نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

قارۋاغ يېزىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

 

【ئومۇمىي ئەھۋالى】قارۋاغ يېزىسى باي ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالغا جايلاشقان بۇلۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارلىقى تەخمىنەن 79.8 كىلومېتىر كېلدۇ. قارۋاغ يېزىسى چېگرىسىدا جىلغا بىر قەدەر كۆپ، يەر تۈزۈلىشى تومپىيىپ چىققان دولقۇنسىىمان شەكىلدە، يېزا تار ۋە ئۇزۇن تەبىئىي تاغ جىلغىسى تۈزلەڭلىكى ئىچىگە جايلاشقان. تاغ جىلغىسىنڭ شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبغا قاراپ ماڭسىڭىز، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس، تۇپرىقى مۇنبەت، ئىشقارسىز. تاغلىق يايلىقى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى  1961-4006 مېتىرغىچە، ياۋا ئوت-چۆپلەرلەرنىڭ تۈرى خىلمۇخىل، دەرەخ ۋە چاتقاللاردىن پايدىلىنىپ ئورمان بەرپا قىلنىغان. ياز پەسلى سالقىن، قىش پەسلى سوغاق، كېچە-كۈندۈز پەرقى چوڭ، قىروسىز مەزگىلى قىسقا بۇلۇپ 120- 135 كۈن ئەتىراپىدا، تېرىش ۋاقتى تۈزلەڭلىك رايۇنلارغا قارىغاندا 15 كۈن كىيىن، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشى ھاۋا كىلماتىنڭ چەكلىشگە بىر قەدەر چوڭ ئۇچىرايدۇ. پەسىل خاراكتېرلىك سۇ يېتىشمەسلىك كۆرۈنەرلىك، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 100 مىللىمېتىردىن كۆپ، ياز پەسلىدە يامغۇر، مۆلدۈر كۆپ، كەلكۈن كۆپ يۈز بېرىدۇ. پۈتكۈل يېزىنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 30 كىلومېتىر،جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 4-6 كىلومېتىرغىچە، زېمىن  كۆلىمى 929 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4160 گېكتار. پۈتۈن كەنىت تەۋەسىدە 6  يېزا كومومىتى، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، 33 يېزا كىچىك گۇرۇپىسى، 2362 ئائىلىك، 13513 ئادەم،  بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 12697 ، قىرغىزلار 667 ئادەم، خەنزۇلار 126 ئادەم، خۇيزۇلار 23 ئادەم.

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号