نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > مەدەنىيەت > چالغۇلار

كارناي

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 09 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ، سائەت12:15    كۆرۈش :  

كارناي بۇرغا ۋە سۇنايلارغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلىپ ياسالغان چالغۇ بولۇپ ، ‹‹بەش خۇ›› ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمكى بۇرغىسىنىڭ ئەۋلادىدۇر . ئۇ ئاۋازى بوم ،ھەشەمەتلىك ، ھەيۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن‹‹نەرە ›› دەپمۇ ئاتالغان . كارناينىڭ شەكلى سۇنايغا ئوخشىشىپراق كەلسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇزۇن، ھەجمىمۇ چوڭ ياسىلىدۇ . ئۇ دەسلەپتە ياغاچتىن كېيىن مىستىن ياسالغان بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 1.5 –2 مېتىرغىچە بولىدۇ . بەزىلىرىنىڭ 3 – 4 مېتىرغا يېتىدۇ .

كارناي بۇرغىغا ئوخشاش پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ بولۇپ، ئاۋازى بوم ، ھەيۋەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدلىكلەرگە ئىگە . ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ يۇقىرى– تۆۋەنلىكى ياكى بوم – ئىنچىكىلىكى تامامەن ئۇنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى ۋە ھەجمىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . كارناي چوڭ تىپتىكىكارناي بېشى ۋە ئۈچ تال مىس تۇرۇبىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ . كارناينىڭ ئاۋاز تۈشۈكى بولمىغاچقا، پەقەت بىر نەچچە تەبئىي ئاھاڭنىلا چېلىشقا بولىدۇ .

    كارناي دەسلەپتە‹‹چوڭ بۇرغا›› دەپمۇ ئاتالغان . ئۇ موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى جەريانىدا ئەرەب ئەللىرىگە كەڭ تارقالغان . پەقەت مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندىلا ، ئاندىن كارناي دەپ ئاتالغان .

تارىختا كارناي قوچۇ ۋە كۈسەن رايونلىرىدا كۆپ قوللىنىلغان .

 

 

تورى ئويغۇرچە تەڭرىتاغ:مەنبەسى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号