۇغان كەنت ئاھالە كومىتېتى بار، ئىككى كەنتتە جەمئىي 195 ئائىلىلىك 741 نەپەر دېھقان-چارۋىچى بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 297 گېكتار.

【يېزا ئىقتىسادى】2012-يىلى تېرەك بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى پۈتۈن بازار خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى كۈچەيتىش، ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتىش، خاسلىق بەرپا قىلىش، ئەمگەك-مۇلازىمەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېزا 2-، 3- كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي پىكىر يولى بويىچە، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلەتتى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىۋاستە تولۇقلىما يېردىمى، سورتلۇق ئورۇق تولۇقلىما ياردىمى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى تولۇقلىما ياردىمى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىما ياردىمى قاتارلىق بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ، تۈرلۈك تەبئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى  كۆرۈنەرلىك ئۆستى، يېزا ئىگىلىك يېزا ئىقتىسادى مۇقىم ھەم بىر قەدەر تىز تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى. پۈتۈن بازارنىڭ يېزا ئىقتىسادى ئومۇمىي كىرىمى 14 مىليون 290 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليون 46 مىڭ 600 يۈەن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىقچىلىق ئومۇمىي كۆلىمى 5 مىليون 340 مىڭ يۈەن، باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كىرىمى 560 مىڭ يۈەن، چارۋىچىلىق ئومۇمىي كىرىمى 6 مىليون 250 مىڭ يۈەن، ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى 2 مىليون 140 مىڭ يۈەن بولدى. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 7 مىڭ 570 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1436.4 يۈەن ئاشتى.

ئەۋزەل تېرىقچىلىق】2012-يىلى تېرەك بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى. «بىرنى تەڭشەپ، ئۈچنى كۆپەيتىپ، ئۈچنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» تەلىپى بويىچە تېرىقچىلىق ئىچكى قۇرۇلمىسىنى تەكشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، بوغداي تېرىش كۆلىمىنى مۇۋاپىق ئازايتىپ، تاتلىق ياڭيۇ، قىچا ۋە كۈزلۈك، قىشلىق كوكتات تېرىش كۆلىمىنى كۆپەيتىپ، بىرلىك مەھسۇلات، سۈپەت ۋە پايدىنى يۇقىرى كۆتۈردى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تەننەرخنى تېجەش، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىش، يېزا ئىگىلىكىنى  كۈچەيتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، تۇپراقنى رېتسىپلىق ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ، تۈرلۈك زىرائەتلەرگە ئوغۇت بېرىش نىسبىتىنى ئىلمىي تەڭشىدى؛ سورتلۇق ئۇرۇق، ياخشى ئۇسۇللارنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىپ، تۈرلۈك زىرائەتلەرنى باسقۇچ خارەكتىرلىك پەرۋىش قىلىش تەلىپى بويىچە ئوغۇتلاش، سوغىرىش، كېسەللىكلەرنى تۈگىتىش قاتارلىق پەرۋىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئورۇنداپ، مەھسۇلات ۋە پايدىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بوغداينىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتى 50 توننا بولۇپ، ئوتتۇرىچە بىرلىك مەھسۇلات 400 كىلوگىرامغا يەتتى؛ قۇناقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتى 955 توننا بولۇپ، ئوتتۇرىچە بىرلىك مەھسۇلات 734 كىلوگىرامغا يەتتى. تېرىقچىلىقتىن قىلىنغان ئومۇمىي كىرىم 5 مىليون 340 مىڭ يۈەن بولۇپ، يېزا ئىقتىسادى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %37.36 نى ئىگىلىدى.

كۈچەيتىلگەن چارۋىچىلىق】2012-يىلى تېرەك بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى چارۋىچىلىقنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېتەكچى كەسىپ قىلىپ كۈچەيتىپ، تېرەك بازىرىنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا ماس كىلىدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ  تۇرغۇزدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇقىرىنىڭ چارۋا ياردەم ئۆسۈملۈك قەرزنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، چارۋىچىلىق تەرەققىيات ئاساسىي شارائىتىنى ھەقىقىي ياخشىلىدى. پۈتۈن بازارنىڭ قوتان قالدۇقى 15 مىڭ 200 تۇياق (دانە) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۇغار چارۋا 10 مىڭ 200 تۇياق (دانە)، چىشى چارۋىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %67 گە يەتتى؛ بوغاز چارۋا 8550 توياق (دانە)، ئۈلۈك توغۇلغان چارۋا 128 تۇياق (دانە)، تۆل 8422 تۇياق (دانە)، ئەي بولغىنى 8255 تۇياق (دانە)، ئەي بولۇش نىسبىتى %95، ئۆلگەن چوڭ چارۋا 323 تۇياق (دانە). پۈتۈن بازاردا 5 قېتىمدا 31 مىڭ 800 چۈجە (سورتى بولسا باينىڭ ماي توخۇسى ۋە قارا توخۇسى)نى سىرىتتىن سېتىۋېلىپ تارقاتتى ھەم يەرلىك ئۇسۇلدا 5400 چۈجە چىقاردى، 35 مىڭ چۈجە ئەي بولۇپ، ئەي بولۇش نىسبىتى %94 بولدى، چۈجىلەرنىڭ ھەممىسىگە يۇقۇمدىن ساقلىنىش تەرتىپى بويىچە ۋاكسىنا ئۇرۇلدى. 105 تۇياق كالىنىڭ نەسىلىنى ياخشىلاپ (توڭ ئورۇق ئارقىلىق نەسىللەندۈرۈش)،11 تۇياق نەسىللىك كىچىك چارۋا، 6 تۇياق نەسىللىك قوچقار، 5 تۇياق نەسىللىك ئۆچكىنى يېڭىدىن سېتىۋالدى. 81 مىڭ 600 تۇياق (دانە) چارۋىنى داۋالاپ ساقايتتى. يېڭىدىن 32 يېپىق قوتان سېلىپ، 18 يېپىق قوتاننى رېمۇنت قىلدى، يېڭىدىن 31 سىلوس ئورىسى ياسىدى. گۆش تۈرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتى 201 توننا، سۈتنىڭ 34 توننا، ئۆچكە يۇڭىنىڭ 1.5 توننا، قوي يۇڭىنىڭ 7.5 توننا، ئۆچكە تىۋىتىنىڭ 1.5 توننا، تۇخۇمنىڭ 3.5 توننا بولدى.

باغۋەنچىلىك تەرەققىياتى】2012-يىلى تېرەك بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «ئەتىيازدا جىددىي تۇتۇش، يازدا پەرۋىش قىلىش، كۈزدە كونتىرول قىلىش، قىشتا ئاسراش» پىرىنسىپى بويىچە شۇ يەرنىڭ كۈن نۇرى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە تۇپراق شارائىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، باغ-ئورمان بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك تەرەققىيات ئىستىراتىگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، باغ-ئورماننى بازىلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمىنى كۆرۈپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. «باغۋەنچىلىك باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش يىلى»پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باغ-ئورماننى باشقۇرۇپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى. پۈتۈن بازاردا جەمئىي 70 گېكتار مېۋىلىك دەرەخ بار، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن تىككەن كۆلەم 4.5 گېكتار، ئىھاتە ئورمان كۆلىمى 4.2 گېكتار؛ 2.2 گېكتار يەردىكى 600 تۈپ ئۆرۈك دەرىخىنى ئۇلاش ۋە 47 گېكتار يەردىكى ئۆرۈك دەرىخىنى قىرقىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. ئۇلىمىغان ياڭاق دەرىخىنىڭ مىۋىسى پىشىش مەزگىلىدىكى پەرۋىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلدى. پۈتۈن بازاردا 28.6 گېكتار ياڭاق دەرىخى بولۇپ، 22.6 گېكتار يەردىكى ياڭاق دەرىخىنى قىرىقىپ، شاخلىرىنى شالاڭشىتىپ، ئىككىنچى قېتىملىق چېچىكىنى ئۈزۈپ، مېۋە شاخلىرىنىڭ ئۇچلىرىنى كەستى ، 22.6 گېكتار يەردىكى ياڭاقنى ئوغۇتلاپ سوغاردى.

ئېتىز-ئېرىق، سۇچىلىق ئىشلىرى】2012-يىلى تېرەك بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى خىزمەت پىكىر يولىنى پائال تەڭشەپ، پىلانلاش مېخانىزىمى، تەشكىللەش مېخانىزىمى، مەبلەغ سېلىش مېخانىزىمى، قۇرۇپ باشقۇرۇش مېخانىزىمى، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىش مېخانىزىمى قاتارلىق «بەش چوڭ» مېخانىزىمدا يېڭىلىق يارتىش ۋە ئىدىيۋى تونۇشى، رەھبەرلىك سالىمىقى، تۈر قۇرۇلۇشى، سۈپەت كاپالىتى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى قوزغىتىپ ئېتىز-ئېرىق ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ باردى، ئومۇمىي ۋەزىيەت ياخشى بولۇپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. كىچىك تىپتىكى ئېتىز-ئېرىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كىچىك تىپتىكى چوڭ كۆلەملىك ئېتىز-ئېرىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارغا قولايلىق، ئەمەلىي بولغان «ئىشىك ئالدى» سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، مەبلىغى ئاز، تېز ئۈنۈملۈك « ئەمەلىي نەپ قۇرۇلۇشى»نى نۇقتىلىق ياخشى تۇتتى. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى ۋاقتىدا تەسىس قىلىدى ھەمدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسى تۈزۈپ، خەتەرلىك بۆلەككە مەسئۇل خادىم ۋە جاۋابكارنى بېكىتىپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىگە پۇختا ئاساس سالدى. يىل ئىچىدە 230 مېتر كەلكۈن مۇداپىئە توسمىسىنى يېڭىدىن ياساپ، 350 مېتىر توسمىنى رېمۇنت قىلىپ مۇستەھكەملىدى.

يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى】2012-يىلى تېرەك بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇش، ئاجىز ھالقىلارنى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تېخنىكا ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلرى ۋە دېھقانچىلىقنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى سەۋىيەسى، مەشخۇلات سەۋىيەسى، پەن-تېخنىكا سەۋىيەسى، مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ ھەم تېز ھەم ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. تېرەك بازىرى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئەتيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى، پەرۋىش مەزگىلى ۋە يازلىق يىغىمنىڭ ئالدىدا يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى كىرگۈزۈش، تەكشۈرۈپ رېمۇنت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇردى. يىل ئىچىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى 228 بولۇپ، ھەممىسى تولۇق تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىندى. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 1056 تراكتورنى تەكشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە 8 قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، 6 ئادەمگە تەنقىدى تەربىيە بېرىپ، پۈتۈن بازارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ياخشى ئاساس سالدى.

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى】2012-يىلى تېرەك بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يىل بېشىدا تۈزىگەن خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش ئۈلگە نۇقتا قۇرۇلۇشى پىلانى بويىچە، خىزمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇپ، «تۆت بالدۇر»(يەنى بالدۇر پىلانلاش، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇش، بالدۇر ھەرىكەتلىنىش، بالدۇر تاماملاش)خىزمەت مېخانىزىمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. يىل ئىچىدە پۈتۈن بازاردا 32 ئائىلىلىكنىڭ خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتش قۇرۇلۇشى ئاساسەن ئاخىرلىشىپ، يىللىق پىلان %100 تاماملاندى. ھويلا-ئارامنى ئۆزگەرتىش تەلىپى بويىچە ھەر بىر ئائىلىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىنى 85 كىۋادىرات مېتردىن كۆپ، ھەممىسىنى خىش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق قىلىپ لايىھەلەپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپى ۋە سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، پۇختا، يەر تەۋرەشكە چىداملىق، تامچىدىن ساقلايدىغان، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، ئىسسىقلىق ساقلايدىغان بولۇش مەقسىتىگە يەتتى. تۇرمۇش رايونىنىڭ يەر يۈزىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ تەكشىلەپ، ھويلا تېمى، دەرۋازا، ماشىنا ئىسكىلاتى، ئامبار، لەمپە قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۈپىتىنى تەلەپكە لايىق قىلدى. باقمىچىلىق رايونىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، باقمىىچلىق رايونىدا يېپىق قوتان، سىلوس ئورىسى ۋە يەم-خەشەك ئامبىرى ياسىدى. ھەر بىر ئائىلىلىكنىڭ قوتىنىنىڭ كۆلىمى 100 كىۋادىرات مېتردىن، سىلوس ئورىسىنىڭ كۆلىمى 35 كىۋادىرات مېتردىن چوڭ بولدى. سۇ، توك تەمىنلەش، رادىئو، تېلېۋىزىيە، خەۋەرلىشىش ئۈسكىنىلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %100 كە يەتتى، كەنتنىڭ مۇھىت تازلىقى ئۈنۈملۈك تەرتىپكە سېلىنىپ، ھويلا-ئاراملار پاكىز، رەتلىك بولدى.

خەلق ئەقىل-پاراسەت قۇرۇلۇشى】تېرەك بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئەقىل-پاراسەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، يىل ئىچىدە جەمئىي 1029 نەپەر دېھقاننى تەربىيەلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 459 ئادەم، بېيىشقا يېتەكلەش بويىچە 570 ئادەم تېخنىكىلىق تەربىيەلەندى. 132 ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمىنىڭ 544 مىڭ يۈەن، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ 734.36 يۈەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قان تەقدىم قىلىش شەكلى»نى «قان ئىشلەش شەكلى»گە ئايلاندۇرۇپ، پەن-تېخنىكا كادىرلىرىنى پەن-تېخنىكىنى ئېتىزلارغا يەتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، قولدىن قولغا ئۆگەتتى ھەمدە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يۆلەشتە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سەيشەنبە كۈنىنى كۈتۈپخانا «ھەقسىز ئېلىچىدىغان كۈن» قىلىپ بېكىتىپ، كەڭ كادىر، ئاممىسىنىڭ ئۆزىگە لازىملىق يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشىگە قولايلىق يارتىپ بېرىپ، بازارنىڭ يەنە بىر كۈچلۈك ئەقىل-پاراسەت ئامبىرىغا ئايلاندۇردى؛ دېھقان-چارۋىچىلار مەدەنىيەت تېخنىكا مەكتىپىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئاممىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتتى. ئالدى-كەينى بولۇپ پۈتۈن بازاردا «ساۋاتسىزلارنى تۈگىتىش تەربىيەلەش سىنىپى»، يېزا ياشلىرىنى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى سىرىتقا چىقىرىش بويىچە «قوش تىل»دا تەربىيەلەش سىنىپى ۋە پەن-تېخنىكا تەربىيەلەش سىنىپىنى ئاچتى؛ يىراق مۇساپىلىق مائارىپنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئورگان كادىرلىرىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەپ، بارلىق كادىرلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيەسى ۋە نەمۇنىلىك رولىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

مەدەنىيەت بەرپا قىلىش】2012-يىلى تېرەك بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «ساپا، قۇرۇلۇش، تەرتىپكە سېلىش ۋە ۋاستىنى چىڭ تۇتۇش»تىن باشلاپ، «ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى»، «كۆزنەك قۇرۇلۇشى»، «ئۈلگە قۇرۇلۇشى» قاتارلىق بەرپا قىلىش سايلاش پائالىيىتى، ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك كەنت بەرپا قىلىش، ناھىيە دەرىجىلىك تازلىقتا ئۈلگىلىك كەنت، تازلىقتا قىزىل بايراقدار ئورۇن بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇردى. يىل ئىچىدە 1 ۋىلايەت دەرىجىلىك تازلىقتا بايراقدار ئورۇن، 1 ناھىيە دەرىجىلىك ئىس-تۈتەكسىز ئورۇن، 1 ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك كەنت بەرپا قىلدى. تۈرلۈك ئامما ياقتۇردىغان مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى، ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. «1-ئىيۇل» پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 91 يىللىق خاتىرە كۈنىدە «پارتىۋىيلىكنى كۈچەيتىپ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى قايتا قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. «ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دەۋر روھىنى تەشەببۇس قىلىش» تېمىسىدىكى «پۇقرالار ئەخلاق تەربىيە ئېيى» پائالىيىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتتى. مىللەتلەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تايانچ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى تېمىسىدىكى قارا تاختاي گېزىتى كۆرگەزمىسى، «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخىس»نىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى ئۆگىنىش ۋە  ئۇلارنى سايلاش، «ۋەتەننى، يۇرتنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىققا ئېتىبار بېرىش» تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى، «نامراتلارنى يۆلەش، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى» ۋە «بىرگە بىر ياردەم بېرىش پائالىيىتى»نى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.

تىنىچلىق قۇرۇلۇشى】2012-يىلى تېرەك بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش مەخسۇس تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش مۇسئۇلىيەت ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزدى. قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «6-بەش يىللىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش» خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، پىلانلىق توغۇت «تەشۋىقات ئېيى»، «ئونىۋېرسال تەشۋىقات ئېيى» قاتارلىق مەخسۇس تۈزەش كۈرىشى ۋە بازار ئىقتىسادى تەرتىپىنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق تەشۋىقات تەربىيە پائالىيىتى جەريانىدا جەمئىي 11 لۇزۇنكا ئېسىپ، 13 تەشۋىقات تېمى ياساپ، 11 قېتىم تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇپ، 920 پارچە تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتتى. زىددىيەت، ماجىرالارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىي  178 نەپەر ئاممىنى كۈتۈۋالدى. 144 پارچە ئىشنى قۇبۇل قىلىپ تولۇق بېجىرىپ، بېجىرىش نىسبىتىنى %100 يەتكۈزدى. كەنتنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى خادىمى ۋە زىددىيەت ماجىرالارنى پەسەيتكۈچىلەرگە 3 قېتىم كەسپىي بىلىم تەربىيەسى ۋە مەشىقى ئېلىپ باردى. بازارلىق ئەرزىيەت ئىشخانىسى 24 پارچە ئەرز دىلوسى، 24 پارچە زىددىيەت، ماجىرانى پەسەيتىش دىلوسىنى قۇبۇل قىلىپ تولۇق بېجىردى. بازارنىڭ ھەر دەرىجىلىك مۇرەسسە قىلىش تەشكىلى تەۋەلىكىدىكى زىددىيەت، ماجىرالارنى تولۇق مۇراسسە قىلىپ، تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ئاساسىي قاتلامدا بىخ ھالىتىدىلا پەسەيتتى. جەمئىيەت ئامانىلقىنى ساقلاش، ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش  ئاساسى ۋە ئامما مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئىدارە قىلىشنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت باشقۇرۇش پونكىتى قۇرۇپ، «تىنىچلىقنى بەشكە ئېلىپ كىرىش» پائالىيىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش】2012-يىلى تېرەك بازارلىق پارتكوم «مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇش، ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۇلنى مۇستەھكەملەش، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ كۈچلۈك ئىستھكامىنى قۇرۇش»پىكىر يولىنى چۆرىدەپ، قائىدە خارەكتىرلىك خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش، قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، ئېھتىيات بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش»فاڭجېنى بويىچە پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر كەنت كادىرى، قىسىمدىن قايىتقان ئەسكەر، ئالىي-ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار، سىرىتقا چىقىپ ئىشلەپ يۇرتىغا قايتقانلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش، بېيىش ماھىرلىرى ئارىسىدىن پارتىيە ئەزاسى تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىۋى ئاساسىي ياخشى، يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان پارتىيەگە كىرگەن ئاكتىپلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، باشتىن باشلاپلا پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. چىرىكلىكنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى قەتئىي ئىجىرا قىلىپ، مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشغا ئائىت قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى. رەھبىرى كادىرلار پاك-دىيانەتلىك، تەلەپچان بولۇشقا ئائىت تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبىرى كادىرلار ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، دېموكراتىك باھالاش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئاڭلىق ئىجىرا قىلىدى. ئەرز قىلىش، پاش قىلىش، ئىش بېجىرىشنىڭ ئاشكارە بولۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلىش، بىنورمال ئەرز قىلشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى قەتئىي توستى. «تۆت ئاشكارە بولۇش» خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشكارىلىق نىسبىتىنى يەنىمۇ چوڭايتىپ، «ئورگان ئىستىل ئۈنۈم قۇرۇلۇشى يىلى»پائالىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلىدى.

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号