نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > مەدەنىيەت > چالغۇلار

سۇناي ۋە ئۇنىڭ مىللىي ئوركېستىردىكى رولى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 07 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ، سائەت12:03    كۆرۈش :  

    ئۇيغۇرلار چالغۇ – ئەسۋابقا باي مىللەت. ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ پەيدا بولۇپ، يۈكسىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخى مۇزىكىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش تارىخى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە، ئۇ خەلقنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرىككەن بولۇپ، ئەنئەنىۋى مىللىي، ماددىي ۋە مەنىۋى سەنئەت بايلىقىنىڭ بىر قىسمى. ئۇيغۇر چالغۇ – ئەسۋابلىرى ئىچىدىكى سۇنايمۇ ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. سۇناي ئاپتونوم رايونىمىزدا بارلىققا كېلىپ ئېلىمىزغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرلەرنىڭ بىرى.

    سۇناي دەۋر تەرەققىياتى داۋامىدا زاماننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، قايتا – قايتا ئىسلاھ قىلىنىپ، ئىلمىي يەكۈنلىنىش بىلەن ئۆزىنىڭ مۇزىكىلىق تۈسى، ئاۋازى، مېلودىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن.

    سۇناينىڭ ياڭراق، جاراڭلىق ئاۋاز ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇر مىللىي چالغۇلىرى ئىچىدە بىرلىشىپ مۇزىكا ئورۇنداش جەھەتتە ئورۇندىماقچى بولغان مۇزىكىنىڭ تەلىپىنى تولۇق قاندۇرۇپلا قالماي، شۇ مۇزىكىدا ئىپادىلىمەكچى بولغان مۇزىكا ھېسسىياتىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. سۇناينىڭ تۆۋەن ئاۋاز باسقۇچىنىڭ ئاۋاز تۈسى جاراڭلىق ۋە ياڭراق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇزىكا ھېسسىياتىنى ناھايىتى مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرىدۇ. سۇناينىڭ ئاۋاز پەدە ئارىلىقىنىڭ يېقىن بولۇشى تېز سۈرئەتتە ئورۇندىلىنىدىغان مۇزىكىلارنى ئورۇنداشقا قولايلىق بولۇپلا قالماي، ھەرخىل يېرىم ئاۋازلىق مۇزىكىلارنىمۇ ئورۇنداشتا ماسلىشىش ئالاھىدىلىككە ئىگە.

    سۇناينىڭ پەدە ئالاھىدىلىكى بولسا سۇناي مۇزىكىنىڭ ھەرخىل ئۇدار تەلەپلىرىنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىنىپلا قالماي، ئورۇندالماقچى بولغان مۇزىكىنىڭ شېۋە ئالاھىدىلىكى، تاۋۇش ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق ھەرقايسى قېرىنداش مىللەت مۇزىكىلىرىنى ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ئورۇنداشقا ماسلىشالايدۇ.

    سۇناي ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولۇپ، مۇزىكا ئورۇنداشتا قولايلىق. سۇناي مەيلى ئۇيغۇر مۇقاملىرى، مەشرەپلىرى ۋە ياكى خەلق ناخشا – مۇزىكىلىرىنى ئۇيغۇر مىللىي چالغۇلىرى ۋە ئوركېستىردا ئورۇنداشتا ئاۋاز بىرلىكى، ئاۋاز تۈسى ۋە خاس ئاۋاز ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر چالغۇلىرى بىلەن بىرىكىپ مۇزىكا قۇرۇلمىسىنى زىننەتلەپ، ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىسىنىڭ خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇناينى ئۆگىنىش بىرقەدەر قىيىن بولۇش ۋە ئۇنىڭ ئوركېستىر ياكى ئانسامبىل ئىچىدىكى ئورنىنى تونۇپ يېتىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، سۇناينى ئۆگىنىدىغانلار ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا، كېيىنكى ئەۋلادلارغا سۇناينى ئۆگىنىشنى توغرا تەشۋىق قىلىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇناينىڭ مىللىي ئوركېستىردىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرىنى تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىتىش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش كېرەك.

 

   (ئاپتور: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي مۇزىكا ئۆمىكىدىن)

  

تورى ئويغۇرچە تەڭرىتاغ:مەنبەسى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号