نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > يېمەك ئېچمەك

پېتىر ياپما

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 09 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ، سائەت17:09    كۆرۈش :  

 

{خۇرۇچى } قوينىڭ ئۇستىخانلىق گۆشى ئۈچ كىلوگرام ، بۇغداي ئۇنى بىر كىلوگرام، ئۆسۈملۈك مېيى 300 گىرام ، سەۋزە بىر كىلوگرام ، تۈگۈنەك بىر كىلوگرام ، پىياز 300 گىرام ، پەمىدۇر 200 گىرام ، تۇز ، جاڭيۇ ، زەنجىۋىل ، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا .

{تەييارلاش ئۇسۇلى} گۆشنى4 ~ 5 سانتىمېتىر چوڭلۇقتا توغرايمىز . سەۋزە ، تۈگۈنەكنىمۇ ئوخشاش چوڭلۇقتا توغرايمىز . خېمىرىغا ئازراق تۇز قۇيۇپ ، بوشراق يۇغۇرىمىز . قىزىتىلغان مايغا گۆشنى سېلىپ قورۇيمىز . گۆش قىزارغاندا تۇز ، جاڭيۇ، پىياز ، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىندىن سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ، سۇقۇيۇپ قاينىتىمىز . تىنغان خېمىرنى بىر قانچە زۇۋۇلا ئېتىپ ، نوغۇچ بىلەن نېپىز يېيىپ تەييارلىۋالىمىز .  قازاندىكى مايلىق شورپىنى بىر قاچىغا ئۇسۇۋېلىپ ، يېيىلغان خېمىرنى قازانغا سېلىپ ئۈچ مىنۇت قاينىتىپ ، مايلىق شورپىدىن خېمىر يۈزىگە تەكشى قۇيۇپ ، يەنە بىرنى يېيىپ، شۇ تەرىقىدە خېمىرلارنى يېيىپ بولغاندىن كېيىن تۇۋاقنى ھىم يېپىپ ، 30 ~ 40 مىنۇت دۈملىسەك پىشىدۇ .قورداقنى تاۋاققا ئېلىپ پارچىلاپ ، خېمىرنى تۆپىسىگە سېلىپ داستىخانغا كەلتۈرىمىز.

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 
باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号