نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > ھۈنەر بۇيۇملار

ياغاچ سوغا ياساش سەنئىتى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 07 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ، سائەت13:14    كۆرۈش :  

ئابلىز مۇھەممەت سايرامى

 

   سوغا ئېرىق – ئۆستەڭ ۋە قۇدۇق – كۆللەردىن سۇ توشۇيدىغان، سۇ ساقلايدىغان ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلار قاچىلىنىدىغان ياغاچ چېلەك، ئۇ تارىم، تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى ئىپتىدائىي بوستانلىق، ۋادىلاردا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ئۇ ئادەتتە ئۈجمە، چىلان، ئۆرۈك، شاپتۇل، قارا سۆگەت ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ياغاچ تەكشى رەندىلىنىپ، بىر – بىرىگە ياپسا كەلتۈرۈلۈپ تەييارلىنىدۇ. بۇ تارىشا ياغاچلار تىك ئۆرە قىلىپ تىزىلىپ، ئاستى تار، ئۈستى كەڭرەك قىلىپ قۇراشتۇرۇلىدۇ ۋە يۇمىلاق تەخسىدەك تەگلىك سوغا ئاستىغا ئورنىتىلىپ ھىملىنىدۇ. تارىشا شال ئارىلىقلىرىمۇ سۇ ئاقمىغىدەك دەرىجىدە ھىملىنىدۇ، ئاندىن شال ئارىلىقلىرىغا يىلىم بېرىلىپ، تېخىمۇ ھىم، تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىنىدۇ، سوغا بېلى ئىككى يەردىن باغلىنىپ، تارىشا شاللارنىڭ ئاجراپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، ئاخىرىدا سوغىنىڭ تۇتقۇچى بېكىتىلىدۇ. بەزى جايلاردا سوغا ياساشقا تەييارلانغان ياغاچنىڭ ئىككى تەرىپى يۇمىلاق ئويۇلۇپ، چېلەككە ئوخشاش ياسىلىدۇ.

   سوغا لوپنۇر دىيالېكتىكىسىدا ‹‹چۆڭەك››، خوتەن دىيالېكتىكىسىدا ‹‹ماتال››، ئاقسۇ تەۋەسىدە ‹‹مالتاق›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سوغا تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان سايمان بولغاچقا، ئۇ خەلق قوشاقلىرىدىنمۇ مۇناسىپ ئورۇن ئالغان:

باغىڭدا گۈلۈڭ بولسام،

بۇلبۇلدەك تىلىڭ بولسام.

باغقا سۇغا كىرگەندە،

سوغاڭدا سۈيۈڭ بولسام.

   ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تارىم – تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە، تۇرپان – قۇمۇل بوستانلىقلىرىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز سوغىنى ئىجاد قىلىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىپ كەلگەن. 1986 – يىلى قۇمۇلدىكى 2550 – 3100 يىللىق تارىخقا ئىگە يانبۇلاق قەبرىستانلىقىدىن توققۇز دانە سوغا تېپىلدى. 1991 – يىلى قۇمۇل قارا دۆۋە قەبرىستانلىقىدىكى 151 – ، 152 – نومۇرلۇق قەبرىلەردىن بەش دانە سوغا تېپىلدى. 1991 – يىلى پىچان ناھىيەسىدىكى سۇ بېشى 3 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىقىدىكى 25 – نومۇرلۇق قەبرىدىن توغراق ياغىچىدىن ئويۇپ ياسالغان بىر دانە سوغا تېپىلدى. چەرچەن زاغۇنلۇقتىكى 1 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتىكى ئۈچ قېتىملىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا توققۇز دانە سوغا تېپىلدى. تېپىلغان بۇيۇملاردىن قارىغاندا، سوغا قاتارلىق ياغاچتىن ياسالغان جابدۇقلار ئاساسەن قۇمۇل، تۇرپان، لوپنۇر، تارىم ۋادىسى، قەشقەر ۋە خوتەن بوستانلىقىدىن ئىبارەت قۇرغاق جايلاردىن تېپىلغان.

   ھەممىگە مەلۇم، سوغا ياساش ئىنچىكە تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان، مۇرەككەپ ئىش ھالقىلىرىدىن ئۆتۈپ ئاندىن كۆركەم، نازۇك سەنئەتلىك شەكىلگە كىرىدىغان ئالاھىدە جەريان. مەيلى ھازىر قىرىپ ياسىلىۋاتقان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولسۇن، ياكى قەدىمكى شەھەر – قەلىئە خارابىلىرى بىلەن ئىپتىدائىي قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولسۇن، ھەممىسىگە سىزىق، شەكىل، نەقىشلەر ئويۇلغان. بۇ نەقىشلەر شەكىل جەھەتتىن مۈڭگۈزسىمان ئەگمە نەقىشلەر، ئاي – قۇياشسىمان چەمبەر، يۇلتۇزسىمان نەقىش ۋە خىش شەكىللىك ھالقىسىمان نەقىشلەردىن تەركىب تاپقان. بۇلار مەقسەتسىزلا قىلىنغان بولماستىن، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشى، ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى سىڭگەن. ئۇيغۇر نەقىشلىرىدە مۈڭگۈزسىمان ئەگمە نەقىش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. سوغا قاتارلىق يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان ياغاچ قىرمىچىلىق سەنئىتىگە ئائىت تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىكى نەقىشلەر ئىنتايىن يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئېستېتىك قاراشلىرى ۋە سەنئەت چۈشەنچىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

   سوغا ياساش ھازىرقى كۈندە ئۆزىنىڭ نەپىسلىكى، تەبىئىي، ساپ، زىيانسىز مەھسۇلاتلىقى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. مەدەنىيەت – سەنئەت جەھەتتىكى تەتقىقات قىممىتى ئۆسۈپ، بازار رىقابىتىدىكى ئورنى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئاشماقتا. ئادەتتە ياغاچ تېرىكى تەركىبلىرىنىڭ قەۋزىيەتنى بوشىتىش، ئۈچەي توسالغۇسىنى ئېچىش، يەل تارقىتىش رولى بولۇپ، ئۇنىڭ ياغىچىدىن ياسالغان ئاياقتا تاماق يېگەندە، يۇتقۇنچاق، قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. سۆگەت تەركىبلىرىنىڭ قىزىتما قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، مېڭە، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش تەسىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ياغىچىدىن ياسالغان ئاياقتا تاماق يىگەندە، يۇقىرى قىزىتما، ئاشقازان ياللۇغى، باش ئاغرىقى، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۇقىرى قان بېسىم، كۆپ ئۇسساش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

 

 

مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号