نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

كانچى يېزىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

 

[ئومۇمىي ئەھۋالى] كانچى يېزىلىق ھۆكۈمەت ناھىيە مەركىزىدىن 2.8 كېلومىتىرلىق يىراقلىقتا بۇلۇپ، شىمالدىن بۇلۇڭ يېزىسى ۋە ياتۇر يېزىسى بىلەن چېگىرلىنىدۇ، جەنۇبتىن ئومباش يېزىسى بىلەن مۇزات دەرياسى ئارقىلىق ئايرىلدۇ، شەرىقتىن توقسۇن يېزىسى بىلەن چېگىرلىنىدۇ، غەرىبتىن باي بازىرى ۋە مىچىغ يېزىسى بىلەن چېگىرلىندۇ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 635.15 كىۋادىرات كېلومىتىر كىلدۇ. كانچى يېزىسى باي ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بۇلۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1200~1360 مېتىر، يەر شەكلى بىر قەدەر تۈز، تۇپىرىقى بولسا قۇمسىمان يۇمشاق توپا. يېزىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىدا قاپسىلاڭ دەرياسى ۋە تەلۋىچۈك دەرياسى،جەنۇبىي قىسىمىدا مۇزات دەرياسى بار بۇلۇپ، سۇ بايلىقى ناھايتى مول، ئومۇمىي سۇغىرش كۆلىمى 2668 گېكتاردىن يۇقىرى. شىمالىي قىسىمىدىكى تاغلىرىدا دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان بۇلۇپ، تاغ تېرىكى، شەمشاد قاتارلىقلار ئۆسىدۇ، ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى ناھايتىمۇ مول، يەر ئاستىدا يەنە مىس، تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقىلىرى يۇشۇرۇنغان.پۈتۈن يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر مەيدانى 2333.3 گېكتار، ئوتلاق 6670 گېكتار، يېزىغا قاراشلىق 11 مەمۇرىي كەنىت، 1 چارۋىچىلىق مەيدانى، 1 ئۇرۇقچىىق ئەتتىرتى، 61 كەنىت ئاھالىلىرى گۇرۇپىسى بار. پۈتۈن يېزىدا 15600 ئائىلىلىك دېھقان بار. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى 11600 توننا بۇلۇپ، دېھقانچىلىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 52910000 يۈەن، بېقىلۋاتقان چارۋا 58600 تۇياق. دېھقانچىلىق ئىقتىسادى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 158000000 يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپ 52910000 يۈەن بۇلۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان كىرىمى 7899 يۈەنگە يەتتى.

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号