نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

چوڭكۆۋرۈك يېزىسى

 

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

ئۇمۇمىي ئەھۋالى: چوڭكۆۋرۈك يېزىسى باي ناھىيەسىنىڭ غەربىي تەرىپىدە، 307- ئۆلكە يولىنىڭ بويىدا بۇلۇپ، ناھىيە بىلەن بولغان ئارىلىقى 31كىلومىتىر كېلىدۇ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئۇمۇمىي يەر مەيدانى 378.6كۇۋادىرات كىلومىتىر، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق رايۇنىنىڭ كۆلىمى 85 كۇۋادىرات كىلومىتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3933.3گېكىتار. يېزىنىڭ ئۇمۇمىي نۇپۇسى 8160ئادەم. تەۋەلىكىدە 8مەمۇرى كەنىت ، 1فېرما،1 قۇلماق تېرىش ئەتىرتى ۋە جۈنخوڭ دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە، يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كىرىمنى ئاشۇرۇشمەركىزى ۋەزىپسىنى زىچ چۆرىدەپ، دېھقانچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئىستىراتىگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قۇيۇپ، قىزىلچا ۋە مۇچتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بازا قۇرۇلۇشىنى پائال تىزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى كۆرۈنەلىك يۇقۇرى كۆتىرلدى. 2012- يىلى پۈتۈن يېزىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇمۇمىي كىرىمى 191مىليۇن يۈەنگە يىتىپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 28مىليۇن 870مىڭ يۈەن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىقچىلىق كىرىمى 124مىليۇن يۈەن بۇلۇپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 13مىليۇن 870مىڭ يۈەن ئېشىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 3647يۈەنگە يەتتى. چارۋىچىلىق كىرىمى 35مىليۇن 800مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 7مىليۇن 160مىڭ يۈەن ئېشىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 2063يۈەنگە يەتتى. باغ – ئورمانچىلىق كىرىمى 12مىليۇن 640مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 3مىليۇن 860مىڭ يۈەن ئېشىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 795يۈەنگە يەتتى، 2- 3- كەسىپتىن قىلىنغان كىرىم 11مىليۇن 210مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 1مىليۇن 270مىڭ يۈەن ئاشتى، پۈتۈن يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم 7961يۈەنگە يىتىپ، 1345يۈەن ئاشتى.

تېرىقچىلىقنى ئەلالاشتۇرۇش: 2012- يىلى چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى. بازارنى يىتەكچى قىلىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۆزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، زىرائەتلەرنىڭ ئېتىز پەرۋىشىنى ھەقىقى كۈچەيتىپ، مو بېشى ئۈنۈمىنى ئۆزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتىرىپ، قىزىلچا ۋە مۇچتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۆزگىچە زىرائەتنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلغان خىزمەت تەپەككۈر يولىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. پۈتۈن يېزىنىڭ ئۆزگىچە ئىقتىسادى زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 1933.3گېكىتارغا يىتىپ، ئۇمۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 47.5%ىنى ئىگەللەپ، زاكاسلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 1400گېكىتارغا يەتتى. تۇپراقنى رېتسىپلىق ئۇغۇتلاش كۆلىمى 2مىڭ گېكىتارغا يىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىشلەپچىقىرىش بازا كۆلىمى 1840گېكىتارغا يەتتى. تېرىلغان قىزىلچا 666.6گېكىتار بۇلۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 6توننا بولدى، پەمىدۇر كۆلىمى 320گېكىتار بۇلۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 2.8توننىغا يەتتى، مۇچ كۆلىمى 433.3گېكىتار بۇلۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى (قۇرتۇلغان مۇچ)425.5كىلوگىرامغا يەتتى، بەرەڭگە كۆلىمى 66.6گېكىتار بۇلۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 3.2توننىغا يەتتى. سامساق، قۇغۇن – تاۋۇز، پىياز، قۇلماق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۇمۇمىي كۆلىمى 323.3گېكىتار بولدى. پۈتۈن يېزىنىڭ بوغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 800گېكىتار، بىرلىك مەھسۇلاتى 471.3كىلوگىرام، ئۇمۇمىي مەھسۇلاتى 5429.4توننىغا يەتتى، يېزىدىكى لاپاس 89 (15.6گېكىتار كۆلەمدىكى 45لاپاس يېڭىدىن سېلىندى)، ھەر بىر لاپاسنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 25مىڭ 200يۈەنگە يەتتى.

چارۋىچىلىق سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش: 2012- يىلى چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 《چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا بۈسۈش ھاسىل قىلىش يىلى》پائالىيتىنى ئاچقۇچ قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۆزلۈكسىز زورايتىپ، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا كۈچىيىش ۋەزىيتى بارلىققا كەلدى. پۈتۈن يىلدىكى قوتان قالدۇقى 47مىڭ 700تۇياق، چىشى چارۋا 30مىڭ 900تۇياق بۇلۇپ، ئۇمۇمىي چارۋىنىڭ 65%نى ئىگەللەيدۇ. قولدىن چىقىرىلغان چارۋا 27مىڭ تۇياق بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە قولدىن چىقىرىلغان چوشقا 3786تۇياق، كالا 1864تۇياق، قوي 20مىڭ 300تۇياق، چارۋىنى قولدىن چىقىرىش نىسبىتى %60گە يەتتى، ئىشلەپچىقارغان گۆش 885توننا، سۈت 224توننا، تۇخۇم 43توننا، باقمىچىلىق رايۇنلىرىنى باشقۇرۇپ پايدىلىنىش ئۈنۈمى %97تىن يۇقۇرى بولدى. قوي يۇڭى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 76توننا بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ساپالى قوي يۇڭى 13توننا، ئۆچكە تېۋىتى1200كىلوگىرام. سېتىۋېلىپ كىرگۈزگەن قوشقار 29تۇياق، تېكە 10تۇياق، چۈجە 241مىڭ 600دانە بۇلۇپ، پۈتۈن يىلدا قولدىن چىقىرىلغان ئۆي قۇشلىرى 243مىڭ 600دانە، بۇنىڭ ئىچىدە تۇخا 225مىڭ 800دانە، كەپتەر 17مىڭ 800دانە. كالا قۇتان قالدۇقى 4230تۇياق، توڭ ئۇرۇق بىلەن نەسىللەندۈرۈلگىنى 925تۇياق، پىچىۋېتىلگەن ئەركەك مال 5680تۇياق. نەسلى ياخشىلانغان قوي 23مىڭ 500تۇياق، ئۆچكە 2670تۇياق.

باغ – ئورمانچىلىقنى زورايتىش: 2012- يىلى چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى باغ – ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، باغ – ئورمانچلىق مەھسۇلاتلىرىنى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىۋى بىر تۇتاش سېتۋېلىش، بىر تۇتاش پىشىشىقلاش، بىر تۇتاش ئوراش، بىر تۇتاش سېتىشتىن ئىبارەت 《تۆت بىر تۇتاش بۇلۇش》سېتىش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باغ - ئورمانچلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاشۇرما قىممىتىنى كۆپەيتتى. يېڭىدىن 27گېكىتار ئىھاتە ئورمىنى ئەھيا قىلدى،  21.8گېكىتار يەردە تېرەك كۈچىتى يىتىشتۈرۈپ، 25.3گېكىتار يەردىكى ئىقتىسادى ئورماننى ئۇلىدى. 1595.3گېكىتار باغ – ئورماندىكى زىيانداش ھاشارەتتىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى يۇقاتتى، قاينىتىلغان گۈڭگۈرت ئارىلاشمىسى 15توننا بۇلۇپ، ئەتىياز ۋە كۈز پەسىلدىكى گۈڭگۈرت ئارىلاشمىسى ئىشلىتىلگەن كۆلەم 2400گېكىتار، ئېسىلغان قۇرۇت ئۆلتۈرۈش چىقىرغى 50دانە، ئۇغۇتلانغان ۋە چاتالغان مىۋىلىك باغ كۆلىمى 1000گېكىتارغا يەتتى، دېھقان – چارۋىچى تېخنىك خادىملار 450ئادەم قېتىم تەربىيەلەندى. مىۋىگە كېرگەن باغ كۆلىمى 617.2گېكىتار، مەھسۇلات مىقدارى 890توننا بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مىۋىگە كىرگەن ياڭاق كۆلىمى 568.4گېكىتار، مەھسۇلاتى 250توننا، ئۈرۈك 20گېكىتار، مەھسۇلاتى 259توننا، ئۈزۈم 28گېكىتار بۇلۇپ مەھسۇلاتى 381توننىغا يەتتى.

يېڭىچە يېزا قۇرۇلۇشى: 2012- يىلى چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت يىتەكچىلىك قىلىش، دېھقانلار ئۆزى غەملەش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، 《خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش》قۇرۇلۇشىنى پۇقتا قانات يايدۇردى. 《يۇقۇرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقۇرى ئۆلچەم، يۇقۇرى ئۈنۈم》بۇلۇش تەلىپى بۇيىچە، 《بىر شەھەر ئىككى قانات》ئىستىراتىگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قۇيۇپ، كىچىك شەھەر – بازار قۇرۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن تىزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ پىكىر – تەلەپلىرىنى ئېلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، 3مىليۇن 680مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 2011- يىلى سېلىنغان خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش ئولتۇراق رايۇنىنى كۆكەرتىش، يۇرۇقلاشتۇرۇش، قاتتىقلاشتۇرۇش، تۇرمۇش ئەخلەت ۋە يۇندىلارنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش، پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، خانىقا كەنىتى 2- گۇرۇپپىغا يېڭىدىن 35ئائىللىك ئەمىن ئۆي سېلىنىپ، خانىقا كەنىتىنى مەركەز قىلغان ھالدا دائىرىلىك قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن بىرگە چارۋا مەيدان ۋە تاختا كەنىتىگىچە كېڭىيىپ169ئائىلىلىك ئۆي ئۆزگەرتىلدى. كىچىك شەھەر – بازار قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇمۇمىي پىلانى ئۇمۇمىيۈزلۈك تاماملىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، دېھقانلارنى 《ئۈچ رايۇننى ئايرىش》ۋە 《ئىككى رايۇننى ئايرىش》، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، كۆكەرتىش ۋە ھويلا – ئارام ئىگىلىكىنى يىتىلدۈرۈشكە پائال رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇردى. ئىلگىرى سېلىنغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆلەمنى 80كۇۋادىرات مىتىرغا كېڭەيتىش ئاساسىدا، 《ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش》ۋە 《ھويلا – ئارامنى پىلانلاش》تەك ئىككى چوڭ خىزمەتنى يولغا قۇيۇپ، ھويلا – ئارامنى ئۆزگەرتىشنى چىڭ تۇتتى.

ئىجىتمائىي باشقۇرۇش: 2012- يىلى چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاساسىي قاتلام تەشكىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىنى كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. كەنىت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ رەھبەرلىك يادىرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بۇيىچە كۈچەيتىپ، دىنى كەيپىيات ئۆزلۈكسىز سۇسلىشىپ، دىننىڭ تەسىرى ئاجىزلاشتى. 350مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە بۇيىچە يېزا ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنى تۇنجى بۇلۇپ سالدى. يېزىدا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ رەھبەرلىك يادىرولۇق رولى داۋاملىق كۈچەيگەن، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى داۋاملىق ئاشقان، دىنى كەيپىيات داۋاملىق سۇسلاشقان، پۈتۈن يېزىنىڭ ئىجىتمائىي مۇقىملىقى داۋاملىق مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. ۋىلايەتنىڭ 《ئاساسىي قاتلام تەشكىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دىنى كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇش》نەق مەيدان يىغىنىنى ماسلاشتۇرۇپ ئاچتى، ۋىلايەتنىڭ 70نەچچە رەھبىرى خانىقا كەنىتى قاتارلىق 4كۆرگەزمە نۇقتىسىغا باردى. 《بىر ئىش ئورنى ئۈچ مەسئۇلىيەت》نى ئەستايدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلى قۇرۇلۇشىدىكى 《ئون بىر》پائالىيتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كادىرلارنىڭ كەنىتتە تۇرۇپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3تىن 2قىسىم ۋاقىتتا كەنىتتە تۇرۇپ خىزمەت ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلدى ھەمدە كەنىت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ۋە پونكىت مەسئۇللىرىنىڭ بەرپا قىلىش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بىلەن كەنىت خىزمەتلىرىنى ئايلىق باھالاش مىخاينىزىمىنى ئۆز ئارا چاتتى.

كوللىكتىپ ئىقتىسادى: 2012- يىلى چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كەنىت كوللىكىتىپ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش خىزمىتىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، 《چوڭكۆۋرۈك يېزىسىنىڭ كەنىت مالىيەسىنى باشقۇرۇش ۋە كوللىكتىپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش چارىسى》نى قايتىن تۈزۈپ، كەنىت مالىيەسىنى باشقۇرۇش، يەرلەرنى ھۆددىگە بىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قارىتا تېخىمۇ ئېنىق ۋە قېلىپلاشقان بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر قايسى كەنىتلەرنىڭ يىللاردىن بۇيانقى قەرىزلەرنى ئېنىقلاپ يىغىش ۋە ئىقتىسادى تەپتىش قىلىش سالمىغىنى زورايتىپ، كەنىت ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىدى. كەنىتنىڭ ئىككى كومىتېت رەھبەرلىك بەنزىسى نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنىڭ ئالدىدا، ھەر قايسى كەنىتلەردىن ئېنىقلانغان تۈرلۈك قەرىز 420مىڭ يۈەن ئىدى، 2012- يىلى ھەر قايسى كەنتىلەرنىڭ كوللىكىتىپ ئىقتىسادى جەمئىي 1مىليۇن 280مىڭ يۈەن بولدى. 《بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش》تەك مالىيە مۇكاپات تۇلۇقلىما سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنىت كوللىكتىپى جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى سىياسەت كاپالەت سېستىمىسىغا كىرگۈزۈپ، كەنىت كوللىكتىپىنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكىنى يىنىكلىتىپ، 9تۈركۈمدە جەمئىي 1مىليۇن 100مىڭ يۈەننى يۇقۇرىغا يوللىدى. تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق كەنىت ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچى ۋە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى تەڭ كۈچەيدى. يېزا ئاساسىي قاتلام دېمۇكراتىك سىياسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دېمۇكراتىك كېڭىشىش تۈزۈمى، بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنىت 《تۆتنى كېڭىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش》خىزمەت ئۇسۇلىنى پائال ئىلگىرى سۈردى.

بازا قۇرۇلۇشى: 2012- يىلى چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمتى يېزىنىڭ بازا قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى ھەقىقى كۈچەيتتى. پۈتۈن يىلدا 《ئون بىر》پائالىيتىنىڭ ئالاقىدار تەلىپىي بۇيىچە، 《دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىش، ئۆيلەرنى ئىللىقلىققا تولدۇرۇش، ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتىش، كانايلارنى ياڭرىتىش، پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش، ئۈچنى تەربىيەلەش، ئىككىنى يىتەكلەشنى تۇتۇش، ھۆكۈمەت ۋە مالىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش》قا بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى. ئېنىق بولغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنۇتۇپ، پۈتۈپ بولغان كەنىت بازىسىنىڭ رولىنى خېلى ياخشى جارى قىلدۇرۈپ، پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كېڭىشىش، ئۆگۈنۈش، پائالىيەت قىلىدىغان سىياسىي مەركىزىگە ئايلىنىپ، كەنىت تەشكىلى قۇرۇلۇشىدىكى 《يۈرۈشتۈرۈش، كاپالەتلىك قىلىش ۋە بازا قۇرۇلۇشى تەس بۇلۇش》مەسلىسى ھەل بولدى. ھەر قايسى كەنىتلەرنىڭ كەنىت بازىسىنى باشقۇرۇش ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئاساسىي قاتلام تەشكىلى قۇرۇلۇشى خىزمەت نىشانى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ باھالاش ئېلىپ بېرىپ، نۇقتىلىق قىلىپ ئوۋچىغ كەنىتى، خانىقا كەنىتىنى 《بەشتە ياخشى》كەنىت بازىسى قىلىپ بىكىتىتى، ئالاقىدار بەلگىلىمىنىڭ تەلىپىي بۇيىچە، ئاساسىي قاتلام تەشكلىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئەستايدىل ئەمەلىيلەشتى.

خەلق ئەھۋالى قۇرۇلۇشى: 2012- يىلى چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 《تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تۆتنى ئىگىلەش》خىزمەت مىخاينىزىمى ۋە خەلق ئەھۋالى ئاقما لىنيەسى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتتى. ھەر قايسى كەنىتلەردە 《تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تۆتنى ئىگىلەش》خىزمەت تەرتىپى سېخمىسى ۋە دائىرە بۇيىچە ھۆددىگە ئېلىپ ئىشلەش مەسئۇلىيەت جەدىۋېلىنى تۈزۈپ، ھەر بىر يېزا ۋە كەنىت كادىرلىرىغا 《تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تۆتنى ئىگىلەش》خىزمەت قوللانمىسى تارقىتىپ بىرىپ، تۈرلۈك خىزمەت ئىشلەكلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددى ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، خەلق ئەسكەرلىرى جىددى تاقابىل تۇرۇش شۆبە ئەتىرتى ۋە “ئون ئائىلە بىرلەشمە مۇداپىئەسى” قاتارلىق مۇقىملىقنى قوغداش تەشكىلىنى قۇرۇپ، تۈرلۈك خەتەرلىك ۋە مۇقىمسىزلىق ئەھۋاللىرى يۈز بىرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى. جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەل رايىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلق ئەھۋالى خاتىرىسى تۇرغۇزۇپ، خەلق ئەھۋالى خەت ساندۇقى ئورنۇتۇپ، خەلق ئەھۋالى قىزىق لىنىيەسىنى ئېچىپ، ئاھالىلار ئالاقىلىشىش كارتىسى تارقىتىپ، مەخسۇس ئالاقىلاشقۇچى بىكىتىپ، 《تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تۆتنى ئىگىلەش》خىزمەت مىخاينىزىمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق ئەھۋالىنى كۆپ تەرەپلىمە ئىگەللىدى. قېلىپلاشقان ۋە مۇقىم بولغان ئەل رايىنى توپلاش ۋە ئىنكاس قىلىش خىزمەت مىخاينىزىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، 《خەلق ئەھۋالى ئاقما لىنيەسى》قۇرۇلۇشى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ۋە ئاممىنىڭ《قەلىبداشلار لىنىيەسى》نى ھەقىقى شەكىللەندۈردى.

مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى: 2012- يىلى چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق مەنىۋى مەدەنىيەت ئىشخانىسى 《ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈپ گۈزەل يۇرت – ماكان بەرپا قىلىش》، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مەدەنىي ناھىيە بەرپا قىلىش، 30- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيتى ۋە 《سەمىمىي مۇلازىمەت پائالىيتى》،《شەرق- شامىلى قۇرۇلۇشى》،《يۈز كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيەت پائالىيتى》نى پۇقتا قانات يايدۇرۇپ، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش، سەھىيە قانۇن- نىزاملىرىدىن مەسلىھەت سوراش، يۇدلۇق تۇزنى ئۇمۇملاشتۇرۇش نىسبىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %106، %96، %97 بولدى. 《ئۈچ كېسەلنى بىر تەكشۈرۈش》خىزمىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، ئا تىپلىق زۇكام، يەرلىك كېسەللىكلەر، تېبىركىليۇز، ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ، ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش بۇيىچە 3باسقۇچ تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلدى. پىلاندىن سىرت تۇغۇش ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىشنى تۇسۇپ، نۇپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى‰11ئىچىدە كونتىرول قىلىندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى پۇقتا قانات يايدۇردى، ئىچىملىك سۇ تۇرۇبىسى تارتىپ، %86دىن كۆپرەك دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك سۇ ئىشلىتىش قىيىنچىلىقى ھەل بۇلۇپ، دېھقان – چارۋىچىلار ئۇمۇمىيۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نوقتا مەسىللىرى ھەل بولدى.

ئامانلىق ساقلاش: 2012- يىلى چوڭكۆۋرۈك يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىجىتمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى زىچ چۆرىدەپ، ئالدىنى ئېلىش، مۇداپىئەلنىش سېستىما قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىقىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئايلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشنى كۈچەيتتى. قانۇن – تۈزۈم تەشۋىق تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك قانۇن بىلىملىرىنى 13مەيدان قېتىم تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئۇمۇمىيلاشتۇرۇپ تۈزەش، ئامانلىق قۇرۇلۇشى، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بۇيىچە باشقۇرۇش، قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە《ئالتىنچى بەش يىللىق》قانۇن ئۇمۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ساۋاتلارنى مەزمۇن قىلغان15 مىڭ پارچە تەشۋىقات ۋارىقىنى دېھقان – چارۋىچىلارغا تارقىتىپ، 7000ئادەمنى تەربىيەلىدى. خەلق ئەسكىرى، 《ئون ئائىلە بىرلەشمە مۇداپىئەسى》قاتارلىق ئامما ئالدىنى ئېلىش قۇشۇنىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 146نەپەر ئون ئائىلە باشلىقى ۋە ئون ئائىلە بىرلەشمە مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش سالمىغىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامانلىق بەرپا قىلىش نەتىنجىلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ مۇستەھكەملىدى. كۆچمە نۇپۇسلارنى تەكشۈرۈش، تىزىملاش، يۇقۇرىغا يوللاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، رادىئو، تام تەشۋىقات شۇئارىنىڭ ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش، قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقاتىدىكى رولىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇپ، ئامانلىق ساقلاش بۇيىچە چارلاش ۋە چوڭ تەڭشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى پۇقتا قانات يايدۇردى. 《ئىككى تۈزۈم》نى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تارقاق ھەج قىلىش بولماسلىق نىشانىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىجىتمائىي مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ 《بىر پونكىت شەكلىدىكى》مۇلازىمەت رولىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇپ، كەنىتنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى، ۋاكالىتەن ئىش بىجىرگۈچىسىنىڭ رۇلىنى پەيدىنپەي جارى قىلدۇرۇپ، ئاخبارات ئۇچۇر تورى بارغانسىرى مۇكەممەللەشتى.

 

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号