نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > مەدەنىيەت > يادىكارلىق

يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر تاشقورغان

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 08 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ، سائەت13:31    كۆرۈش :  

يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر تاشقورغان

ئابلەت نۇردۇن

 

     تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. شەرقى يەكەن، قاغىلىق ناھىيەلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبى كەشمىر رايونى بىلەن، غەربى تاجىكىستان، ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ. شىمالى ئاقتۇ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

     تاشقورغان خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سارىقول بەگلىكىنىڭ زېمىنى ئىدى. شىمالىي ۋېي سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە گوربانت دەپ ئاتالغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى تۆت چوڭ ھەربىي كەنتنىڭ بىرى سۇلې (قەشقەر) ھەربىي كەنتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كۆكئارت (پامىر) بۇقالى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان. سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۇدۇن (خوتەن)گە، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەكەن خانلىقىغا تەۋە بولغان. 1902 – يىلى سارىقول شۆبە مۇداپىئە نازارەتخانىسى تەسىس قىلىنىپ، يەكەنگە تەۋە بولغان. 1913 – يىلى سارىقول ناھىيەسى تەسىس قىلىنىپ، قەشقەرگە تەۋە بولغان. 1954 – يىلى سېنتەبىردە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تەسىس قىلىنغان.

     تاشقورغاننىڭ ئېتمولوگىيەسى توغرىسىدا تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر تاشقورغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز بولۇپ، ‹‹تاش بىلەن قورشالغان شەھەر››دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ‹‹تاشقورغان›› دېگەن بۇ جايدىكى قەدىمكى قورغاننىڭ نامى ، بۇ قورغان تاشتىن ياسالغاچقا، شۇنداق ئاتالغان،دەپ قارايدۇ.

تاشقورغاندا قار – مۇزلار بىلەن قاپلانغان ‹‹مۇزتاغ ئاتا›› چوققىسى، دۇنيا بويىچە 2 – ئېگىز چوققا چوگىر چوققىسى، قاراكۆل مەنزىرىگاھى، ئىسسىق بۇلاق ئارىشىڭى قاتارلىق سەيلە – ساياھەت ئورۇنلىرى، تاش قەلئە ئىزى، قىز قورغان خارابىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى بار.

 

مۇزتاغ چوققىسى

تاش قەلئە ئىزى

 

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 
باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号