نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > مەدەنىيەت > ناخشا ئۇسسۇل

ئەخمەت موللەق ۋە ئۇ ئوينىغان ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 09 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ، سائەت12:43    كۆرۈش :  

7–ئاينىڭ 15–كۈنى، 52 ياشلىق ئەخمەت موللەق بىر مەيدان ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››نى ئويناپ بولغاندىن كېيىن ، چىلىق–چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتتى .

‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى›› كۇچا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىرىدىن بىرى بولۇپ ، مىلادىيە 4–ئەسىردىن 7–ئەسىرگىچە كۈسەن سەنئىتى تازا گۈللەنگەن بىر مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن .قىزىل مىڭئۆيلەردىكى غارلاردىن ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››غا ئوخشاپ كېتىدىغان تام رەسىملىرى تېپىلغان .

‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى›› ئاشپۇزۇللاردىكى چاي مەدەنىيىتىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇسسۇلدا ئۇسسۇلچى بېشىغا چوڭ بىر ساماۋەر ۋە 16 دانە پىيالىنى قويۇۋالىدۇ. بېشىدىكى پۈتۈن نەرسىلەرنىڭ ئېغىرلىقى سەككىز كىلوگىرامدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ماھىر ئۇسسۇلچىلار يەنە ھەتتا قوللىرىغىمۇ چىنە قويۇۋالىدۇ . بۇ ئۇسسۇل ئۇسسۇلچىدىن ماھارەت بىلەن چىدامچانلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، پەقەت ئەرلەرلا ئويناپ كەلگەن.

كۇچانىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى خەلق ئۇسسۇلى — ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››دا ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ، مېھماندوست ، ناخشا–ئۇسسۇلغا ماھىر خەلق ئىكەنلىكى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .

نۆۋەتتە ، ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى›› يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ ، ئەخمەت موللەق كۇچا ناھىيەسىدىكى ساماۋەر ئۇسسۇلىنى تولۇق ئويناشنى بىلىدىغان بىردىنبىر سەنئەتكار.

2005–يىلى، ئەخمەت موللەق كۈسەن ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن كۇچا ناھىيە ئۇزۇن يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ. خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۇ كۇچادىكى بىر قىسىم سەنئەتكارلار بىلەن بىللە، مىللىيچە بېزەلگەن رېستۇرانلاردا نومۇر ئورۇنداپ ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››نى تەشۋىق قىلىدۇ ھەمدە بىر تۈركۈم ياش ئىز باسارلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى›› شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

ئەخمەت موللەق مۇنداق دەيدۇ: مەن كۆپچىلىكنىڭ ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››دىن ئىبارەت بۇ خەلق ئۇسسۇلىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەخمەت موللەق ۋە ئۇنىڭ ‹‹ساماۋەر ئۇسسۇلى››دىن كۆرۈنۈشلەر:

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号