نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

قىزىل يېزىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

ئومۇمىي ئەھۋالى】قىزىل يېزىسى باي ناھىيەسىنىڭ شەرقى قىسىمىدا بولۇپ، باي بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارلىقى 47.3 كىلومېتىر كىلىدۇ. قارا ئېدىرلىقى ۋە چۆلتاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، شەرقتە كۇچا ناھىيەسى بىلەن، غەربتە سايرام بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇپتا چۆلتاغ ئارقىلىق توقسۇ ناھىيەسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شىمالدا قېيىر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، پۈتۈن يېزىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 44.4 كىلومېتىر، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 35.4 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 1127.8 كىۋادىرات مېتىر، تېلىرىغۇ يېرى  1280 گېكتار. يەر شەكلى شىمالى ئېگىز، جەنۇبىي پەس، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1146 ~ 2130 مېتىر ، مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق ھاۋا كىلىماتىغا تەۋە. يېزا تەۋەسىدە مەشھۇر ئاسار-ئەتىقىلەر، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى كۆپ بولۇپ، قىزىل مىڭ ئۆيى، قىزىل ئالۋاستى شەھىرى، قىزىل سۇ ئامبىرى، قىزىل كۆل بويى ئارامگاھى، قارا 2- گازلىقى قاتارلىق 5 چوڭ ساياھەت ئورنى بار. بۇ يېزىنىڭ شىمالىدىكى قارا ئېدىرلىق، جەنۇبىدىكى چۆلتاغنىڭ قوم توپىسى قىزىل رەڭلىك بولۇپ، شامال چىقسا قىزىل توپىلار ئۇچىدۇ، يامغۇر ياغسا كەلكۈن قىزىڭ رەڭلىك قومسىمان لاتقىلار بىلەن قوشۇلۇپ قىزىل دەرياسى بويلاپ ئاقىدۇ، دەريا ياقىسىدىكى لاتقىلار تىنغان جايلار قىزىل رەڭدە بولىدۇ، شۇڭا قىزىل دەپ ئاتالغان. يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۆتەڭ كەنتگە جايلاشقان بولۇپ، 307-نومۇرلۇق ئۆلكە يولى يېزىسنى كېسىپ ئۆتىدۇ. پۈتۈن يېزىدا 9 مەمۇرىي كەنت، 1 چارۋىچىلىق مەيدان، 29 گۇرۇپ بولۇپ، يېزا نوپۇسىدىكى 2753 ئائىلىلىك 8530 ئادەم بار.

يېزا ئىقتىسادى】2012-يىلى قىزىل يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق مەھسۇلاتىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازارغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادى زىرائەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تېرىش، پەن-تېخنىكىغا تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلا سورتلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ===، سالالاشتۇرۇپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇردى. پۈتۈن يېزىنىڭ يېزا ئىقتىسادى ئومۇمىي كىرىمى 104 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 17 مىليون 530 مىڭ يۈەن ئېشىپ، %20 ئاشتى. ئاشلىقنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى ۋە ئومۇمىي مۇھسۇلاتى يەنە بىر قېتىم تارىخى يېڭى سەھىپە ياراتىپ، چارۋىچىلىق ياخىش تەرەققىي قىلىپ، باغۋەنچىلىك باشقۇرۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ئۈزۈمچىلىك تېز تەرەققىي قىلىپ، كۆلىمى ۋە پايدىسى تەدىرىجى كۆرىنەرلىك بولۇپ، يېزا ئىگىلىك باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ تۈرتىكىلىك رولى كۈچەيدى. يېزا ئىقتىسادىنىڭ تۈرلۈك كىرىمى پۇختا قەدەمدە ئۆسۈپ، تېرىقچىلىق كىرىمى 37 مىليون 30 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %14.6 ئاشتى؛ چارۋىچىلىق كىرىمى 21 مىليون 240 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، %7.6 ئاشتى؛ باغۋەنچىلىك كىرىمى 31 مىليون 630 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، %20.2 كەتتى؛ 2-، 3-كەسىپ كىرىمى 7 مىليون 620 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، %13.7 ئاشتى؛ ئەمگەك كۈچىنى سىرىتقا چىقىرشتىن قىلنغان كىرىم 10 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، %140 ئاشتى؛ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 6710 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1110 يۈەن ئېشىپ، %19.8 ئاشتى.

ئۈزۈمچىلىك】2012-يىلى قىزىل يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىنىچكىلەشتۈرۈش، ئۈنۈملەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزۈمچىلىكنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىنى باشقۇرۇشنى تولۇق ياخشى تۇتتى. يېزىلىق دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى، ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنى ئۈزۈم تېرىيدىغان ئائىلىگە ئەگىشىپ مۇلازىمەت قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۈزۈم بارىڭىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈزۈمچىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش بېغى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتتى. ئۈزۈمنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىدە پۈتۈن جەريانىلىق ئىنىچكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تېخنىكا تەدبىرى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توپىدىن چىقىرىپ باراڭغا ئېلىش، يەرگە كۆمۈشتىن بۇرۇن قىرقىش، ئوغۇت چېچىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش قانات يايدۇردى؛ تەكشىلەش، قىرقىش، ئوتاش، ئوغۇتلاش، سوغىرىش (سۇ تىزگىنلەش) قاتارلىق تۈرلۈك باشقۇرۇش ھالقىلىرىنىڭ ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە تېخنىكا سېلىنمىسىنى چىڭ تۇتتى. يىل ئىچىدە پۈتۈن يېزىدا 413.7 گېكتار ئۈزۈم مېۋىگە كىرىپ، 329 گېكتار يەردىن مول ھوسۇل ئېلىپ، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 10 مىڭ 900  توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 898 توننا ئاشتى، ئۈزۈمچىلىك ئومۇمىي كىرىمى 30 مىليون 60 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 5 مىليون 10 مىڭ يۈەن ئاشتى. باشقا ئىقتىسادى ئورمان كىرىمى 1 مىليون 570 مىڭ يۈەن بولۇپ، يەككە تۈرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 3156 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1516 يۈەن ئاشتى.

چارۋا باقمىچىلىقى】2012-يىلى قىزىل يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «چارۋىچىلىق ئارقىلىق يېزىنى گۈللەندۈرۈش ۋە كۈچەيتىش» يولىدا مېڭىپ، باشلامچى كارخانا ۋە چوڭ باقمىچىلىق ئائىلىسىنىڭ تۈرتكىسىدە پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۈچلۈك، مەركەزلىك بولغان چارۋىىچلىق كەسىپىنى شەكىللەندۈردى. چوڭنى تۇتۇپ كىچىكنى قويىۋەتمەسلىك ۋە «چىشى كالا (قوي) بېقىش، موزاي (قوزا)نى كۆپەيتىش، سىمىز كالا (قوي) بېقىش» خىزمەت پىكىر يولى بويىچە ئاساسىي چىشى كالا (قوي)توپىنى تېزىدىن زورايتىپ، كۆپەيتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، كۆلەملىشتۈرۈپ بېقىپ، چارۋىچىلىق سېلىنما سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتتى. پۈتۈن يېزىنىڭ قوتان قالدۇقى 28 مىڭ 300 تۇياق (دانە) بولۇپ، كالىنىڭ قوتان قالدۇقى 2482 تۇياق، قوينىڭ قوتان قالدۇقى 13 مىڭ 300 تۇياق، ئۆچكىنىڭ قوتان قالدۇقى 11 مىڭ 200 تۇياق، ئەي بولۇش نىسبىتى %96 بولدى. چارۋىلارنى ئاختا قىلىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئەركەك چارۋىدىن 2267 تۇياقنى بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېشى چوڭ قوچقار 1587 تۇياق، يېشى چوڭ سەكە 680 تۇياق، توڭ ئۇرۇق ئارقىلىق نەسىللەندۈرگەن كالا 350 تۇياق؛ چارۋىلارنى يۇقۇمدىن ساقلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، مال دوختۇرلۇق سىستېمىسىدىكى كادىرلارنىڭ ئەستايىدىل تېخنىكىلىق يېتەكلىشدە چارۋىلارنى يۇقۇمدىن ساقلاش خىزمىتىنى تاماملاپ، ھاشارەتلەرنى يوقىتىش، كارانتىن قىلىش، يۇقۇمدىن ساقىلىنىش، داۋالاش ئومۇمىي سانى 124 مىڭ 900 قېتىم تۇياق (دانە)قا يەتتى. يەم-خەشەك ۋە زىرائەتلەرنىڭ شاخ-شۇمبىلىرىدىن جەمئىي 16 مىڭ 200 توننا يىغدى.

تېرىقچىلىقنى كۈچەيتىش】2012-يىلى قىزىل يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەپ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنى زورايتىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىراتىگىيەلىك پۈرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي ئەۋزەللىككە ئاساسەن ئاممىنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن تەڭشەشكە يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، كوپېراتىپ، شىركەت بازىسى، دېھقان بىرلەشكەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئاكتىپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە يېزا قۇرۇلۇشىغا پۇختا ئىقتىسادى ئاساس سالدى. يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زىيانسىز يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىيات نىشانى قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چىڭ تۇتۇپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. يىل ئىچىدە 333.7 گېكتار بوغداي، 66.6 گېكتار شال، 300 گېكتار قوناق، 133.3 گېكتار بالدۇر تېرىيدىغان كۆكتات، 66.6 گېكتار مايلىق دان، 246.6 گېكتار پېلەكلىك زىرائەت، پارنىكتا 53.3 گېكتار تاۋۇز تېرىدى ھەم كۈزگە بوغداينى يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىدى.پەن-تېخنىكا سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، تۇپراقنى رېتسىپلىق ئوغۇتلاپ تېرىشنى كۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا 335 گېكتار يەرنى تۇپراقنى رېتسىپلىق ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ تېرىدى. پەن-تېخنىكىدا يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، پەن-تېخنىكا تەربىيەلەش سىنىپىدىن 41 قارار ئېچىپ، 2205 ئادەمنى تەربىيەلىدى.

ئاساسىي قۇرۇلۇش】2012-يىلى قىزىل يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئېتىز-ئېرىق ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلىدى. ناھىيەنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشنىڭ مۇھىملىق ۋە جىددىيلىك دەرىجىسىگە قاراپ مەبلەغنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان توسما، زەي چېپىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك رېمۇنت قىلىپ، مەخسۇس ئادەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتا بېكىتىپ باشقۇرۇپ، رېمۇنت قىلىش، قۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. كىچىك تىپتىكى چۈشۈرگە، تىزگىنلەش چۈشۈرگىسى، زەي چېپىش چۈشۈرگىسى ۋە كىچىك تىپتىكى ئېتىز-ئېرىق، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ رېمۇنت قىلىپ، سوغىرىش رايونىنى ئۆزگەرتىپ، ئېتىزلارنى سۇغىرىش ۋە زەي چېپىش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىك مەزگىلىدە يىغىمغا كاپالەتلىك قىلدى. 25 كىلومېتىر ئۆستەڭنى رېمۇنت قىلىپ، يېڭىدىن 6 كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساپ، 1 سۇ بۆلگۈچ چۈشۈرگە، 2 كۆۋرۈك سېلىپ، 1 كۆۋرۈكنى رېمۇنت قىلىپ سۇغىرىش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىدى. يېڭىدىن 518 مېتىر كەلكۈن توسۇش دامبىسىنى ياساپ، 465 مېتىرنى رېمۇنت قىلىپ مۇستەھكەملىدى. يېڭىدىن 2.3 كىلومېتىر زەيلىك چېپىپ، 153.3 گېكتار يەرنى تۈزلەپ، 1486.6 گېكتار يەرنى تىراكتور بىلەن ھەيدەپ، 904 گېكتار يەرنى ماشىنىدا تېرىپ، 460 گېكتار يەردىكى ئاشلىقنى ماشىنىدا يىغىپ، 167 گېكتار يەرىدىكى سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقلىرىنى يىغىپ، 80 گېكتار يەرگە ئاشلىقنى مىقدارلاپ تېرىدى؛ 531 تىراكتور تەكشۈرۈشكە تىگىشلىك بولۇپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈلگىنى 497، تەكشۈرۈش نىسبىتى %94 بولدى. پۈتۈن يېزىدا چوڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرمىدى.

خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى】2012-يىلى قىزىل يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش» قۇرۇلۇشى بويىچە جەمئىي 258 ئۆينى يېڭىدىن سالدى ۋە ئۆزگەرتتى. يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەسلىھەلەرنى سەپلەش، بىخەتەر ئىشلىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يەر بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ پايدىلىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىدى. ئۈزۈن مەزگىلىك پىلانغا ياخشى ئاساس سېلىش ئۈچۈن، مىس مەھەللە كەنتىنى خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك كەنت قىلىپ بېكىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى مەبلەغ توپلاشقا تەشكىللەش، يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىۋىدىن قەرز ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى سەۋىيەدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك پىلانلاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى كەنت قۇرۇلۇشى 10 يىل 20 يىل ئارقىدا قالماسلىق تەلىپى بويىچە يېزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىھەلەر مۇكەممەل، ئىقتىدارى تولۇق بولغان ھاللىق جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، خەلقنى ماكانلاشتۇرۇشنى يېزا پىلانى، سۇ، توك يولى، خەۋەرلىشىش، داۋالىنىش، ئۇقۇش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى سەپلەش ۋە يېزا قىياپىتىنى ئونىۋېرسال تۈزەش بىلەن بىرلەشتۈردى. پۈتۈن يېزىدا 258 يۈرۈش ئۆينىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتى %100 يەتتى؛ 258 يۈرۈش ئۆي پۈتۈپ، پۈتۈش نىسبىتى %100 كە يەتتى؛ 258 ئائىلىلىك كۆچۈپ كىرىپ، كۆچۈپ كىرىش نىسبىتى %100 يەتتى. بۇنىڭدىن باشقا قىزىل يېزىىسى ئىنىچكە ھېسابات قىلىش، ئەپچىلىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، بوش ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۇچادىن خام ماتېرىيال سېتىۋېلىپ، قۇرۇلۇش تەننەرخىنى ھەر كىۋادىرات مېتىرىغا ئەسىلدىكى خامچوتتىكى 1200 يۈەندىن 950 يۈەنگە ئازايىتتى.

داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرى】2012-يىلى قىزىل يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پىلانلىق توغۇت ئەلا مۇلازىمىتى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، چوكانلارغا قارىتا «ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش، ئۈزۈك تەكشۈرۈش، كېسەل تەكشۈرۈش، ئۈزۈك سېلىش ۋە ئېلىش» قاتارلىق ھەقسىز تېخنىكىلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا 2620 دىن ئارتۇق ئادەمگە ھەقىسىز تېخنىكىلىق مۇلازىمەت قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 1226 ئايالنىڭ ئۈزۈكىنى، 1169 ئايالنىڭ ھامىلدارلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، 225 ئايالغا ئۈزۈك سالدى. پىلانلىق توغۇتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يېزىدىكى 116 ئادەمگە جەمئىي 250 مىڭ يۈەن مۇكاپات تارقاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە پىلانلىق توغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەردىن 46 ئادەم مۇكاپات ياردىمدىن بەھىرىمان بولۇپ، جەمئىي 46 مىڭ يۈەن مۇكاپات تارقاتتى. يالغۇز پەرزەنتى يارلانغان، مېيىپ، ئۆلۈپ كەتكەن 6 ئائىلىگە 9720 مۇكاپات تارقاتتى. دۆلەت ئاز توغۇپ تېز بېيىش قۇرۇلۇشىدىن بەھىرىمان بولغان 68 ئائىلىگە جەمئىي 204 مىڭ يۈەن مۇكاپات تارقاتتى. يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ھەمكارلىق داۋالاشقا قاتنىشىش نىسبىتى %98 كە يەتتى. سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى=== پائالىيىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن يېزىدا 12 ئەملەش نۇقتىسى تەسىس قىلدى. مەخسۇس داۋالاش خادىملىرىنى چەت جايلاردىكى كارخانىلارغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى باسقۇچتىكى == ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك تاماملاپ، 300 ئادەمنى تويدىن بۇرۇن ھەقسىز تەكشۈردى.

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号