نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : باش بەت كونترول مەركىزى > دوستانە ئۇلىنىش > يېزا بازار كەنىتلەر

قېيىر

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى ، سائەت04:38    كۆرۈش :  

ئومۇمىي ئەھۋالى】قېيىر يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قازانچى كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، باي بازىرىنىڭ شەرق شىمالدىكى 101 كىلومېترلىق ئورۇندا. شىمالدا خېجىڭ ناھىيەسى، تىكەس ناھىيەسى بىلەن تەڭرىتاغ ئارقىلىق ئايرىلىدۇ، شەرق شىمالدا بايىنغۇلىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى بىلەن، شەرقتە كۇچا ناھىيەسى بىلەن، جەبۇپتا قىزىل يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ ، غەرب قىسمى ئېدىرلىق، تاغلىق رايون، ئومۇمىي كۆلىمى 5544 كىۋادىرات كىلومېتر، تەۋەلىكىدە 12 مەمۇرىي كەنت، 1 چارۋىچىلىق مەيدان، 55 گۇرۇپ بار. پۈتۈن يېزىدا 2789 ئائىلىلىك 12 مىڭ 400 ئادەم بار. قېيىر يېزىسىنىڭ شەرق، غەرب، شىمال تەرىپى تاغلىق ۋە ئېرىدلىق، جەنۇپ تەرپىنىڭ يەر شەكلى ئىگىز-پەس، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 1800 مېتىر ئەتراپىدا. تەڭرىتېغىدىن باشلانغان ئالتۇنقوش دەرياسى، بوزقىرغى دەرياسى، چوڭغول دەرياسى ۋە چوڭ، كىچىك تارماق ئېقىنلار يېزىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى ئاقتاش ئويمانلىقىدا بىرلىشىپ، ئېقىنلار تور شەكىلىدە يېيىلىپ راۋان ئاقىدۇ. يەرلىك ئامما ئۇنى مىڭ بۇلاق دەپ ئاتايدۇ. زىرائەت تېرىشقا ماس كىلىدۇ، لىكىن ئويمانلىقنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك، پۈتۈن يېزىنىڭ تېرىلغۇ يېرى 2689.9 گېكتار كىلىدۇ. سۇپ مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق، تاغلىق كېلىماتىغا تەۋە، ياز پەسلىدە تېمپىراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن، قىراۋسىز مەزگىل 120 كۈندىن 130 كۈنگىچە بولىدۇ. تەبئىي بايلىقلار بىر قەدەر مول. ئوتلاق ۋە تەڭرىتېغىنىڭ يانباغىرىدا توغراق، شەمشاد، ئارچا دەرىخى ۋە قار لەيلىسى، كىرەش قاتارلىق جۇڭيى ئۈسۈملۈك دورا ماتېرىياللىرى ئۆسىدۇ، تاغدا ياۋايى ھايۋانلار بار. تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان كان بايلىقلىرىدىن مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن، كۆمۈر، چىرىمتال ۋە باشقا ئاز ئۇچىرايدىغان مېتاللار بار.

يېزا ئىقتىسادى】2012-يىلى قېيىر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەرەققىياتنى تېما، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئاساسىي لىنيە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش ۋە ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەكشەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى پۇختا قەدەمدە يۆتكەپ، ئىقتىسادنى ھەم تېز ھەم ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك كەسىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرلەتتى. پۈتۈن يىللىق ئىقتسادى كىرىم جەمئىي 93 مىليون 690 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە: دېھقانچىلىق كىرىمى 36 مىليون 740 مىڭ يۈەن، چارۋىچىلىق كىرىمى 48 مىليون 860 مىڭ يۈەن، باغۋەنچىلىك كىرىمى 1 مىليون 880 مىڭ يۈەن، 2-، 3-كەسىپ كىرىمى 6 مىليون 210 مىڭ يۈەن، ئەمگەك كۈچىنى سىرىتقا چىقىرىش كىرىمى 14 مىليون 500 مىڭ يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى 5 مىليون 970 مىڭ يۈەن. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 5080 يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە: دېھقانچىلىقتىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 1767 يۈەن، چارۋىچىلىقتىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 2393 يۈەن، باغۋەنچىلىىكتىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 88 يۈەن، 2-، 3- كەسىپتىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 337 يۈەن، ئەمگەك كۈچىنى سىرىتقا چىقىرىشتىن قىلىنغان كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 495 يۈەن؛ ئالدىنقى يىلدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمدىن 1010 يۈەن كۆپەيدى.

چارۋىچىلىقنى كۈچەيتىش】2012-يىلى قېيىر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى چارۋىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ماركىلاشتۇرۇشنى باشلىنىش نۇقتىسى، باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، كۆلەملەشتۈرۈپ كۆپەيتىپ، كالا، قوي، قۇشچىلىقنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇردى. مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە ناھىيەنىڭ تۈرلۈك دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش ھەم ھەقىقىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئالاقىدار مۇكاپاتلاش، يۆلەش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، پۈتۈن يېزىدىكى ئاممىنىڭ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاكتىپچانلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. پۈتۈن يېزىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى قوتان قالدۇقى 112 مىڭ 500 تۇياق (دانە)، تۇغار قوي، كالا 5520 تۇياق، تۇغار ئۆچكە 5520 تۇياق، چىشى چارۋا ئومۇمىي چارۋىنىڭ %65 نى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن يېزىدا ئېلىنغان تۆل 63 مىڭ 500 تۇياق، 61 مىڭ تۇياق ئەي بولۇپ، ئەي بولۇش نىسىبىتى %96 كە يەتتى. قولدىن چىقارغان چارۋا 73 مىڭ 300 تۇياق (دانە)، گۆش مەھسۇلاتى 2210.5 توننا، تۇخۇم مەھسۇلاتى 52 توننا، سۈت مەھسۇلاتى 385 توننا، ئىنىچكە يۇڭلۇق قوي يۇڭى 129.2 توننا، بۇنىڭ ئىچىدە «ساپالى» ماركىلىق ئەلا سۈپەتلىك ئىنىچكە يۇڭلۇق قوي يۇڭى 45 توننا، ئۆچكە تىۋىتىنىڭ مەھسۇلات ۋەزىپىسى 7.8 توننا بولۇپ، ئەمەلىي تاماملانغىنى 8.2 توننا.

تېرىقچىلىقنى چىڭ تۇتۇش】2012-يىلى قېيىر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تېرىقچىلىققا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى تەدىرىجى ئاشۇردى. پۈتۈن يېزىنىڭ تېرىلغۇ يېرى 2692.2 گېكتار، كۈزگە بۇغداي كۆلىمى 1166.6 گېكتار بولۇپ، ھەر مونىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 406.1 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 44 كىلوگىرام ئاشتى، ئومۇمىي مەھسۇلات 7106.8 توننا؛ قوناق كۆلىمى 500 گېكتار بولۇپ، ھەر مونىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 519.3 كىلوگىرام، ئومۇمىي مەھسۇلات 3897.7 توننا؛ بەرەڭگە كۆلىمى 100 گېكتار بولۇپ، ھەر مونىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 2131.4 كىلوگىرام، ئومۇمىي مەھسۇلات 3210 توننا؛ مايلىق دانلارنىڭ كۆلىمى 598 گېكتار بولۇپ، ھەر مونىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 109 كىلوگىرام، ئومۇمىي مەھسۇلات 977.8 توننا؛ كۆكتات كۆلىمى 136.8 گېكتار بولۇپ، ھەر مونىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 2200 كىلوگىرام، ئومۇمىي مەھسۇلات 4516.6 توننا؛ دادۇر كۆلىمى 167 گېكتار بولۇپ، ھەر مونىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 230 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 30 كىلوگىرام ئاشتى، ئومۇمىي مەھسۇلات 576.38 توننا. ئارپا كۆلىمى 20 گېكتار بولۇپ، ھەر مونىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 255 كىلوگىرام، ئومۇمىي مەھسۇلات 77.5 توننا.

ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى】2012-يىلى قېيىر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئەمگەك كۈچىنى سىرىتقا چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجدە ئاشۇردى. بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئەمەلىي كەسپى تەربىيەلەشلەرنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. دېھقانلارغا ھەقسىز كەسىپ تونۇشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەمدە «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتى ئارقىلىق ئادەم ئىشلىتىش، تەربىيەلەش ئۇچۇرلىرىنى دېھقانلارغا يەتكۈزۈپ، دېھقانلارغا سىياسەتلەرنى چۈشەندۈردى؛ دېھقانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تېلېفونى تەسىس قىلىپ، ئىشلەمچىلەر توپلاشقان رايون، زاۋۇت، كانلارغا دائىم بېرىپ زىيارەت قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، مائاش ماجىرالىرىنى ھەل قىلدى. پۈتۈن يىلدا 3180 ئادەم تىزىملىتىپ سىرىتقا چىقىپ (ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، كورلا، كۇچا قاتارلىق جايلاردا) ئىشلەپ، جەمئىي 3011 يۈەن كىرىم قىلدى. ئۈزۈن مەزگىل نىسبەتەن مۇقىم يۆتكىگەن ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى 630، پەسىل خارەكتىرلىك، قىسقا مۇددەتلىك يۆتكىگەن ئەمگەك كۈچى 2550 بولۇپ، ئەمگەك كۈچىنى سىرىتقا چىقىرىشتىن قىلىنغان ئوتتۇرىچە كىرىم 1772 يۈەن بولدى.

نامراتلارنى يۆلەپ قىيىنچىلىقىنى يىڭىش】2012-يىلى قېيىر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ باردى. يۆلەيدىغان ئائىلىلەرنى «پەن-تېخنىكا قىشى» تەربىيەلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ تېخنىكا ۋە قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى ئىگىلەشكە تەشكىللەپ، نامراتلىقتىن قۇتىلىپ بېيىش ئاساسىنى ياخشى سېلىپ، 80 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۈرلۈك تەربىيەلەشكە قاتناشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمگەك كۈچىنى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى سىرىتقا چىقىرش خىزمىتىنىڭ مۇھىمى قاتارغا كىرگۈزدى، پۈتۈن يېزىدا نامرات ئائىلىدىن جەمئىي 380 ئادەم سىرىتقا چىقىپ ئىشلىدى. ھويلا-ئارام ئىقتىسادىنى كۈچەپ تەرققىي قىلدۇردى (نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن جەمئىي 212 ئائىلىگە 11 مىڭ 210 چۈجە، 1000 دىن ئارتۇق قوي تارقاتتى)؛ ھازىر بار كۆكتات پارنىكى ۋە باقمىچىلىق ئائىلىسىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنى ھويلا-ئارام ئېقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى. ھەمكارلىق شەكلىدە يۆلەش پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يېزىدا 100 نەپەر يېزا ئورگان، پونكىت كادىرىنى 60 نامرات ئائىلە بىلەن ھەمكارلىق شەكلىدە يۆلەش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تەشكىللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلىرى ۋە نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە 3 كەنتتىكى 150 ئائىلىلىككە 1 مىليون 240 مىڭ يۈەن خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش، ئۈچ رايوننى ئايرىش مەبلىغى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ ھەمدە 248 ئائىلىلىك نامرات ئاممىغا 1200 تۇياق قوي ياردەم قىلىنىدۇ.

خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى】2012-يىلى قېيىر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئىلغارلىقنى تالىشىش» پائالىيىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلىپ، «خەلقنى ئاساس قىلىش، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» تۈپ نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كاپالەت خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي سوغۇرتا، داۋالىنىش، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، بارلىق ئاممىنى تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھىرىمان قىلدى ھەمدە نامرات، ئاجىز ئاممىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، ئاممىۋى بايلىقنى ئاساسىي قاتلامغا، «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقان»لارغا قارىتىپ ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىجىرا قىلىش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ بىلىش نىسبىتى ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى. خەلق تۇرۇمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، دېھقان-چارۋىچلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. 535 ئائىلىلىكنىڭ خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 139 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى يېڭىدىن سېلىنىپ، 396 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى كېڭەيتىپ سېلىندى؛ 535 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى سېلىنىپ، ئۆيلەر ئاساسەن پۈتۈن تولۇق كۆچۈپ كىردى. 535 ئائىلىكنىڭ قەغەزچە ئارخىپى ۋە ئېلېكترونلۇق ئارخىپى تولۇق كىرگۈزۈلدى.

سۇچىلىق قۇرۇلۇشى】2012-يىلى قېيىر يېزىلىق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى خىزمەت پىكىر يولىنى ئاكتىپ تەڭشەپ، پىلانلاش مېخانىزىمى، تەشكىللەش مېخانىزىمى، مەبلەغ سېلىش مېخانىزىمى، قۇرۇپ باشقۇرۇش مېخانىزىمى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزىمدىن ئىبارەت «بەش چوڭ» مېخانىزىمدا يېڭىلىق يارتىش، ئىدىيۋى تونۇشى، رەھبەرلىك سالمىقى، تۈر قۇرۇلۇشى، سۈپەت كاپالىتى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى ئېتىز-ئېرىق ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى چوڭ قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى، ئومۇمىي ۋەزىيەت ياخشى بولۇپ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بىخەتەر سۇ ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى تۈرىگە 2 مىليون 840 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 3 كەنتتىكى 600 دىن كۆپ ئائىلىلىك 3000 دىن كۆپ ئادەمنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسى يەنىمۇ ھەل قىلدى. 5600 يۈەن مەبلەغ سېلىپ 20 ئائىلىگە يېڭىدىن تۇربا سۈيى ئورنىتىپ، پۈتۈن يىلدا 80 مىڭ يۈەن ئىچىملىك سۇ ھەققى يىغدى. يېڭىدىن توسما قۇرۇش ۋەزىپىسى 1460 مېتىر، رېمۇنت قىلىش ۋەزىپىسى 1500 مېتىر بولۇپ، 6895 مېتىر توسمىنى تاماملاپ، يېڭىدىن 22 كۆۋرۈك سېلىپ، 2 نور، 15 چۈشۈرگە، 12 كىلومېتىر ئۇزۇنلىقتىكى سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنى يېڭىدىن ياساپ، 1 مىليون 704 مىڭ يۈەن سۇ ھەققىي تاپشۇردى.

ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى】2012-يىلى قېيىر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز شارائىتىگە قاراپ باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورمان ھوقۇقى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. پۈتۈن يېزىنىڭ ئورمان كۆلىمى 1139.2 گېكتار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىھاتە ئورمان 1057.7 گېكتار، ئىقتىسادى ئورمان 81.4 گېكتار. ناھىيە كوللىكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، قېيىر يېزىسى ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، «باي ناھىيەسىنىڭ كوللىكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغان قويۇش لايىھەسى»دىكى بەلگىلىمىلەردىكى تەلەپ بويىچە «ئاكتىپ ئىزدىنىش، پۇختا قەدەمدە ئىسلاھ قىلىش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇش، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت خىزمەت پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش»نى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئۆز شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش بىلەن تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرش بىلەن خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، جانلىق ئىسلاھ قىلىش بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كىرىمنى ئاشۇرۇش بىلەن تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۆز ئارا بىرلەشكەن خىزمەت مېخانىزىمىغا تاياندى. پۈتۈن يېزىنىڭ 241.4 گېكتار كوللىكتىپ ئورمىنى ۋە 246.8 گېكتار شەخىسنىڭ ئىگىلىكىدىكى ئورماننى تىزىملاپ ئارخىپ تۈرغۇزدى، ھازىر ئىسلاھ قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 488.2 گېكتار بولۇپ، 13 كەنت ۋە 1716 ئائىلىگە چېتىلىدۇ، 10 كەنت بىلەن ھۆددىگە بېرىش توختامى تۈزدى ھەم ئېلېكترونلۇق ئارخىپقا كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تاماملىدى.

تىنىچلىق قۇرۇلۇشى】2012-يىلى قېيىر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇقىملىق خىزمىتىنى باشتى-ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قۇرۇپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى ئىقتىساد قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئىقتىساد قۇرۇلۇشى، مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى بىلەن ئوخشاش پىلانلاپ، ئوخشاش تەكشۈرۈپ، ئوخشاش باھالىدى. «بىر ئىش ئورنى ئىككى مەسئۇلىيەت» تەلىپى بويىچە رەھبەرلەر كەنتنى ھۆددىگە ئېلىش، كادىرلار ئائىلىنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئاساسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىدى. ھۈجەيرە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، جەمئىي 13 تىنىچ كەنت، 15 تىنىچ ئورۇن (پونكىت، مەكتەپ)، 33 تىنىچ مەسچىتنى مۇستەھكەملەپ، مۇستەھكەملەش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزدى؛ 2524 تىنىچ ئائىلىنى مۇستەھكەملەپ مۇستەھكەملەش نىسبىتىنى %98 يەتكۈزۈپ، «تىنىچ، ئىناق قېيىر» ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. ساقچىخانا، ئامانلىق ساقلاش بىرلىشمە مۇداپىئە ئەترىتى، خەلق ئەسكەرلىرى جىددىي تاقابىل تۇرۇش شۆبە ئەترىتىنى مۇھىم ۋاقىت، نۇقتىلىق رايوندا چارلاشقا تەشكىللەپ، بازار كۈنى چارلاش سالمىقىنى زورايتىپ، زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، بىر تەرپ قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىشانغا زەربە بېرىش، نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىر يىلدا 4 جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بېرىپ، 4 دېلونى پاش قىلدى؛ 2 ئامانلىق دېلوسى يۈز بېرىپ، بۇلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

جەمئىيەت باشقۇرۇش】2012-يىلى قېيىر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «سۇبيېكت ۋە فونكىسىيە ئۆزگەرمەسلىك، خىزمەتتە بىرلىشىش، ئارتۇقچىلىقنى ئۆز ئارا تولۇقلاش، ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا قولايلىق يارتىش»پىرىنسىپى بويىچە «زىددىيەتنى بىرلىكتە مۇرەسسە قىلىش، ئامانلىقنى بىرلىكتە ساقلاش، خىزمەتنى بىرلىكتە ئىشلەش، مەسىلىنى بىرلىكتە تۈزەش، تىنىچلىقنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش» خىزمەت مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. ««ئون بىر» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش خادىمى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، 13 ئادەمنى ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى قىلىپ بېكىتىپ، 256 پارچە ئىشنى ۋاكالىتەن بېجىردى. قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىي 47 زىددىيەت، ماجىرانى قوبۇل قىلىپ بېجىرىپ، تۈرلۈك مۇلازىمەتتىن 340 ئادەم قېتىم بېجىرىدى. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمەت ئاپپاراتى ۋە قوشۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمى ۋە يېزا رەھبەرلىرى دېلونى ھۆددىگە ئېلىپ ئەرزلەرنى ھەل قىلىش مېخانىزىمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدىلىيە مۇرەسسە قىلىش، خەلق مۇرەسسە قىلىش، مەمۇرىي مۇرەسسە قىلىشنى ئاساس قىلغان «ئۈچ مۇرەسسەنى بىرلەشتۈرۈش»خىزمەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنت ئۈچ كۈندە بىر تەكشۈرۈش، يېزا بىر ھەپتىدە بىر تەكشۈرۈش خىزمەت مېخانىزىمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت، ماجىرالارنى ۋاقىتىدا تەكشۈرۈپ پەسەيتتى. يېزىلىق زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدە 2 نەپەر مەخسۇس ۋەزىپىدىكى كادىر، 13 نەپەر كەنتنىڭ ئەرز ۋە خەلق ئىشلىرىنى مۇرەسسە قىلغۇچى خادىم بار.

پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش】2012-يىلى قېيىر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇردىغان، خەلق ئۈچۈن ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بۇيىچە ھاكىميەت يۈرگۈزدىغان، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل، ئېچىۋېتىپ يېڭىلىق يارتىدىغان، ھۆكۈمەت ئىشىنى تىرىشىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەيدىغان، پاك-دىيانەتلىك رەھبەرلىك كوللىكتىپى قۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، «بەش ياخشى»نىشان تەلىپى بويىچە ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئاچقۇچ، رەھبەرلىك قىلىش شەكلى ۋە خىزمەت مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۆزلۈك قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۈمۈميۈزلۈك كۈچەيتىپ، رەھبەرلەرنىڭ يېزا خىزمىتىنى ئىشلەش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈردى. «قوش يىل» ۋە كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىستىلىنى ياخشىلاپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش»نى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تۆت پىشقەدەم» خادىملار، نامرات پارتىيە ئەزالىرى ۋە پىنسىيىگە چىققان كادىرلارنى يوقلاپ، قەرەللىك ھالدا ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىدى. «بەش ياخشى» كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى تۇتقۇ قىلىپ، «ئۈچ دەرىجە بىرلىكتە بەرپا قىلىش»پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. رەھبىرى كادىرلار كەنتنى ھۆددىگە ئېلىش خىزمىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى سۇپا، «قوش يىل» پائالىيىتىنى ۋاستە قىلىپ «پارتىيە ئەزالىرى ۋەدە بېرىش تۈزۈمى»، «ۋەزىپىسى يوق پارتىيە ئەزالىرىغا ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش»، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئۈچنى مۇجەسسەملەش»، «پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇل رايونى»، «ۋەزىپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى كەنت ، ئىجتىمائىي رايونلاردا تۇرۇش»، «ئىگىلىك تىكلەش ئاۋانگارتى»، «ھەمكارلىق شەكلىدە يۆلەش» قاتارلىق پارتىيۋىلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى، تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى.

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号