نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ئۇقتۇرۇش

2015 – يىللىق رۇزى ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 07 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ، سائەت13:29    كۆرۈش :  

 

باي ھۆكۈمەت ئىشخانا 〔2015〕82 – نومۇرلۇق

 

 

2015 – يىللىق رۇزى ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

 

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لىق ھۆكۈمەت (باشقۇرۇش كومىتېتى)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارغا:

2015 – يىل 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى رۇزى ھېيت ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2011 – يىل 12 – ئاينىڭ 9 –كۈنى 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 28 – قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىندا تەستىقلىغان 174 – نومۇرلۇق ھۆكۈمەت بۇيرۇقىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2015 – يىللىق رۇزى ھېيتقا قۇيۇپ بېرىشكە ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

1. ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر 7- ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن (شەنبە رۇزى ھېيت ) 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنىگىچە (دۈشەنبە) 3 كۈن دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىلىدۇ .

2. دەم ئېلىش مەزگىلدە، ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لار، ھەر قايسى ئورۇنلار دىجورنىلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى جەزمەن ياخشى ئىشلىشى، ئەگەر زور تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرسە، ۋاقتىدا دوكلات قىلىش ھەم ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خۇشال، تىنچ –ئامان ھېيت ئۆتكۈزىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

(بۇ ھۆججەتنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۇقتۇرسا بولىدۇ)

 

 

                                                  2015 – يىل 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى

 

 

 

 

 

 

 

 

 

ئەۋەتىلدى: ناھىيەلىك پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى، مۇئاۋىن ھاكىملار، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسى، خ ق دائىمىي كومىتېت ئىشخانىسى، سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى،خەلق قوراللىق بۆلۈمىگە.

باي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى                            2015 – يىل 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى  

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号