نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

ياقېرىق بازىرى

 

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

  

ئومومىي ئەھۋالىياقېرىق بازىرى تەڭرتېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېتىكىدىكى مۇزات دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان، باي ناھىيەسىنىڭ غەربى قىسمىدە بۇلۇپ، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارلىقى 48 كىلومېتىر كىلدۇ، 307 - ئۆلكە يولى بازاردىن ئۆتىدۇ. شەرقى چوڭ كۆۋرۈك، ئومباش يېزىسى بىلەن چىگىرلىندۇ، جەنۇبىي توقسۇ ناھىيەسى ۋە بىڭتۈەن يېزا ئىگلىكى 1- دېۋىزىيە 5 - پوللىك بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى ئونسۇ يېزىسىنىڭ بوز يېزىسى بىلەن چىگىرلىندۇ، شىمالى داۋانچى دېھقانچىلىق مەيدانى، قارۋاغ يېزىسى، نەسىللىك قوي فېرمىسى بىلەن خوشنا شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 50 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 30.26 كىلومېتىر، تەۋەلىكىنىڭ ئومومىي كۆلىمى 1513 كىۋادىرات كىلومتېرى كىلدۇ. 2012 - يىلدىكى تېرىلغۇ يەر 8666.7 گېكتار، ئەمەلىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4733.33 گېكتار، ئوتلاق 72 مىڭ گېكتار، ئورمانلىق 1266.67 گېكتار، مىۋىلىك باغ 300 گېكتار، تەۋەلىكىدە 11 مەمۇرىي كەنت، 1 چارۋا مەيدان، 4 ئەترەت بار، 2  سانائەت قۇشۇمچە كەسىپ ئورنى، 16 مىڭ نوپۇس بار، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قىرغىز قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە: ئاز سانلىق مىللەت ئومومىي نوپۇسىنىڭ % 94 نى ئىگەللەيدۇ. 2012 - يىل، ياقېرىق بازىرىنى يېزا ئىقتىسادىي 267 مىليون يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا % 13.98 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، چارىۋىچىلىق 89 مىليون 790 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا % 28.64 ئاشقان؛ تېرىقچىلىق 131 مىليون يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا % 3.61 ئاشقان؛ ئورمانچىلىق 11 مىليون 460 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا % 16.35 ئاشقان؛ 1-، 3- كەسىپنىڭ ئومومىي كىرىمى 22 مىليون 690 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا % 2.81 ئاشقان؛ ئەمەلىي ئىشقا ئاشۇرغان ئەمگەك كىرىمى 12 مىليون 560 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا % 91.46 ئاشقان؛ بازاردىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 8153 يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا 1498 يۈەن ئېشىپ، % 22.50 ئاشقان.

【ئۆزگىچە تېرىقچىلىق】2012 - يىل، ياقېرىق بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بازارنى باشلامچى قىلىپ، ئۈنۈمگە تېخمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزگىچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈپ، ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، قىزىلچا، بەرەڭگە، تالالىق زىغىر، كۆكتات، مېۋە - چىۋە قاتارلىق ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىش كۆلىمىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «قۇناق، قىزىلچا، بەرەڭگە»نى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە تېرىقچىلىق ۋەزىيتىنى شەكىللەندۈردى. «بىر يېزدا بىر سورت» بۇلۇشتەك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى بويىچە، باشتىن - ئاخىرى دېھقان - چارىۋىچلارنىڭ تېرىقچىلىق مۇستەققىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەنى قوللىنىپ، يېزا ئىگلىك پەن - تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئاشلىق ۋە ئىقتىسادىي زىرائەتنىڭ ئومومىي مىقدارى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ نىشاننى ئىشقا ئاشۇردى. ئېتىز پەرۋىشى ۋە تېخنىكىدا يىتەكچىلىك قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۇپراقىنى رېتسىپلاپ تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، تۇپراقىنى رېتسىپلاپ تېرىش كۆلىمىنى 4273.3 گېكتارغا يەتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە: قۇناق 1626.6 گېكتار، بۇغداي 1340 گېكتار، قىزىلچا 933 گېكتار، بەرەڭگە 220 گېكتار، باشقا زىرائەت 133.3 گېكتار، زاكازلىق زىرائەت كۆلىمى 2646.6 گېكتارغا يىتىپ، تېرىقچىلىق ئومومىي كۆلىمىنىڭ % 30 ئىگەللەپ، ئۆلچەملەشكەن يېزا ئىگلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى 1606.6 گېكتارغا يەتتى.   

چارۋا باقمىچىلىقى2012 - يىل، ياقېرىق بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «ئۈلگىلىكلىرىنى تۇتۇش، ئادەتتىكىللىرىنى يىتەكلەش، چارۋىسى يوقلارنى تۈگتىش»تەك چارۋىچىلىق تەرەققىيات پىكىرى يولى بويچە، مۇلازىمەت ۋە كاپالەت سېستىمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتتى. پۈتۈن يىلدا باقمىچىلىق رايۇندىن ئۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قوتان قالدۇقى 107 مىڭ 900 تۇياق (دانە)، قولدىن چىقىرىلغىنى 28 مىڭ تۇياق (دانە)بولۇپ، تۇغار چارۋىدىن 70 مىڭ 100 تۇياق (دانە)، ئۆي قۇشىدىن 245 مىڭ دانە باقتى. دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپىنى تەشكىلىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلار مەبلەغ چىقىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرغان 2 باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپىنى قوللاپ ياردەم بېرىپ، چارۋا باقمىچىلىقىنىڭ بورداقچىلىق كۆلىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىشقا تۈرتكە بولدى. سورتىنى ياخشىلاش، بورداقچىلىق، ئۆي قۇشى باقمىچىلىقى، ئۇلئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئېتبار بېرىش سىياسىتىنى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈردى. ھويلا - ئارام باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆي قۇشى باقمىچىلىقىنىڭ «قىسقا، تەكشى، تېز» بۇلۇش رولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆي قۇشى باقمىچىلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈردى. بازار تەۋەسىدە 250 مىڭ دانە توخو بېقىپ، توخۇ باقمىچىلىق كىرىمى 3 مىليون 100 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، چارۋىچىلىق كىرىمىنىڭ % 7.05 نى ئىگەللىدى. چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيتىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، «211 قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويدى، يەنى: «ئىككىنى مۇقىملاشتۇرۇش» (كالا، قوينىڭ ئومومىي مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇش)، «بىرنى تېزلىتىش» (قۇش باقمىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلىتىش)، «بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش» (بورداپ قوتاندىن چىقىرىشنى گەۋدىلەندۈرۈش)، ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى. پۈتۈن يىلدا چارۋىچىلىق ئومومىي كىرىمى 91 مىليون 780 مڭ يۈەنگە يىتىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 2679 يۈەن بۇلۇپ، 265 يۈەن ئېشىپ، % 10.98 يۈەن ئاشتى.

【خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى】2012 - يىل، ياقېرىق بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىلمىي پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت يىتەكلەش، دېھقانلار سۇبىكىت بۇلۇش، جەمئىيەت قاتنىشىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىرىنسىپى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشنىڭ رەتلىك ھەم كۆركەم بۇلۇش، ئۆزگىچىلكىنى گەۋدىلەندۈرۈش تەلپى بويىچە، ئەمەليەتكە بىرلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ھەر قايسى كەنتلەرگە تەقسىم قىلىپ، يىل ئىچىدە مەزكۇر بازارنىڭ ماكانلاشتۇرۇپ خەلقىنى بېيتىش قۇرۇلۇشىغا 18 مىليون 980 مىڭ يۈەن ئەمەلىيلەشتۈردى (يۇقىرىنىڭ ياردىمى 12 مىليون 64 مىڭ يۈەن، دېھقانلار ئۆزى غەملىگىنى 6 مىليون 956 مىڭ يۈەن)، «سۇ، توك، يول، پار، ئاشخانا، ھاجەتخانا، مۇنچا» قاتارلىق يۈرۈشلەشمە ئەسلىھەلەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەتراپتىكى مۇھىتنى تۈزەشىنى زورايتىپ، 520 ئائىللىك ماكانلاشتۇرۇپ خەلقىنى بېيتىش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، 4.54 كىلومېتىر تاشيولىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، 499 ئائىلىنىڭ ھويلا - ئاراملىرىنى تۈزدى. نامراتلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خادىملارنى تەشكىللەپ تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنى تەكشۈرۈپ تىزىملاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك ياردەم بېرىش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان سەۋەبكە ئوخشاش بولمىغان ياردەم بېرىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئوخشاش بولمىغان نامراتلىق سەۋەبىگە ئاساسەن، ياردەم بېرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، 837 تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىگە ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئادەمگىچە تەقسىم قىلىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، 413 ئائىلىك قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىپ، نامرات قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن 40 ئائىلىكىنى سىرتقا چىقىرىپ، 288 ئادەم قېتىم پەن - تېخنىكا تەربىيسىگە قاتناشتى.

【ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش】2012 - يىل، ياقېرىق بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كاپالەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش شىركىتى قۇرۇپ، ئېتىبار بېرىش قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش تەربىيسىنى كۈچەيتىپ، تەرتىپلىك يۆتكەشكە ئاكتىپ تەشكىللىدى. جەمئىي يۆتكىگەن ئەمگەك كۈچى 1392 ئادەم قېتىم، تەشكىل يۆتكىگىنى 142 ئادەم، ناھىيە ئىچىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورونلاشقىنى 726 ئادەم، ناھىيە سىرتىدا ئىشقا ئورونلاشقىنى 666 ئادەم، ئاز سوممىلىق قەرىز بىجرگىنى 6 ئادەم، ئوتتۇرىچە ئەمگەك كىرىمى 322 يۈەن. يېڭچە دېھقانلارنى تەربىيلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇپ، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ قوللىنشچان تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش تېخنكىسى ئۆگىنىش، ئىدىيۋىي قاراش، ئورتاق تىل، قانۇن ئارقىلىق ھوقوقىنى قوغداش تەربىيسىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان، چارىۋىچىلارنىڭ 2 -، 3- كەسىپ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتەردى. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەۋەتىش شىركىتى ۋە تىيەنچېڭ كانىچلىق، جوغا مىس كېنى قاتارلىق ناھىيە ئىچىدىكى ئىشچى ئىشلىتىدىغان كارخانىلار بىلەن ئالاقىلشىپ، ئۇزاق ۋاقىتلىق توختام تۈزۈپ، ئىشچى ئىشلىتىش ئۇچۇر يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مۇقىم بولغان ئەمگەك مۇلازىمەت مۇناسىۋېتى شەكىللەندۈرۈپ، ئىشچى ئىشلىتىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئەمگەل مۇلازىمەت كىرىمىنى ئاشۇردى. سىياسەت خارەكتىرلىك قوللاش ۋە يۆتكەش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، يېزلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنىڭ «سىرتقا چىقالايدىغان، خاتىرجەم بولالايدىغان، پۇل تاپالايدىغان» بۇلشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەزكۇر بازار ئۆز ئەمەليىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەتتە ئالدىن ئېتىبار بېرىش، مەبلەغ ئارقىلىق قوللاش، مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئازايتىش قاتارلىق بىر تۈرلۈك ئېتبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، سىرتقا چىققان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، يېزادىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.

【مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى】2012 - يىل، ياقېرىق بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىلىك بەرپا قىلىشىنى قانات يايدۇرۇپ، «ساپانى تۇتۇش، قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، تۈزەشىنى تۇتۇش، ۋاستىنى تۇتۇش»نى تۇتۇپ، «ھۆجەيرە قۇرۇلۇشى»، «ئۈلگە قۇرۇلۇشى» قاتارلىقلارنى قۇرۇشىنى باھالاپ تاللاش پائاليىتىنى قانات يايدۇردى. يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ئورونلاشتۇرىشى ۋە كۆرسەتكۈچ روھى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى. يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك مەدەنىي كەنتتىن 1 نى، ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدەنىي كەنتتىن 1 نى، ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك تازلىقتا قىزىل بايراقدار ئوروندىن 1 نى، ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك تازلىقتا ئۈلگىلىك كەنتتىن 1 نى بەرپا قىلىدى. ئومومىي خەلقىنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنشىنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ئىدىۋىي سىياسىي قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نوقتا قىلىپ، سىياسي نەزەرىيە ئۆگىنش ئارقىلىق كادىرلارنىڭ ئومومىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. «پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇش تىزسى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللى روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيلىك قۇرۇشنىڭ رولىنى تۇلۇق جارىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت بەرپا قىلدىغان روھى كەيپىيات بەرپا قىلىدى. تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى زورايتىپ، ياقېرىق بازىرنىڭ ئابروي، نامىنى تەدىرىجىي يۇقىرى كۆتەردى.

【ئىجتىمائىي ئىشلار】2012 - يىل، ياقېرىق بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش» خىزمەت ئاساسىي لىنيەسىنى چۆردەپ، ئېچىش ۋە يېڭلىق يارتىش ئېڭى، ئۈنۈم ۋە سۈپەت ئېڭى، مەسئوليەت ۋە تۆھپە قوشوش ئىڭى شۇنداقلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆز خىزمىتىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانغا قويدى. ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مائارىپ خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش نىسبىتىنى تەدىرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ مۇناسىۋېتىگە دىققەت قىلىپ، مەكتەپ، ئائىلە باشلىقى، جەمئىيەت ئۈچ تەرەپ بىرلەشكەن ئەخلاقى تەربىيە تورىنى ئاساسەن شەكىللەندۈردى. رادىئو - تېلۋېزىيە - كىنو - مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ رادىئو - تېلۋېزىيە سىملىرىنى يېڭلىدى. يىل ئىچىدە يىراقراق ئاھالىلەرگە بىۋاستە تارقىتىش سۇنئىي ھەمراھ قۇبۇللىغۇچى ئورنىتىپ بەردى. قۇرۇلۇشىنىڭ رولىنى كۈچەپ جارىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنڭ كۆڭۈل ئېچىش مەدەنىيەت پائاليىتىنى ئاكتىپ ئورونلاشتۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچى ئاممىسىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى. ھەر ئايدا بىر قېتىم مۇھىت تازلىقىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كوچىلارنى كۆكەرتىپ گۈزەللەشتۈرۈش سالمىقنى زورايتىپ، كۆكەرتىپ گۈزەللەشتۈرۈش كۆلىمىنى 2 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈپ، پاسكىنا، قالايمىقان بۇلۇشتەك ھالەتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى.

【ئىجتىمائىي مۇلازىمەت】2012 - يىل، ياقېرىق بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «ئىككى خىل تۈزۈم»نى  نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە خىزمەتلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش سالمىقىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتتى. زىدىيەتلەرنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ دەرىجە» بىرلكتە مۇرەسسە قىلىش خىزمەت مېخانزىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت، گۇرۇپپىلارغا بېرىپ، ئائىللەرگە كىرىپ تەكشۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى زىدىيەت، ماجرالاردىن 120 نى مۇرەسسە قىلىپ، مۇرەسسە قىلىش نىسبىتىنى % 100 يەتكۈزدى، مۇرەسسەنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇش نىسبىتى % 98 تىن يۇقىرى بۇلۇپ، ئاممىۋىي خارەكتىرلىك ئەرزىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىدى. ئەرزىنى پەسەيتىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۆتنى ئۆزگەرتىشنى تىرىشپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازار تەۋەسىدە ئەرىز خىزىمىتىدە «تۆتىنى بىكىتىش»، «تۆتىنى كۆتۈرە ئېلىش» مەسئولىيەت تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشتىن كىيىن بىر تەرەپ قىلىشىنى، ئىشتىن بۇرۇن مۇداپىئەلىنىشكە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «تۆتىنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتىنى ئىگەللەش»كە بىرلەشتۈرۈش مېخانزمىنى قانات يايدۇرۇدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش تورىنى ئورنىتپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر يىغىش، بىر تەرەپ قىلىش، يۇقىرغا يوللاش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھالەتلىك باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بازار تەۋەسىدىكى دېھقان ئائىلسىنىڭ كونكىرىت ئەھۋالى ۋە ئىدىيە ھالتىنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ، مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى ئىشتىن كىيىن بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىشتىن بۇرۇن بايقاش ۋە توغرا زەربە بېرىشكە يۆتكىدى. نوقتىلىق ئادەملەر، جازا مۇددىتى توشوپ قۇيۇب بېرىلگەنلەرنى باشقۇرۇشىنى ئاكتىپ ياخشى ئىشلەپ، بۆلۈم دەرىجىلىك رەھبەرلەر دائىرىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئادەتتىكى كادىرلار كەنتىنى ھوددىگە ئېلىش، كەنت كادىرلىرى ۋە قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى ئادەمنى كۆتۈرە ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئائىللەر ئالاقىلىشىپ ئۆز ئارا قوغداش خىزىمەت دائىرسىگە كىرگۈزۈپ، تەشكىلى ساغلام، مەسئوليىتى ئېنىق، ئىش تەقسىماتى ئايدىڭ بولغان مۇداپىئەلىنىپ نازارەت قىلىش تورنى شەكىللەندۈردى. كۆچمە نوپۇس، ئىجارە ئۆيىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تەۋەلىكدىكى كۆچمە نوپۇسىنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگەللىدى.

【ئىككى كومىتېت نۆۋەت ئالمىشىش】2012 - يىل، ياقېرىق بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەر بىر باسقۇچنى دوكلات قىلىش، ھەر بىر باسقۇچتا تەربىيلەش ئېلىپ بېرىش، ھەر بىر باسقۇچنى قايتا تەكشۈرۈش، ھەر بىر باسقۇچتا يىتەكلەشتە چىڭ تۇردى. مەسئوليىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئالاقىدار خادىملارغا كەسپىي تەربىيلەش ئېلىپ بېرىپ، كونكىرىت يىتەكلەپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سايلام خىزمىتىنى تەكشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەستايىدىل ئانالىز قىلىپ، مەسىللەرنى تەكشۈرۈپ، تۈرگە ئايرىش ئاساسىدا، قۇشۇمچە ۋەزىپىدىكى رەھبەر ۋە كەنتىنى كۆتۈرە ئېلىش خىزمىتىدە دائىرە بويىچە كۆتۈرە ئېلىش ۋە كەنتىنى كۆتۈرە ئېلىش خىزمەت تۈزۈمىنى تۈزۈپ، يېزا ئورگىندا ھەر بىر رەھبىرى كادىرلارنىڭ مەسئوليىتى بۇلۇش، ھەر بىر ئورگان كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىسى بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى جايدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئوليەتىنى كىشىگىچە يەتكۈزدى. ۋىلايەت، ناھىيەنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلام خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى بىر تۇتاش ئورونلاشتۇرۇپ. باي ناھىيەسىنىڭ ناھىيە، يېزا «ئىككى كومىتېت» نۆۋەت ئالمىشىش نەق مەيدان يىغىنىنى مۇۋاپىقىيەتلىك بىجىردى، يېزا «ئىككى كومىتېتى»نىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى پۇرسەت قىلىپ، يېزا «ئىككى كومىتېت» كوللىكتىپىنىڭ ئۆزلۈك قۇرۇلۇشىنى يەنمۇ كۈچەيتتى. كەنت پارتىيە ياچېكا شۇجىسى ۋە كەنت كومىتېت مۇدىرلىرىنىڭ «قوش ۋەزىپىنى ئۈسىتىگە» ئېلىش نىسبىتى % 90 كە يەتتى، كوللىكتىپىنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈپ، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىپ، بازار تەۋەسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

【خىزمەت ئىستىلنى ياخشىلاش】2012 - يىل، ياقېرىق بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىستىلىنى ياخشىلاپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پائاليىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى، ئورگان، پونكىتتىكى پارتىيەلىك كادىرلاردىن 84 نەپەرنى تۆۋەنگە ئەۋەتىپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، تۆۋەنگە بېرىپ ئەھۋال ئۇقۇشۇپ جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە چېتىشلىق قىزىق نوقتا، قىيىن نوقتا ۋە ئاساسىي مەسىللەرنى يىغىپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىللەرنىڭ ھەممسىگە جاۋاب قايتۇرۇپ بارلىق ئىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىللەرنى بېخ ھالتىدىلا ھەل قىلىدى. پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ساپا تەربىيە سەۋىيسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پارتكوم مەركىزى ئۆگىنىش گۇرۇپپىسنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ئىدىيە، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ جۈمە كۈندىكى ئۆگىنشى ۋە ھەر ئايدا بىر قېتىم پارتكوم مەركىزى ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ پائاليىتىنى نوقتىلىق چىڭ تۇتتى. «بىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» بويىچە ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار تەۋەسىدىكى كادىرلارغا «بىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش»  بويىچە ئۆگىنشىنى كۈندىلىك خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشقا كىرگۈزدى. يېزلاردا «تۆتىنى كېڭىشىپ ئىككىنى ئاشكارلاش» خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىچىدىكى دېمۇكىراتىك قارار چىقىرىش ۋە دېمۇكىراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئىجاتچانلىقلىقى، ئۇيشىشچانلىقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى كۆرنەرلىك ئاشتى.

【پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش】2012 - يىل، ياقېرىق بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «ئۈچ دەرىجە بىرلكتە بەرپا قىلىش»نى تۇتقا قىلىپ، « ئىككى باشىنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ئىشلىرىنى دىمۇكىراتىك باشقۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. كەنت ئىشلىرىنى دىمۇكىراتىك باشقۇرۇشتا «ئىككى يىغىن، ئىككى بىلەت» خىزمىتى ۋە كەنت مالىيەسىنى مەركەزلىك يوللاپ تەستىقلىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى ھەم ئاساسىي قاتلام تەشكىلى قۇرۇلۇشىنىڭ «11» پائاليىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ كەنتتە تۇرۇپ ئائىلىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئامما بىلەن ئالاقىلشىش ۋە دېمۇكىراتىك نازارەتچىلىك، مەسئوليىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تۈزدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. «كەنت دىمۇكىراتىيە كۈنى»نى ئۇزارتىپ، پارتىيە ئىچىدە رىغبەتلەندۈرۈش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەم مېخانزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 300 نەپەر قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بازار تەۋەسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى قىينچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرىغا پۇل ئىئانە قىلىدى. «پارتىيە ئەزالىرى تۆت خوشنىسى بىلەن ئالاقىلشىش، تۆت خوشنا ئاممىنى يىتەكلەش» پائاليىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئامما مۇناسىۋېتىنى ياخشىلدى. پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، چىرىكلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈزەش بويچە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىش مېخانزىمىنى يەنمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك كوللىكتىپى ۋە قوشونىنى تەربىيلەپ باشقۇرۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلىنىڭ جەڭگىۋار ئىستىكاملىق رولىنى مۇستەھكەملىدى.

 

 

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号