نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ئۇقتۇرۇش

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈندە دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بەرگەنلىك توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 08 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ، سائەت17:27    كۆرۈش :  

 

باي ھۆكۈمەت ئىشخانا〔2015〕111 – نومۇرلۇق

 

 

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈندە دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بەرگەنلىك توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

 

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان) لىق خەلق ھۆكۈمىتى (باشقۇرۇش كومىتېتى)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا:

2015 – يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىغا 70 يىل بولدى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈندە دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ئا م م ئى〔2015〕169 – نومۇرلۇق)نىڭ روھىغا ئاساسەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈندە دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىشكە ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

1. 2015 – يىل 9- ئاينىڭ 3- كۈندىن 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنگىچە دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي 3 كۈن، 9- ئاينىڭ 6 – كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

2. دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بەرگەن مەزگىلدە، ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ناھىيەنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەم بىرىنچى دەرىجىلىك جىددىي ھالەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئىدارىنىڭ دىجۈرنىلىك ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە رەھبەر دىجۈرنىلىككە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىشچى – خىزمەتچىلەر دىجۈرنىلىك تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئادىمىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئورۇننىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغدىشى لازىم. ناۋادا زور تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرسە، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا دوكلات قىلىش ھەم قالغان ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە پائالىيەت مەزگىلدە ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

(بۇ ھۆججەتنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئاڭلىتىشقا بولىدۇ)

 

 

                                                 2015 – يىل 8- ئاينىڭ 26 – كۈنى

 

ئەۋەتىلدى: ناھىيەلىك پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى، مۇئاۋىن ھاكىملار، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسى، خ ق دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى، سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسى، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق بۆلۈمىگە.

باي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى                            2015 – يىل8 – ئاينىڭ 26– كۈنى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号