نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > يېمەك ئېچمەك

نان

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 04 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ، سائەت13:54    كۆرۈش :  

نان– ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېمەكلىكلىرى ئىچىدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى يېمەكلىكنىڭ بىرى. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭكۈندىلىك تۇرمۇشىدا ناندىن زادىلا ئايرىلالمايدۇ. زامانلارنىڭئۆتۈشى بىلەن ناننىڭ تۈرلىرى كۆپەيدى. تۆۋەندە ناننىڭ ئاساسلىق تۈرلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز.

1. ئۆي نېنى — ئۇنغا خېمىر تۇرۇچ سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇلۇپ ، ئىسسىق يۆگەپ قويۇپ بولدۇرۇلىدۇ. خېمىر بولغاندىن كېيىن بىر جىڭ ئېغىرلىقتا زۇۋۇلا ئۈزۈپ قۇرۇق ئۇنلاپ قېلىن راسلىنىدۇ. ئوتتۇرىغا چۈككۈچ چىكىپ، ئۈستىگە داستىخان يېپىپ تىندۇرۇلىدۇ. بۇ خىل ئۆي نېنىغا ياغ چەيلىسىمۇ ياكى چىگىردەك، سىيادان ئارىلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. تونۇر ئادەتتىكىدەك قىزىتىلىدۇ. تونۇرغا تۇز سېپىپ ھاۋاسى تەڭشىلىدۇ. ناننىڭ ئارقىسىنى تۇز سۈيى بىلەن سۇلاپ، يەڭلىك بىلەن يېقىپ تونۇرنى توشقۇزغاندىن كېيىن،  ناننىڭ يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ تونۇرنىڭ ئاغزى چىڭ ئېتىلىدۇ. ئەگەر ئوت بوش بولسا داپخۇننى ئېچىپ ئوت يېلىنجىتىلىدۇ، نان قېلىن بولغىنى ئۈچۈن تونۇردا ئۇزاقراق تۇرغۇزۇلۇپ، سىڭدۈرۈپ پىشۇرۇلىدۇ. بۇنداق ئۆي نېنىنى ئۇزاق ساقلاشقا بولىدۇ.

2. بازار نېنى — ‹‹ ئاق نان ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ نان مۇنداق ياسىلىدۇ: خېمىر بوشراق يۇغۇرۇلۇپ، ئۇزۇنراق تۇرغۇزۇلىدۇ. خېمىر تىنغاندىن كېىيىن زۇۋۇلا قىلىنىدۇ. نان ئۇتتۇرلۇق ئېچىلىپ تونۇرغا ئۇتتۇرلۇق يېقىپ قايسىسى پىشسا شۇ قومۇرۇۋېلىنىدۇ. بۇ ناننىڭ ئوتتۇرىسى نېپىز، گىرۋىكى توم بولىدۇ. يۈزىگە چۈككۈچ چېكىلىدۇ. ناننى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن تونۇرغا يېقىش ئالدىدا، يۈزىگە چانالغان باش پىياز ۋە كۈنجۈت سۈرۈلىدۇ، نان تونۇرغا گەزنە بىلەن يېقىلىدۇ.

بۇ خىل ناننى يېگۈچىلەر ئوتتورلۇق ئەكىرىپ يەيدۇ،ئۇزۇن ساقلاشقا بولمايدۇ. بۇ ناننى ئىسسىق ۋاقتىدا يېسە ناھايىتى مەزىلىك، تەملىك بولىدۇ.

3. گىردە — ئۇيغۇر خەلقى ياخشى كۆرۈپ يەيدىغاننان تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇزاق سەپەرگە چىققۇچىلار بۇ ناندىن ئېلىپ ماڭىدۇ. بۇ ناننىڭ ياسىلىشى مۇنداق: ئۇنغا خېمىر تۇرۇچ سېلىپ، چىڭ يۇغۇرىلىدۇ. خېمىر ئۇزاق ئىشلەپ باستۇرۇپ قويۇلىدۇ. خېمىر كۆپكەندىن كېيىن، زۇۋۇلا ئۈزۈلۈپ تاۋلىنىدۇ. ناننىڭ گىرۋىكىنى يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىنى ئويمان قىلىپ ياساپ، پەشخونغا ئوڭدىسىغا تىزىپ، يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ، كۈنجۈت سېپىپ، ئىككى ناننىڭ يۈزىنى بىر قىلىپ جۈپلەپ، داستىخان بىلەن يېپىپ قويۇلىدۇ. قىزىتىلغانتونۇرنىڭ ئوتىنى كۆمۈپ، داپخوننى ئېتىپ تونۇرغا تۇز  سېپىپ، تونۇرنىڭ ھاۋاسى تەڭشىلىدۇ. ناننى يېقىپ بولۇپ،  يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى يېپىپ، يېرىم سائەتچە خۇيلىنىدۇ. نان قولغا چاپلاشمىسا، خۇي يېگەن بولىدۇ. خۇي يەتكەندە تونۇرنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ نان يۈزىگە بوش سۇ چېچىپ داپخوننى ئېچىپ ئوت يېلىنچىتىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدا جىگدىنى سۇغا چىلاپ شەربەت چىقىرىپ گىردە يۈزىگە پۈركەيدۇ. بۇ خىل نان ‹‹شەربەت نان›› دەپ ئاتىلىدۇ.

     6. ھەمەك نان — بۇ نان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ‹‹چوڭ نان›› دەپمۇ ئاتلىدۇ. بۇ نان  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى نانلىرىدىن بىرى.  بۇ نان كۆپىنچە ھېيىتلاردا، تويلاردا داستىخانىغا دەستىلەپ قويۇلۇپ، ئۈستىگە ئۇششاق ياغلىق توقاچلار قويۇلىدۇ. ئۆزى قاتتىق بولىدۇ. لېكىن چايغا سالسا تېز ئېرىيدۇ. يېيىشلىك بولىدۇ.

     ھەمەك  مۇنداق ياسىلىدۇ: ناننىڭ خېمىرى چىڭراقيۇغۇرۇلىدۇ. ياخشى ئىشلەپ، زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، چوڭلۇقنى چوڭراق ئەلگەكتەك قىلىپ يېقىپ، سىڭدۈرۈپ پىشۇرۇلىدۇ. كۇچانىڭ ‹‹ بىچاق نېنى ›› مۇ ھەمەكنىڭ چوڭايتىلغان شەكلى بولۇپ، ئۇ تېخىمۇ مەززىلىك. 

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号