نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

توقسۇن يېزىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

 

ئۇمۇمىي ئەھۋالى: توقسۇن يېزىسى باي ناھىيەسىنىڭ شەرقىغە جايلاشقان بۇلۇپ، باي بازىرى بىلەن بولغان تۈز لىنىيەلىك ئارىلىقى 18كىلومىتىر كىلىدۇ. شىمالى گىرۋەكلىرى تەڭرىتاغ تىزمىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئىتەكلىرىگە تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي مۇزات دەرياسى ئارقىلىق ئومباش يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. غەربىي كانچى يېزىسى ۋە ياتۇر يېزىسى بىلەن چىگىرلىنىدۇ، شەرقىي سايرام بازىرى بىلەن قوشنا. شەرىقتىن غەرىپكىچە بولغان كەڭلىكى 16كىلومىتىر، شىمالدىن جەنۇپقىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 54كىلومىتىر بۇلۇپ، ئۇمۇمىي يەر مەيدانى 765.4كۇۋادىرات كىلومىتىر. يەر شەكلى شىمالى ئىگىز جەنۇبىي پەس، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 1174~1680 مىتىرغىچە. پۈتۈن يېزا تەۋەلىكىدە 11كەنىت ئاھالە كومىتېتى، 52گۇرۇپپا بۇلۇپ جەمئىي 4436ئائىللىك 17068نەپەر ئادەم بار. يېزىلىق ھۆكۈمەت ئانىقىز لەنگەر كەنىتىگە جايلاشقان. پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمىي قىممىتى 249مىليۇن يۈەن بۇلۇپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 60مىليۇن 570مىڭ يۈەن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.07ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق كېرىمى 132مىليۇن يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.02ئاشتى؛ باغ – ئورمانچىلىق كېرىمى 8مىليۇن 790مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.2ئاشتى؛ چارۋىچىلىق كېرىمى 81مىليۇن 660مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.40ئاشتى؛ 2- 3- كەسىپتىن قىلىنغان كېرىم 14مىليۇن 680مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.91ئاشتى؛ ئەمگەك مۇلازىمەت كېرىمى 21مىلىيۇن 755مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %116.47ئاشتى. دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كېرىمى 7493يۈەنگە يىتىپ، ئوتتۇرىچە 1168يۈەن ئاشتى.

يېزا ئىگىلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇش: 2012- يىلى توقسۇن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تۇلۇق ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، سورت ياخشىلاش، بىرلىك مەھسۇلاتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، بازار رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ چىقاردى. پۈتۈن يېزىدىكى تېرىلغان ھەر خىل زىرائەت كۆلىمى جەمئىي 5435.33گېكىتار (ئېڭىز تېرىلغۇسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىق زىرائەتلىرى 3133.37گېكىتار، ئىقتىسادى زىرائەتلەر 2302.18گېكىتار، تېرىقچىلىق كېرىمى 132مىليۇن يۈەن بۇلۇپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كېرىمى 3640يۈەنگە يەتتى، ئۆتكەن يىلقىدىن 358يۈەن ئاشتى. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تۆۋەن چەك قىلىپ، 1073.37گېكىتار بوغداي، 2000گېكىتار قۇناق تېرىلدى،

بالدۇر سۇغۇرۇش ۋە ئۇغۇتلاشنى كۈچەيتىپ، بۇغداينىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 460.9كىلوگىرامغا يەتكۈزدى، ئېتىز پەرۋىشنى كۈچەيتىپ، قۇناقنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتىنى 889.1كىلوگىرامغا يەتكۈزۈپ ئۆتكەن يىلقىغا قارىغاندا 5كىلوگىرام ئاشۇردى؛ ئۆزگىچە زىرائەت تېرىقچىلقىدا يېڭى بۆسۈش شەكىللىنىپ، 213.62گېكىتار يەرگە قىيام پەمىدۇرى، 137.53گېكىتار يەرگە پىگمىنىتلىق مۇچ، 120.87گېكىتار يەرگە بەرەڭگە، 255.1گېكىتار يەرگە تاۋۇز، 23.3گېكىتار يەرگە قۇغۇن، 220گېكىتار يەرگە قىچا، 13.67گېكىتار يەرگە گازىر، 165.5گېكىتار يەرگە گازىر تاۋۇزى تېرىپ، ئۆزگىچە زىرائەتلەرنىڭ مو بېشى كېرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. پەسىلسىز زىرائەت تېرىش سالمىغىنى زورايتىپ، يېزىدا 29پارنىك سېلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 4.7گېكىتارغا، كىچىك لاپاس كۆلىمى 17گېكىتارغا يەتتى.

چارۋىچىلىقنى زورايتىش: 2012- يىلى توقسۇن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 《چارۋىلارنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى تورلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇشنى كەسىپىلەشتۈرۈش》فاڭجىنىغا ئاساسەن، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىققا يۈزلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋىچىلقىنىڭ كۆلەملىشىش، ئۈنۈملىشىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. كالا، قوي ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق كەسىپلىرىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، چارۋىچىلىق كېرىمىنىڭ دېھقانلار كېرىمىدە ئىگەللىگەن نىسىبىتىنى تىرىشىپ يۇقۇرى كۆتىردى. پۈتۈن يېزىنىڭ چارۋا قوتان قالدۇقى 53 مىڭ 900 تۇياق، قولدىن چىقىرىلغىنى 32مىڭ 600تۇياق، گۆش ئىشلەپقىرىش مىقدارى 1145توننا، سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 335توننا، قوي يۇڭى مىقدارى 100.8توننا، ئۆچكە تېۋىت مىقدارى 3.1توننىغا يىتىپ، پۈتۈن يېزىنىڭ چارۋىچىلىق كېرىمى 81مىليۇن 660مىڭ يۈەن بولدى. يېزىنىڭ ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق قەدىمىنى تىزلىتىپ، چۈجىلەرنى مەركەزلىك يىتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ھويلا – ئاراملاردا توخا بېقىش قاتارلىق ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى كېڭەيتىپ، 《قىسقا، تەكشى، تېز》بۇلۇشتىن ئىبارەت ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. يېزا بۇيىچە سېرتتىن كىرگۈزگەن چۈجە 174مىڭ دانە، دېھقانلار ئۆزى سېتىۋالغىنى 4مىڭ دانە، ئۆزلىرى تۇخۇم باستۇرغىنى 74مىڭ دانە بولدى. ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبروت ھالقىسىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، كالىلارنىڭ ئاقسىل كېسەللىكى ۋە قۇش زۇكۇمىنى كۈچەيتىپ ئىممۇنىتلاشنى ئۇمۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. يېزا بۇيىچە 906مىڭ تۇياق چارۋىنى يۇقۇم مۇداپىئەسى بۇيىچە تەكشۈرۈپ ۋە داۋالاپ، زور ھايۋانات يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش: 2012- يىلى توقسۇن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيەنىڭ باغ ئورمانچىلىق تەرەققىيات ئىستراتىگىيە ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە، ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەستايدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزۈم، ياڭاق، ئۈرۈكنى ئاساس قىلغان باغ ئورمانچىلىق بازار قۇرۇلۇشىنى تىزلەتتى. يېزا بۇيىچە مىۋىگە كىرگەن كۆلەم 1249.8گېكىتارغا يىتىپ، باغ ئورمانچىلىق كېرىمى 8مىليۇن 790مىڭ يۈەنگە، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كېرىمى 315يۈەنگە يىتىپ، كىشى بېشى 66يۈەن ئاشتى. پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىھاتە ئورمان كۆلىمى 41.6گېكىتار (ئورمان ئىزىغا يېڭىلاپ تىككىننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تىكىلگەن ئۈزۈم 113.4گېكىتار، مايسا 32گېكىتار بۇلۇپ، 246.6گېكىتار يەردىكى 6800تۈپ ئىقتىسادى ئورمان ئۇلاندى. باغ ئورمانچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 15ئۇرۇندىكى 88.7گېكىتار ناھىيە، يېزا، كەنىت ئۈچ دەرىجىلىك باغ ئورمانچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش رايۇنىنى قېلىپلاشتۇردى ھەمدە ئۈچ دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايۇنىنى ئۇقۇتۇش، تەربىيەلەش بازىسى قىلىپ، ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقدارىنى ئاشۇردى، 14قېتىم باغ ئورمانچىلىق تېخنىكا باشقۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، 55قارار تېخنىكا تەربىيەلەش كۇرسىنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنى 4504ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى.

ئەمگەك مۇلازىمىتى: 2012- يىلى توقسۇن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى《ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئۇرۇنلىشىش، بازار ئارقىلىق تەڭشەپ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئۇرۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش》تىن ئىبارەت ئىشقا ئۇرۇنلىشىش فاڭجىنىغا ئاساسەن، ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇردى. بىر قولدا ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تۇتتى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئۇرۇنلىشىشنى كۆپەيتىپ، ئىتىبار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئۇرۇنلىشىشقا ياردەم بىرىپ، كەسپىي تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىشقا ئۇرۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئىشقا ئۇرۇنلىشىشقا ياردەم بىرىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئىش ئورنىدىن قالغان ۋە ئىشسىزلارنىڭ قايتا ئىشقا ئۇرۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بىر قولدا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرىتقا چىقىرىشنى توتتى، يول تېپىش، ئۇچۇر ئىگىلەش، بازار قۇرۇش، قۇشۇننى زورايتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، رەھبەر ئۆزى تۇتۇش، ئۇچۇر ئارقىلىق يىتەكلەش، تىپلارنى تۈنۇشتۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، بۇرۇنقى ئاساسنى پۇقتىلاپ، يېڭى ساھەلەرنى ئېچىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرىتقا چىقىرىش كۆلىمىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بۇ خىزمەتنىڭ ساغلام، تىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. پۈتۈن يىلدا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى 4766ئادەم قېتىم يۆتكىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يۆتكەلگىنى 1751ئادەم قېىتىم، پەسىل خارەكتىرلىك يۆتكەلگىنى ۋە يېقىن جايدا ئىشقا ئۇرۇنلاشقىنى 3015ئادەم قېتىم بۇلۇپ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئەمگەك مۇلازمەت كېرىمى 21مىليۇن 755مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئەمگەك مۇلازىمەت ئوتتۇرىچە كېرىمى 1468يۈەن بۇلۇپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 801يۈەن ئاشتى.

ئېتىز – ئېرىق، سۇچىلىق ئىشلىرى: 2012- يىلى توقسۇن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى خىزمەت پىكىر يۇلىنى پائال تەڭشەپ، ئىدىيۋى تۇنۇش، باشقۇرۇش سالمىغى، تۈر قۇرۇلۇشى، سۈپەت كاپالىتى، خىزمەت مەسئۇلىيتى قاتارلىقلارنىڭ جايىدا بۇلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى ئېتىز – ئېرىق، سۇچىلىق ئاساسي قۇرۇلۇشىنى راسا ئىشلەشكە تۇلۇق قوزغىتىپ، ئۇمۇمىي ۋەزىيەت ياخشى، ئۈنۈمىي كۆرۈنەرلىك بولدى. سۇ پۇلى يىغىش ۋە ئادەم، چارۋىغا ئىشلەتكەن سۇ ھەققىنى يىغىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملىدى؛ 766.67گېكىتار يەرنى تۈزەپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ%115نى ئۇرۇنلاپ بولدى؛ 20.3كىلومىتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنى، 24ئۇرۇندىكى سەپلىمە قۇرۇلۇشنى ياساپ، 98.78كىلومىتىر ئېرىق – ئۆستەڭنى قىرىپ تازلىدى. 8.49كىلومىتىر كەلكۈن مۇداپىئە توسمىسىنى رېمونىت قىلىپ ۋە يېڭىدىن ياساپ، ۋەزىپىنىڭ %139نى تاماملىدى. يۇپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغۇرۇش كۆلىمىنى 286گېكىتارغا كېڭەيتتى. 1166.66گېكىتار ئاق يەر شۈدىگەر قىلىنىپ، 981.86گېكىتار ئاق يەرنىڭ كۈزلۈك ئوسىسى تاماملىنىپ، 1133.33گېكىتار كۈزگى بۇغداي سۇغۇرۇلدى. ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى يولغا قۇيۇلۇپ، 3.5كىلومىتىر سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇپ، 100ئائىلىگە تۇرۇبا تارتىلىپ، ۋەزىپە %100ئۇرۇنلاندى. تىراكتور بىلەن ھەيدەلگەن كۆلەم 5140گېكىتار، ماشىنا ئارقىلىق تېرىلغان كۆلەم 4333.3گېكىتار بۇلۇپ، ۋەزىپىنىڭ %108.33ى ئۇرۇنلاندى؛ ماشىنا ئارقىلىق يىغىلغان كۆلەم 2533.3گېكىتار بۇلۇپ، ۋەزىپىنىڭ %108.57ى ئۇرۇنلاندى؛ مىقدارلاپ تېرىلغان كۆلەم 500گېكىتار بۇلۇپ، ۋەزىپنىڭ %187.5ى ئۇرۇنلاندى؛ شاخ – شۇمبىلاردىن ئونۋىرسال پايدىلىنىش مىقدارى 72مىڭ 500توننا بۇلۇپ، ۋەزىپىنىڭ %290ى ئۇرۇنلاندى.

ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى: 2012- يىلى تۇقسۇن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا بولغان ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تۇلۇق قوزغاتتى. تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىش خىزمىتىنى قۇرۇلۇشنى يولغا قۇيۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، جامائەت پىكىرى تەشۋىقاتىنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇردى. يېزا بۇيىچە 414ئائىللىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ تۇلۇق پۈتتى. يۇقۇرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش يېڭى ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، يۇقۇرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقۇرى سەۋىيە، يۇقۇرى ئۈنۈمدە بۇلۇش ۋە كۆلەم، ئىقتىدار، ئەسلىھە، كەسىپتە ئارقىدا قالماسلىق تەلىپى بۇيىچە، دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يىرىنى ئىگەللىۋالماسلىق ئاساسىدا، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئارزۇسىنى تۇلۇق ئويلىشىپ، قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، قۇرۇلۇش ئەتىرىتىنىڭ سالاھىيتىنى بىكىتىش ئۆتكۈلىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلدى. پۈتۈن يىلدا 414ئائىللىك ئۆينىڭ ئاساسىي گەۋدىسى تۇلۇق پۈتۈپ، ئۆي ئىچىنى ئاقارتىش، تۇرۇس ۋە ھويلا – ئارام قۇرۇلۇشى تۇلۇق تاماملاندى. 414ئائىللىك خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 13مىليۇن 468مىڭ 500يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇلۇپ (يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىدىكى يېڭىدىن سېلىنغا بىنانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقۇرىنىڭ تۈرلۈك تۇلۇقلىمىسى 12مىليۇن 420مىڭ يۈەن، دېھقانلار ئۆزى غەملىگىنى 1مىليۇن 48مىڭ 500يۈەن.

يېزا- كەنىت قۇرۇلۇشى: 2012- يىلى تۇقسۇن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كەنىتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈمۇمىيۈزلۈك يۇقۇرى كۆتىرىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، توقسۇن يېزىسى پۈتۈن يىلدا 《بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش》بۇيىچە جەمئىي 14تۈرنى يولغا قۇيۇپ، جەمئىي 5مىليۇن 637مىڭ 700يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇنىڭ ئىچىدە 8639نەپەر دېھقان جوغلىغان مەبلەغ جەمئىي 3مىليۇن 638مىڭ 600يۈەنگە يەتتى، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن 3توغان تۈرى، 3ئاسفالىت يول قۇرۇلۇش تۈرى، 1كىچىك باغچا كۆكەرتىش تۈرى، 2كۆۋرۈك تۈرى، 1زەيلىك ئېرىق تۈرى، 1سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ تۈرى، 4يول چىراق تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جىغان كەنتىگە 179مىڭ 300يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 2توغان ياسالدى، بۇلۇڭ كەنتىگە 212مىڭ 700يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 2ئۇرۇنغا يېڭىدىن كۆۋرۈك سېلىندى، يۇقارقى توقسۇن كەنتىگە 429مىڭ 400يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 100مىتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياسالدى، ئارتۇر كەنتىگە 175مىڭ 400يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 2توغان ياسالدى، قۇم گېرەم كەنتىگە 231مىڭ 200يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 2ئۇرۇنغا كۆۋرۈك، 3ئۇرۇنغا توغان ياسالدى، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ سۇغۇرۇش قىيىنچىلىقى، ئېتىز – ئېرىق يوللىرى راۋان بولماسلىق قىينىچىلىقى ھەل قىلىنىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى. ئاناقىزلەنگەر كەنىتى خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىكى يېڭىدىن بىنا قىلىنغان كىچىك باغچىنىڭ كۆكەرتىش كۈلىمى 3800كۇۋادىرات مىتىرغا يىتىپ، 371مىڭ 800يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ياخشىلىنىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىدى.

مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش: 2012- يىلى توقسۇن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە پائالىيتى، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئېيىئاساسىي تېمىلىق پائالىيتىنى پۇقتا قانات يايدۇرۇپ، 《ئەبەدىي ئەمىنلىك تەشۋىق تەربىيەسى》، 《18- قۇرۇلتاي روھىنى ئائىلىلەرگىچە تەشۋىق قىلىش》پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. مائارىپ سېلىنمىسىنى كۆرۈنەرلىك زورايتىپ، 《ئىككى ئاساسەن》خىزمىتىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى 100%گە يىتىپ، يەسلى قوش تىل مائارىپىنى پۇقتا ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي مائارىپ ساغلام تېز تەرەققىي قىلدى. مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بۇلۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى مول، رەڭدار بولدى. 《يۈز كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيەت》پائالىيتى، كىنو قۇيۇشتىكى 《2131 قۇرۇلۇشى》، رادىئو – تېلۋىزىيەنى ھەممە كەنىتكە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، 《غەربىي يولتۇز قۇرۇلۇشى》،《شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى》، 《دېھقانلار قىرائەتخانىسى》قاتارلىقلار دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ قىزغىن ئالىقىشىغا ئېرىشىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە قاندۇردى. يېزا ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش – ساقلىق ساقلاش تور سېستىمىسى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، كەنىت داۋالاش ئۆيىنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئۈنۈم قولغا كەلدى. يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش خىزمىتى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى 106%گە يىتىپ، 15مىڭ 100ئادەم مەنپەئەتلەندى. 《ئاز تۇغۇپ تىز بېيىش》قۇرۇلۇشى يولغا قۇيۇلۇپ، 《ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش》، 《نىكاھ – تۇغۇت يېڭى ئىستىلىنى ھەممە ئائىلىلەرگە سىڭدۈرۈش》پائالىيتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيەسى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى باشتىن – ئاخىر ناھىيە بۇيىچە ئىلغارلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى.

مۇقىملىق خىزمىتى:  2012- يىلى توقسۇن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 《مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ》دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، 《ئۈچ خىل كۈچ》لەر ۋە تۈرلۈك ئېغىر جىنايى ئىشلارغا قاتتىق زەربە بىرىپ ۋە ئالدىنى ئېلىپ، تۈرلۈك ئامانلىق دېلولىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجىتمائي ئۇمۇمىيلىق مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىپ، 《ئولۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈپ گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش》ئاساسىي تېمىلىق   تەربىيە پائالىيتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، 《ئەبەدىي ئەمىنلىك تەشۋىق - تەربىيە》پائالىيتىنى يولغا قۇيۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى پۇقتا ئىلگىرى سۈرۈپ، 《ئۈچ ئايرىلالماسلىق》، 《تۆتنى تۇنۇش》 ۋە 《ئالتە تارىخ》تەربىيەسىنى كىشلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئۇمۇمىلاشتۇرۇپ تۈزەش تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىپ، ئامانلىق بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تويغۇسى ۋە رازى بۇلۇش دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشتى. نۇقتىلىق خادىملار، كۆچمە نۇپۇسلارنى باشقۇرۇشتا يېڭى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇش تەدىرجىي قېلىپلىشىپ، تارقاق ھەج قىلىش بولماسلىق ئىشقا ئاشتى. خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرى مۇرەسسە، ئەدىلىيە مۇرەسسەسىنى ئۆز ئارا جىپىسلاشتۇرۇلغان 《ئۈچ مۇرەسسەنى ھەمتۈرتكە قىلىش》خىزمەت سېستىمىسى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ ۋە چوڭقۇرلىشىپ، 《بىر دېلوغا بىر تۇلۇقلىما بىرىش》تەك زىدىيەتنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش مۇكاپاتلاش مىخاينىزىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەرزىيەتتىكى قىيىن دېلولارنى ۋاقتىدا پەسەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 91يىللىقىنى خاتىرلەش، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلى، جوڭگۇ – ئاسىيا ياۋرۇپا يەرمەنكىسى قاتارلىق چوڭ سەزگۈر مەزگىللەردىكى جەمئىيەت ئامانلىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلدى. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيتىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بۇلۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيتى مۇقىم بولدى.

ئىستىل قۇرۇلۇشى: 2012- يىلى توقسۇن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 《قوش يىل》 پائالىيتىنى پۇقتا قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلى قۇرۇلۇشى يىلى، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش يىلى خىزمىتىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ئىستىل ياخشىلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيتىنى ئەستايدىل ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خىزمەت ئەتىرتى توقسۇن يېزا يۇقارقى توقسۇن كەنتىگە، ۋىلايەتلىك خىزمەت ئەتىرتى جىغلاڭ كەنتىگە چۈشكەن بۇلۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. 《بىرنى ئۇمۇملاشتۇرۇش، ئۈچنى يۇقۇرى كۆتىرىش》بۇيىچە كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى ۋە يېراق مۇسپىلىق تەربىيەلەشتىكى 《ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش》پائالىيتىنىڭ ئۈنۈمىي كۆرۈنەرلىك بولدى؛ ئاساسىي قاتلام تەشكىلى قۇرۇلۇشىدىكى 《ئون بىر》پائالىيتىنى پۇقتا قانات يايدۇرۇپ، 《تۆتنى بىلىش، تۆتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تۆتنى ئىگىلەش》خىزمەت مىخاينىزىمى ئەمەلىيلىشىپ، 《تۆت تۈرلۈك باشقۇرۇش چارىسى》 ۋە《تۆتنى مۇھاكىمە قىلىش ئىككىنى ئاشكارىلاش》تىن ئىبارەت دېمۇكراتىك باشقۇرۇش مىخاينىزىمى ئەمەلىيلەشتى. يېزا – كەنىتلەردىكى 《ئىككى قۇشۇن》نى تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش سالمىغىنى زورايتىپ، كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى قۇشۇنىنىڭ ساپاسى ۋە قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ياخشىلاندى. كەنىت كادىرلىرىنىڭ ئىش ھەققى ۋە تۆت پىشقەدەملەرنىڭ تۇرمۇش پۇلى ئۆستى، كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسىسىنىش تۇلۇقلىمىسى كۆپىتىپ، يېزا كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام تۇلۇقلىما سىياسىتى ئەمەلىيلەشتى، كەنىت كادىرلىرى ۋە تۆت پىشقەدەملەر ئىتىبار باھالىق تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشتىن بەھىرمان بولدى. پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئەستايدىل ئەمەلىيلىشىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى پۇقتا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە كادىرلار ئىستىلى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. كادىرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 6مىليۇن 620مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 40يۈرۈش كادىرلار يۈرۈشتۈرمە ئۆيى سېلىندى.

تارىخي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق كەنىت: تارىخي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق كەنىت جىسەكقايغۇ كەنىتى - توقسۇن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى 13كىلومىتىرلىق ئۇرۇندا بۇلۇپ، باي بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 31كىلومىتىر كېلىدۇ. تۇپرىغى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك زىمىندا بىر تۈركۈم داڭلىق يازغۇچى – ئەدىب ۋە ئىرادىلىك كىشلەر دۇنياغا كەلگەن. مانا بۇ يەر ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئارمىيە ئېلىنىڭ ئانا يۇرتى بۇلۇپ، ئۇ ئىجات قىلغان ئەسەرلىرىدە كونا جەمئىيەتتىكى نامراتلىق بىلەن بايلىق ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن پەرىق، زولمەت ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئىجىتمائىي رىياللىق چوڭقۇر ئېچىپ تاشلانغان. ئۇنىڭ ئۇلۇغ جوڭگوناملىق شېرى قەلبىلەرنى لەرزىگە سېلىپ، ئادەمنى يىغلاتقۇدەك زور تەسىرگە ئىگە بۇلۇش بىلەن بىرگە كىشلەرگە ئۈمىد، ئىشەنىچ ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇلارنىڭ كىلاسسىك نەزمىللىرىنىڭ زامانىۋى نەزمىلەرگە ئۆتىشىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان شائىردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ يەردە ساۋۇت دامۇللاھاجى، (يېڭى دەۋىر پەن مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى، بەرپا قىلغۇچىسى، ۋەتەنپەرۋەر دىنى زات)، قۇتلۇق دامۇللا (مەشھۇر ئۆلىما)، ئابدۇكېرەم داۋۇت (مائارىپشۇناس)، ئابدۇقادىر ئېلى (نىمشېھىتنىڭ ئىنىسى 《ئۇچقۇن ئۇيۇشمىسى》نىڭ ئەزاسى)، ئىسكەندەر مامۇت (مەشھۇر ئۆلىما)، ئەمەر سابىت (مەشھۇر يازغۇچى)قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر كىشلەر ئۆتكەن.

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号