نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > مىللەتلەر

شىبە مىللىتى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 02 - ئاينىڭ 09 - كۈنى ، سائەت16:40    كۆرۈش :  

  شىبەلەر—ئاساسلىقى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى چاپچال ،قورغاس ،توققۇزتارا ناھىيىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان .ئومومىي نوپۇسى 42مىڭ (2006–يىلىدىكى مەلۇمات ).شىبەلەرنىڭ تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى مانجۇ –توڭغۇز تىل ئائىلىسىنىڭ مانجۇ تىلى تارمىقىغا كىرىدۇ .ئۇلار مانجۇ يېزىقى ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىنغان شىبە يېزىقىنى قوللىنىدۇ .1764–يىلى چىڭ خاندانلىقى شىنجاڭنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن 3مىڭدىن ئارتۇق شىبەنى ئىلى ۋادىسىغا كۆچۈرگەن .شىنجاڭدىكى بۇگۇنكى شىبەلەر ئەنە شۇ كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادىدۇر .

    شىبەلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ئۇن ،گۈرۈچ قاتارلىقلاردا ئېتىلگەن يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ .كىيىم –كېچەك جەھەتتە شىبە ئاياللىرى چىپاۋ كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ .ئەرلىرى قىسقا يەكتەك كىيىدۇ .ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى بوغۇۋالىدۇ .شىبەلەرنىڭ بايرىمى خەنزۇلارنىڭ بايرىمىغا ئاساسەن ئوخشايدۇ .چاغان ،چوكانتال ،تاڭزۇڭزا بايراملىرىنى ئۆتكۈزىدۇ .ئۇندىن باشقا ،ھەر يىلى قەمەرىيە كالېندارى بويىچە 4–ئاينىڭ 18–كۇنى شەرقىي شىمالدىن شىنجاڭغا كۆچكەنلىكىنى خاتىرلەيدىغان چوڭ بايرام ئۆتكۈزىدۇ .(تامام) (مەنبەسى شىنخۇا تورى(

 

 

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号