نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > يېمەك ئېچمەك

زاغرا

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 08 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ، سائەت17:04    كۆرۈش :  

 {خۇرۇچى }

كۆممىقوناق ئۇنى ، خېمىرتۇرۇچ، پىياز ، جىگىردەك ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا

{تەييارلاش ئۇسۇلى}

كۆممىقوناق ئۇنىغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ ، تۇز سېلىنغان قايناق سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ ، ئۇششاق چانالغان جىگىردەكقوشۇپ ئوبدان ئىشلەپ چۈمكەپ قويىمىز . خېمىر ئوبدان كۆپكەندە كىچىكرەك زۇۋۇلا ئۈزۈپ ، نان راسلاپ ، يۈزىگە ئۇششاق چانالغان پىيازنى سۈرتىمىز . ناننى رەتلىك تىزىپ ، ئۈستىنى يېپىپ تىندۇرىمىز . تونۇرنى ئوبدان ئاقارغۇچە قىزىتىپ، ئوتنى كۈل بىلەن كۆمۈپ ، ھاۋاسىنى سەل قىزىقراق تەڭشەپ ، ناننىڭ كەينىنى تۇز سۈيدە نەمدەپ ياقىمىز . نان يېقىلىپ بولغاندا تونۇر ئاغزىنى ھىم يېپىپ 20 مىنۇتتەك دۈملەپ ، ئاندىن چوغنىڭ يۈزىنى ئېچىپ ، يەنە 30 مىنۇتتەك دۈملەپ ئوبدان قىزارتىپ پىشۇرۇپ سويۇۋالىمىز.

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 
باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号