نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش > مۇھىم تۈرلەر > قانۇن نىزاملار

‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ، سائەت09:23

    ئەكبەر ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 8–ئاينىڭ 14–كۈنى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.

    يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەر قايسى دەرسلىكلەرنى تۈزگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دەرسلىك تۈزگۈچىلەرگە تەكلىپنامە تارقاتتى.

    يىغىندا ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقان مۇتەخەسسىس، پىروفېسسور ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن دەرسلىك تۈزۈشتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش تەلەپ قىلىندى: دەرسلىكنىڭ قىيىنلىق ۋە ئاسانلىق دەرىجىسى بىلەن دەرس نىشانى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، دەرس سىغىمى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ئىقتىدارنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش؛ تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئەندىزىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش بىلەن بىللە ھەر قايسى دەرسلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەنزۇچە دەرسلىك بىلەن باشقا دەرسلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىيات دەرسلىكى، خەنزۇ تىل–ئەدەبىيات دەرسلىكى بىلەن خەنزۇچە دەرسلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغان ئادەتتىكى سىنىپلار بىلەن ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل–ئەدەبىيات دەرسلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش بىلەن ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈپ، ساپا مائارىپى بىلەن دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى جانلىقلىق، مائارىپ مەزمۇنىدىكى موللىق، مائارىپ ئەندىزىسىدىكى كۆپ خىللىقنى نامايان قىلىش كېرەك.

    يىغىنغا ‹‹قوش تىل›› مائارىپى دەرسلىكىنى تۈزۈش كومىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ھەرقايسى دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە مەسئۇل كىشىلەر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىدىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، مالىيە نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، مائارىپ نەشرىياتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇللاردىن بولۇپ، 100گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.(تامام)

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号