نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > مىللەتلەر

مانجۇ مىللىتى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 02 - ئاينىڭ 09 - كۈنى ، سائەت16:38    كۆرۈش :  

  مانجۇ مىللىتى—شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان .شىنجاڭدىكى مانجۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز دەۋرىدە چىڭ خاندانلىقى شىنجاڭنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەۋەتكەن سەككىز قوشۇننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.ھازىر شىنجاڭدىكى مانجۇلارنىڭ نوپۇسى 24 مىڭ (2006–يىلىدىكى مەلۇمات ).مانجۇلانىڭ تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسى مانجۇ–توڭغۇز تىل ئائىلىسىنىڭ مانجۇ تىلى تارمىقىغا كىرىدۇ .ئەسلىدە ئۆز تىل –يېزىقى بار ،ئەمما ھازىر ئاساسەن خەنزۇ تىل –يېزىقىنى قوللىنىدىغان بولدى .

    مانجۇلار بۇرۇن شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. شۇڭلاشقا ،ئۇلارنىڭ توي –تۆكۈن ،ئۆلۇم –يېتىم ئىشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شامان دىنى ئادەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن .كېيىنچە ئۇلار لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغان .مانجۇلار چاغان ،تاڭزۇڭزا بايرىمى ،تاۋۇز چاغىنى قاتارلىق بايراملارنى ئۆتكۈزىدۇ .ئۇلارنىڭ ھارپا كۈنى كەچتە جۇۋاۋا يەيدىغان ،تاۋۇز چاغىنىدا ئايغا قارايدىغان ،ئاي شەكىللىك يېمەكلىك ۋە مېۋىلەرنى يەيدىغان ئادەتلىرى بار.(تامام)(مەنبەسى شىنخۇا تورى(

 

  

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号