نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > مەدەنىيەت > چالغۇلار

دۈمداپ

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 08 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ، سائەت12:06    كۆرۈش :  

  دۈمداپ قەدىمكى زامان كۇچا مۇزىكا ئوركېستىرلىرىدىكى مۇھىم سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ ، جاللانىڭ يېقىن قېرىندىشىدۇر . ئۇ مىستىن دۈگىلەك ، يوغان ، قىرلىق پەتنۇس شەكلىدە ياسىلىپ ، بىر قولدا چېتىدىن باغلانغان يىپتىن كۆتۈرۈپ ، يەنە بىر قولدا ئۇچىغا لاتا يۆگەپ ياغاچ توقماق بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ ھەمدە ئاجايىپ جاراڭلىق ئاۋاز ئارقىلىق مۇزىكىنىڭ كۈچلۈك ئۇدارلىرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ . ئۇنىڭ چوڭ – كىچىك ، خىلمۇخىل نۇسخىلىرى بولۇپ ، ئاۋازىنىڭ كۈچى ۋەيۇقىرىلىقىمۇ ئوخشىمايدۇ . ئۇلار خىلمۇخىل مۇزىكا رېتىملىرىدابىر – بىرىگە ئۆز ئارا تەڭكەش قىلىنىپ چېلىنىش ئارقىلىق كەيپىياتنى جانلاندۇرىدۇ .

دۈمداپ قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇر ئوركېستىرىنىڭ ‹‹ شىر– يولۋاس ئويۇنى ››ۋە ‹‹ نىقابلىق ئۇسسۇل ››لارغا تەڭكەش قىلىشتىكى جاللا بىلەن بىرگە قوللىنىدىغان ئاساسلىق سوقما چالغۇدۇر.

 

 

تورى ئويغۇرچە تەڭرىتاغ:مەنبەسى

 
باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号