نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش > مۇھىم تۈرلەر > قانۇن نىزاملار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ، سائەت09:18

 (2001 – يىل 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2013 – يىل 7– ئاينىڭ 31 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

    (2 – نومۇرلۇق)

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2013 – يىل 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    2013 – يىل 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى

    1 – ماددا بۇ چارە تاشيول قۇرۇلۇشىنى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاشيول ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە تاشيولنى پىلانلايدىغان، ياسايدىغان، ئاسرايدىغان، تىجارەت قىلىدىغان، ئىشلىتىدىغان ۋە باشقۇرىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇشۇ چارىگە رىئايە قىلىشى شەرت.

    3 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تاشيول قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تاشيول قۇرۇلۇشىنى قوللىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشيول پىلانلاش، مەبلەغ سېلىش، ياساش، ئاسراش، باشقۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش جەھەتلەردە چەت ۋە نامرات رايونلارغا يار– يۆلەك بولىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.

    دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىغا قانۇن بويىچە مەبلەغ سېلىشىغا، ئەل ئارا كاپىتالنى قانۇن بويىچە تاشيول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ قىلىپ سېلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.\

    4 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى تاشيول خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى يېزا تاشيولى (ناھىيە يولى، يېزا يولى، كەنت يولى)نى ياساش، ئاسراش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى، شۇنىڭدەك باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى مەخسۇس تاشيوللارنى ياساش، ئاسراش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    تەرەققىيات – ئىسلاھات، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مالىيە، تۇرالغۇ – قۇرۇلۇش، زېمىن بايلىقى، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار تاشيولغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

    5 – ماددا تاشيول يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە تەستىقلىتىش ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى›› بويىچە بولىدۇ. تەستىقلانغان تاشيول يىرىك پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئىلمىي دەلىللەنگەندىن كېيىن، پىلاننى تۈزگەن ئورگان تۈزىتىش لايىھەسىنى قويۇپ، تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ.

    يېڭىدىن ياسىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشى تاشيول يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، تاشيول يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلمىگەن ياكى تاشيول يىرىك پىلانى بىلەن بىردەك بولمىغان تاشيول قۇرۇلۇشى تەستىقلانمايدۇ.

    6 – ماددا مەخسۇس تاشيول يىرىك پىلانىنى قانۇن بويىچە تۈزۈش ھەمدە تاشيول يىرىك پىلانى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

    يېڭىدىن ياسىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان مەخسۇس تاشيول ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىغا ئۇزارتىلماقچى بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات – ئىسلاھات مەسئۇل تارمىقى تەستىقلاش ياكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئىلگىرى، شۇ دەرىجىلىك قاتناش – تىرانسپورت تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

    7 – ماددا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى تاشيول يىرىك پىلانىنىڭ مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

    8 – ماددا تاشيول قۇرۇلۇشى يېرى پىلانىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، تاشيول تېخنىكا دەرىجىسى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن قىلىپ تۈزۈپ، تاشيول يېرى ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن تاشيول قۇرۇلۇشى يېرى قانۇن بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

    9 – ماددا پىلانلاپ ياسالغان تۆمۈريول، ئۆستەڭ، نو، تۇرۇبا لىنىيەسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى يىرىك پىلاندىكى تاشيولنىڭ ئۈستىدىن، ئاستىدىن ئۆتكۈزۈشكە ياكى يانداشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلسە، تاشيول باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىدىن ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

    10 – ماددا تاشيول ياساش، ئاسراش مەبلىغىنى كۆپ شەكىل، كۆپ يوللار بىلەن غەملەش ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

    تاشيول قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى غەملەش يولى ۋە ئۇسۇلى:

    (1) دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇشلىرىغا بېرىدىغان ياردىمى؛

    (2) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان جامائەت مالىيەسى خامچوت مەبلىغى؛

    (3) دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىدىن ئالغان قەرز پۇل، ھەدىيە پۇل؛

    (4) دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى كارخانا ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مەبلىغى، ئىئانىسى، ئەلئارا كاپىتال مەبلىغى، ئىئانىسى؛

    (5) تاشيول ياسايدىغان، تاشيول تىجارىتى قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكى، شىركەت زايومىنى قانۇن بويىچە تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن توپلىغان مەبلىغى؛

    (6) نام بېرىش، ئېلان تىجارىتى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن توپلانغان مەبلەغ؛

    (7) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن باشقا ئۇسۇللار.

    11 – ماددا تاشيول ياساش، ئاسراش مەبلىغىنى جايىغا ئىشلىتىش كېرەك، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس تۇتۇپ قالماسلىقى، ئىگىلىۋالماسلىقى ۋە ئىشلىتىۋالماسلىقى ھەمدە ئىقتىسادىي تەپتىش، مالىيە تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

    12 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاشيول قۇرۇلۇش يېرى ئاجرىتىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە يەر ئېلىش، تولۇقلىما بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. تاشيول قۇرۇلۇشى يېرى تولۇقلىما پۇلى، ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى، ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇلى، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇلى، يەردىكى قوشۇمچە نەرسە ۋە مايسا تۆلەم پۇلى ئۆلچىمى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر ئېلىش ئېلانىنى چىقارغان كۈندىن باشلاپ، تاشيول ياسىلىدىغان يەر ۋە ئىمارەت كونترول رايونىغا ئىمارەت سېلىش، قۇرۇلما ياساشنى يەنە تەستىقلاشقا بولمايدۇ؛ يېڭىدىن ئىمارەت سېلىشقا، قۇرۇلما ياساشقا ۋە زىرائەت تېرىۋېلىشقا بولمايدۇ.

    13 – ماددا تاشيول قۇرۇلۇشىدا تاشيول ئاساسىي قۇرۇلۇشى تەرتىپى ۋە تېخنىكا قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

    تاشيول قۇرۇلۇش تۈرىدە قانۇن بويىچە تۈر قانۇنىي ئىگىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تۈزۈمى، قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى، توختام باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشلىتىش يىل چېكىنى لايىھەلەشتە ئاخىرىغىچە مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

    14 – ماددا شەھەر يىرىك پىلانىنىڭ ۋە تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، تاشيولنى شەھەر – بازار يولىغا ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقىغا بۇ يولنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك، بۇ يولنى ئاسراش، باشقۇرۇشقا شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ.

    15 – ماددا تاشيول ئۆزگەرتىپ ياسالغاندىن كېيىن، ئەسلىي كونا تاشيولدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش– تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تاشلىۋېتىشنى تەستىقلىغان بولسا ئاسرالمايدۇ ۋە باشقۇرۇلمايدۇ:

    (1) لىنىيەسى قىسقىراق بولغان ھەم ئاپتوموبىل ماڭمايدىغان يول بۆلىكى؛

    (2) قاتناش توختىتىلىپ تاشلاندۇق مەيدانى قىلىنغان، يول ئاسراش پونكىتىنىڭ ماتېرىيال مەيدانى قىلىنغان يول بۆلىكى ياكى زىرائەت تېرىلغان يول بۆلىكى؛

    (3) ماڭغىلى بولمايدىغان كونا، خەتەرلىك كۆۋرۈك ۋە خەتەرلىك سۈڭگۈچ؛

    (4) تاشيول ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ماڭغىلى بولمايدىغان جىددىي ئايلانما، تىك داۋان، قىرغاق، سۇ بويىدىكى يول قاتارلىق خەتەرلىك يول بۆلەكلىرى.

    ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، تاشلىۋېتىش تەستىقلانغان كونا تاشيولغا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى يول يۈرۈشنى مەنئى قىلىش بەلگىسى ۋە زۆرۈر ئەسلىھە ئورنىتىدۇ ھەمدە ئۇنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

    16 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تاشيول ئاسراش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى كۈچەيتىشى، تاشيول ئاسراش مەبلىغىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى، ياساش بىلەن ئاسراشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، تاشيول ئاسراشنى باشقۇرۇش بىلەن ئاسراش مەشغۇلاتىنى ئايرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

    تاشيول ئاسراش قۇرۇلۇشىدا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش يولغا قويۇلىدۇ.

    17 – ماددا تاشيول ئاسراشتا قاتناشقا چەك قويۇشقا ياكى يول بۆلىكىنى تاقىۋېتىشكە توغرا كەلگەندە ۋە ياكى تەبىئىي ئاپەت تاشيولنى قىسمەن بۇزۇۋەتكەنلىكتىن قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نورمال قاتنىشىغا تەسىر يەتكەندە، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى، بىخەتەرلىك بەلگىسى ئورنىتىشى كېرەك. ئايلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، يولنى كۆرسىتىپ بېرىشى، ئايلىنىپ ئۆتۈشكە بولمىسا، ۋاقىتلىق يول ياسىشى، تارقاقلاشتۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    تاشيول ئاسراش مەشغۇلاتى قىلغاندا، ئاسراش مەشغۇلاتى قىلىدىغان ئاپتوموبىل، ماشىنا – ئۈسكۈنىلەرگە ئېنىق مەشغۇلات بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك. قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتنىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا، ئاسراش مەشغۇلاتى قىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش لىنىيەسى ۋە يۆنىلىشى قاتناش بەلگىسى، كۆرسەتكۈچ سىزىقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، قاتناۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرى يول بېرىشى كېرەك.

    18 – ماددا تاشيول ئاسراش مەشغۇلاتى ئۈچۈن يەر ئىشلىتىشكە ۋە يول ئاسراشقا كېرەكلىك قۇم – شېغىل، توپا قېزىش، سۇ ئېلىشقا توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش كېرەك.

    ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى قوللىشى ۋە ياردەملىشىشى كېرەك.

    19 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تاشيول ئاسراش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان تاشيولنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرىدۇ؛ ياسىلىۋاتقان تاشيوللارنى، تاشيول يېرى ۋە تاشيول ئىمارەت كونترول رايونى دائىرىسىنى مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرىدۇ.

    20 – ماددا تاشيولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، تاشيول ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى زىيانغا ئۇچرىغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكار ئۆزىنىڭ جاۋابكارلىقىغا ئاساسەن، مۇناسىپ تاشيول مۈلكى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

    21 – ماددا تاشيولدا تەكشى كېسىشكەن يول ئاغزىنى كۆپەيتىش ياكى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش كېرەك. تىجارەتلىك تاشيول بولسا، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلاشتىن ئىلگىرى تاشيول تىجارىتى كارخانىسىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

    22 – ماددا نورمىدىن، چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇش قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قاتناش – تىرانسپورت، تەرەققىيات – ئىسلاھات، جامائەت خەۋپسىزلىكى، زېمىن بايلىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى، مەمۇرىي تەپتىش تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، نورمىدىن، چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇشنى تۈزەش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، يۈك توشۇشنى مەنبەدىن تۈزەش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نورمىدىن، چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

    23 – ماددا كۆمۈر، رۇدا، سېمونت قاتارلىقلار يىغىلىدىغان يۈك ئۆتىڭى ۋە يۈك بېكەتلىرىدىكى تىجارەتچىلەر يۈكنى بەلگىلىمە بويىچە بېسىشى، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىقى كېرەك:

    (1) ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بېسىش، قوشۇپ بېسىش؛

    (2) چەكتىن ئاشۇرۇپ باسقان ئاپتوموبىللارغا ساختا ئىسپات بېرىش؛

    (3) ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ بېسىشقا كۈشكۈرتۈش، مەجبۇرلاش.

    يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى كۆمۈر، رۇدا، سېمونت قاتارلىقلار يىغىلىدىغان يۈك ئۆتىڭى ۋە يۈك بېكەتلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۈك بېسىش، توشۇشقا ئالاقىدار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ مەيدان(بېكەت)دىن چىقىشىنى توسۇشى كېرەك.

    24 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، تاشيولدا چەكتىن ئاشقاننى تەكشۈرۈش مۇقىم پونكىتى (نۇقتىسى) قۇرسا، زۆرۈر ئۈسكۈنە ۋە خادىم سەپلىسە بولىدۇ.

    تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە ئاپتوموبىلنىڭ تاشيول، كۆۋرۈك، تونېل ياكى كېچىك كېمىسىنىڭ يۈك، ئېگىزلىك، كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا، يېقىن ئەتراپتىكى تاشيولدا چەكتىن ئاشقاننى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ئاپىرىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. يېقىن ئەتراپتىكى تاشيولدا چەكتىن ئاشقاننى تەكشۈرۈش پونكىتى بولمىسا، مۇۋاپىق جاينى تاللاپ يۈكنى چۈشۈرۈۋېتىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. يۈك باسقان ئاپتوموبىل تەكشۈرۈشكە بويسۇنۇشى كېرەك.

    ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، ئۆتكۈر زەھەرلىك، رادىيوئاكتىپلىق بۇيۇم قاتارلىق خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم توشۇيدىغان ئاپتوموبىللاردىكى چەكتىن ئاشۇرۇپ بېسىلغان يۈكنى چۈشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى جامائەت خەۋپسىزلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق تارماقلارغا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

    25 – ماددا پارچىلىغىلى بولمايدىغان بۇيۇملارنى باسقان ۋە ئالاھىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئومۇمىي تاشقى ھەجىمى ياكى ئومۇمىي ئېغىرلىقى تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونېلىنىڭ يۈك، ئېگىزلىك، كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونېلىدا يۈرۈشى زۆرۈر بولغاندا، توشۇغۇچى ئورۇن ۋە شەخس قانۇن بويىچە تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇش ئىجازىتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. يۈرۈش لىنىيەسىنى پۇختىلاش، ئۆزگەرتىش تەدبىرىنى قوللىنىش زۆرۈر بولسا، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەدبىر قوللىنىدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    تاشيولدا چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇش قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇش ئىجازىتى بېرىشتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

    26 – ماددا ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدىكى ھەق پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ھەق ئېلىش مۇددىتى، ھەق ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولنى باشقۇرۇش نىزامى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى بېكىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

    27 – ماددا تاشيولدىكى ھەق پونكىتلىرى ھەق ئېلىش ئېغىزلىرىنى قاتناش مىقدارىغا قاراپ تەڭشەپ، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ راۋان يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش، ئېغىرلىقىغا قاراپ ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تەدرىجىي قوللىنىشى كېرەك.

    دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھەق كەچۈرۈم قىلىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن يول ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يول ھەققىنى تاپشۇرماسلىقىغا، تاپشۇرماي قېچىشىغا، ئاز تاپشۇرۇشىغا ياكى ھەق ئېلىش ئېغىزلىرىنى قەستەن توسۇۋېلىشىغا، چازىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشىگە، ھەق ئېلىش ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇشىغا ياكى ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    28 – ماددا ھەق ئېلىنىدىغان يېپىق تاشيوللارغا كىرگەن قاتناش ۋاسىتىلىرى يول كارتىسى (بېلىتى) بىلەن كىرىپ چىقىشى كېرەك. يول كارتىسى (بېلىتى) بولمىسا، ئىناۋەتسىز يول كارتىسى (بېلىتى)نى كۆرسەتسە ياكى يول كارتىسى(بېلىتى)نى ئالماشتۇرغان بولسا، ھەق ئالغۇچى ئورۇن يېپىق يول بۆلىكىنىڭ بېشىدىكى كىرىش پونكىتىدىن شۇ پونكىتقىچە بولغان ئارىلىقنى ھېسابلاپ يول ھەققى ئالىدۇ.

    29 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تاشيول مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، مۇلازىمەت ئېڭىنى ئاشۇرۇشى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

    30 – ماددا قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ۋە تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    31 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 21 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي تۇرۇپ، تاشيولدا تەكشى كېسىشكەن يول ئاغزىنى كۆپەيتكەن ياكى ئۆزگەرتكەنلەرنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

    32 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 23– ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

    33 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 27 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى پۈتۈن مۇساپە ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، 300 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    34 – ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.(تامام)

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号