نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

مىچىغ يېزىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

 

ئومۇمىي ئەھۋالىمىچىغ يېزىسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان يېزا بولۇپ، باي بازىرى بىلەن بولغان تۈز  لىنىيەلىك ئارىلىقى 5 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرق تەرىپى، ناھىيە مەركىزىدىن قاپسىلاڭ دەرياسى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي تەرىپى ئونباش يېزىسى بىلەن مۇزات دەرياسى ئارقىلىق چېگرىلىنىدۇ. غەربىي تەرىپى چوڭ كۆۋرۈك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپىنىڭ كۆپ قىسمى چۆللۈك. 307-  ئۆلكە يولى بۇ يېزا چېگراسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 22.2 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 26 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 971.5 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە 13 مەمۇرىي كەنت، 1 چارۋىچىلىق مەيدانى، 48  گۇرۇپ بار. دائىمىي  تۇرۇشلۇق نوپۇس 12 مىڭ كىشى. ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3553.3 گېكتار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى 0.29 گېكتار. يېزىلىق پارتكومغا قاراشلىق 26 پارتىيە ياچېيكىسى بولۇپ 514 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار. «تۆت پېشقەدەم » لەر جەمئىي 89 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە: پېشقەدەم نەمۇنىچى 2 نەپەر، پېشقەدەم كادىر 48 نەپەر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى 37 نەپەر، پېشقەدەم ھەربىي 2 نەپەر، كەنت كادىرى 71 نەپەر، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى گۇرۇپپا باشلىقى 45 نەپەر، سىتۇدىنت كەنت كادىرى 7 نەپەر. 2012 – يىلى پۈتۈن يېزا بۇيىچە ئومۇمىي كىرىم 247 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇنىڭ ئىچىدە: دېھقانچىلىق كىرىمى 104 مىليون يۈەن، ئورمانچىلىق كىرىمى 11 مىليون 80 مىڭ يۈەن، چارۋىچىلىق كىرىمى 77 مىليون 60 مىڭ يۈەن، بېلىقچىلىق كىرىمى 26 مىليون 600 مىڭ يۈەن، ئىككىنچى كەسىپنىڭ كىرىمى 12 مىليون 490 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى كەسىپنىڭ كىرىمى 14 مىليون 600 مىڭ يۈەن بولدى. ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 9 مىليون 120 مىڭ يۈەن، سىرتقا چىقىرىلغان ئەمگەك كۈچلىرى 1924 بولۇپ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم 8955.36 يۈەن بولدى. 

تېرىقچىلىقنى كۈچەيتىش】2012 – يىلى مىچىغ يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يېزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، «قۇرۇلمىنى تەڭشەش، چارۋىچىلىقنى كۈچەيتىش، باغ – ئورمانچىلىقنى چىڭ تۇتۇش، بازار ئېچىش، زاكاز قوبۇل قىلىش، ماركا يارىتىش»تەك ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يېزىلاردىكى ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. سۇ تۇپراق ۋە شەھەر ئەتراپى ئەۋزەللىكىدىن يېتەرلىك پايدىلىنىپ ، يېزا ئىگىلىكىگە بولغان يېتەكلەش، ياردەم بېرىشنى كۈچەيتتى. كەنت ئۆز شارائىتىغا قاراپ، ئوخشاش بولمىغان يېزا ئىگىلىك تۈرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى مەھسۇلات، ئەلا سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈم، زىيانسىز يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىيات يۆلىنىشى قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىم بولغان ئاشلىق كۆلىمى ئاساسىدا زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى. پۈتۈن يىلىدا تېرىلغان ئومۇمىي كۆلەم 3553.3 گېكتار، ئۇنىڭ ئىچىدە: تېرىلغان  كۈزگى بۇغداي كۆلىمى 473.1 گېكتار، بۇغداينىڭ كۈزلۈك ئوسا كۆلىمى 1000 گېكتار، شۈدىگەر قىلغان يەر كۆلىمى  2266.6 گېكتار،  شال كۆلىمى  733.3 گېكتار، قىيام پەمىدۇر كۆلىمى 531.6 گېكتار، مۇچ كۆلىمى 211.3 گېكتار، ئۇرۇق قوناق كۆلىمى 708.3 گېكتار، ئادەتتىكى قوناق كۆلىمى 266.6 گېكتار، باشقىلار 100 گېكتار، ئومۇمىي پارنىك كۆلىمى 9 گېكتار (چوڭ لاپاس 45)، كىچىك لاپاس كۆلىمى 67.4 گېكتار بولدى. زور كۈچ بىلەن تۇپراقنى رېتسىپلاپ ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ يولغا قويدى. پۈتۈن يېزا بۇيىچە رېتسىپلاپ ئوغۇتلاش كۆلىمى 1600 گېكتار، يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۈلگە قۇرۇش بازىسى 1600 گېكتار، يېزا ئىگىلىك زاكاز توختامى تۈزگەن يەر 1306.6 گېكتار بولدى. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق پۈتۈن يېزىدا «ئاشلىق، ئىقتىساد، ئوتلاق» ئىشلەپچىقىرىشنى مۇۋاپىقلاشتۇردى.

【چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش】2012 –يىلى مىچىغ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئاشلىق كۆپ بولۇش، ئوت-چۆپ كۆپ بولۇش، يايلاق بايلىقى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلىق كەسپىنى پۈتۈن يېزىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى قىلىپ راۋاجلاندۇرۇپ، چارۋا باقمىچىلىقىنىڭ كەسىپلىشىش، كۆلەملىشىش، ئۈنۈملىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. باقمىچىلىق ئۇلىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، چىش چارۋا ئۆستۈرۈش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تېز يېتىشتۈرۈپ، تېز سەمرىتىپ، تېزدىن  قولدىن چىقىرىپ، تاۋار نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېز سۈرئەتتە باي بولۇش مەقسىتىگە يەتتى. ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق رايونىدىن 2 نى، قوي گۆشى سۈپىتىنى ياخشىلاش نەمۇنىلىك كەنتىدىن 2 نى قۇرۇپ، 139 ئۈلگىلىك ئائىلىنى يېتەكلىدى. چوڭنى تۇتۇش، كىچىكىنى بوش قويۇۋەتمەسلىك پىرىنسىپى بويىچە چوشقا،توخۇ باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. پۈتۈن يېزىنىڭ چارۋا قوتان قالدۇقى 57 مىڭ 400 تۇياق بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە چوڭ چارۋىلار 5615 تۇياق، كالا 4459 تۇياق، ئات 720 تۇياق، ئېشەك 436 تۇياق. كىچىك چارۋىلار 51 مىڭ 800 تۇياق، ئۇنىڭ ئىچىدە قوي 39 مىڭ 500 تۇياق، ئۆچكە 5449 تۇياق، چوشقا 10 مىڭ 400 تۇياق. قولدىن چىقىرىلغىنى 34 مىڭ 600 تۇياق، گۆش مىقدارى 1731 توننا، سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 255 توننا، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 390 توننا بولدى. يىغىپ ساقلىغان يەم خەشەك ۋە زىرائەت شاخ – شۇمبىلىرى 90 مىڭ تون، ئۇنىڭ ئىچىدە سىلوسلىغىنى 20 مىڭ توننا، پارچىلانغان شاخ-شۇمبا 55 مىڭ توننا، باشقىسى 15 مىڭ توننا بولدى.

باغ - ئورمانچىلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش】2012 – يىلى مىچىغ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئېكولوگىيە ئورمىنى، ئىھاتە ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمىنىڭ تەرەققىيات   سېلىنىمىسنى كۆپەيتىپ، مۇشۇ جايدا ئۆسۈشكە ماس كېلىدىغان تېرەك، جىگدە دەرىخى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تىكتى. پۈتۈن يىلدا جەمئىي 53.4 گېكتار ئورمان تىكتى. ئۈزۈم، ياڭاق، ئۆرۈكلەرنى چاتاش، ئۇلاش ۋە پەرۋىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، باغ – ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق تېخنىك خادىمىدىن 147 نى پۈتۈن يېزىنىڭ مېۋىلىك دەرىخىنى چاتاشقا تەشكىللىدى. ئىقتىسادىي ئورماننى ئوغۇتلاش كۆلىمى 1176.2 گېكتار، چاتاش كۆلىمى 1041.3 گېكتار، سۇغىرىش كۆلىمى 1743.2 گېكتار، ئۇلىغان مېۋىلىك دەرەخ كۆلىمى 118.6 گېكتار بولدى، مېۋىلىك دەرەخنى ئۇلاش، چاتاش، يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلارغا ئەمەلىي قوللىنىدىغان تېخنىكا تەربىيەلەش كۇرسىدىن 4 قارار ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنى 3032 ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى. ھاكلانغان ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 1629.8 گېكتار، غولىغا چېچىلغان قاينىتىلغان گۈڭگۈرت بىرىكمىسى 36.77 توننا، باھار ماڭدامچى قۇرت زىيىنىدىن مۇداپىئەلىنىش كۆلىمى 10 گېكتار بولۇپ، ھاشارات ئۆلتۈرۈش چىرىغىدىن 97 نى  ئاستى. پۈتۈن يىلدا تىكىلگەن ئورمان كۆلىمى 73.8 گېكتار، ئورمان تىكمەكچى بولغان يەر 32 پارچە بولۇپ، جەمئىي 53.2 گېكتار ئۆلچەم بۇيىچە ئورۇندالدى. تېرىغان ئۈزۈم كۆلىمى 28.6 گېكتار، ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئورمان سۇغىرىش بەلۋاغ كۆلىمى 394.3 گېكتار، پۈتۈن يېزىدىكى ئۆرۈك ئومۇمىي كۆلىمى 26.6 گېكتار، ئوغۇتلاش، ئاقارتىش، ئومۇمىي كۆلىمى 385 گېكتار بولدى.

ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى】2012 – يىلى مىچىغ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت خىزمەت پىكىر يولنى پائال تەڭشەپ، پىلانلاش، تەشكىللەش، مەبلەغ سېلىش، قۇرۇش، باشقۇرۇش مېخانىزمى ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىپ، تەشكىللەپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئېتىز – ئېرىق سۇ ئاساسىي قۇرۇلۇشنى يولغا قويدى، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سۇ، ئېتىز، ئورمان، يولنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ،   يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، دېھقانلار تۇرمۇشى، يېزا ئېكولوگىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ شەرتىنى تىرىشىپ  ياخشىلىدى،  بۇ ئاشلىق مەھسۇلاتىنى، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك  تىرەك  بولدى.                                         

ئېتىز – ئېرىق سۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش خىزمىتىدە، بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغان دېھقانلارنى ئۈلگە نۇقتىسى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىش ۋە قوللاش، ئەتىراپىدىكى دېھقانلارنى يېتەكلەپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتتى.

 ئېتىز – ئېرىق سۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش خىزمىتىدە، ئېتىز – ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش مەركەز قىلغان يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، دېھقان - چارۋىچىلارنى تەشكىللەپ  تۈزلىگەن يەر كۆلىمى 266.6 گېكتار بولدى. يېڭىدىن ياسىغان كەلكۈن مۇداپىئە توسمىسى 1563 مېتىر، رېمونت قىلغىنى 2100 مېتىر بولدى. 87 يۈرۈش ئۈسكۈنىنى سەپلىدى، 60 كېلومىتىرلىقتىكى ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى رېمونت قىلدى. يېڭىدىن چاپقان زەيلىك 500 مېتىر، رېمونت قىلغىنى 1000 مېتىر بولدى. 553 ئائىلىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپ، 2 مىليون 70 مىڭ يۈەن  سۇ ھەققى يىغدى.

يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى 】2012 – يىلى مىچىغ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاش، يۇقىرى نۇقتىدا قۇرۇش پىرىنسىپىدا، بىر قېتىمدا پىلانلاپ نەقلەشتۈرۈش ، قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇش پىرىنىسىپىدا، يەنە مۇۋاپىق يىغىش، تېجەپ ئىشلىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى  سۈردى. پۈتۈن يېزا بۇيىچە 13 كەنتنى تۈزەپ، 462 ئائىلىنى تەرتىپكە سالدى. 966 ئائىلىنى ئۈچ رايون بۇيىچە ئايرىدى. 917 ئائىلىدە پارنىك سالدى، 233.3 گېكتارلىق مېۋىلىك باغنى رەتكە سېلىپ ئۆزگەرتتى. بۇ يىل ئىچىدە كېڭەيتىپ سالغان ئۆي243  ئائىلە، يېڭىدىن سالغان ئۆي 33 ئائىلە، ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئالغان قەرز ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليون 268 مىڭ يۈەن بولدى. پاتقاق گازى كۆلچىكىدىن 150 نى يېڭىدىن ياسىدى. 50  دانە پاتقاق گازى كۆلچىكىگە ماتېرىيىال سېلىپ، ماتېرىيال ئالماشتۇردى. 420 ئائىلىلىك ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىپ تۈزەپ، يېزا مۇھىت قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى. مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەت مەركىزى تەسىس قىلىپ، تەشۋىقات، پەن – تېخنىكا، قانۇن، ئەدەبىيات – سەنئەتتىن ئىبارەت 4 قوشۇننى تەشكىللەپ، پىلانلىق ھالدا پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. رايون ساقچى ئىشلىرى ئۆيى، ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئىشخانىسى، خەلق مۇرەسسە ھەئىتى قۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە زىددىيەت ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. «ئۈچ ئىش»تا ئاشكارا بولۇشنى يولغا قويۇپ، «ئۈچ ئىش»تا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنى ئاچتى. پۈتۈن ئورۇن ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى.                          

ئەمگەك مۇلازىمەت  كىرىمى】2012 – يىلى مىچىغ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، ئەمگەك مۇلازىمەت خىزمەت باشقۇرۇش سېلىنىمىسىنى زورايتىش ئۈچۈن، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ،بىر ياقنى ئەمگەك مۇلازىمەت بازىرىغا ، بىر ياقنى يېزىلاردىكى ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىگە باغلاپ، كۆۋرۈكلۈك ۋە رىشتىلىق رول ئوينىدى. سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن   دېھقان چارۋىچىلارنىڭ سىرتتىكى تۇرمۇشقا ۋاقىتلىق كۈنەلمەسلىكىگە نىسبەتەن، يېتەكلىگۈچى ئىشلەمچىلەر بىلەن بىرلىكتە چىقىپ، ئۇلارنىڭ ياتاق، تاماق، ئورۇن، تەمىنات، ئەمگەك توختامى كېلىشىمى قاتارلىقلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەمچىلەرنىڭ غەم ئەندىشىنى تۈگەتتى. پۈتۈن يىلدا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرنى 1639 ئادەم قېتىم سىرتقا چىقاردى، بۇ پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنىڭ %81 تىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆزلىكىدىن يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 1279 ئادەم، تەشكىللىك سىرتقا چىقارغانلار 360 ئادەم، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىدىغان جاي ئاقسۇ خۇۋا فۇ، 1 –ئاۋغۇست پولات تۆمۈر چەكلىك شىركىتى، جىنخۈي گورۇھى، خەلقارالىق كۆمۈر كۇكۇىسلاشتۇرۇش، جۇغا مىس كېنى، تېرەك كۆمۈر كېنى، ۋەنباڭ كىراخمالى، جاڭدا ياڭيۇچىلىقى، جۇڭگو ئاشلىق ماي تۈنخې شىركىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىرتقا چىققان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 6 مىليون 30 مىڭ يۈەن، ئەمگەك ئوتتۇرىچە كىرىمى 3679 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 559.5 يۈەن بولۇپ، پۈتۈن يېزىدىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلدىغان ئوتتۇرىچە ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 262.35 يۈەن ئاشتى. پۈتۈن يىلدا تەربىيلەپ ئىشلەتكەن تېخنىكا خادىم 2450 ئادەم قېتىم، يېزا ئىگىلىك بۇيىچە تەربىيلەنگىنى 3210 ئادەم قېتىم،دېھقان تېخنىك ماھىرى 1120 نەپەر بولدى.

يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش】2012 – يىلى مىچىغ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقان چارۋىچىلارنى چوڭ تىپتىكى، مۇۋاپىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرنى سېتىۋىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا ئۈسكىنىلىرىنىڭ تېخىمۇ يېڭىلنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى، يۇقىرى ئىقتىداردىكى ئۈسكىنلەرنىڭ نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.  پۈتۈن يىلدا، ھەيدەلگەن يەر كۆلىمى  47 مىڭ 400 گېكتار، ماشىنا ئارقىلىق تېرىلغان بۇغداي كۆلىمى 1956.2 گېكتار، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ماشىنا ئارقىلىق تېرىلغان قوناق كۆلىمى 1065 گېكتار (مىقدارلاپ تېرىش كۆلىمى 200 گېكتار) ماشىنا ئارقىلىق تېرىلغان مۇچ كۆلىمى 211.3 گېكتار، ماشىنا ئارقىلىق تېرىلغان قىياملىق پەمىدۇر كۆلېمى 531.6 گېكتار، ماشىنا ئارقىلىق يىغىش كۆلېمى 1150 گېكتار، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بۇغداي كۆلېمى 1000 گېكتار، قوناق كۆلىمى 148.6 گېكتار، شاخ شۇمبىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش مىقدارى 350 توننا بولدى. ئىشلەپچىقىرىشقا ئوتتۇرا چوڭ تىپتىكى تراكتوردىن 490 دانە، كىچىك تىپتىكى تراكتوردىن 894 دانە،  ئوتتۇرا چوڭ تىپتىكى  يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرىدىن 285 دانە، ھەر خىل تېرىش ماشىنىسىدىن 181 دانە مەبلەغ سالدى.  يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى مەشغۇلاتى ۋە بىخەتەرلىك بىلىمىلرى بۇيىچە 8 قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 260 ئادەم تەربىيەلىدى. سىياسىي قانۇن ئىشخانىسى باشلامچىلىق قىلىپ، يېزىلىق قوراللىق كۈچلەر بۆلۈمى، ساقچىخانا، دېھقانچىلىق تېخنىكا پونكىتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى نازارەت قىلىش ئورنى تەشكىلگە ماسلىشىپ، ھەر ھەپتىدە ئاز دىگەندىمۇ 2 قېتىم يولغا چىقىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، پۈتۈن يىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ھادىسە چىقمىدى.

ئەل رايى قۇرۇلۇشى】2012 – يىلى مىچىغ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، پۈتۈن يېزا بۇيىچە «100 نەپەر كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش»، «ئامما بىلەن قەلىبداش بولۇش،   ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە نامراتلارنى يۆلەش» مەخسۇس تېمىسىدىكى پائالىيەتنى ئاچقۇچ قىلىپ، يېزىدىكى كادىر،  ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.  ئورگان كادىرلىرى ھەم پارتىيە ياچېيكىسى ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ جەمئىي 5540 يۈەن ئىئانە قىلدى.

 ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئائىلىسىگە 5500 كىلوگىرام ئۇن، 3300 كىلوگىرام ساپ ياغ، 1000 كىلوگىرام گۈرۈچ، 10 يۈرۈش يوتقان، 18 قۇر كىيىم – كېچەك، 5 جۈپ ئاياغ، 7 يۈرۈش يۇڭ ئەدىيال، 25 جۈپ پەلەي تارقاتتى. 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا تارقاتقان  ياردەم پۇل 25 مىڭ يۈەن، بەشتە كاپالەتلىك 45 ئائىلە 49 ئادەمگە  تارقاتقان تۇرمۇش ياردەم پۇلى 256 مىڭ 400 يۈەن، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەتلىك 578 ئائىلە 1256 ئادەمگە تارقاتقان تۇرمۇش ياردەم پۇلى 2 مىليون 15 مىڭ 900 يۈەن بولدى. يېزا كەنتلەرنىڭ مائارىپنى يۆلەش سالمىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پۈتۈن يېزا بۇيىچە  129 نەپەر قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن قالغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 77 مىڭ 400 يۈەن تارقىتىلىپ، پۈتۈن يېزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش نىسبىتى %98، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش نىسبىتى %100 بولدى. نامرات، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەتلىك 666 ئائىلە 1923 ئادەمگە يود تۇلۇقلىدى، نۇقتىلىق خەلق ئاممىسىغا 3.57 توننا  يودلۇق تۇز تارقاتتى، يود تۇلۇقلاش نىسبىتى %95 بولدى. 60 ياشتىن ئاشقان دېھقان چارۋىچى ئامما ئۈچۈن 112 مىڭ 500 يۈەنلىك  ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بېجىرىپ 1172 ئادەمگە مەنپئەت يەتكۈزدى.

مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى】2012 – يىلى مىچىغ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، «قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى كۆزلەش» تە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر تۈرلۈك كەسىپنى ئەتراپلىق راۋاجلاندۇردى. دېھقان چارۋىچىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، A،B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش نىسبىتىنى %99 كە بالىلارنىڭ يۇلۇن سۇر ماددا يالۇغىنى ئەملەش نىسبىتىنى %100كە، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىىشقا قاتنىشىش نىسبىتىنى %98كە يەتكۈزدى.  يېزىلارنىڭ يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 6103 ئادەم،  يىغىپ تاپشۇرغان فوندى 3 مىليون 104 مىڭ 700 يۈەن بولدى. 1047 نەپەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل ئېلىش شەرتىگە توشۇدىغانلارغا 634 مىڭ يۈەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى تارقاتتى. مائارىپقا سالغان مەبلەغنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم پۇل تارقىتىپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى قائىدە تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. ناھىيەنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرگەن ئۈچ كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، يۇلۇن سۇر ماددا يالۇغى، يود كەملىك كېسەللىكى، A تىپلىق جىگەر ياللۇغى، قىزىل، قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ۋە بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى قاتارلىق داۋالاش خىزمىتىنىڭ سان – سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدەنىي كەنتىن 1، مەدەنىي مەكتەپتىن 1 نى قۇردى. يەنە دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك كەنتىن 1، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك كەنتىن 1، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك كەنتىن 1، ناھىيە دەرىجىلىك تازىلىقتا ئۈلگىلىك كەنتىن 1، ناھىيە دەرىجىلىك تازىلىقتا قىزىل بايراقدار ئورۇندىن 1، ناھىيە دەرىجىلىك ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەكتەپتىن 1، ئىس تۈتەكسىز مەكتەپتىن 1، ئىس تۈتەكسىز ئورۇندىن 1، ۋىلايەت دەرىجىلىك تازىلىقتا ئۈلگىلىك كەنتىن 1، ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك ئۈلگىلىك كەنتىن 2 نى قۇردى.  

تىنىچلىق قۇرۇلۇشى】2012 – يىلى مىچىغ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، «ئون بىر»،«تۆتنى بىلىش، تۆتنى تۇنۇش، تۆتنى ئىگەللەش»تىن ئىبارەت خىزمەت مېخانىزىمنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. ئائىلنى دائىرە بۇيىچە ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 13 خىزمەت گۇرۇپىسىنى قۇردى. كەنت ئورگان پونكىتلىردىكى 49 كادىر سىرتتىن كەلگەن 40 ئادەمگە قارىتا يۆتكەش ئېلىپ باردى. سىرتقا چىققان 260 نەپەر ئادەم، «ئەمگەك تەربىيە بىلەن ئۆزگەرتىش » تىن قويۇپ بېرىلگەن 16 نەپەر ئادەم، 1 نۇقتىلىق ئادەم، 3 نەپەر ئامانلىققا خەۋىپ يەتكۈزىدىغان ئادەم، 22 نەپەر خاتىرجەم بۇلالمايدىغان ئادەم ۋە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خادىمى قاتارلىق بىلەن نۇقتىلىق ئالاقىلاشتى. «تۆت تۈرلۈك باشقۇرۇش چارىسى» ۋە تۈزۈلمىسىنى قەتئي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق خادىم، كۆچمە نوپۇس، ئىجارىكەش ۋە دىن ئىشلىرنى قاتتىق چىڭ تۇتتى. بىخەتەرلىك مۇقىملىق ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئىشلىكىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇچۇرنى ئانالىز قىلىش تۈزۈمىنى مۇككەملەشتۈرۈپ، ئاشكارا يوشۇرۇن ئۇچۇر خادىمىلىرنى ئاكتىپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇچۇر مۇكاپاتلاش تۈزۈمنى تۇرغۇزۇپ، كەڭ كۆلەمدە جەمئىيەت ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، ئامما مۇداپىئە قىلىش ۋە ئىدارە قىلىش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەربىيلەنگۈچىلەر 3000 ئادەم قېتىمغا يەتتى. قانۇنچىلىق توغرىسىدىكى «تۆتتە ئىلگىرلەش» ئوقۇش تېزىسىدىن  3200 پارچىدىن ئارتۇق تارقاتتى. قانۇنىي ياردەم بېرىش ۋە خەلق مۇرەسسە ھەيئەتلىرىنى كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسىدىن 2 قارار ئۇيۇشتۇردى. پۈتۈن يىل دەرىجە ھالقىغان  ئامما مۇداپىئە قىلىش دېلولىرى يۈز بېرىپ جىددىي ئەھۋالغا ئالدىن تاقابىل تۇرۇش لاھىيەسىنى مۇكەمملەشتۈرۈپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.                       

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号