نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

باي بازىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

 

 

 

【ئومومىي ئەھۋالى】باي بازىرى جۇغراپىيەلىك ئورون ئەۋزەللىكىگە ئىگە، قەدىمى يىپەك يولىنىڭ شىمالى يولدىكى مۇھىم بازارنىڭ بىرسى. 1958 - يىلى كوممۇنا قۇرۇلغاندا بازارلىق كوممۇنا بۇلۇپ قۇرۇلغان. 1961 - يىلى ياتۇر خەلق كوممۇناسىنىڭ بۇلۇڭ ۋە ئۆسكەمىنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ تەۋەلىكىدە 8 چوڭ ئەترەت بولغان ھەم  بازارلىق كوممۇناغا قۇشۇلغان. 1972 - يىلى بازارلىق كوممۇنانىڭ ئىسمى ئىتتىپاق كوممۇناسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1980 - يىلى بازارلىق كوممۇنا ئايرىلىپ بۈگۈنكى باي بازىرى ئەسلىگە كەلگەن. باي بازىرى بولسا پۈتۈن ناھىيەنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، شەرىق تەرەپتە كانىچى يېزىسى بىلەن خوشنا، غەرىب، جەنۇب تەرەپتە مىچىغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرپى بۇلۇڭ يېزىسى بىلەن چىگىرلىندۇ، تەۋەلىكىنىڭ كۆلىمى 120.15 كىۋادىرات مېتىر. شەھەر رايۇنىنىڭ شەرقىتىن غەرىبكىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 1.9 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 1.35 كىلومېتىر، كۆلىمى 2.84 كىۋادىرات مېتىر، دېڭىز يۈزدىن ئىگىزلىكى 1254.9 مېتىر، شەھەر  رايۇندا 9 ئىجتىمائىي رايۇن، يېزدا 5  كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، 1 قۇشۇمچە ئىگلىك ئەتىرتى، 21 گۇرۇپ بار. 2012 - يىلى پۈتۈن بازاردا 14 مىڭ 724 ئائىلىك 44 مىڭ 359 ئادەم بار بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە: يېزا نوپۇسىدىكىلەر 1108 ئائىلىك 4987 ئادەم، ۋاقىتىلىق تۇردىغان نوپۇس 2948 ئائىلىك 6329 ئادەم. بازارنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 69 مىليون 200 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا 9 مىليون 990 مىڭ يۈەن، %14.4   ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە: 1-كەسىپ 32 مىليون 590 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا 5 مىليون 940 مىڭ يۈەن، % 8.7 ئاشقان. 2 -كەسىپ 11 مىليون 40 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا 740 مىڭ يۈەن، % 14.6 ئاشقان. دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 7491.4 يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا 1155.7 يۈەن، % 15.4 ئاشقان.   

ئىقتىسادىي تەرەققىيات】2012 - يىل، باي بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي رايۇن قۇرۇش» قاتارلىق مۇھىم سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا چېتىلدىغان تۈرلۈك مەسىللەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، دادىل زىمسىگە ئېلىپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئىكىلوگىيە مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىلىرىنى ئوموميۈزلۈك ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىنىڭ بەخىت كۆرسەتكۈچىنى تەدىرىجىي يۇقىرى كۆتەردى. يېزا ئىگلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە بازىسىنىڭ كۆلىمى 200 گېكتار؛ بازارنىڭ چارۋا قوتان قالدۇقى 13 مىڭ 600 تۇياق (دانە)، قۇتاندىن چىقىرىلغىنى 45 مىڭ 800 تۇياق (دانە)، گۆش مەھسۇلاتى 1502 توننا؛ ئۆي قۇشلىرىنىڭ قوتان قالدۇقى 65 مىڭ 500 دانە، قولدىن چىقىرىلغىنى 77 مىڭ 300 دانە. پۈتۈن يىلدا ئورمان تىكىپ كۆكەرتكەن كۆلەم 37.3 گېكتار، 284 ئائىللىكنىڭ 131 گېكتار ئورمىنىغا ئورمان ھوقوقى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلدى. ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى يېزا ئىگلىكىدىن باشقا كەسىپلەرگە يۆتكەشىنى تېزلىتىپ، كىشى بېشى ئەمگەك كىرىمى 300 يۈەندىن ئاشتى. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگلىكىنى نوقتىلىق چىڭ تۇتۇپ ھويلا - ئارام ئىگلىكىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئۆينىڭ ئالدى - كەينىگە مۇۋاپىق كۆكتاتلىق ئېچىپ، كۆكتات تېرىپ، ئۈزۈم، مىۋىلىك كۆچەت تىكىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئاكتىپ يىتەكلىدى. تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ ئىجتىمائىي رايۇن كۆكتات دۇكىنى بىۋاستە سېتىش نوقتىسىنى قۇرۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوتتۇردىكى ھالقىنى قىسقارتتى.

【شەھەر - بازار قۇرۇلۇشى】2012 - يىل، باي بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ يېڭچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مۇستەھكەملەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى كۆتۈرۈش» تەلپى بويىچە، «خەلقنىڭ شەھىرنى خەلق قۇرۇش، خەلقىنىڭ شەھىرىنى خەلق باشقۇرۇش» ئىدىيەسىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى شەھەر قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىدى. كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، يۇرۇقلاشتۇرۇش، پاكىزلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆكەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىجتىمائىي رايۇن، ئولتۇراق رايۇن، باغچا، ئورون ۋە ھويلىلارغىچە ئۇزارتتى. باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر - بازار دائىرسىدىكى دۇكان ھالقىپ تىجارەت قىلىش، قالايمىقان ئەخلەت تاشلاش، قالايمىقان دۆۋلەپ قۇيۇش، قالايمىقان توختىتىشتەك قىلمىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدى. ماشنا بىكىتىدە ئېكتىرونلۇق نازارەت قىلىش ئۈسكىنىسىنى كۆپەيتىپ، قائىدىگە خىلاپ ساختا نومۇر تاختىسى ئىشلىتىشنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۈچ چاقلىق كانايلىق ماشىنا، موتوسىكىلىت ۋە قانۇنسىز تىجارەت قىلدىغان ماشىنلارنى بىكار قىلىپ، مۇھىت تازلىق ئۇلئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسلىق يول بۆلكىدە ئاممىۋىي ھاجەتخانا، ئەخلەت پونكىتى، ئەخلەت كۆلچىكى، ئەخلەت تۇڭىنى كۆپەيتىپ، مۇھىت تازلىقىنى باشقۇرۇش كۈچلىرىنى كۆپەيتىپ، مۇھىت تازلىق سالمىقىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس سۇ چېچىش، ئەخلەت سۈپۈرۈش، ئەخلەت توشۇش ماشىنىسى سەپلىدى، بازار دائىرسىدىكى تاشيول قاتناش ئەسلىھەلىرنىڭ كۆرسەتكۈچىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشيولىنىڭ راۋانلىقى ۋە تاشيولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدى.      

【رەقەم قۇرۇلۇشى】2012 - يىل، باي بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بايلىقلارنى بىرىكىتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. تور سۇپىسىنى تۇلۇق جارىي قىلدۇرۇپ، باي بازىرى QQ توپىدىن پايدىلنىپ ھەمتۈركە بۇلۇپ پىكىرى ئالماشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش پىلانىنى تۈزۈپ، يېزلارنى تور بىلەن قاپلىدى. پارتىيەلىك كادىرلار زامانىۋىي يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش تورغا تايىنىپ، « يېز، يېزا ئىگلىكى، دېھقان»لارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشىنىڭ مۇلازىمەت تورىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. «رەقەملىك شەھەر» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. بايلىقلارنى بىرىكتۇرۇپ، شەھەرنىڭ تېخنىكا مۇداپىئەسى، جەمئىيەتنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، رەقەملەشكەن ئىجتىمائىي رايۇن قۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بايلىقلارنى بىرىكىتۇرۇپ، ئۇلئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭلاپ، ئۇچۇر تور نوقتىسىنى قۇرۇپ، تەبئىي كەنتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنىڭ يېزىقچە، سانچە، رەسىملىك، كۆرۈنمە چاستوتا قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرىنى توپلاش، رەتلەش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىم، ئۇچۇرچى خادىم ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكى خادىملارنىڭ كومپىيوتىر مەشخۇلاتى، باشقۇرۇش، ئۇچۇر توپلاش، تەھرىرلەش قاتارلىقلارغا كەسپىي جەھەتتە يىتەكچىلىك قىلىشىنى ياخشى ئىشلىدى.

【«ئۈچىنچى كەسىپ»نىڭ تەرەققىياتى】2012 - يىل، باي بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «ئۈچ كەسىپ»نى ياخشى ئىشلەپ، تەربىيلەپ ئىشقا ئورونلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. چوڭ كارخانلارنىڭ ماكانلىشىشى، سىرىتتىن كەلگەن نوپۇسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆپيىشى ۋە ساياھەت كەسىپلىرىنىڭ پايدىلىق پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ، بازارنىڭ ئىكىلوگىيەسى، ئەل ئىچى سەنئىتى قاتارلىق بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، ئائىلە شاتلىقى، يازلىق ئارامگاھ قاتارلىق تۈرلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇردى. ھەر مىللەت ئاممىسىنى بۇ ئەۋزەللكتىن پايدىلنىشقا ئاكتىپ يىتەكلەپ، مۇلازىمەتچىلىك كەسپىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتتى. گوروھ، كارخانىلارنىڭ بايغا ماكانلىشىشىپ كۆپ مىقداردىكى سانائەت ئىشچىلىرىغا ئېھتىياجىلىق بۇلۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلنىپ، تەشۋىقات سەپەرۋەرلىكىنى پۇختا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، خادىملارنى تەشكىللەپ كارخانىلارنىڭ تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا ئاكتىپ قاتناشتى؛ ئىشقا ئورونلاشتۇرۇش تەربىيلەش مەبلىغىنى تۇلۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەك تېخنىكىسى ۋە «قوش تىل» تەربىيلەشنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ كارخانىلارغا  تېخنىك ئىشچىلارنى ئەۋەتتى؛ ئاساسىي قاتلام ئەمگەك ھەمكارلىق تەشكىلى، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش ۋاستىچىللىرى قاتارلىق ۋاستىچىلارنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئىگلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بۇلۇپ ئىشقا ئورونلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى، ئىشقا ئورونلىشىشى قىيىن بولغانلار، يېزلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈى قاتارلىق نوقتىلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورونلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەھەر، بازاردىن 2500 دىن كۆپرەك ئادەمىنى ئىشقا ئورونلاشتۇرۇدى ھەم قايتا ئىشقا ئورونلاشتۇردى.

【خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلاش】 2012 - يىل،باي بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىنى رازى قىلىشىنى ئاساس قىلىپ، ياخشى ئورگاننىڭ ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت خىزىمىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى. شەلىك مەھەللە كەنتىدىكى يېرى ئېلىپ ئىشلىتىلگەن دېھقانلارغا سۇ، پار، توك تۇلۇق بولغان بىخەتەر ئويدىن 120 يۈرۈش سېلىپ بەردى؛ شەھەردىكى «تۆتلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىدا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، تازلىق ئۇلئەسىلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. يېڭى يېزا قۇرۇش قەدىمىنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقىنى بېيتىپ ماكانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى يۇقىرى، سۈرئىتى تېز بولدى؛ دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش شارائىتى كۆرنەرلىك ياخشىلىنىپ، يېزلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورونلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېرنى ئېلىپ ئىشلىتىپ چېقىپ كۆچۈرۈش خىزمىتىنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا ئۆيى چېقىلىپ كۆچۈرۈلگەن ئاممىدىن 1608 ئائىللىكنى ئورونلاشتۇردى. 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ھەر قايسى ئىجتىمائىي رايۇن، كەنتلەرگە 80 ئەخلەت توڭى، 16 ئەخلەت توشۇش ھارۋىسى سەپلەپ شەھەر - بازار مۇھىتىدا خېلى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى؛ 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۇز بېشى كەنتىدە مەڭگۈلۈق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسىدىن 375 مېتىر ياساپ، بۇ كەنتنىڭ كەلكۈن يۇشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتتى؛ ئوچوق شەكىلدىكى ئاھالىلەر رايۇنىغا تۆمۈر ئىشىكتىن 15نى، كۆزتىش ئاپپاراتىدىن 24نى، كىچىك كوچىلارغا 113 يول چىرقى ئورنىتىپ، تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كېچىدە يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدى؛ 1 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ تۇز بېشى كەنتىدە سۇ مەنبەسىنى قوغداش مۇداپىئە توسقىدىن 8000 مېتىر قۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.

【ئىجتىمائىي مۇقىملىق】2012 - يىل، باي بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇقىملىق خېيىم - خەتىرنى باھالاشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامىنىڭ ساقچى ئىشلىرى ئىستىراتىيگىيسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنى باشقۇرۇش سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش، باش كۆتەرگەن ھامان زەربە بېرىش، ئاۋۋال بايقاپ دۈشمەننى بۇيسۇندۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، دۈشمەنلەرنىڭ بۆلگىنچىلىك بۇزغۇنچىلىق پائاليىتىنى قەتئىي مەغلۇب قىلىدى. ئۇچۇرنى باشلامچى قىلىپ، ئاممىۋىي خارەكتىرلىك جەمئىيەت ئەھۋالى، جامائەت پىكىرى ئەھۋالى، تورنىڭ رولدىنى تۇلۇق پايدىلنىپ، ئۇچۇرنى ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىش سالمىقىنى زورايتتى. جىددىي بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مانۋىر بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۆچمە نوپۇس ۋە ئىجارە ئۆيلەرنى دەرىجىگە تۈرگە ئايىرىپ باشقۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاھىدە ئادملەر توپىنى ياردەم تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش سىناق نوقتا خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئەرزىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈچ مۇرەسسەنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم تەدبىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم - خەتىرىنى باھالاش مېخانزىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، شەھەر - بازارنىڭ دائىرلەپ چارلاپ كۆزتىش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ،  (ئىجتىمائىي رايۇن) كەنت ساقچى ئىشلىرى ئۆيى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نوقتىلىق ساھەلەرنى مەركەزلىك تۈزەشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى باشقۇرۇپ كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتەردى. قانۇن تەشۋىقات تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، بازارنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانزىمىنى ياخشىلاپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى. دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنى ساھەدىكى زاتلار ۋە ئېتقاتچى ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

【ئىجتىمائىي رايۇن قۇرۇش】2012 - يىل، باي بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي رايۇن قۇرۇش سېلىنما سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئىجتىمائىي رايۇننىڭ مۇلازىمەت خىزمەت مېخانزمىنى يەنمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەملەشكەن ئىجتىمائىي رايۇن، «ئۈچلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى. «كوللىكتىپ شەكلىدىكى مۇلازىمەت»، «ئورتاق تۇرۇپ ئورتاق قۇرۇش»، «تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتىنى ئىگەللەش» خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈردى. ئۇچۇر خادىمىنى باشقۇرۇشتا كۆرنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، جامائەت پىكىر ئەھۋالىنى توپلاپ، ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدى. ئىجتىمائىي رايۇننىڭ تەرەققىيات ۋەزىيتىنى تۇتقا قىلىپ، ئىجتىمائىي رايۇننىڭ ئۈنۋىرسال ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىناق ئىجتىمائىي رايۇننى ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەرپا قىلىدى. ئىجتىمائىي رايۇننى ئىدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، تور بىلەن قاپلاش، ئىجتىمائىلاشقان مۇلازىمەت، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي رايۇن قۇرۇلۇشىنى جەمئىيەت باشقۇرۇشتىكى بىرىنچى خىزمەت، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى بىرىنچى سۇپا، خەلقنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگتىشتىكى بىرىنچى نەق مەيدان، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىتىكى بىرىنچى سەھنە، باينى تەشۋىق قىلىشتىكى بىرىنچى كۆزنەك، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنيەسى قىلىدى. خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى يىتەكچى قىلغان يېڭچە ئىجتىمائىي رايۇن مۇلازىمەت سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئېچۋېتىلگەن ئىشخانا، بىر ئوروندا مۇلازىمەت قىلىش»نى يولغا قۇيۇپ، «قولاي ئىستىمالىنى ئىجتىمائىي رايۇنغا ئېلىپ كىرىش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتىنى ئائىلىگە ئېلىپ كىرىش» نى باش تېما قىلغان «ئىككىنى ئېلىپ كىرىش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويدى. ھوقوقىنى مەسئوليەت بويىچە يۈرگۈزۈپ، خىراجەتنى ئىشقا قاراپ ئىشلىتىپ،  ئىجتىمائىي رايۇننىڭ خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي رايۇن خىزمەتچىللىرىنىڭ تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاھالىلەرنى ئۆز ئارا ياردەملىشىشكە يىتەكلەپ، ھەمكارلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، خوشنىلار ئۆز ئارا ياردەملىشىش، گۈللەنگەن ئىجتىمائىي رايۇن مەدەنيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇنۇش ئېڭىنى كۈچەيتتى.

【مەدەنيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش】2012 - يىل، باي بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنيەتتە كۈچلۈك بازار بەرپا قىلىپ، كەسپى مۇلازىمەت، ئىشتىن سىرىت ئويۇن قويدىغان قوشوننى  يىتۈشتۈرۈدى؛ ئىجتىمائىي رايۇن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، «بازار، ئىجتىمائىي رايۇن تەشۋىقات مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى»نى يولغا قۇيۇپ، ھەر ئايدا ئاممىۋىي خارەكتىرلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، بازاردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يۇرتىنى قىزغىن سۈيۈش، يۇرتىنى قۇرۇش ئاكتىپچانلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقلىقىنى تۇلۇق قوزغىدى؛ بازاردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى يىتەكلەپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئۆزنى ئىپادىلەپ، ئۆزىنى تەربىيلەپ، ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىدى؛ ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق تەنتەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ تەنتەربىيە ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت تەشۋىقات پائاليىتىنى 30 مەيداندىن كۆپرەك ئېلىپ باردى. ئېدىلوگىيە خىزمىتى رەھبەرلىك ھوقوقىنى چىڭ تۇتۇپ، توغرا رەھبەرلكتە چىڭ تۇرۇپ، يىتەكلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاساسىي ئېقىم پىكىر يولىنى كېڭەيتتى. تەشكىلى رەھبەرلىك ئاساسىدا، ئىچكى - تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ تەشۋىقات ئۇسۇلدا، تۈرلۈك ۋاستىلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ، تەشۋىقات - تەربىيە بىلەن قاپلاشقا كاپالەتلىك قىلىدى؛ تەشۋىقات مەزمۇندا، تەشۋىقاتنىڭ يىتەكچىلىك خارەكتىرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ تىلى ئارقىلىق، ئاممىنىڭ يېندىكى ئادەم ۋە ئىشلارنى تەشۋىق قىلىپ، تەشۋىقاتنىڭ يىتەكچىلىكىنىڭ ۋاقىتچانلىقىنى كۈچەيتتى.

【پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش】2012 - يىل، باي بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ئىدىۋىي سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ئىدىۋىي سىياسىي قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتەردى. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت مەسئولىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا، ئىجتىمائىي رايۇن پارتىيە تەشكىلىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. كەنت تەشكىلىنىڭ ئادەم تاللاپ ئىشلىتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزلاردىكى زاپاس كادىرلار قوشون قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئابرويلۇق كەنت ئەمەلدارى»نى تاللاش سىناق نوقتىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرىنچى شۇجىنى باشقۇرۇپ باھالاش چارسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت كادىرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشىنى كۈچەيتتى؛ كەنت كادىرلىرىنىڭ «بىر ۋەدەنامە، ئىككى باھالاش، ئۈچ رىغبەتلەندۈرۈش»، «پارتىيەلىك كادىرلار تۆت خوشنىسى بىلەن ئالاقىلشىش، تۆت خوشنا ئاممىنى يىتەكلەش» خىزمەت مېخانزمىنى ئىلگىرى سۈردى؛ كەنت دەرىجىلىك «ئىككى يىغىن، ئىككى بىلەت» تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت مالىيەسىنى باشقۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كوپ خىل يول ئارقىلىق كەنت كوللىكتىپ ئىقتىسادىنى ئاشۇردى؛ ئىجتىمائىي رايۇننىڭ «پارتكوم» تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىجتىمائىي رايۇن پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتەردى، يۆتكەلگەن پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيلەپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشلىدى؛ دىمىكىراتىيەنى تۇلۇق جارىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇردى. خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىينىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق نازارەت قىلىش سۈرئىتىنى      ئىلگىرى سۈردى؛ خەلق تەشكىلىنىڭ قانۇن ۋە ئۆز قائىدىسى بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرشىتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشچىلار، ياشلار، ئاياللار قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلشىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە رىشتىلىق رولىنى جارىي قىلدۇردى.

【خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش】 2012 - يىل، باي بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلدى. خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشتا پاك بۇلۇشىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائاليىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئىنكاس قىلغان قىزىق، گەۋدىلىك مەسىللەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتەردى؛ مەركەزنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن ئالاقىلشىشتىكى 8 تۈرلۈك بەلگىلمە ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم ئوتتۇرغا قويغان 10 تۈرلۈك بەلگىلمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، رەھبىرى كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن قىينچىلىقىنى يېڭىپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشچان - ئىقتىساتچانلىق بىلەن ئىش بىجىرىپ ئىگلىك تىكلەپ، چىكدىن ئاشقان ھەشەمەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئۆزلىكىدىن قۇبۇل قىلىپ، ياخشى بولغان خىزمەت ئىستىلى ۋە غەيرەت بىلەن تىرشىش روھىنى ئىپادىلەپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈردى؛ يېزىقچىلىق ئىستىلى، يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاشتا قەتئىي ئىرادىگە كىلىپ، ماتىرياللارنى كۈچەپ ئاددىيلاشتۇرۇپ، چاكىنىلىق، ھورۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق، ئىسراپخورلۇق قاتارلىق ناچار كەيپىياتىنى تۈزەپ، ياخشى بولغان پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ ھۆكۈمەت ئىستلى خەلق ئىستىلگە تۈرتكە بولدى.

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号