نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

سايرام بازىرى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

ئۇمۇمىي ئەھۋالى: سايرام بازىرى باي ناھىيەسىنىڭ شەرقىغە جايلاشقان بۇلۇپ، باي بازىرى بىلەن بولغان تۈز لىنىيەلىك ئارىلىقى 28كىلومىتىر كىلىدۇ. شەرق تەرىپىي قىزىل يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇپ تەرىپى توقسۇ ناھىيەسى ۋە چۆلتاغ بىلەن چىگىرلىنىدۇ. غەرىپ تەرىپى توقسۇن يېزىسىغا تۇتىشىدۇ، شىمالى تەرىپى تەڭرىتېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم جەنۇبىي ئىتەكلىرىگىچە تۇتىشىدۇ. شەرىقتىن غەرىپكىچە بولغان كەڭلىكى 15.5كىلومىتىر، شىمالدىن جەنۇپقىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 70كىلومىتىر بۇلۇپ، ئۇمۇمىي يەر مەيدانى 971.75كۇۋادىرات كىلومىتىر. يەر شەكلى شىمالى ئىگىز جەنۇبىي پەس، شەرىقى قىسمىي تاغلىق رايۇن، جەنۇبىي قىسىمىي تۈزلەڭلىك، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 1201~1396 مىتىرغىچە. مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق قورغاق ھاۋا كېلىماتىغا تەۋە. يىللىق ئوتتۇرىچە يۆل يېغىن مىقدارى 88مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1638.2مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى 8.5، يانىۋاردىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى15.6، ئىيولدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى23.8، پۈتۈن يىلدىكى قىروۋسىز مەزگىلى 150~160كۈنگىچە. سايرام بازىرى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان بۇلۇپ، بۇغداي، بەرەڭگە، قۇناق تېرىلىدۇ، باي ناھىيەسىنىڭ مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايۇنىنىڭ بىرى. تېرىلغۇ كۆلىمىي 3123.73گېكىتار. يايلاق كۆلىمىي 2200گېكىتار، يازلىق يايلاقنىڭ كۆپ قىسمىي شىمالدىكى تەڭرىتېغىنىڭ ئوتتۇرا، ئېگىز جايلىرىغا، قىشلاقنىڭ كۆپ قىسىمىي تەڭرىتېغىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن جايلىرىغا تارقالغان. 2012- يىلدىكى ئىستاتىستكىغا ئاساسلانغاندا سايرام بازىرى تەۋەلىكىدە 15كەنىت ئاھالە كومىتېتى، 1فېرما، 52گۇرۇپپا بۇلۇپ جەمئىي 4687ئائىللىك 17582نەپەر ئادەم بار. 

يېزا ئىقتىسادى: 2012- يىلى سايرام بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى ئۆزلۈكسىز زۇرايتىپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. پۈتۈن بازارنىڭ يېزا ئىقتىسادى ئۇمۇمىي كىرىمى179مىليۇن يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 26مىليۇن 790مىڭ يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %17.50 بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىقچىلىق كېرىمى 93مىليۇن 900مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 9مىليۇن 180مىڭ يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسىبىتى %10.84 بولدى. باغ ئورمانچىلىق كېرىمى 16مىليۇن 490مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5مىليۇن 460مىڭ يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسىبىتى %49.50 بولدى. چارۋىچىلىق كېرىمى 48مىليۇن 290مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 9مىليۇن 480مىڭ يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسىبىتى %24.43 بولدى. 2- كەسىپتىن قىلىنغان كېرىم 9مىليۇن 960مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1مىليۇن 40مىڭ يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسىبىتى %11.66 بولدى. 3- كەسىپتىن قىلىنغان كېرىم 11مىليۇن 250مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1مىليۇن 630مىڭ يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسىبىتى %16.94بولدى. ئەمگەك مۇلازىمەت كېرىمى 11مىليۇن 800مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3مىليۇن 270مىڭ يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسىبىتى %38.34 بولدى.دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كېرىمى 7194 يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1156 يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسىبىتى %19.50 بولدى.

تېرىقچىلىقنى تەڭشەش: 2012- يىلى سايرام بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بازارنىڭ ئۇمۇمىي تېرىقچىلىق كۆلىمى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى، تۇپراق سۈپىتى، سۇ مەنبەسى قاتارلىق تەبىئىي شارائىتلارغا ئاساسەن، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق قارىشىنى پائال ئۆزگەرتىپ، چەكلىك يەر بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى. دېھقانچلىق ئىشلەپچىقىرىدىكى ئىقتىسادى ئۈنۈمنى ئەڭ زور چەككە يەتكۈزۈشنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇش بولماسلىقىنىڭ ئۈنۈملۈك يادىروسى قىلىپ، يەرلەرنى تۈجۈبىلەپ باشقۇرۇش كۈچەپ يولغا قۇيۇپ، دېھقانلارنى يەرلەردىن تۈجۈبىلەپ پايدىلىنىش ئارقىلىق، يەرنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە يېڭى ئىلگىرلەش بارلىققا كېلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئەلالىشىپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ئۇمۇمىيۈزلۈك كېڭىيىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئونۋىرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۈرۈنەرلىك يۇقۇرى كۆتىرىلدى. پۈتۈن بازارنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش كۆلىمىي4180گېكىتار، تۇپراقنى رېتسىپلىق ئۇغۇتلاش كۆلىمىي 2634.4گېكىتار بۇلۇپ، 2540توننا يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋەزىپسىنى تاماملاپ، پارنىك ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ماس تەرەققىي قىلدۇردى. ئۈزۈم كۈچىتىدىن 230مىڭ تۈپ، مۇچ مايسىدىن 5مىليۇن تۈپ، تاۋۇز مايسىدىن 144مىليۇن تۇپ يىتىشتۈردى، پەسىلسىز سەي – كۆكتات تېرىش كۆلىمىي 3گېكىتارغا يىتىپ، ھەر بىر پارنىكنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىي 18مىڭ يۈەنگە يەتتى.

ئۆزگىچە باغ – ئورمانچىلىق:  2012- يىلى سايرام بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيتىگە ئەمەل قىلىپ، رايۇنلار تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئاساسلىق بازار ئاچقۇچى مەسھۇلاتنى ئىلمىي پىلانلاپ، رايۇنلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قۇيۇپ، 《بىر لىنىيە، ئىككى بەلۋاغ، ئۈچ رايۇن، بەش نوقتا》ئەندىزىسى بۇيىچە، ئۆزگىچە باغ – ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى بىكىتىپ، ئۈزۈم، ئۈرۈك، ياڭاقنى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە باغ – ئورمانچىلىقنى كۆڭۈل قۇيۇپ يىتىشتۈرۈپ،《ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش》پىرىنسىپىي بۇيىچە، ئۆزگىچە باغ – ئورمانچىلىق سىناق نوقتىسىنى يۇقۇرى ئۆلچەمدە قۇردى. 《كىم مەبلەغ سالسا شۇ مەنپەئەتلىنىش》پىرىنسىپىي بۇيىچە، دېھقانلار ۋە باشقۇرغۇچى خۇجايىنلار مەبلەغ سېلىشنى ئاساسى گەۋدە قىلغان، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىنى قۇشۇمچە قىلغان مەبلەغ سېلىش مىخاينىزىمىنى ئورنىتىپ، ئېكىلوگىيە ئۈنۈمىي رايۇنىغا بۇرۇلۇش چىقىم مەبلىغى، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرىز، دۆلەتنىڭ ئورمان ئەھيا قىلىش تۇلۇقلىمىسى قاتارلىق دۆلەت، ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەتنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزگىچە باغ ئورمانچىلىق بازا قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ بىلەن قوللاش سالمىغىنى ئاشۇردى. پۈتۈن بازاردىكى ياڭاق كۆلىمى 732.9گېكىتار، ئۈرۈك كۆلىمىي 346.6گېكىتار، ئۈزۈم كۆلىمىي 296گېكىتار بۇلۇپ، مىۋىگە كىرگەن كۆلەم 1000گېكىتارغا يىتىپ، قۇرۇق مىۋە ئۇمۇمىي مەھسۇلاتى 4715توننىغا يەتتى. ئۆزگىچە ياڭاق ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلغان باغ ئورمانچىلىق ئۆزلۈكسىز ئەلالىشىپ ۋە تېخىمۇ زورايدى، 40گېكىتار ئىھاتە ئورمان يېڭىدىن ئەھيا قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كوللىكتىپ ئورمان ھۇقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى غەلبىلىك تاماملىدى.

چارۋىچىلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش: 2012- يىلى سايرام بازارلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى چارۋىچىلىقنى كۈچەيتىپ بازارنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇمۇمىي قوتان قالدۇقى 68مىڭ توياققا يىتىپ، 3241تۇياق چارۋا كۆپەيدى، يىغىپ ساقلىغان يەم خەشەك ۋە زىرائەت شاخ – شۇمبۇلىرى 7.68توننىغا يەتتى. چارۋىچىلىقنىڭ يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ھويلا ئارامنى ئۆزگەرتىش ئەندىزىسىدە ھەممە ئۆيلەردە پارنىك قوتان ۋە چارۋا بۇلۇش ئىشقا ئېشىپ، چارۋىچىلىق تەرەققىيات رامكىسى ئاساسەن شەكىللەندى. چارۋىچىلىقتىكى ياردەم ئۈسۈملۈك قەرىز 4مىليۇن 920مىڭ يۈەن ۋە ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە بىرىلگەن ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرىز 1مىليۇن 140مىڭ يۈەن چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈمىي تەدىرجىي كۆرۈنەرلىك بولدى. ھويلا – ئارام ئىگىلىكىبۇيىچە، يىللىق كىرىمىي 1000يۈەندىن ئاشقان كۆلەملىك باقمىچىلىق ئائىللىرى 1273كە يەتتى، كۆلەمنى ۋە سانىنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا پەقەتلا چارۋىسى يوق 256ئائىلىگە قارىتا ھالەتلىك ئېنىقلاش ۋە چارۋا بۇلۇش نىشانى ئىشقا ئاشتى. 《مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىنى كۆپەيتىش》قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قۇيۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ھالىتى ياخشىلاندى، 1مىليۇن يۈەنلىك خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇش نۇقتىسىدىكى ئۆلچەملەشكەن گۆش قۇيى باقمىچىلىق رايۇنى تۈرى تۇرغۇزۇلۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى ئۇمۇمىيۈزلۈك كېڭەيدى.

ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرىتقا چىقىرىش: سايرام بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۇمۇمىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى ئىككى مەنبەلىك ئىقتىساد قۇرۇلمىسىدىكى كونا قاراش ۋە تەپەككۈر يۈزلىنىشى ھەقىقى ئۆزگەرتىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرىتقا چىقىرىشنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسلىسىنى ھەل قىلىش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسى يول قىلىشتا چىڭ تۇردى. بازارلىق ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلغان، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتىقا چىقىرىش خىزمىتى مۇلازىمەت پونكىتى باشلامچىلىق قىلغان، كەنىتلەر ئۆز – ئارا ماسلاشقان، ھەر قايسى گۇرۇپپىلاردىكى ئەمگەك مۇلازىمەت ئۇچۇرچى خادىملار  قاتناشقان تەڭ تۇتۇپ بىرلىكتە باشقۇرۇدىغان، ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاستىچىلىق تەشكىلاتلار ، ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاستىچىلىرى، باشلامچىلار پائال قاتناشقان، ئىچى – سىرتىدىن ئۆز ئارا ماسلاشقان، يۇقۇرى تۆۋەن ھەمتۈرتكە بۇلىدىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرىتقا چىقىرىش تەشكىلى تورى قۇرۇلدى. ئەمگەك مۇلازىمەت خىزمىتىنى نىشانلىق باھالاشنى كۈچەيتىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇش، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت خىزمەت ۋەزىيتى ۋە زور خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللىنىپ، ئەمگەك مۇلازىمەت خىزمىتىدە نىشان ۋە تەدبىر بۇلۇش، ئىشلەمچىلەر سىرتىقا چىققاندا مەسئۇل ئادەم بۇلۇش، پۇل تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىشقا ئېشىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرىتقا چىقىرىش خىزمىتىنىڭ تىز تەرەققىياتى كۈچلۈك تەشكىلى كاپالەتكە ئىگە بولدى. پۈتۈن يىلدا جەمئىي 666ئادەمنى يېڭىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، 830ئادەم قېتىم تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، 2200نەپەر ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى سىرتىقا چىقىرىپ، 11ملىيۇن 800مىڭ يۈەن كىرىم يارىتىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 1400يۈەنگە يەتتى.

پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش: 2012- يىلى سايرام بازارلىق پارتكوم نەزىرىيە بىلەن قۇراللىنىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيۋى سىياسىي قۇرۇلۇشى سىناق نۇقتا خىزمىتى مۇھىم نەتىنجىلەرگە ئىرىشتى. ئىلغار نەمۇنىچىلاردىن بۇلۇش پائالىيتى باسقۇچ خارەكتىرلىك نەتىنجىگە ئىرىشتى. پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئېڭى كۈچەيتىلدى. پارتكوم كېڭىشىش قائىدىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 23قېتىم پارتكوم يىغىنى ئېچىپ، 23قارالمىنى مۇزاكىرە قىلدى. كەنىتنىڭ《ئىككى كومىتېت》نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك تاماملاپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قوش يىلپائالىيتىنى ئەستايدىل قانات يايدۇردى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتا ئىلغارلىقنى تالىشىش مىخاينىزىمىنىڭ ئۈنۈمىي كۆرۈنەرلىك بولدى. كەنىت (ئىجىتمائىي رايۇن)لارنىڭ بىرىنچى شۇجىسىنى تەيىنلەش ئۇمۇمىيۈزلۈك ئىشقا ئېشىپ، 15نەپەر مۇنەۋۋەر كادىر كەنىتنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىغا ۋە ئالاقىلىشىش نۇقتىسىنىڭ مەسئۇللىقىغا تەيىنلىنىپ، كەنىت ئىككى كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىگە يىتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىپ، كەنىت كادىرلىرىنى باھالاپ باشقۇرۇش ۋە سىتودىنىت كەنىت ئەمەلدارى يىتىشتۈرۈش سالمىغى زورايتىلدى. پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايدىل ياخشى ئىشلەپ، 24نەپەر ئادەم يېڭىدىن پارتىيەگە كىرىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ساپاسى يۇقۇرى كۆتىرىلدى. كەنىت زاپاس كادىرلىرىنى يىتىشتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش مىخاينىزىمى ئۇمۇمىيۈزلۈك مۇستەھكەملىنىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، پۈتۈن بازاردا توغرا ئىستىل ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى.

ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى: 2012- يىلى سايرام بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 《ئاساسي قاتلام تەشكىلى قۇرۇلۇشى يىلى》، 《خەلققە مۇلازىمەت قىلىش يىلى》پائالىيتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىنى كۆپەيتىش قاتارلىق زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى ئۇمۇميۈزلۈك تىزلىتىپ، پۈتۈن يىلدا خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىشنىڭ 2- قارارلىق قۇرلۇشىدا 52ئائىللىك ئۆي يېڭىدىن سېلىندى، 313ئائىللىك ئۆي كېڭەيتىلدى، 42يۈرۈش كادىرلار ئۆيى ئۇمۇمىيۈزلۈك پۈتتى. ئامما 11مىليۇن 480مىڭ يۈەن تۇلۇقلىما ياردەمدىن بەھىرمان بۇلۇپ، 800گە يېقىن ئائىلىنىڭ ئولتۇراق ئۆي شارائىتى كۆرىنەرلىك ياخشىلاندى ھەمدە ھاللىق سەۋىيەدىكى تۇرالغۇ شارائىتىغا يەتتى. يېزا ئىجىتمائىي كاپالەت مىخاينىزىمى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتىنىشىش نىسبىتى% 99 كە يىتىپ، قاپلىنىش دائىرىسى داۋاملىق كېڭىيىپ، 14مىڭ 300ئادەم سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ، 1مىليۇن 974مىڭ 300يۈەن داۋالىنىش خىراجىتى ئاتچوت قىلىندى. 6237نەپەر ئادەم يېزا يىڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش سۇممىسى 613مىڭ 500يۈەنگە يەتتى. 1483ئادەم ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى ئېلىپ، ئۇمۇمىي سۇممىسى 1مىليۇن 327مىڭ يۈەنگە يەتتى. نامرات ئاجىز توپلارغا كۈچەپ ياردەم بىرىپ، نامراتلقتىن قۇتقۇزۇش پىلانى بۇيىچە 179ئائىللىك 672ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. 518ئائىلە پاتقاق گازى پاكىز ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، 456ئۇرۇنغا پاتقاق گازى كۆلچىكى سېلىنىپ، ئىشلىتىش نىسبىتى %88گە يەتتى. ئاممىنىڭ ئولتۇرىدىغانغا ئۆيى بۇلۇش، كەسىپتە نەتىنجىسى بۇلۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بۇلۇش، كىسەل بولغاندا داۋالىنالايدىغان بۇلۇش، ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بۇلۇش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرلەش بارلىققا كەلدى. تۈرلۈك خەلققە ۋە يېزا ئىگىلىكىگە نەپ يەتكۈزۈش سېلىنمىسى 20مىليۇن يۈەنگە يىتىپ، ئامما خاتىرجەم ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، كۆڭلى توق ھالەت شەكىللەندى.

مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى: 2012- يىلى سايرام بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 《ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۈرت – ماكان بەرپا قىلىش قىلىش》نى باش تېما قىلغان تەربىيەلەش پائالىيتىنى جانلىق، تەسىرلىك ئېلىپ، ئىجىتمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدى ئەمىنلىك تەشۋىق تەربىيە پائالىيتىنى سۈپەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك قانات يايدۇردى. كىنو –رادىئو- تېلۋىزىيە، مەدەنىيەنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيتى، ئاياللارنىڭ 《گۈزەللىك قۇرۇلۇشى》، 《شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى》، 《دېھقانلار قىرائەتخانىسى》 قاتارلىق مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلدى. 10 كەنىتتىكى 1898ئائىللىك دېھقانغا سىمسىز رەقەملىك تېلۋىزىيە قۇبۇللىغۇچ تارقىتىپ بىرىپ، يېزا سىمسىز رەقەملىك تېلىۋىزىيە سىنىقى خىزمىتى ئۇمۇمىيۈزلۈك تاماملىنىپ، دېھقانلار 70يۈرۈش تېلۋىزىيە پىراگراممىسى كۆرەلەيدىغان بولدى بۇنىڭ بىلەن ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى تېخىمۇ مۇللاشتى. مائارىپ ئۇل ئەسلىھەسى، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسى جەھەتلەردە ئادىل بولدى، ئاھالىلار ئولتۇراق رايۇنىنىڭ مۇھىت ئاسىراش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىنى بازار، كەنىت تەرەققىياتىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشكە كىرگۈزۈپ، ئەخلەت تۇشۇش ماشىنسىدىن 3دانە، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاش ساندۇغىدىن 239دانە، ئايلانما ئەخلەت ساندۇغىدىن 60دانە، ئاپتۇماتىك ئايلانما ئەخلەت ماشىنسىدىن 9دانە سەپلىدى. بازار، كەنىتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىك بازار قۇرۇلۇشى قەدىمىنى پۇقتا بېسىپ، بازار، كەنىت پىلانى ئاساسەن تاماملاندى.

مۇقىملىقنى ساقلاش: 2012- يىلى سايرام بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كونتىرول قىلىش، زىدىيەت – ماجىرالارنى تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇردى. ئىجىتمائىي مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش مەركىزى 8760ئادەم قېتىم ئاممىنى كۈتىۋېلىپ، تۈرلۈك ئىشلاردىن 2699پارچىنى ئۆزى بىجىرىپ، 515پارچىنى بىجىرىشكە يوللاپ بەردى. نۇقتىلىق ئەرزىيەت دېلولىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاپ بىرتەرەپ قىلدى. ئامما مۇداپىئە قىلىش ۋە ئىدارە قىلىش تەشكىلىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، 12قېتىملىق زىدىيەت – ماجىرانى تەكشۈرۈپ پەسەيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇتۇقلۇق بولغىنى 11پارچە بۇلۇپ، ئۇتۇقلۇق بۇلۇش نىسىبىتى %93كە يەتتى. كەنىت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى بىر ساقچى، ئىككى ياردەمچى ساقچى، ئىككى بىرلەشمە مۇداپئىيە خادىمى ۋە بەش خەلق ئەسكىرى بۇلۇش ۋە مۇناسىپ ئەسلىھەلەرنى سەپلەش خىزمىتىنى تەلەپ بۇيىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش، قوشنىلار ئار ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىدى. دىن ئىشلىرىنى قانۇن بۇيىچە باشقۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، 《ئىككى خىل تۈزۈم》ۋە تەبلىغ سۆزلەشتە《4نى بىكىتىش》ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتى. پارتىيەنىڭ مىللەت – دىن سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش دائىملىشىپ، تۈزۈملىشىپ، ئۇمۇمىيۈزلۈك قاپلاندى، سىياسەت، قانۇن – نىزاملارنى بىلىش نىسبىتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلىپ، پۈتۈن يىلدا 186قېتىم تەشۋىق تەربىيە پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىپ، 40مىڭ 500نەپەردىن ئارتۇق ئادەم تەربىيەلەندى. دىنى ساھەدە، دىنى زاتلار قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، تارقاق ھەج قىلىش بولماسلىق نىشانى ئىزچىل ئىشقا ئاشتى.

 

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号