نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > مىللەتلەر

ئۇيغۇر مىللىتى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 02 - ئاينىڭ 09 - كۈنى ، سائەت16:28    كۆرۈش :  

   ئۇيغۇر مىللىتى —شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ ،ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان .بۇنىڭ ئىچىدە %80 ى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان .ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 9 مىليون 414مىڭ بولۇپ ، شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن % 45.94 ىنى ئىگىلەيدۇ (2006–يىلىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغان سان ). ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تۇركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ . ئۇيغۇرلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىدۇ.

    ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭگودىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى . مىلادىيە 7– ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان . ئىككى قېتىم لەشكەر تارتىپ ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ‹‹ئۆڭلۈك –سۈيگۈن توپىلىڭى ››نى تىنجىتىشقا ياردەملەشكەن. 9 –ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئاساس قىلغان ھالدا ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغان ۋە يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان . 13–ئەسىردە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار يۈەن خاندانلىقىدا ئەمەل تۇتقان ، بۇ چاغدا كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر سىياسىئونلار ، ھەربىي ئالىملار ،ئاسترونوم ، تارىخشۇناس ۋە تەرجىمانلار يېتىشىپ چىققان ، ئۇيغۇرلار 10–ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان .16–ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىدە ئىسلامىيەت ئوموملاشقان .19–ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزىمغا قارشى كۆپلىگەن كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان .1949–يىلى شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن ،1955–يىلى 10–ئاينىڭ 1–كۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى .

    ئۇيغۇرلار بىر قەدەر يوقىرى بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق .ئۇلارنىڭ مىجەزى ئوچۇق –يورۇق ،چىقىشقاق ،مېھماندوست ،ناخشا –ئۇسسۇل ۋە كۈلكە –چاقچاققا،يۇمۇرلۇق تۇيغۇغا باي .ئۇيغۇرلار كىلاسسىك مۇزىكىسى ‹‹ئون ئىككى مۇقام ››ئۇزاق تارىخقا ۋە زور شۆھرەتكە ئىگە .ئۇيغۇر ئۇسسۇلى شوخ ،لەرزان ۋە گۈزەللىكى بىلەن مەشھۇر .ئاممىۋى كۆڭۇل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن مەشرەپ مىللىي ئەنئەنىۋى سەنئەت شەكلى سۈپىتىدە ناھايىتى كەڭ ئوموملاشقان .شەھەر ۋە يېزا–قىشلاقلاردا يەنە دارۋازلىق ،ئات بەيگىسى ،ئوغلاق تارتىشىش ،چېلىشىش قاتارلىق تەنھەركەت پائالىيەتلىرىمۇ بولۇپ تۇرىدۇ .

    ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك –ئىچمەك مەدەنىيىتى مەملىكەت .ئىچى –سىرتىغا تونۇلغان .ئۇلاردا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قۇرغاق مۇھىتىغا خاس بولغان كۆپلىگەن تاماق تۈرلىرى ،جۇملىدىن ،ھەر خىل نانلار ،پولو ،مانتا ،لەغمەن ،كاۋاپ ،چۆچۈرە ،گۆشنان ،ھالۋاا ،ياپما ،ئۆپكە –ھېسىپ ،سۇيۇقئاش ،ئۈگرە قاتارلىق 50 خىلدىن ئارتۇق تاماق تۇرلىرى بار .ئۇيغۇرلار ئۈزۈم ،ئالما ،نەشپۇت ،ئۆرۈك ،شاپتۇل ،ئانار ،ئەنجۇر ،قوغۇن ،تاۋۇز قاتارلىق مېۋە–چېۋىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ .

    ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاچقا ،يېمەك –ئىچمەك جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە –نىزاملىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ.

    ئۇيغۇرلار ئەدەپ –ئەخلاققا ۋە جامائەتچىلىككە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ .ئۆزئارا ئۇچراشقاندا ،ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بېرىدۇ ۋە ئۆزئارا تىنچلىق –ئامانلىق سورىشىدۇ.ئۆيگە كەلگەن مېھماننى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ .

    ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ ،توي –تۆكۇن ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدە –پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ،قويۇق مىللىي ئۆرپ –ئادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈم –يېتىم يۈز بەرسە مېيىتنى يۇيۇپ ،كېپەنلەپ ،نامىزىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن يەرلىككە قويىدۇ .مېيىتنى ئۆيدە ئادەتتە بىر كۈندىن ئارتۇق ساقلىمايدۇ .مېيىت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن ،7–،40–كۇنلىرى ۋە بىر يىل توشقان كۇنى نەزىر قىلىنىدۇ .روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىتلاردا ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئۇرۇق –تۇققانلىرى قەبرە بېشىغا چىقىدۇ .

    ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ،روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىتلارنى ئۆتكۈزىدۇ .ھېيىتتا ساڭزا ۋە باشقا تۈرلۈك تاتلىق –تۈرۈملەرنى تەييارلايدۇ .قۇربان ھېيىتتا قوي سويۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ .ھېيىت كۈنلىرى ئۆزئارا ھېيتلىشىپ بىر –بىرىنى تەبرىكىلىشىدۇ .ئۇرۇق –تۇققان ،دوست –بۇرادەرلەر بىر –بىرىنى يوقلىشىدۇ .

    ئۇيغۇرلاردا بالا تۇغۇلسا ،ئاخۇنۇمنى چاقىرىپ ئىسىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ .يەتتە كۈندىن كېيىن بالا بۆشۈككە سېلىنىدۇ.40 كۈندىن كېيىن بۆشۈك تويى ئۆتكۈزۈلىدۇ .ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە خەتنە قىلدۇرۇلۇپ سۈننەت توي ئۆتكۈزۈلىدۇ .قىز بالىنىڭ قۇلىقى تېشىلىپ ،قۇلىقىغا ھالقا ئېسىپ قويۇلىدۇ .

    ئۇيغۇرلاردا ‹‹قۇتادغۇبىلىگ››،‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى ››قاتارلىق كۆپلىگەن مەشھۇر ئەدەبىي ۋە ئىلمىي مەزمۇنلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بار .ئۇندىن باشقا ،ئۆزىگە خاس ئۇيغۇر تېبابەت ئەنئەنىسى تاكى بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە .(تامام) (مەنبەسى شىنخۇا تورى(

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号