نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > مەدەنىيەت > يادىكارلىق

شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيەسى مىرەن خارابىلىكىدىن ئاز ئۇچرايدىغان مىس قورال قېزىۋېلىندى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 09 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ، سائەت13:39    كۆرۈش :  

مۇخبىرنىڭ 23-مارت شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، چاقىلىق ناھىيەسى يېقىندا مىرەن خارابلىكىدىن ئەجدىھا باشلىق، سۇمرۇغ قۇيرۇقلۇق بىر مىس قورالنى قېزىپ چىققان، بۇ مىس قورال سىرتى ۋە قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا قەدىمقى مىس قوراللار دەۋرىدىكى ‹‹ئايپالتا›› غا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.

مۇخبىرنىڭ چاقىلىق ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مىرەن خارابىلىكىدىن بايقالغان بۇ مىس قورالنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۇمىلاق تۆشۈك بار بولۇپ، دىيامېتىرى 2.6 سانتىمېتىر كېلىدىكەن، بىر بېشى سېكتور شەكلىدىكى پالتىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، كەڭلىكى 8.4 سانتىمېتىر كېلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈستىدە V خېتى شەكلىدىكى تەشمە بار ئىكەن، يەنە بىر بېشى بولقىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، سوقىچاق كەلگەن، قارىماققا بۇ مىس قورال ئەجدىھا باشلىق، سۇمرۇغ قۇيرۇقلۇق ھالەتتە بولۇپ، ناھايىتى نەپىس ئىشلەنگەن ۋە مۇكەممەل ساقلانغان، بۇ مىس قورالنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15.2 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 319.8 گىرام كېلىدىكەن.

چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىسىنىڭ        تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مىس قورال چاقىلىق ناھىيەسىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قېزىپ چىقىلغان ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان قەدىمقى مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىكەن. چاقىلىق ناھىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تەتقىق قىلىشى، ماتېرىيال سېلىشتۇرۇشى ئارقىلىق، بۇ مىس قورالغا دەسلەپكى قەدەمدە «چوڭ ئايپالتا›› دەم نام بەرگەن، دەسلەپكى ھۆكۈمگە قارىغاندا بۇ قورال خەن سۇلالىسىدىن بۇرۇن ياسالغان. خىزمەتچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلاردا مىرەن خارابىلىكىدىن قېزىپ چىقىلغان بۇ خىلدىكى ئاز ئۇچرايدىغان مىس قورالغا ئوخشاش قوراللار تېخى يوق ئىكەن. ئۇنىڭ تۈرى، ياسالغان دەۋرى ۋە ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلارنى مۇتەخەسسىسلەر تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باھالايدىكەن ۋە تەكشۈرۈپ ئىسپاتلايدىكەن.

     ئىگىلىنىشىچە، چوڭ ئايپالتا دۆلىتىمىزنىڭ شاڭ، جۇ سۇلالىلىرىدىكى مۇھىم قوراللارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ خىل قورال تاش پالتا قاتارلىق قوراللاردىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان، مىس قورال ئىچىدىكى ئەڭ نەپىس، كۆركەم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدا ئىگىدارنىڭ سۆلىتى ۋە ھوقۇقى نامايان قىلىنىدىكەن، شۇڭا قەدىمدە «ئەمەلدارلىق ھاسسىسى» دەپ ئاتالغان. چوڭ ئايپالتا شاڭ ۋە غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە كەڭ ئومۇملاشقان، لېكىن ياسىلىشى بەك ئېغىر بولغاچقا، ئىشىلىتىشتە قولايسىزلىق كۆرۈلگەن، كېيىن مۇراسىم جابدۇقى قىلىپ ئىشلىتىلگەن، يەنە كېيىنكى دەۋرلەردە بولسا پادىشاھنىڭ ھوقۇقىغا سىمۋول قىلىنغان.

مىرەن قەدىمقى يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەر بولۇپ، ئەينى چاغدا مەركەز سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايوننى باشقۇرۇشىدىكى مۇھىم بازىسى بولغان. بۇ مىس قورالنىڭ قېزىلىشى قەدىمقى يىپەك يولىدىكى مىرەن بازىرى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ قويۇق باردى - كەلدى قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ، غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى بىلەن قەدىمقى يادىكارلىقلار تەتقىقاتىغا قىممەتلىك ئەمەلىي ئىسپاتلارنى تەمىنلىگەن.

 شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيەسى مىرەن خارابىلىكىدىن ئاز ئۇچرايدىغان مىس قورال قېزىۋېلىندى  

 

 

مەنبەسى: خەلىق تورى

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号