نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > ھۈنەر بۇيۇملار

سەرگەزچىلىك ۋە گۈل بېسىش

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 09 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ، سائەت13:18    كۆرۈش :  

بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار

 

خەلقىمىزدە گۈزەل سەنئەت، ئويمىچىلىق بىناكارلىقتىلا بولۇپ قالماستىن، رەختلەرگە ھەر خىل گۈل بېسىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. سەرگەز، ھەمزەك، زەدىۋاللار بۇنىڭ دەلىلى.

سەرگەزنىڭ رەختى ئاق ماتا بولۇپ، گۈلى ياغاچ ئويما نۇسخىلىرىدىن شاخچە گۈل، چارچە گۈلدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسىي خۇرۇجى كاتاپ قارا بولۇپ، يەرلىك ئۇسۇلدا مۇنداق تەييارلىنىدۇ:15  كىلوگىرام سۇغا500 گىرام ئۇن سېلىپ قاينىتىلىدۇ. تۆمۈر دېتى، داشقال، سوققان يېلىم خالتىغا سېلىنىپ ئۇنىڭغا قوشۇلىدۇ. ئۇ يازدا سەككىز-ئون كۈن، كۈزدە 10-20 كۈن تۇرغاندا جىگەر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭغا ئېرىتىلگەن زەمچە، تۇخۇمەك قوشۇلغاندىن كېيىن، داسقا ئېلىنىپ، دۇغ ئۆتمەسلىك ئۈچۈن ئۈستىگە كىگىز، ماتا يېپىلىپ، نەملىك ئۈستىگە چىققاندا رەڭ چوتكىسى بىلەن ئۇرۇپ قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مازغاپلىشىدۇ. مازغاپلىق شۇ بىرىكمە «كاتاپ قارا» دېيىلىدۇ. كاتاپ قارا بىلەن گۈل بېسىشتىن بۇرۇن، ئاق ماتا شاخار سۈيىدە قاينىتىلغاندىن كېيىن، بۆرەك شەكىللىك كۆتەكنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، «دوككاڭ-دوك» (ياغاچ بولقا)تا سوقۇلۇپ يۇمشىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، تەخمىنەن ئون ماتا يۈز گىرام ھېلىلە سۈيىگە چىلىنىپ، قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، قېلىپ تەييارلانغان كاتاپ قارىغا تەگكۈزۈلۈپ ماتا ئۈستىگە بېسىلىدۇ. كاتاپ قارىغا قايسى رەڭنى سالسا، سەرگەز شۇ رەڭدە بولىدۇ. گۈل بېسىلغان سەرگەز سۈزۈك سۇدا چايقىلىپ دۇغلار چىقىرىۋېتىلىپ يەنە سوقۇلۇپ، سەرگەز يۇمشاپ ئەسلىگە كېلىدۇ. بىر قانچە قېتىملىق سۇدا چايقالغان بۇ سەرگەزنىڭ رەڭگى نەچچە ئەسىر تۇرسىمۇ ئۆڭمەيدۇ.

ھەمزەكنىڭ رەختى ئاق ماتا. ماتا شاخار سۈيى بىلەن قاينىتىپ يۇمشىتىلىدۇ. ئاندىن ئۆلچەملىك ھاك، سوپۇن، يېلىملەر ئېرىتىلىپ تەشتەككە سېلىنىدۇ. ھەمزەك قېلىپى تۈنىكىدىن ياسىلىپ، گۈل ئورنى ئويۇق بولىدۇ. تەشتەككە تەييارلانغان ھاك، سوپۇن ئېرىتمىسى چوتكا بىلەن سۈرتۈلگەندە، ماتادا گۈل ئىزى قالىدۇ. ئاندىن ماتا نىل رەڭگە سېلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەمزىكى مىڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقالغان بولۇپ، بۇنداق ھەمزەك ئىچكىرىدە ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. خەلقىمىزدىكى زەدىۋالمۇ ئەسلىدە ئاق رەخت بولۇپ، ئاپتۇۋا-چىلاپچا نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن تۆمۈر قېلىپ بىلەن ھەمزەك ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ئىشلىنىدۇ. ھەمزەك ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يوتقانغا ئىشلىتىلسە، زەدىۋال ھەر بىر ئۆينىڭ تېمىغا تارتىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا دوپپا، ياغلىق، كەشتىلەرگە گۈل ئىزىنى چىقىرىش خەلقىمىزنىڭ گۈل بېسىش سەنئىتىدە ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.

 

 

مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号