نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

ئومباش يېزىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

 

【ئومۇمىي ئەھۋالى】ئومباش يېزىسى مۇزات دەرياسىنىڭ جەنۇبى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، باي ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى 17.5  كىلومېتىرلىق ئورۇنغا جايلاشقان. شەرق، جەنۇب تەرەپلىرى چۆلتاغ ۋە توقسۇ ناھىيەسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربىي ياقېرىق بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي چوڭكۆۋرۈك يېزىسى، مىچىغ قاتارلىق يېزىلار بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئارىلىقى 52.4 كىلومېتىر، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ كەڭلىكى 14.4 كىلومېتىر ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 688.8 كىۋادرات كىلومېتىر. پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە 14 مەمۇرىي كەنت، بىر چارۋىچىلىق مەيدانى، 46 كەنت كىچىك گۇرۇپپىسى بولۇپ ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى(     ) گېكتار، بار نوپۇس 16032 ئادەم (4974 ئائىلە). ئومباش يېزىسى تەۋەسى سوزۇنچاق بەلباغ بولۇپ ، شەرقتىن غەربكىچە بولغان يەر تۈزۈلۈشى قىيپاشراق، تۇپرىقى بىر قەدەر تەكشى. سۇ باشلاش سۇغىرىش ئىشلىرى قولايلىق، سۇ-تۇپراق بايلىقلىرى مول، قۇياش نۇرى يېتەرلىك، تۇپرىقى مۇنبەت، مەھسۇلاتلىرى مول، ھاۋاسى ئادەمگە ياقىدۇ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا ماس كېلىدۇ. 2012-يىلى پۈتۈن يېزا  ئىقتىسادىي كىرىمنى 250 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.6 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىقچىلىقتىن قىلىنغان كىرىم 140 مىليون يۈەن بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 ئاشتى. باغ-ئورمانچىلىقتىن قىلىنغان كىرىم 8 مىليون 170 مىڭ يۈەن بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.7 ئاشتى. چارۋىچىلىقتىن قىلىنغان كىرىم 59 مىليون 110 مىڭ يۈەن بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.6 ئاشتى. 2-،3-، كەسىپلەردىن قىلىنغان كىرىم 20 مىليون 710 مىڭ يۈەن بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  %16 ئاشتى. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 8689 يۈەن بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  1424 يۈەن ئاشتى.

【يېزا ئىقتىسادىي】2012-يىلى ئومباش يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك ئاساسىي ئورنىنى مۇستەھكەملىدى، سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى كۈنسايىن مۇستەھكەملەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇردى. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت يادرولۇق مەسىلىنى چۆردەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ۋە زامانىۋىلاشقان يېزا-ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى  نىشان قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە زامانىۋىلاشقان يېزا قۇرۇلۇشىنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى  ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى رايونىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى تېخىمۇ ياخشىلىدى. يېزا ئىگىلىكى ۋە زامانىۋىلاشقان يېزا قۇرۇلۇشى قەدىمىنى ئېچىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەربىيەلەشكە يۆتكىلىش تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت  قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسى ئومۇميۈزلۈك كۆپەيتىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى تېز سۈرەتتە ئاشتى. پەمىدۇر قىيمىسى، ئۇرۇقلۇق قوناق، ياڭيۇ قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق دېھقانچىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كۆرۈنەرلىك بولدى. زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى سالماقلىق بىلەن يولغا قۇيۇلۇپ، پەن-تېخنىكا سېلىنىمسى يەنىمۇ ئاشتى. يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنلاشتۇرۇش ئاساسەن ئوموملاشتى. باغ-ئورمانچىلىقتىكى مېۋىگە كىرگەن كۆلەم يەنىمۇ كېڭەيتىلدى. ئۈزۈمچىلىك سانائىتىدە دەسلەپكى كۆلەم شەكىللەندى.

【چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى】2012-يىلى ئومباش يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى چارۋىچىلىقتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئۇششاق پايچىلارغا تايىنىپ، كۆلەمنى مۇۋاپىق كېڭەيتى، بازارلارنى ئېچىپ، پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى. چارۋا، قۇشلارنىڭ تۈرىنى ياخشىلاپ، مۇكەممەل بولغان نەسىلىك چارۋا، قۇشلارنى كۆپەيتىش سېستىمىسىنى قۇردى.  ئىلىم-پەننى پىلانلاش، مۇۋاپىق بۇلۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەلەشتۈرۈش، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق پىرىنسىپقا ئاساسەن، ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ئېكولوگىيىلىك باقمىچلىقنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈردى. چارۋىچىلىققا  مۇۋاپىق كېلدىغان تېخنىكىنى كېڭەيتىشنى كۈچەيتى. ئىلىم-پەن ئارقىلىق باقمىچى ئائىلىلەرنى يېتەكلەپ  ئىشلەپچىقىرىشنى سالماقلىق بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باقمىچىلىق ئائىلىسىنىڭ باقمىلارنى باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ھەرخىل باقمىچىلىق كەسىپلىرىنى يېتىشتۈرۈپ  ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلى ۋە بىرلەشمە ساھالەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلھاملاندۇرۇپ،  تارقاق باقمىچىلىق ئائىلىرىنى تەشكىلەپ، خەۋىپ-خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش، پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك پايدا- مەنپەت ئورتاق گەۋدىسىنى ھەققىي شەكىلەندۈردى. پۈتۈن يېزىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى چارۋىلارنىڭ قوتان قالدۇقى 610 مىڭ تۇياق (دانە) دىن ئېشىىپ كەتتى. كۆپىيەلەيدىغان چىشى ھايۋانلارنىڭ نىسبىتى % 69 گە يەتتى. چارۋىلارنىڭ  يۇقۇملۇق كېسىلنىڭ  ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. چارۋىلارنى ياخشىلاش خىزمىتى سالماقلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. دەسلەپكى قەدەمدە ئۆي قۇشى باقمىچىلىقى كۆلىمنىڭ 236 مىليون دانىگە يېتىپ دەسلەپكى كۆلەمنى شەكىلەندۈردى. مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ چارۋا ماللارنى كۆپەيتىش قۇرۇلۇشى سالماقلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. سىرتتىن سېتىۋىلىنغان چىش چارۋا 3500 تۇياق (دانە) بۇلۇپ، چارۋىچىلىق تۈۋرۈك كەسىپنىڭ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەكەملەندى.

【ئەمگەك مۇلازىمىتى】2012-يىلى ئومباش يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى «مىڭ ئادەمنى تەربىيىلەش قۇرۇلۇشى»نى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇدى ۋە تەربىيىلەش خىزمىتىغا قارىتا نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يۈرگۈزۈپ، نىشاننى تەقسىملەش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئوخشاش بولمىغان تەربىيلەش مەزمۇنىغا قارىتا، مۇۋاپىق بولغان تەربىيلەش مەبلىغى ۋە ئوقۇتقۇچىلا بىلەن تەمىنلەش. سىرىتقا چىقىرىلغان ئەمگەك كۈچلىرنىڭ ئاساسىي ئۇقۇمى، كەسپ تاللاش كۆز قارىشى، قانۇن بىلملىرى تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ، سىرىتقا چىقىرىلغان ئەمگەك كۈچىلىرنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى. «قوللىنىشچان، ئەمەلىيەتچىل، ئۈنۈملۈك» بۇلۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پىلانلىق، باسقۇچلۇق ھالدا، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، دۆلەت بەلگىلگەن بىر قىسىم ئىش ئورندىكى ئىش تۈرلىرىگە قارىتا ئىش ئورنىدا تەربيىلەش ئېلىپ بېرىلىپ، كىنىشكە بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «كېلىشىم بۇيىچە تەربىيلەش»، «ئالاھىدىلىكى بۇيىچە تەربىيلەش»نى ئاكتىپلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، بىلىمنى، ماھارەتنى، ئىش ئورنىنى يەتكۈزۈش دىن ئىبارەت «ئۈچ يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جىسمانىي كۈچنى چىقىرىشتىن تېخنىكا كۈچىنى چىقىرىشقا ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كۆرۈنەرلىك، ئەمگەك-مۇلازىمەت ۋاسىتىچىسى 14 نەپەر، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنى يېتەكلەپ، سىرىتقا چىقىرىلغان ئىشلەمچىلەر 2090 ئادەم. پۈتۈن يېزا ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى 10 مىليون 450 مىڭ يۈەن، ئادەم بېشىغا توغرا كېلدىغان ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 687 يۈەن ئېشىىپ، ئوخشاش يىلدىكىسىگە سېلىشتۇرغاندا %5.85 ئاشتى. ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى تەدرىجىي ھالدا دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ باي بۇلۇشتىكى يېڭى يارقىن نۇقتىسى بۇلۇپ قالدى.

【تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى】2012-يىلى ئومباش يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى «شەھەر يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش»، «يېڭى تىپتىكى بازارلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشنى نىشان قىلىپ، «دائىرە بۇيىچە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كەنتنى ئىلگىرى سۈرۈش»تەلىپىگە ئاساسەن، خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش، چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشىنى گۇللەندۇرۇش پىلانىنى ياخشى ئىشلەپ، ئورۇن تاللاش خىزمىتى، «خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش» تەرتىپ بۇيىچە ئىلگىرى سۈرۈلدى. «بىر ئائىلىدە بىر لايىھە، پۈتۈن يېزىدا چوڭ ئۆزگىرىش»تەلىپىگە ئاساسەن، ئەستايىدىللىق بىلەن بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۇتاش ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بىر تۇتاش ئۆلچەش، ھويلىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر تۇتاش ئۆلچەمگە يېتىش، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ۋە يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇردى. 352 ئائىلىك «خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش»قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئومومىيۈزلۈك تاماملىدى. ئاپتۇنۇم رايوننىڭ «تۆتتە ئارقىدا قالماسلىق» (تۇرالغۇ كۆلىمىدە ، ئىقتىداردا، سۈپەتتە، كەسىپتە  ئارقىدا قالماسلىق) تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆكەرتىش، يول، پاتقاق گازى، چارۋا-ئۆي قۇشلىرىنى كۆپەيتىش قاتارلىق مۇئەسسەلەرنىڭ يۈرۈشلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر ئاستى-ئۈستى سۈيى، تېلېفۇن، تورسىمى، مۇنچا، تەرەت تۇڭى قاتارلىقلارنى تۇلۇق ئويلىشىپ، 30 يىلدا ئارقىدا قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىندى. يېڭىدىن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئۇنۋىرسال بازىرى قۇرۇش ئۈچۈن  سېلىنمىغا ئىشلىتىلپ، يېزا-قىشلاق قىياپىتى ۋە ئولتۇراق ئۆي شارائىتى يەنىمۇ يېڭى تۈسكە كىردى.

【ئىجتىمائىي باشقۇرۇش】2012-يىلى ئومباش يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، «ئەبەدىي ئامانلىق تەشۋىق ۋە تەربىيە» پائالىيىتى ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەلەرنى چەكلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. مۇقۇملۇقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك تەدبىرلىرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قاتتىق زەربە بېرىپ، تورلاشقان تەكشۈرۈشنى ئوموميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، سەزگۈر مەزگىلدىكى سىياسىي  ئومۇمىي ۋەزىيەتكە كاپالەتلىك قىلدى. كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجارە ئۆيلەرنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا ياردەملىشىپ تەربىيىلەشنى باشقۇرۇش خىزمىتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. «بىر يېزىدا بىر ساقچى» بۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ياخشى بولدى. ئاپتونوم رايوننىڭ تىنچ يېزا-بازارلارنى قايتا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋىلىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. ئۇچۇرلارنى مۇقۇملاشتۇرۇپ يىغىش، مۇھاكىمە قىلىش خىزمىتنى كۈچەيتى. كەنت(يېزا) ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش مەركىزى (ئىشخانا) ۋە ماجىرالارنى مۇرەسسە بىلەن بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى (ئىشخانا)نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، زور كۈچ بىلەن «ئۈچ مۇرەسسە»خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈرۈشتۈرۈش، زىيارەت قىلىش،  تۆۋەنگە بېرىپ ئەھۋال ئوقۇش، قايتا ئەھۋال ئوقۇش پائالىيىتى، ماجىرالارنى مۇرەسسە بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، ئەرزىيەت دېلولىرىنى ئۈنۈملۈك بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇردى. «ئىككى تۈر» تۈزۈلمىسى ۋە دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇشنڭ 18 تۈرلۈك تەدبىرى ۋە دىنى سۇرۇنلارنى باشقۇرۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى. ئىككى كەنت كومىتېتى كومىتېت ئەزاسىنىڭ مەسچىت باشقۇرۇش ئەزالىق تۈزۈمىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ توي قىلىش، ئۆلۈمنى ئۇزىتىش، جامائەت مۇلازىمەت بۇيۇملىرىنى كەنت كوللېكتىپغا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، دىنى كەيپىيات كۆرۈنەرلىك سۇسلاشتۇرۇلدى.

【مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش】2012-يىلى ئومباش يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، مەدەنىيەتنىڭ قايتا تەرەقىقىي قىلىش ئالتۇن پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەدەنىيەتنىڭ ئەۋزەلىكىنى گەۋىلەندۈرۈشكە كۈچ چىقاردى. سوتسىيالىستىك يادىرولۇق قىممەت سىستېمى قۇرۇشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت ۋە چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتگە ئەمەل قىلىدى، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنى باياشات ھاللىق ماددىي تۇرمۇش كەچۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە ساغلام مول بولغان مەدەنىي تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلدى. «ئۇلۇغ ۋەتنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل ماكان بەرپا قىلىش»تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتى ۋە ياخشىلىدى. 11 –قېتىملىق «پۇقرالار ئەخلاقى قۇرۇلۇش ئېيى»، 30–قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى» پائالىيىتىنى  پۇختا قانات يايدۇردى. ناھىيە دەرىجىلىك بايراقتار سەھىيە ئورۇندىن 1 نى، بايراقتار سەھيە كەنتىدىن 3 نى ئوڭۇشلۇق قۇردى. كەنت، مەدەنىيەت ئۆيى، خەلق كۆڭۈل ئېچىش ئورننىڭ ئەتىراپى ۋە تاملاردا «مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلىقنى تەربىيلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلىقنى بېيىتىش»لوزۇنكىسى كۆزگە چېلىقىپ تۇردى. يېزا ئاھالىلىرىگە تىرىشچانلىق ئارقىلىق بېيىش تۇغۇرسىدا پەند-نەسىھەت قىلىش، تەربىينى كۈچەيتىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەشتەك، ئاسان ئاممىباب چۈشەنگىلى بولىدىغان ناخشا تېكستىنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەربىيە ئېلىپ، ئەخلاق تەربىيسى بىلىپ-بىلمەي  يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

【خەلق تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش】 2012-يىلى ئومباش يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق تۇرمۇشى بىرىنچى ئېڭىنى تۇغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈشنى  يەنىمۇ  كۈچەيتى. دېھقانچىلىققا ياردەم بېرىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈدى. سىياسەت خاراكتېرلىك قوشۇمچە ياردەم 579 مىڭ يۈەن، نەپ يەتكۈزۈلگەن دېھقان ئائىلىسى 3050 ئائىلە، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئادەم سانى 7278 كە يەتتى. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىپ، سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100 كە يەتتى. يېزا (بازار) تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىدىن 996 مىڭ يۈەن نەقلەشتۈرۈلدى. 596 ئائىلىگە نەپ يەتكۈزۈلدى. نامرات ئائىلەرگە ئۇن، گۈرۈچ، ياغ، يۇد قوشۇلغان تۇز قاتارلىق قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسدىن  10.72 توننا تارقىتىپ بېرىلدى.  سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتىنىڭ نەقلىشىشى    ئەمەلگە ئېشىپ، نەقلەشتۈرۈلگەن تۆلەم پۇلدىن 196 مىڭ 300 يۈەن ۋاقتىدا تارقىتىلدى. «نامراتلاردىن ھال سوراپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ، پۇقرالار بىلەن قەلىپدا بۇلۇش»پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەنت، يېزىلاردىكى ئىككى دەرىجىلىك كادىرلار ۋە 125 نامرات ئائىلىلەر بىلەن ياردەم بىرىش مۇناسىۋىتى ئورناتتى. نامرات ئائىلەرگە 6750 يۈەن، نامراتلارنى يۆلەش چۈجىسىدىن 5138 تال ئىئانە قىلنىدى.  پارتىيە بىلەن ئامما، كادىر بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ  قويۇقلاشتى.

【ئاساسى قاتلام تەشكىلاتى】2012-يىلى ئومباش يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. كەنت «ئىككى كومىتېتى»نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئوڭۇشلۇق ئاياقلىشىپ، ھەر قايسى ئورگان ۋە پونكىتلاردىكى 5 نەپەر كادىرنى تاللىنىپ كەنتكە ئەۋەتىلىپ پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىق  ۋەزىپسىگە قۇيدى. 2 نەپەر كەنت پارتىيە ياچايكىسى شۇجىسى كەنت ئاتلاپ ۋەزىپىگە قۇيۇلۇپ، كەنت پارتىيە ياچايكىسى بىرىنچى شۇجىسىنىڭ پۈتۈن قاپلىنىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇدى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىلغارلىرىنى مۇستەكەملەش، ئوتتۇردا قالغانلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئارقىدا قالغانلىرنى ياخشىلاشتىن» ئىبارەت خىزمەت پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش يېتەكلەش رولىنى پائال جارى قىلدۇردى. ئارقىدا قالغان كەنتلەرنى رەتكە سېلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ۋىلايەتنىڭ «بەشتە ياخشى»يېزا-بازار پارتىيە كومىتېتلىرنى قايتا تەكشۈرۈشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. ستۇدېنت «كەنت كادىرلىرى»، يېزا«تۆت پىشقەدەملىرى» ۋە ۋەزىپىسىز پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ  قېلىپلاشتۇرۇدى. كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسنى ئاكتىپلىق بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ھەرقايسى كەنتلەرنى يېتەكلەپ 17 يۈرۈش تىجارەت ئۆيلىرىنى سېتىۋىلىپ، «بىر كەنتتە بىر تىجارەت ئۆيى»بۇلۇش پىلانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «قوش يىل پائالىيىتى»، «ئون بىر»، « تۆتنى بىلىش، تۆتتە ئېنىق بولۇش، تۆتنى ئىگىلەش» خىزمەت تۈزۈلمىسى ۋە «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىپ ئىككىنى ئاشكارىلاش» خىزمىتى يەنىمۇ قېلىپلاشتى.

【سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرلۇشى】2012-يىلى ئومباش يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىجاد قىلىش قابىلىيىتى،  جەڭگىۋارلىق كۈچى،  مۇجەسسەملەش كۈچنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىىپ، تۈزۈم مېخانىزىمى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن مۇكەملەشتۈردى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ماسلىشىشچانلىق رولىنى ئىلگىرى سۈردى. «ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، تولۇق قاپلاش، ئۈنۈمنى تەلەپ قىلىپ، قارشى ئېلىشقا ئېرىشىش» تەلپىنى ئىزچىلاشتۇرۇپ، «يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۆزگەرتىش، كۈچەيتىش» مۇھىم نۇقتىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىك بەنزىسى دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپىنى ئەستايدىل ئىزچىلاشتۇرۇپ،  مەسىلسىنى قارار قىلىپ، كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم كېڭىشىش، يىغىن ئارقىلىق قارار قىلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى. تەدبىرلەرنىڭ دېموكراتىزىملىقىنى، ئىلمىيلىكنى كۈچەيتى. «بىرنى ئوموملاشتۇرۇپ، ئۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» پائالىيىتىنى كۈچەيتىپ، پونكت كادىرلىرىنىڭ «قوش تىل» ئىقتىدارى ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. پارتىيە ئىچىدە غەمخورلۇق قىلىپ ئىلھاملاندۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنتىكى نامرات پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن 2990 يۈەن ئىئانە قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆز-ئارا ياردەم بىرىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيىۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشى مەخسۇس تېمىسىدىكى ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام  پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئومومىيۈزلۈك كۈچەيتى. پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ پاك تەلەپچان بۇلۇش ئۆزىنى تىزگىنلەش ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى ۋە  ھۆكۈمەت ئىستىلى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى. 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号