نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > كىيىم كىچەك

خەلقىمىزنىڭ گىجىم ياغلىق سەنئىتى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 08 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ، سائەت13:37    كۆرۈش :  

گىجىم ياغلىق ـخەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇ مەھسۇلات مىللىي خاسلىقى، نەپىسلىكى، يارىشىملىقى بىلەن ھەر  مىللەت خانىم- قىزلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمى ۋە كېيىم -كېچەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ يارقىن نامايەنلىرىدىن بىرىدۇر.

گىجىم ياغلىق ساپ يىپەكتىن توقۇلىدىغان، سىدام ئاق رەڭلىك بولۇپ، تۆت چاسا شەكىللىك،ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 1مېتىر 10سانېتىمىر چۆرىسىگە 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چۇلچۇلا چىقىرىلىپ، توخۇ كۆزى، تەڭگە چۆچۈرە، غىچ يەنى خىش شەكىللىك گۈل چىقىرىلىدۇ. گىجىم ياغلىقنى توقۇشتا ئۇزۇنلۇقى50- 60 سانتىمىتېر، دىيامېتىرى ئىككى مىللىمېتىر كېلىدىغان قىزىل يۇلغۇننىڭ پىشقان چىۋىقىدىن ئىككى دانە زىخ ياساپ، زىخنىڭ ئىككى ئۇچىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، يىپنى ئوڭ قول بارماقلىرى بىلەن گۈل نۇسخىسىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئوڭ ۋە تەتۈر توقۇلىدۇ. ئاندىن چۆرىسىگە تەكشى تەييارلانغان20  سانتىمېتىر چۇلچا زىخ بىلەن ئېلىپ توقۇپ چېتىلىدۇ.

گىجىم ياغلىق توقۇش ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، سىپتىلىقى، مىللىي خاسلىقى بىلەن ھازىرقى زامان تېخنىكىسىنىڭ گىرەلىشىش، تۇرمۇشقا يېقىنلىقى بىلەن ھۈنەر سەنئەت مەدەنىيىتىمىزدە ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە. گىجىم ياغلىق توقۇش تېخنىكىسى بىر قەدەر ئىنچىكىلىكلىكى، سىپتىلىقنى، ئەستايىدىلىقنى تەلەپ قىلىدىغان نەپىس سەنئەت. زامانىۋى تاۋار بويۇملىرىنىڭ كۆپ خىللىقى، ۋاقىت زىچلىقى، ۋارسلارنىڭ ياشىنىپ قېلىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا، ئەمگەك سىجىللىقى ۋە بۇ كەسپكە قىزىقىدىغانلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى سەۋەپلىك گىجىم ياغلىق توقۇش مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. شۇڭا، گىجىم ياغلىق توقۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ھەم ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى قوغداش، تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش تولىمۇ زۆرۈر.

 

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 
باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号