نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

بۇلۇڭ يېزىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

 

ئومۇمىي ئەھۋالىبۇلۇڭ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا بۇلۇڭ كەنتىگە جايلاشقان. ئورنى ناھىيە مەركىزىنىڭ شىمالىدىن 2.4 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، شەرقتە ياتۇر بىلەن، غەرب جەنۇبتا باي  بازىرى بىلەن قوشنا. شەرق جەنۇبى كانچى يېزىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەرب شىمالى قارۋاغ يېزىسى بىلەن، شىمالى تەڭرىتاغ بىلەن تۇتىشىدۇ.  

بۇلۇڭ يېزىسىنىڭ مەمۇرىي دائىرە كۆلىمى 464.9 كىۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1588.8 گېكتار، 3052 ئائىلىلىك (بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان چارۋىچى ئائىلىسى 2443، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئائىلىسى 237، شىمالىي چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇش ئەترىتى ئائىلىسى 372) 10992 ئادەم (ئۇنىڭ ئىچىدە دېھقان چارۋىچى 9385 ئادەم، يېزىلىق ھۆكۈمەتتە 444 ئادەم، شىمالىي چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇش ئەترىتىدە 1163 ئادەم ) بار.

2012 - يىلى، بۇلۇڭ يېزىسى  يېزا ئىگىلىك ئاساسىي ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، مالىيە ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەرتىپكە سېلىشنى تېزلىتىپ،يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىكنى پائال راۋاجلاندۇردى.  ئاشلىق- سەي، مېۋە-چېۋە، چارۋا- مال، ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق كەسىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. يېزا ئىقتىسادى ئومۇمىي كىرىمى 98 مىليون 310 مىڭ يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنىڭ كىرىمى 36 مىليون 360 مىڭ يۈەن، ئورمانچىلىق كىرىمى 5 مىليون 880 مىڭ يۈەن، چارۋىچىلىق كىرىمى33 مىليون 570 مىڭ يۈەن، ئىككىنچى كەسىپنىڭ كىرىمى 3 مىليون 20 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى كەسىپنىڭ كىرىمى 19 مىليون 480 مىڭ يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كىرىمى 13 مىليون 170 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە  كىرىمى 7314 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1252 يۈەن ئاشتى.

【تېرىقچىلىق ئەۋزەللىكى】 2012- يىلى، بۇلۇڭ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكى ۋە زامانىۋىلاشقان تېرىقچىلىق بەرپا قىلىش سىستېمىسىنىڭ يېڭى تەپەككۇر يولىغا ئاساسەن، ئىقتىدار قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇلمىنى تەرتىپكە سېلىپ ئەۋزەللەشتۈرۈپ، تەڭشەش ۋاسىتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي  زىرائەت ۋە باغۋەنچىلىك كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋىلاشقان تېرىقچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. پۈتۈن يېزا بويىچە قۇناقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئىشقا ئېشىپ، يەككە مەھسۇلات مىقدارى 465.1 كىلوگرامغا، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 374 مىڭ كىلوگرامغا يەتتى. تېرىلغان قوناق كۆلىمى  576.07 گېكتار (ئۇرۇق قوناق كۆلىمى 400.47 گېكتار، ئېڭىز قوناق كۆلىمى 124.15 گېكتار)، تېرىق كۆلىمى 45.67 گېكتار،  تېرىلغان كۆكتات كۆلىمى 112 گېكتار، ئېڭىزغا تېرىلغان كۆكتات كۆلىمى 62.49 گېكتار، ئېتىز  ئارىلىقىدىكى ئوت چۆپ بېدە كۆلىمى 420 گېكتار، تېرىلغان پەمىدۇر كۆلىمى 53.6 گېكتار، مۇچ كۆلىمى 7.27 گېكتار، بەرەڭگە كۆلىمى 36.67 گېكتار، يەم خەشەك قىلىندىغان قىزىلچا ۋە سەۋزە كۆلىمى 6.8 گېكتار بولۇپ بۇ يىل ئاشلىقتا  مول- ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىندى. پۈتۈن يېزا بۇيىچە تېرىلغۇ كىرىم  36 مىليون 360 مىڭ يۈەن بولۇپ ئۆتكەن يىلدىكىدىن 2 مىليون 320 مىڭ يۈەن ئاشتى.

【يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش】 2012- يىلى، بۇلۇڭ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت سىياسەت ئارقىلىق يۆلەپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى  رىغبەتلەندۈرۈپ، يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى  ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇردى. يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ  تەرەققىياتنى يۆلەش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى تۈزدى. شۇنداقلا كەنت كادىرلىرى ۋە چوڭ تېرىلغۇ ئەزالىرى ئارىسىدا تەشۋىقاتنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. يىل بويى يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ پايدىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. پارنىك ئومۇمىي سانى 20، لاپاس ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 4 گېكتار  بولدى. مو بېشى كىرىمى 13 مىڭ 500 يۈەنگە يەتتى. دېھقانلار ھويلىسىغا پولات قۇرۇلمىلىق لاپاستىن 103 نى، ياغاچ جازىلىق لاپاستىن 327 نى قۇردى، جەمئىي 430  لاپاس بولدى. ئومۇمىي كۆلىمى 6 گېكتارغا يەتتى. مو بېشى كىرىمى 4600 يۈەنگە يەتتى. بۇ دېھقانلار ئائىلىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى. ئشلىنىۋاتقان پارنىكتىن پايدىلىنىش، چوڭ ئېتىز زىرائەتلىرىنىڭ بالدۇر مايسا چىقىرىشى، چوڭ ئېتىز زىرائەتلىرىنىڭ مايسا يۆتكەش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ھازىر، بۇلۇڭ يېزىسى شەھەر ئائىلىسىنى سەي -  كۆكتات بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندى.

چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش】2012 - يىلى بۇلۇڭ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئاكتىپ ھالدا يېزا بازارلارنى بىرلەشتۈرۈشنى كېڭەيتىپ، سىيىرلارنىڭ كۆپ بولۇش ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ،  چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ چىقتى. سورتنى ياخشىلاپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالدى. باي ئائىلە نامرات ئائىلىنى يېتەكلەپ يېتىشتۈرۈپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش ھالقىسىدا كۈچ چىقاردى. يىل بېشىدىكى«500، 1000، ئىككى 1500» نىشان ۋەزىپىسىنى    ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇنداپ بولدى. «بىر كەنتتە بىر ئەۋزەللىك بولۇش» تەك چارۋىچىلىق ئەندىزىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. يىل بويى بېقىلىۋاتقان چارۋا 37 مىڭ 900 تۇياق،  ئۆي قۇشلىرى 42 مىڭ 800 دانە بولدى. پۈتۈن يېزا بۇيىچە چارۋىچىلىق ئومۇمىي كىرىمنى 27 مىليون 630 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى، بۇ ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 5 مىليون 850 مىڭ يۈەن ئاشتى. ئۇنىڭ ئىچىدە تۇغار چارۋا 2 مىليون 520 مىڭ تۇياق، كالىنىڭ قوتان قالدۇقى 3965 تۇياق، قولدىن چىقىرىلغىنى 2 مىليون 800 مىڭ تۇياق، ئىشلەپچىقارغان گۆش 950.6 توننا، ئىشلەپچىقارغان سۈت 460 توننا، ئىشلەپچىقارغان تۇخۇم 460 توننا، ھايۋانات يۇقۇملۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالىغان چارۋا 560 مىڭ، قوي يۇڭى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 74.5 توننا، ئۆچكە تىۋىتى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3.5 توننا، توڭ ئۇرۇق بىلەن نەسىلەندۈرگەن كالا 1870 تۇياق، نەسىلىسى ياخشىلانغان تىۋىتلىق قوي 8000 دانە، نەسىلىسى ياخشىلانغان تىۋىتلىق ئۆچكە 3500 دانە، ئۆي قۇشلىرى 128 مىڭ 800  دانە بولدى.

باغ ئورمانچىلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش】 2012-يىلى بۇلۇڭ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باغ ئورمانچىلىق  كىرىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئۇلار «سۈپەتنى چىڭ تۇتۇپ، سېلىنما ۋە پايدىغا ئەھمىيەت بېرىش» نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقان چارۋىچى ئامما ئارىسىدا باغ ئورمانچىلىقنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇردى، باغ ئورمانچىلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى ۋە تەدبىرنى كۈچەيتىپ، سۇغۇرۇش، ئوغۇتلاش، قىرقىش، ئۇلاش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھاشارەتلەردىن ساقلىنىش قاتارلىق مۇھىم ھالقىلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باغۋەنچىلىك سۈپەت باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، باغۋەنچىلىك كىرىمنى ئاشۇرۇش رولنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

بىنا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 32.2 مو گېكتار، ئۇلانغان ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 3.23 گېكتار، يېتىشتۈرگەن مايسا كۆلىمى 3.1 گېكتار بولۇپ پۈتۈن يېزا بۇيىچە باغ ئورمانچىلىق ئومۇمىي كىرىمى 5 مىليون 880 مىڭ يۈەنگە يەتتى. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 26.26 گېكتار، يېڭىدىن كۆپەيگەن  ئىھاتە ئورمان كۆلىمى 16.33 گېكتار،  تۇلۇقلاپ تىكىلگەن ئورمان كۆلىمى 1.73 گېكتار،  يېتىشتۈرگەن ھەر خىل مايسا كۆلىمى 3.23 گېكتار، ئىقتىسادىي ئورماندىن ئۇلىغىنى 3700 تۈپ 10.66 گېكتار، ئۇنىڭ ئىچىدە ياڭاق كۆلىمى 7.33 گېكتار، ئۆرۈك كۆلىمى3.33 گېكتار، مېۋىگە كىرگەن ياڭاق  كۆلىمى 326.53 گېكتار، مېۋىگە كىرگەن  ئۆرۈك كۆلىمى 166.66 گېكتار، مېۋىگە كىرگەن ئۈزۈم كۆلىمى 5.33 گېكتار، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ زىيىنىدىن ساقلاش كۆلىمى 999.86 گېكتار، ئورماننى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ زىيىنىدىن ساقلاش كۆلىمى %100 بولدى. ئۆزگىچە ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش باغ كۆلىمى 136.03 گېكتار، مېۋە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 4832 توننا بولدى.

ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى】2012-يىلى بۇلۇڭ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت  خەلق تۇرمۇشىغا چوڭقۇر  ئەھمىيەت بېرىپ،  دېھقانلارنى يۆلەش سىياسىتى ۋە دېھقانلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئايرىم -  ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ئنشائاتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇردى. ئۇلارنىڭ  كۆپ  قىسمى خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئېتىز- ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى  ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ، يېزىلاردىكى ئېتىز-ئېرىق سۇ قۇرۇلۇشنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى. پۈتۈن يېزىدا 200 گېكتار يەرنى سۇغاردى، 33.3 گېكتار يەرنى تۈزلىدى. 26.3 مېتىرلىق سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياسىدى. 28 يۈرۈشلەشكەن ئىمارەت سالدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆۋرۈك 11، سۈڭگۈچ 15، سۇ چۈشۈرگۈسى 2  ئۇلار يەنە 1.2 كىلومېتىرلىقتىكى زەيكەش، 1.3 كىلومېتىرلىقتىكى تاش ئۆستەڭ كولىدى. 3062 مېتىرلىقتىكى كەلكۈن توسۇش دامبىسىنى رېمونت قىلدى. 26.3 كىلومېتىرلىق ئېرىقتىكى سۇ لاتقىلىرىنى تازىلىدى.

بۇنى قىلىش ئۈچۈن  5157  ئەمگەك كۈچى 331 دانە تىراكتور ، 526 ئېشەك ھارۋىسى سەرپ قىلدى. 649 تۈپ دەل-دەرەخ، 2090 تۈپ ئىنچىكە ياغاچ، 300 كىلوگىرام سىم، 3748 كۇب مېتىرلىق تاش ئىشلەتتى. كۈزلۈك ئوسا 46.67 گېكتار، ھەيدەلگەن يەر 843.33 گېكتار بولدى. ئېتىز- ئېرىققا بولغان قوغداش كۈچىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن يېزىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش كۈچنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتتى.  كەنتلەردىكى يېزا ئىگىلىك، ئورمانلارنى سۇغىرىش ۋە  ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭ سۇ ئىچىملىك مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدى.

يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش】2012 - يىلى بۇلۇڭ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. دېھقانلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ماشىنىلارنى ئىشلىتىپ يەر ھەيدىدى.  يېزىلاردىكى ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ سالمىقىنى كۆپەيتتى.  قوناق يىغىش ماشىنىسى، شاخ - شۇمبا پارچىلاش ماشىنىسى، يەم - خەشەك ماشىنىسى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ماشىنىلارنى ئىشلىتىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ھەيدەلگەن يەر كۆلىمى 1800 گېكتار، ماشىنا ئارقىلىق تېرىش كۆلىمى 946.67 گېكتار، يىغىش كۆلىمى 726.67 گېكتار، زىرائەت تېرىقچىلىق كۆلىمى  166.67 گېكتار، قالدۇق سولياۋ يوپۇقلارنى ماشىنا ئارقىلىق يىغىش كۆلىمى 116.67 گېكتار بولدى، 387 گېكتار يەردىكى 750 توننا شاخ - شۇمبىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلاندى . پۈتۈن يېزا بۇيىچە يېڭىدىن 78 دانە  ئوتتۇرا چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، 69 يۈرۈش دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى سېتىۋالدى، يېڭىدىن 35 يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىسى كۆپەيدى. دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ  يىللىق تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تىراكتورنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش سالمىقىنى %98دىن يۇقىرىغا كۆتۈردى. مەشغۇلاتچىلارنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش  نىسبىتى %99دىن يۇقىرى بولدى، رەسمىيەتسىز ھەيدىگەن 26 دانە ماشىنىنى بىر تەرەپ قىلىپ، يېزىلاردىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتە مەسىلە چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلدى. دېھقان چارۋىچىلارغا ماشىنىلاشقان مەشغۇلات تېخنىكىسىنى يېتەكچى قىلىش ئۈچۈن ناھىيەدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تېخنىكا پونكىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 32 نەپەر يېزا ئىگىلىك مەشغۇلاتچىسىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. «ئەتىيازدا تەكلىپ قىلىش قىشتا بوش ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.                    

 يېزىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يۈكسەلدۈرۈش

   2012-يىلى بۇلۇڭ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى كۆپەيتىشنى نىشان قىلىپ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ سەرخىللاشتۇردى. چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان تۈۋرۈك كەسىپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىقتىسادنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. زور كۈچ بىلەن يېزىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ پەن - تېخنىكا ئېڭىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. «پەن - تېخنىكا قىشلىقى» ۋە «مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى» گە  بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يېزا بۇيىچە  كەنت دەرىجىلىك تەربىيەلەش سىنىپىدىن 38 قارار ئاچتى، 3560 ئادەم تەربىيەلىدى. 600 دىن ئارتۇق تېخنىكا ژۇرنىلى بېسىپ تارقاتتى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە ئېتىز پەرۋىشى خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ، 19 مەيدان تېخنىكا كېڭەيتىش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى. پۈتۈن يېزا بۇيىچە  سولياۋ يوپۇق ياپقان قوناق كۆلىمى 551 گېكتار، تېمىتىپ سۇغۇرۇلغان مۇچ كۆلىمى 6 گېكتار سولياۋ يوپۇق يېپىپ بالدۇر تېرىغان بەرەڭگە كۆلىمى 21 گېكتار بولدى. سۈپەتلىك ئۇرۇق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100 كە يەتتى. كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىدىن ساقلىنىش كۆلىمى 1706 گېكتار بولدى.

ئەمگەك مۇلازىمەت ئىقتىسادى】2012 -  يىلى بۇلۇڭ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ يېڭى دەۋرگە ماس، ساپالىق دېھقان ئىشلەمچى تەربىيەلەشنى نىشان قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچى تەربىيەلەش ۋە تەشكىللەپ سىرتقا چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىككى ھالقىنى چىڭ تۇتتى. مەۋقەنى يېزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قۇيۇپ،«ئىشقا ئورۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش» تەك ئاساسىي پىكىر يولىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىزچىل تەرتىپلىك يۆتكەپ،  ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمنى ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يېتىپ،  ئەمگەك مۇلازىمەت كەسپى  دېھقانچىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېتەكچى كەسپىگە ئايلاندى .«پەن - تېخنىكا قىشلىقى» قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ  كەنت دەرىجىلىك تەربىيەلەش سىنىپىدىن 20 قارار ئېچىپ 1123ئادەم تەربىيەلەندى، يىل بېشىدا شېڭدا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ ئەمگەك مۇلازىمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، تەشكىللىك ھالدا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقاردى. تېگى تەكتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئاساسىدا، 1353 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئارخىپنى تۇرغۇزۇپ، ھالەتلىك باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كېيىنكى باسقۇچتىكى بوش ئىش ئورنى ئۇچۇرنى ئېلان قىلىش، كەسىپ تونۇشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. پۈتۈن يىلدا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى جەمئىي 2813 ئادەم قېتىم يۆتكىدى. بۇنىڭ ئىچىدە تەشكىللىك يۆتكىگىنى 483 نەپەر بولۇپ ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 13 مىليون 170 مىڭ يۈەن بولۇپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 1222 يۈەنگە يەتتى.  

يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى】2012 - يىلى بۇلۇڭ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، «ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۇرمۇش باياشات بولۇش، مەدەنىيەتلىك يېزا ئىستىلى بولۇش، يېزا قىياپىتىنى تۈزەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش» تەلىپىگە ئاساسەن، سوتسىيالىزىمچە يېڭى يېزا قۇرۇش سېلىنمىسىنى زورايتىپ،  يېزىلىق ھۆكۈمەت كوچا مەھەللىرى ۋە كەنت كومىتېت ئىش بېجىرىش ئورنىغا كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، يورۇقلاشتۇرۇش، ئېلىپ باردى. «بەشنى تازىلاش ، بەشنى ئۆزگەرتىش» ئاساسىي مەزمۇن قىلغان كەنتلەرنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى قايىل قىلارلىق بولۇپ «ئۈچ رايۇننى ئايرىش » نى يولغا قويدى. ئاكتىپلىق بىلەن ھويلا ئاراملارنى ئۆزگەرتىپ، پۈتۈن يېزا بۇيىچە 5 كەنتنى تۈزەپ 1820 ئائىلىنى تەرتىپكە سالدى. 21 كىلومېتىرلىق يول توسۇقى، 19 كىلومېتىرلىق ئېرىق ئۆستەڭ، 37 كىلومېتىرلىق ئورمان بەلۋېغىنى تازىلاپ كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى.

  يىل بېشىدا پۈتۈن يېزا بۇيىچە، «بېيىش باشلامچىسى» «ئىشلەپچىقىرىش ئۇستىسى» «تېخنىكا ماھىرى» «مۇنەۋۋەر كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلى» «ئىلغار دېھقان ۋاسىتىچى » نى سايلاپ مۇكاپاتلاش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن بېيىش ماھىرلىرىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن يېزىدا يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان ئائىلىنى 1100 گە يەتكۈزدى. 84 نەپەر دېھقان چارۋىچى تېخنىك تەربىيلىدى، يەنە  41 ئادەمنى بېيىش تېخنىكىسى بۇيىچە، 350 ئادەمنى باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكىسى بۇيىچە، 170 ئادەمنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بۇيىچە، 370 ئادەمنى چارۋىچىلىق كەسپى بۇيىچە تەربىيەلىدى.

پارتىيە قۇرۇلۇش خىزمىتى】 2012 - يىلى بۇلۇڭ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت «ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئىستىلنى ياخشىلاش» ۋە «قوش يىل» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «بىرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۈچنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» ئۆگىنىش تەربىيەلەش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش سۇپىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. پۈتۈن كۈچى بىلەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىلغارلىقىنى تالىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاتتى. «ئۈچ دەرىجە بىرلىكتە بەرپا قىلىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «قوش تەربىيەلەش قوش يېتەكلەش » تە كۈچ سەرپ قىلدى. «ۋەزىپىسى يوق كادىرلارغا ئىش ئورنى تەسىس قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىپ» ئۈنۈمىنى كۆردى. كەنت ئشلىرنى ئاشكارىلاشتا دېموكراتىيەنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن يېزا ئاساسىي قاتلىمىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. كوللېكتىپ ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە قۇرۇلۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى. پارتىيە، ئىستىل پاكلىق قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلنى ياخشىلىدى. «ئورگان ئىستىل ئۈنۈم قۇرۇلۇش يىلى» پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك ، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشكەن تۈزۈمنى ئاساس قىلغان ھەر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتكوم كېڭىشىش پىرىنسىپى ۋە لايىھە تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە پاكلىق ئىستىل قۇرۇلۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈردى.

خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى】2012 - يىلى بۇلۇڭ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت باشتىن - ئاخىر خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسى قىلىپ، ئۇنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ چىڭ تۇتتى. يىل بويى ھېيت بايرامدا ھال سوراش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، 113 ئائىلىلىك ئاممىدىن ھال سورىدى.  تۈرلۈك ھال سوراش ياردەم پۇلىدىن 10 مىڭ 300 يۈەن تارقاتتى، يېزا ئاھالىلەردىن 625 ئائىلىگە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن 1 مىليون 719 مىڭ يۈەن نەق پۇل تارقاتتى، شەھەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان 49 ئائىلىگە 238 مىڭ يۈەن تارقاتتى. يېزىلاردىكى «بەشتە كاپالەتلىك ئائىلە» دىن 51 گە 279 مىڭ يۈەن تارقاتتى. 63 نەپەر ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى يوق مېيىپقا  4536 يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى، 6 توننا ئۇن، 1.1 توننا ساپ ياغ، 1.5 توننا گۈرۈچ، 200 توننا كۆمۈر، 20 يۈرۈش كىيىم - كېچەك تارقاتتى. جەمئىي 9421 ئادەم يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشتى، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %107 بولدى. 3356 ئادەم ياشانغاندا  كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتى، بۇنىڭ بىلەن سۇغۇرتا سوممىسى 360 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە سۇغۇرتىغا داۋاملىق قاتناشقانلار 3159 ئادەم، يېڭىدىن قاتناشقانلار 197 ئادەم بولدى. تولۇقلىما پۇلنىڭ ئورنىغا مۇكاپات تارقىتىپ، «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش» ئاممىۋى پاراۋانلىق ئشلىرنى ياخشى يولغا قويدى. پۈتۈن يىلدا جەمئىي مەلۇم قىلىپ يولغا قويغان تۈر 15 بولدى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش، يورۇقلاشتۇرۇش، كىچىك تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلدىغان بولۇپ،تۈرگە جەمئىي 1 مىليون 690 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالدى.

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号