نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > كىيىم كىچەك

پپىيما

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 09 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ، سائەت13:48    كۆرۈش :  

پپىيما كۈز پەسلىدە قىرقىلغان قوي يۇڭىدا ئىتىلىدۇ. ئەتىياز ياكى ياز كۈنلەردە قىرقىغان قوي يۇڭىدا تىكىشكە بولمايدۇ. پىيمىچى ئۇستىلار يۇڭنى يۇمشاق ئاتقاندىن كېيىن، يۇڭنى چىغ ئۈستىگە ئۆتۈك شەكلىدە تەكشى سالىدۇ. ئىچىگە چاپلاشتۇرمايدىغان رەخت سېلىپ يۇڭنى خامداپ بولغاندىن كېيىن قول ئارقىلىق دومىلىتىپ قاتۇرىدۇ.

پىيمىنىڭ چىڭ، قاتتىق بولۇشى ئۈچۈن يۇڭغا كىسلاتالىق سۇيۇقلۇق ، كۈنجىرا قاتارلىق نەرسىلەر ئارىلاشتۇرىلىدۇ. پىيمىنى كىيىش ئوبيېكتلىرىغا ئاساسەن ئەرەنچە ، ئايالچە قىلىپ ئىتىشكە بولىدۇ . پىيما بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ ، قەھرىتان قىش كۈنلىرى بەكمۇ راھەت، بولۇپمۇ قاركۆپ ياغىدىغان، سوغاق قاتتىق بولىدىغان رايونلادا پىيما ئەڭ ياخشى ئاياغ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر پىيمىنىڭ تاپىنىغا چەم قويدۇرۇۋالسا ئون يىلدىن ئارتۇق كىيىشكە بولىدۇ.

ھازىر پىيما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بەزى جايلاردا مەخسۇس پىيمىچىلىق دۇكانلىرى قۇرۇلدى. ئۇ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرشتە مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، ئىستېتىك قاراشلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ رايونىغا كەلگەن بىر قىسىم چەتئەللىك ساياھەتچىلەر پىيمىنى چەت ئەللەرگە ئېلىپ چىقىپ تەتقىقات ئويېكتى قىلماقتا.

پىيما بازىرى قىزىپ كەتتى

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 
باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号