نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > مىللەتلەر

مۇڭغۇل مىللىتى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 02 - ئاينىڭ 09 - كۈنى ، سائەت16:23    كۆرۈش :  

 شىنجاڭدىكىمۇڭغۇللارئاساسلىقى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتەكلىرىدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا تارقالغان .ئومومىي نوپۇسى 175 مىڭ (2006–يىلدىكى مەلۇمات )،مۇڭغۇل تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى مۇڭغۇل تىلى ئائىلىسىگە مەنسۈپ .شىنجاڭدىكى مۇڭغۇلار مۇڭغۇل تىلىنىڭ ئويرات شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ .بۇرۇن ‹‹تودو››مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىشلىتەتتى .ھازىر ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى مۇڭغۇللارغا ئوخشاش خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىدۇ .مۇڭغۇللار لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن ،قىسمەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىگىز ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ .ھازىر ئاستا–ئاستا كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنمەكتە.

    مۇڭغۇللار يېمەك –ئىچمەك جەھەتتە چارۋىچىلىق تۇرمۇشىغا خاس بولغان گۆش –ماي ،سۈت –قايماق قاتارلىق تائاملارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ .بىلىنى يېشىل پوتا بىلەن باغلىۋالىدۇ .مۇڭغۇللار مېھماننى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ .مۇڭغۇللارنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى –چاغاننى ھەمىشە بىر قانچە كۈن خۇشال –خورام تەبرىكلەيدۇ .ئۇندىن باشقا ،ئۇلار يەنە چوڭراق بايراملاردىن ‹‹نادام ››يىغىلىشىنى ئۆتكۈزىدۇ .مۇڭغۇللارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى ‹‹جاڭغىر ››ئېلىمىزدىكى ئۈچ چوڭ ئېپوسىنىڭ بىرىدۇر .(تامام) (مەنبەسى شىنخۇا تورى(

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号