نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش > مۇھىم تۈرلەر > قانۇن نىزاملار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى›› نى يولغا قويۇش چارىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ، سائەت09:21

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى 179–نومۇرلۇق

    ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2012–يىل 7–ئاينىڭ 18–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 33–قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدۇق، 2012–يىل 9–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

    2012–يىل 7–ئاينىڭ 24–ئىيۇل

    1–ماددا بۇ چارە گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

    2–ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈشكە تەتبىقلىنىدۇ. ئەمما، شەھەر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

    3–ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىش ئاساس، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش پىرىنسىپى ئاساس قىلىنىدۇ.

    4–ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەرىجىمۇ دەرىجە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشكە دائىر نىشان، ۋەزىپە، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى قاتارلىقلارنى يىللىق نىشانلىق باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.

    5–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك:

    1) ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشكە قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى قۇرۇش؛

    2) نۇقتىلىق ئورمان رايونىدا ئوت ئاپىتىنى كۆزىتىش مۇنارى، ئېلېكتىرونلۇق كۆزىتىش قاراۋۇلخانىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش؛

    3) ئورمان رايونىدىكى ئاساسلىق كىرىش ئېغىزى ياكى كىشىلەر كۆپ ھەرىكەت قىلىدىغان جايلاردا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە مەڭگۈلۈك تەشۋىقات – ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىش؛

    4) ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش؛

    5) ئورمان بايلىقىنىڭ ئەمەلىي تارقىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوت ئاپىتىدىن بىيولوگىيەلىك مۇداپىئەلىنىش ئورمان بەلبېغى ياكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئارىلىقى بەرپا قىلىش، ئوت مۇداپىئە يولىنى ياساش.

    ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس ئاپتوموبىلىنى سېتىۋېلىش بېجى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ يولدىن ئۆتۈش ھەققى، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس رادىيو ئىستانسىسىنىڭ سىمسىز خەۋەرلىشىش چاستۇتىسىنى ئىگىلەش ھەققى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

    6–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس مەبلىغىنى تەسىس قىلىدۇ ھەمدە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا قاراپ، تەدرىجىي كۆپەيتىدۇ.

    ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس مەبلىغى ئاساسلىقى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش كۈندىلىك خىزمىتى، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىق–تەربىيەسى، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش پەن تەتقىقاتى، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش جابدۇقىنى سەپلەش ۋە مەشىق قىلىش، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    7–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەسىس قىلغان ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. كۈندىلىك خىزمەتلەرنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاۋىياتسىيەلىك ئورمان ئاسراش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئورمان ئاسراشنى ئاۋىياتسىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش–قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاۋىياتسىيەلىك ئورمان ئاسراش ئۇل ئەسلىھەسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋىياتسىيەلىك ئورمان ئاسراشقا ئېھتىياجلىق راسخوتقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    8–ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    تەرەققىيات–ئىسلاھات، مالىيە، چارۋىچىلىق، قاتناش–تىرانسپورت، خەلق ئىشلىرى، مېتېئورولوگىيە، ساياھەت، رادىيو–تېلېۋىزىيە، خەۋەرلىشىش، ج خ ئوت مۇداپىئەسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

    9–ماددا ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

    10–ماددا ناھىيە (شەھەر) دىن يۇقىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

    ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسى بولغان يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنى تەشكىللەپ ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، ئورمان ئوت ئاپىتىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى تۈزۈشى، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسى بولغان كەنت ئاھالە كومىتېتى ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە ئورمان ئوت ئاپىتىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش چارىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئورمان ئوت ئاپىتىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

    11–ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي رايونغا چېتىلسا، ئالاقىدار ناھىيەلىك (شەھەرلىك)، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بىرلەشمە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش رايونىنى ئايرىپ، بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش تۈزۈمى ۋە تەدبىرىنى تۈزۈپ، بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش رايونىنىڭ ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

    12–ماددا ئورمانلىق، دەل–دەرەخلىك ۋە ئورمان يېرىنى باشقۇرۇۋاتقان ئورۇن ۋە شەخسلەر باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەشۋىقات–ئاگاھ بەلگىسىنى ئورنىتىشى؛ ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئوتتىن بىيولوگىيەلىك مۇداپىئەلىنىش ئورمان بەلبېغى ياكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئارىلىقى تەسىس قىلىشى؛ زۆرۈر بولغان ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابى، ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلىشى ھەمدە ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

    دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى، ئورمان باغچىسى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشكە رەھبەرلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

    ئورمان رايونى ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەر ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىپ، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

    13–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى، ئورمان باغچىسى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، كەسپىي ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئەترىتى قۇرۇشى؛ ئورمانلىق، دەل–دەرەخلىك ۋە ئورمان يېرىنى باشقۇرۇۋاتقان ئورۇن، شۇنداقلا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسى بولغان كەنت، ئاھالە كومىتېتى ئورمان رايونىدىكى ئاھالە كومىتېتى ئاممىۋى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئەترىتى قۇرۇشى كېرەك.

    كەسپىي ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە ئاممىۋى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنا– ئۈسكۈنە جابدۇقلىرىنى سەپلىشى، تەربىيەلەش ۋە مانېۋىرنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈشى، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ قوماندانلىق قىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

    14–ماددا ئورمانلىق، دەل–دەرەخلىك ۋە ئورمان يېرىنى باشقۇرۇۋاتقان ئورۇن، شۇنداقلا ئورمان ئوت مۇداپىئە ۋەزىپىسى بار يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى تۆۋەندىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك:

    1) ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە دائىر قانۇن – نىزام ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەشۋىق قىلىش، تاغنى چارلاپ ئورمان ئاسراش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دالىدا ئوت ئىشلىتىش قىلمىشىنى چەكلەش، ئوت ئاپىتى خەۋپىنى بايقاش ۋە تۈگىتىش؛

    2) بايقىغان ئوت ئاپىتىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش؛

    3) ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئورمان ئوت ئاپىتى دېلولىرىنى تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىش.

    15–ماددا تۆمۈريول، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ۋە خەۋەرلىشىش سىم يولى، نېفىت – تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئورمان رايونىدىن ئۆتكەندە، ئۇنى باشقۇرغۇچى ئورۇن ياكى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئورمان ئوت ئاپىتى خەۋپى بولغان بۆلەكلەردە مۇقىم بولغان ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىشى ھەمدە لىنىيەنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئوت ئاپىتى خەۋپىنى تۈگىتىشى كېرەك.

    16–ماددا ھەر يىلى 4–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن 10–ئاينىڭ 31–كۈنىگىچە شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش مەزگىلى بولىدۇ؛ 3–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن 10–ئاينىڭ 31–كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش مەزگىلى بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش مەزگىلىنى تەڭشەپ جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

    17–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى ئورمان بايلىقىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش رايونىنى ئايرىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

    18–ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەزگىلى ئىچىدە ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىدىكى دالىدا ئوت ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. كېسەللىك، ھاشارات ئاپىتى، ئۈششۈك ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چارلاش، كان قېزىش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋالدا دالىدا ئوت ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن يولغا قويۇش ھەمدە تۆۋەندىكى مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك:

    1) ئەتراپتىكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيىتى بار ئورۇنلارغا ئۇقتۇرۇش؛

    2) ئىشتىن ئىلگىرى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئارىلىقى تەسىس قىلىش؛

    3) ئۈچ بال شامالدىن تۆۋەن كۈنلەرنى تاللاپ ئوت ئىشلىتىش ھەمدە ئوت كېتىشتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش؛

    4)ئوت ئىشلىتىش مەزگىلىدە يېتەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى، قوراللىرى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛

    5) ئوتنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن تەلتۆكۈس ئۆچۈرۈۋېتىش؛

    6) باشقا زۆرۈر بولغان مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش.

    19 – ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەزگىلى ئىچىدە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىدىغان ھاۋارايى شارائىتى، ئورمانلىقتىكى ئوت ئالىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئاسان ئوت ئېلىش ئەھۋالى ۋە ئورماندىكى ئوتنىڭ يامراپ كېتىپ ئاپەتكە ئايلىنىش خەتەرلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئورمان ئوت ئاپىتى خەتىرى يۇقىرى رايوننى ئايرىپ، ئورمان ئوت ئاپىتى خەتىرى يۇقىرى بولىدىغان مەزگىلنى بەلگىلىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

    ئورمان ئوت ئاپىتى خەتىرى يۇقىرى بولىدىغان مەزگىل ئىچىدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئورمان ئوت ئاپىتى خەتىرى يۇقىرى رايونغا كىرىدىغانلار ئوت مەنبەسى ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى ئەكىرىشكە بولمايدۇ.

    20–ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەزگىلى ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىغا كىرىشتىكى ئاساسلىق يول ئېغىزىدا ۋاقىتلىق ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش پونكىتىنى تەسىس قىلىپ، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش رايونىغا كىرگەن ئاپتوموبىل، خادىملارنى تىزىملىشى ۋە ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

    21–ماددا مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتلىرى ئورمان ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىدىغان ھاۋارايىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئورمان ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىدىغان ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىشى كېرەك.

    رادىيو–تېلېۋىزىيە، گېزىت، ئىنتېرنېت قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئورمان ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىدىغان ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە ئوت ئاپىتى خەتىرى يۇقىرى ھاۋارايىدىن سىگنال بېرىش خەۋەرلىرىنى ۋاقتىدا ھەقسىز ئېلان قىلىشى كېرەك.

    22–ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ.

    1) ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش رايونىدا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش؛

    2) ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاگاھ – تەشۋىقات بەلگىسى ۋە ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇش؛

    3) ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئارىلىقى ياكى ئوتتىن بىيولوگىيەلىك مۇداپىئەلىنىش ئورمان بەلبېغىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛

    4) ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە كاشىلا قىلىش.

    23–ماددا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى، دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان مەيدانى، ئورمان باغچىسى شۇنداقلا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسى بولغان يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونىدا ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش دىجورنىخانىسى تەسىس قىلىش، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە سىگنال بېرىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىش؛ ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەزگىلى ئىچىدە 24 سائەت دىجورنىلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

    ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئورمان ئوت ئاپىتىنى بايقىغاندا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئورمان ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى؛ دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى ئەھۋالىنى ئېنىقلىشى ھەمدە چېكىنىش يولىنى تېزدىن بېكىتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش تەشكىللىشى كېرەك.

    24–ماددا ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جايدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئورمان ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلغۇچى خادىملار، ماددىي ئەشيا ۋە جابدۇقلارنى ۋاقتىدا يۆتكەپ، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىشى كېرەك.

    25–ماددا ئادەتتىكى ۋە بىر قەدەر چوڭ ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرگە ئورماندا ئوت كەتكەن ۋاقىت، ئورۇن، سەۋەب، ئوت ئاپىتىنى پەيدا قىلغۇچى، زىيانغا ئۇچرىغان ئورمان كۆلىمى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئەھۋالى، ماددىي ئەشيا سەرپىياتى، خادىملارنىڭ ئۆلۈش–يارىلىنىشى ۋە باشقا ئىقتىسادىي زىيان قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشى ۋە باھالىشى؛ ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى خادىم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاشقا قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

    زور، پەۋقۇلئاددە زور ئورمان ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى تەشكىللەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى خادىم ئەۋەتىدۇ.

    26–ماددا ئورمانلىق، دەل–دەرەخلىك ۋە ئورمان يېرىنى باشقۇرۇۋاتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئورمان ئوت ئاپىتى سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

    دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئورمان ئوت ئاپىتى سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمى تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ.

    27–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئاپپاراتى، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلاردىكى خىزمەتچىلەردىن بۇ چارىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىنى، ئۇنىڭ مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئەمەلىي پاكىتى، قىلمىشى، نەتىجىسىگە ئاساسەن، بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

    1) پارىخورلۇق قىلغان، ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغانلار؛

    2) ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماي ياكى جايىدا ئادا قىلماي، ئېغىر زىيان ياكى ئۆلۈش–يارىلىنىش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛

    3) ئورمان ئوت ئاپىتىدە ئوت ئۆچۈرۈلمىگەن ياكى ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن بىخەتەرلىك دەرىجىسىگە يەتمىگەن ئەھۋالدا، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنى خالىغانچە چېكىندۈرگەن ياكى ئۆز مەيلىچە ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ، قايتا ئوت كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛

    4) ئورمان ئوت ئاپىتى دېلولىرى ياكى ھادىسىگە ئالاقىدار جاۋابكارلارنى بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

    5) مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار.

    28–ماددا بۇ چارىنىڭ 15–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

    29–ماددا بۇ چارىنىڭ 19–ماددىسىدىكى 2–تارماق، 22–ماددىسىنىڭ 2– ، 3–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە، شەھەردىن يۇقىرى ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. شەخسكە 50 يۈەندىن يۇقىرى 200يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئورۇنلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، زىيان پەيدا قىلغانلارغا قانۇن بويىچە تۆلىتىدۇ.

    30–ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن–بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

    31–ماددا بۇ چارە 2012–يىل 9–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.(تامام)

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号