نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

داۋانچى دېھقانچىلىق مەيدانى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

 

【ئومۇمىي ئەھۋالى】باي ناھىيەلىك داۋانچى يېزىسى تەڭرېتىاغ جەنۇبىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا بۆلكىگە جايلاشقان بولۇپ، غەربىدە ناھىيە بازىردىن  48 كېلومېتىر ئارلىقتا، شىمالى قاپچۇغاي ئېدىرلىقى ئارقىلىق قارۋاغ يېزىسى بىلەن چېگىرلىندۇ. غەربى جەنۇبى مۇزات دەرياسى ئارقىلىق ئايرىلىپ، ياقېرىق بازىرى بىلەن قارىشىپ ، چوڭ كۆۋرۈك يېزىسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 390 كىۋادىرات كېلومېتىر،  تەۋەلىكىدە ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇندىن 10ى بار بولۇپ، 5 ى مەمۇرىي كەنت، 1 ى دېھقانچىلىق مەيدانى. ھازىر بار نوپۇس 8230 ئادەم، 1 ئوتتۇرا مەكتەپ، 3 باشلانغۇچ مەكتەپ، 1 شىپاخانا بار، دېھقانچىلىق مەيدانى قارمىقىدا ساقچىخانا، پوچتىخانا، يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىپى، تېلگراغ ئىدارىسى، مال دوختۇرلۇق پونكىتى، ئورمان باشقۇرۇش پونكىتى، يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش پونكىتى، مەدەنيەت پونكىتى، ئاشلىق پونكىتى قاتارلىقلار بار. دېقانچىلىق مەيدانى تۆۋەنكى مەھەللە بىرنىچى لىينىسىگە ئورۇنلاشقان. 2012 - يىلى، دېھقانچىلىق مەيدانى «مۇلازىمەت تەرەققىيات قۇرۇلۇش ئومۇمىي  ۋەزىيىتى، تۈرلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى چىڭ تۇتۇش، ئىناق دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇش» نى مەۋقە قىلىپ، بىرنىيەتتە ھەمكارلىشىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 79 مىليون 810 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنىقى يىلدىكىدىن 13 مىليون 660 مىڭ يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %20.6 بولدى. كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 7238 يۈەن بولۇپ، ئالدىنىقى يىلدىكىدىن 1362 يۈەن ئېشىپ، ئوخشاش يىلدىكىدىن %23 ئاشتى.     

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号