نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

ياتۇر يېزىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

 

ئومومىي ئەھۋالىياتۇر يېزلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياتۇر كەنتىدە بۇلۇپ، باي ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرنىڭ شەرقىگە 12 كىلومېتىر كىلدۇا، شەرقىدە توقسۇن يېزىسى بىلەن چىگىرلىندۇ، غەربى بۇلۇڭ يېزىسى بىلەن خوشنا، جەنۇبىي كۇچا - باي تاشيولى ئارقىلىق ئايرىلىپ كانىچ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى چۆللۈك، ئېدىرلىق،  تاغلىق رايۇن. شەرىقتىن غەرىبكىچە بولغان كەڭلىكى 23 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 58 كىلومېتىر. يېزا باي ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزدىن ئىگىزلىكى 1220 مىتىردىن - 1360 مېتىرغىچە كىلدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ مىقدارى 88.5 مىللىمېتىر، قىراۋسىز مەزگىل 150 كۈندىن 165 كۈنگىچە بۇلۇپ، بۇغداي، قۇناق، قىچا، زىغىر قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشقا ماس كىلدۇ، ماي توخوسى تەمىلىك، ئۆرۈكى چوڭ ھەم تاتلىق، تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، ئەمگەك كۈچىلىرىنى سىرتىقا چىقىرىشىنى ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈۋرۈك قىلغان يېزا ئىگلىك چوڭ يېزىسى. يېزىنىڭ ئومومىي كۆلىمى 1033.15 كىۋادىرات مېتىر، تەۋەلىكىدە 12 مەمۇرىي كەنت، 1 چارۋا مەيدان، 74 گۇرۇپپا، 3339 ئائىللىك 18 مىڭ نوپوس بار. بۇنىڭ ئىچىدە: يېزا نوپۇسىدىكىلەر 15 مىڭ 500 ئادەم؛ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3886.67 گېكتار كىلدۇ.

【يېزا ئىگلىك ئىقتىسادى】2012 - يىل، ياتۇر يېزلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «دېھقانچىلىق ئارقىلىق يېزنى راۋاجلاندۇرۇش گۈللەندۈرۈش، چارۋىچىلىق ئارقىلىق يېزىنى كۈچەيتىش، ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا چىقىرىش ئارقىلىق يېزىنى بېيتىش» تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، دېھقانلارنىڭ مەھسۇلاتىنى، كىرىمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياستىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئاكتىپ تەڭشەپ، يېزا ئىگلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، يېزلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. پۈتۈن يىلدا يېزا ئىگلىك ئىقتىسادىي كىرىمى 210 مىليون يۈەن بۇلۇپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا % 16.5 ئاشتى، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 7099 يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا % 18.2 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىقچىلىق كىرىمى 83 مىليون 190 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، % 6.2 كەملىگەن؛ باغ - ئورمانچىلىق كىرىمى 5 مىليون 100 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، %10.9 ئاشقان؛ چارۋىچىلىق كىرىمى 101 مىليون يۈەن بۇلۇپ، % 51.9 ئاشقان؛ 2 - كەسىپ كىرىمى 13 مىليون 100 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، % 0.9 ئاشقان؛ 3 - كەسىپ كىرىمى 6 مىليون 930 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، % 1.1 ئاشقان؛ ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 13 مىليون 750 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، % 55.2 ئاشقان.

【تېرىقچىلىقىنى تەڭشەش】2012 - يىل، ياتۇر يېزلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگلىكىنى سىياسەت ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق، ماي تېرىش ئاكتىپچانلىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاشلىق تېرىش تۇلۇقلىمىسى، يېزا ئىگلىك سېلىنمىسى تۇلۇقلىمىسى، قىچا تۇلۇقلىمىسى ۋە يېزا ئىگلىك ماشىنلىرى سېتۋېلىش تۇلۇقلىمىسى قاتارلىق تۈرلۈك تۇلۇقلىملار ئارقىلىق دېھقانلار ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى. قىشلىق يېزا ئىگلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بۇلۇشقا ئەگىشىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، يېزا ئىگلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى بۇلۇپمۇ قىچا باھاسىنى سىجىل يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزا ئىگلىك كىرىمىنى كۆرنەرلىك ئاشۇرۇپ، كۆپ ساندىكى دېھقانلارنىڭ يازدا قىچا تېرىش ئاكتىپچانلىقلىقى كۈندىن - كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. «پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېزىنى گۈللەندۈرۈش» ئىستىراتىيگىيسى ۋە دېھقانلارنىڭ ساپا تەربىيىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قۇيۇپ، ھازىر بار بولغان ئاشلىق تېرىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تەدىرىجىي يېقىنلىشىپ، يېزا ئىگلىك زىرائەتلىرىنى تېرىش كۆلىمىدىن 3619.5 گېكتارنى ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىق زىرائىتى 2816 گېكتار (بۇغداي 1328.8 گېكتار، قۇناق 1492.1 گېكتار)، ئۆزگىچە زىرائەتلەر 1161.7 گېكتار، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگلىكى 52.4 گېكتار. ئۆزگىچە يېزا ئىگلىكىنىڭ تەرەققىيات تەلپى بويىچە، پارنىكتا مايسا ئۆستۈرۈش، كۆچۈرۈش، باشقۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، يىل ئىچىدە 2 مىليون تۈپ مايسا ئۆستۈرۈپ، يەككە پارنىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئون مىڭ يۈەندىن ئاشقان پارنىك 122 گە يەتتى. يىللىق تېرىقچىلىق كىرىمى 83 مىليون 190 مڭ يۈەن بۇلۇپ، كىشى بېرىش تېرىقچىلىق كىرىمى 2200 يۈەن بولدى.

【چارۋىچىلىقىنى كۈچەيتىش】2012 - يىل، ياتۇر يېزلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى چارۋىچىلىق كەسپىنى يېزا ئىگلكتە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «يېزىنى كۈچەيتىدىغان كەسىپ» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى. تىپلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ ۋە سىياسەتنىڭ ھەركەتلەندۈرۈش رولىنى تۇلۇق جارىي قىلدۇرۇپ، باقمىچى ئائىللەر، باقمىچى ئۇستىلارنى مەبلەغ ئارقىلىق قوللاش ۋە تېخنىكىلىق يىتەكچىلىك سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك زورايتىپ، قوتىنى بار چارۋىسى يوق، قوتانمۇ چارۋىسىمۇ يوق بۇلۇشتەك باقمىچىلىق مەسىلىىسنى گەۋدىلىك ھەل قىلىپ، «قىسقا، تەكشى، تېز» بۇلۇشىنى ئاساس قىلغان ئۆي قۇشى باقمىچىلقىنى ئاكتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «خاتىرجەم ماكانلىشىپ چارۋىنى كۆپەيتىش» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قۇيۇپ، كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. پۈتۈن يىلدا چارۋا قوتان قالدۇقى 76 مىڭ تۇياق، قولدىن چىققىنى 38 مىڭ تۇياق (كالا 2665 تۇياق، ئات 110 تۇياق، ئېشەك 200 تۇياق، تۆگە 4 تۇياق، چوشقا 729 تۇياق، قوي 14 مىڭ 797 تۇياق، ئۆچكە  19 مىڭ تۇياق)؛ ئىشلەپچىقارغان گۆش 1290 توننا، سۈت 356 توننا، تۇخۇم 61 توننا، قوي يۇڭى 101 توننا، ئۆچكە يۇڭى 12 توننا، ئۆچكە تىۋىتى 6.8 توننا؛ ئومۇميۈزلۈك ئىممۇنىتلانغان ئۆي قۇشلىرى 251 مىڭ 800 دانە؛ ھايۋانات يۇقىمدىن تەكشۈرۈلگىنى 103 مىڭ 300 تۇياق. ئىشقا ئاشۇرغان چارىۋىچىلىق كىرىمى 101  مىليون يۈەن، ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا 34 مىليون 480 مىڭ يۈەن، % 51.9 ئاشقان، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 3242 يۈەن بولغان.

【ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى】2012 - يىل، ياتۇر يېزلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىلدىكى خىزمەت تەجىربىسىنى خۇلاسىلاپ ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيتىنى ئانالىز قىلىش ئاساسىدا، خىزمەت پىكىرى يولنى پائال تەڭشەپ، ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش ئارقىلىق ئەمگەك مۇلازىمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىپ، قالاق يۆتكەشىنى قاراتمىلىق ھالدا يۆتكەشكە ئۆزگەرتىشتەك يېڭچە شەكىلنى قوللىنىپ، ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش خىزمىتى قېلىپلىشىش، سېستىمىلىشىشقا يۈزلىنىپ يېزدىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىدى. ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورونلاشتۇرۇشىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزنىڭ ئىشقا ئورونلاشتۇرۇش بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ» يېزنى بېيتىدىغان كەسىپ قىلىپ چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يۆتكەشتىن بۇرۇن يىتەكچىلكىنى چىڭ تۇتۇش، يۆتكىگەندە تەشكىللەشنى چىڭ تۇتۇش، يۆتكىگەندىن كىيىن مۇلازىمەتىنى چىڭ تۇتۇش» پىكىر يولى بويچە، «تەربىيلەش - چىقىرىش - ئىشقا ئورونلىشىش - بېيتىش» ئاساسىي لىنيەسىنى چۆردەپ، ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمىنى ئاشۇرۇش خىزىمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىدى. يىلدا يۆتكىگەن يېزدىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى 2927 ئادەم بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەسەللىك يۆتكەلگىنى 2357 ئادەم، مۇقىم يۆتكەلگىنى 570 ئادەم؛ تۈرلۈك تەربىيلەش سىنپىدىن 11 قارا ئېچىپ، تەربىيلەپ يۆتكىگەن ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى 1391 ئادەم قېتىم. ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 13 مىليون 750 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا 4 مىليون 890 مىڭ يۈەن ئېشىپ، % 55.2 ئاشتى، كىشى بېرىش ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 856 يۈەن بۇلۇپ، پۈتۈن يېزدىكى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە بۇلۇپ  قالدى.

【خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى】2012 - يىل، ياتۇر يېزلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «تۆتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش»، «بەشتە ئارقىدا قالماسلىق» قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بويىچە، ھۆكۈمەت يىتەكلەش، دېھقانلارنى ئۆزى ئىگە بۇلۇش، ساھالەر بويچە نىشانلىق ياردەم بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر تۇتاش لايىھەلەش، ئائىللەرگە ئايرىپ قۇرۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قۇم مەھەللە كەنتى، ئوت بېشى كەنتى، ئىشتاچى كەنتى قاتارلىق 3 مەمۇرىي كەنتتىكى 406 ئائىللىكىنى ماكانلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. قۇرۇلۇش باشلاش،، قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش، كۆچۈپ كىرىش نىسبىتى % 100 يەتتى. 2012 - يىل بىخەتەر ماكانلاشتۇرۇش نوقتىسىنىڭ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش، كوچىلارنى يۇرۇقلاشتۇرۇش شۇنداقلا قۇشۇمچە قۇرۇلۇش خىزمىتىنى پۇختا چىڭ تۇتۇپ، تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلدى. مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان يېڭدىن قۇرۇلدىغان يەر كۆلىمى 3300 كىۋادىرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 380 كىۋادىرات مېتىر، مەركەزلىك تەربىيلەش، ئىشقا ئورونلىشىش بىر گەۋدىلەشكەن كىيىم - كېچەك لايىھەلەپ كسىپ تىكىدىغان، مىللىچە كەشتىچىلىك، گىلەم تۇقۇش، قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ياساش قاتارلىق تۈرلەردە ئاياللارنىڭ ئىگلىك تىكلەش بازىسىنى ئاچتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىگلىك تىكلىگەن ئاياللار 100 نەپەرگە يىتىپ، ئاياللارنىڭ كىرىمى ئېشىپ، ئاياللارنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

【ئىجتىمائىي ئىشلار】2012 - يىل، ياتۇر يېزلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت بەرپا قىلشىنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا «بەشتە ياخشى مەدەنىي ئائىلە»دىن 254 ئائىلىكىنى تاللاپ چىقىپ، مەدەنىي ئورون بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ ئوقۇ - ئوقۇتۇشىنى مۇقىم قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇردى؛ سەھىيە ئىشلىرىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇردى؛ يېزا تەۋەسىدە 16 مىڭ ئادەم ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىپ، قاتنىشىش نىسبىتى % 102.68 كە يەتتى؛ يەرلىك كېسەللىك، ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش پۇختا ئۈنۈملۈك بولدى؛ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن يىلدا 350 بالا تۇغۇلۇپ، تۇغۇش نىسبىتى 19.15 پىرسەنت پوئىنىت بولدى؛ خەلق ئىشلىرى قۇتقۇزۇشىنى پۇختا ئۈنۈمۈلۈك ئېلىپ بېرىپ، توي قىلىش، ئۆلۈم، نوپۇس بىجىرىش، تۇرمۇش سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلاردا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن 40 ئائىلىدىكى 50 ئادەمىنىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىندى، يېڭىدىن 175 ئائىلە، 307 ئادەمىنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە كىرگۈزۈپ، تۈرلۈك تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسىدىن 1 مىليون 46 مىڭ 200 يۈەن تارقاتتى؛ «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى»نى يولغا قۇيۇپ كۆرنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 7 مەمۇرىي كەنتتىكى 1941 ئائىللىككە «ئائىللەرنى تۇتاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت بازا قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دېھقان، چارۋىچى ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى. 35 مىڭ پارچە كىتاب، 5 تۈرلۈك گېزىت، 9 تۈرلۈك ژورنال بار. قىرائەتخانىدا كىتاب ئوقۇيدىغانلار 1500 ئادەمگە، مەدەنىيەت ئۆيدە پائالىيەت قىلدىغانلار 1840 ئادەمگە يەتتى.

【مۇقىملىقىنى قوغداش】2012 - يىل، ياتۇر يېزلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «تەرەققىيات قاتتىق ۋەزىپە، مۇقىملىق قاتتىق مەسئوليەت» ئىدىيسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلام قوشون قۇرۇلۇشىنى ئۇمۇميۈزلۈك كۈچەيتتى. يېزا تەۋەسىدىكى 13 كەنت (مەيدان) ساقچى ئىشلىرى ئۆيى ئىشقا كىرىشتۇرلۇپ، ئامانلىقىنى قوغداشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىنى كۈنسىرى قېلىپلاشتۇرۇپ، دىنى كەيپىياتىنى سۇسلاشتۇرۇشىنىڭ 18 تۈرلۈك تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتتى. ئىجتىمائىي مۇلازىمەتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى كۆرنەلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا 5126 ئادەم قېتىم كۈتۋېلىپ مەسلىھەت بېرىپ، ۋاقتىدا بىجىرىش نىسبىتى ۋە ئاممىنىڭ رازى بۇلۇش نىسبىتى % 99 تىن يۇقىرى بولدى. ئىجتىمائىي زىدىيەتلەرنى پەسەيتىشتە ئۈنۈم كۆرنەرلىك بۇلۇپ، پۈتۈن يىلدا رەھبىرى كادىرلار ئەزىيەتچىلەردىن 87 تۈركۈمدە 137 ئادەمنى كۈتۋېلىپ، ئەرزىدىن 80 پارچىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنى رازى قىلىش نىسبىتى % 100 يەتتى. دىلوغا چېتىشلىق ۋاقىت ئۇزۇن، چېتىلدىغان ئادەم كۆپ، بىر تەرەپ قىلىش قىيىن، جەمئىيەت يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۋاتقان جىدلى كۆپ دىلولارنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى.

【ئىجتىمائىي مۇلازىمەت】2012 - يىل، ياتۇر يېزلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي مۇلازىمەتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆۋرۈكلۈك رولى كۆرنەرلىك بۇلۇپ، ئاممىنى تۇتۇپ تۇرۇشىنى كۈچەيتتى. يېزا ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش مەركىزى بىجىرگەن ئىش 5110، بىجىردىغان ئىش 14 پارچە، بىجىرىشكە تاپشۇرغىنى 2 پارچە بۇلۇپ، ۋاقتىدا بىجىرىش نىسبىتى ۋە ئاممىنىڭ رازى بۇلۇش نىسبىتى %99 يۇقىرى بولدى. مۇرەسسە قىلىش گۇرۇپپىسى  83 پارچە دىلونى بىجىرىپ، مۇرەسسەنىڭ ئۈنۈملۈك بۇلۇش نىسبىتى % 100 يەتتى. مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرنەلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇلازىمەتتىن رازى بۇلۇش نىسبىتى كۆربەرلىك ئاشتى. «ئۈچ مۇرەسسەنى بىرلكتە ئېلىپ بېرىش» خىزمەت مېخانزىمىنىڭ ئۈنۈمىنى تۇلۇق جارىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك زىدىيەت، ماجرادىن جەمئىي 224 نى مۇرەسسە قىلىپ، مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلۇش نىسبىتى % 100 يەتتى. كەنت دەرىجىلىك خەلققە قولايلىق يارتىش مۇلازىمەت ئىشخانىسى 512 ئادەم قېتىم كۈتۋالدى، ۋاكالىتەن بىجىرگەن بىر دىلوغا بىر تۇلۇقلىما بەرگەن دىلو 76 پارچە، بىر ئىشقا بىر تۇلۇقلىما بېرىپ بىجىرگەن ئىش 523 پارچە بۇلۇپ، بىجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتى % 100 يەتتى. ھەر تەرەپتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر تەرەپتىن باشقۇرۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، زىدىيەتلەرنى مەنبەدىن چەكلەپ، مۇداپىئە بوشلۇقى، ماسلاشتۇرۇش خىزمەت ۋەزىيتىنى شەكىللەندۈردى.

【پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش】2012 - يىل، ياتۇر يېزلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «ئاساسىي قاتلام تەشكىلى قۇرۇلۇش يىلى»، «چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، قارىشى ئېلىشقا ئېرىشش» تەلىپى بويىچە، «بەش تۈرلۈك قۇرۇلۇش»نى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «بەشنى يەنمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش»نى ئىلگىرى سۈردى. كەنت «ئىككى كومىتېت»نىڭ نۆۋەت ئالمىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئىككى كومىتېت» رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ تاللاپ تەقسىملەشىنى كۈچەيتتى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش تەلپى بويىچە، يېزدىكى 23 پارتىيە تەشكىلى «ياخشى، بىر قەدەر ياخشى، ئادەتتىكىدەك، ناچار» لىرىنى تۈرگە ئايرىپ، 12 مەمۇرىي كەنتتە 1بىرىنچى شۇجىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. «بىرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۈچنى ئومۇملاشتۇرۇش» بويىچە تەربىيلەشىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچنى تەربىيلەپ ئىككىنى يىتەكلەش» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قۇيۇپ، كەنت دەرىجىلىك زاپاس كادىرلارنى تەربىيلەش ۋە «تۆت پىشقەدەم» لەرنى باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «پارتىيەلىك كادىرلار تۆت خوشنىسى بىلەن ئالاقىلشىش، تۆت خوشنا ئاممنى يىتەكلەش» پائاليىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. «نەق مەيدان خىزمەت ئۇسۇلى» ۋە «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىپ ئىككىنى ئاشكارلاش خىزمەت ئۇسۇلى»نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «1234» پائاليىتىنى دائىملاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشچان، پاك ھۆكۈمەت كەيپىياتىنى كۈنسىرى قۇيۇقلاشتۇردى.

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号