نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > مىللەتلەر

تاجىك مىللىتى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 02 - ئاينىڭ 09 - كۈنى ، سائەت16:39    كۆرۈش :  

   تاجىك مىللىتى —قەدىمدىن بۇيان پامىر ئىگىزلىكىدىكى تاشقورغان رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان .شىنجاڭدىكى تاجىكلارنىڭ ئومومىي نوپۇسى 44مىڭ (2006–يىلىدىكى مەلۇمات )دىن ئارتۇق .تاشقورغان جۇڭگونىڭ غەربىي دەرۋازىسى ،شۇنداقلا جۇڭگودىن غەرب ئەللىرىگە بېرىشتىكى مۇھىم قاتناش تۇگۈنى .تاجىك تىلى ھىندى –ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىدىكى ئىران تىلى ئائىلىسىگە مەنسۈپ.تاجىكلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدۇ ھەمدە ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى قوللىنىدۇ .

    نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ،تاجىكلار پامىر رايونىنىڭ ئوت –سۈيى مول بولۇشتەك تەبىئىي شارائىتىدىن پايدىلىنىپ،ئاساسەن چارۋىچىلىق،قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن .تاجىك خەلقى كىيىم –كېچەك ،يېمەك –ئىچمەك ،يۇرۇش –تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېگىز تاغلىق رايوننىڭ مۇھىتىغا ماسلىشالايدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە .تاجىك ئائىلىلىرىدە ئومومەن ئۈچ ئەۋلاد بىللە ياشايدۇ .باشقا مىللەتلەر بىلەن نىكاھلىنىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدۇ .تاجىكلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .توي –تۆكۇن ۋە ئۆلۇم يېتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە –قانۇنلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ .تاجىكلار يېڭى يىل باشلىنىدىغان نەۋرۇز بايرىمىنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ .بارات ئايىمى ،قۇربان ھېيتلارنىمۇ تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ.(تامام) (مەنبەسى شىنخۇا تورى(

 

 

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号