نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > ھۈنەر بۇيۇملار

توقسۇ ناھىيەسىنىڭ گىجىم ياغلىق توقۇش تېخنىكىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ، سائەت13:23    كۆرۈش :  

نىياز ساتتار

 

     توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۇيغۇر قول ھۈنەر-سەنئىتى گىجىم ياغلىق توقۇش تېخنىكىسى توقسۇ بازىرىنىڭ ئەتىرگۈل مەھەللىسىدىكى پېشقەدەم قول ھۈنەرۋەن ئۇستىسى ئابدۇللا ياسىن ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە شاگىرتلىرىنىڭ قولىدا ساقلىنىپ قالغان .

   گىجىم ياغلىق توقۇش تېخنىكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق ۋە ئىلمە توقۇمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ راۋاجى بولۇپ، ‹‹يىپەك رومال››دىن ئىبارەت بۇ مەھسۇلات مىللىي خاسلىقى، نەپىسلىكى، يارىشىملىقى بىلەن ھەر مىللەت خانىم-قىزلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمى، ناھىيەنىڭ نۇقتىلىق ساياھەت بۇيۇمى ۋە كىيم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

 

 

گىجىم ياغلىق

   ئەپسۇس، بۇ گىجىم ياغلىق توقۇش تېخنىكىسى ھازىر ناھىيە بويىچە پەقەت بىرلا ئائىلىدە ساقلىنىپ قالغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەمىنلەش ئوتتۇرىسىدا مەلۇم زىددىيەت كۆرۈلۈپ، ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ ھەم يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتىدۇ. ئېنىقلىشىمىزچە، ئىلگىرى توقسۇ ناھىيەبازىرىدا ياسىن ئوسمان (ياسىنئاخۇن يىپەكچى) دېگەن ئادەم ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ 1892-يىلى تۇغۇلۇپ، 1974-يىلى يانۋاردا 82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ ئاتىسى ئوسمان يىپەكچى (19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۇغۇلۇپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالەمدىن ئۆتكەن) ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بىر ئۆمۈريىپەك توقۇمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ۋە يىپەك يىپتىن ئەتلەس، بەقەسەم (بىرخىل رەختنىڭ ئىسىمى بولۇپ، بۇ رەختكە ھەسەن–ھۈسەننىڭ رەڭگىدە گۈل شەكلى چۈشۈرۈلۇپ توقۇپ چىقىلىدىكەن)، شايى رومال، يىپەك ياغلىق قاتارلىق توقۇلما بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارغان. 3-ئەۋلاد ۋارىس ئابدۇللا ياسىن (ھازىر61 ياش) بولۇپ، ئۇ 1963-يىلى 15 يېشىدا ‹‹ياسىنئاخۇن يىپەكچى››دىن بۇ كەسىپنى ئۆگىنىپ، ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

 

ئۈچىنچى ئەۋلاد ۋارىس ئابدۇللا ياسىن گىجىم ياغلىق توقۇماقتا

 

گىجىم ياغلىقنىڭ توقۇلۇشى

    گىجىم ياغلىقنىڭ شەكلى تۆت چاسا شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 110 سانتىمىتېر بولۇپ، چۆرىسىگە 20 سانتىمىتېر ئۇزۇنلۇقتا چۇچا تۇتۇلۇپ، ئۆزىدىن خىلمۇ-خىل نەپىس گۈللەر چىقىرىلىدۇ. ياغلىق بىر قاراشقا تورغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى پىلە (مەشۇت) يىپى، سۇنئىي تالالىق يىپ قاتارلىقلار خام ماتېرىيال قىلىنىدۇ. بۇ ياغلىق گۈل نۇسخىسى بويىچە تۈرلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، توخۇ كۆزى گۈللۈك رومال، تەڭگە گۈللۈك رومال، چۆچۈرە گۈللۈك رومال، غىچ (خىش) گۈللۈك رومال قاتارلىق شەكىللەر بويىچە توقۇلىدۇ.

   گىجىم ياغلىق ساپ پىلە يىپىدىن توقۇلىدىغان، شەكلى چاسا،رەڭگى سىدام (ئاق رەڭلىك) بولۇپ، ئۆزىدىن گۈل چىقىرىلىدۇ. گىجىم ياغلىقنى توقۇشتا ئۇزۇنلۇقى 50 ~ 60 سانتىمېتىر، دىيامېتىرى ئىككى مىللىمېتىر كېلىدىغان قىزىل يۇلغۇننىڭ پىشقان چىۋىقىدىن ئىككى دانە زىق ياساپ ھەم ئىككى ئۇچىنى سىلىق قىلىپ، يىپنى ئوڭ قول بارماقلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ زىق ئۇچىغا ئىلىپ، گۈل نۇسخىسىغا ماسلاشتۇرۇپ، 3 ~ 4 سانتىمېتىرغىچە ئوڭ، يەنە شۇنىڭغا ماس ئۇزۇنلۇقتا تەتۈر ئىلىپ توقۇلىدۇ، ئاندىن چۆرىسىگە تەكشى 20 سانتىمېتىر قىلىپ قاتلاپ تەييارلىغان چۇچىنى زىق بىلەن ئىلىپ توقۇپ چېتىلىدۇ. يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا بىر دانە رومال ياغلىق پۈتىدۇ. بۇ ياغلىقنى ئاياللار ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۆلۈم–يېتىم، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ مۇراسىملىرىدا ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بۇ خىل ياغلىق ھەر مىللەت ئاياللىرىغا ئۆزگىچە لاتاپەت، ھۆسنىگە ھۆسن ئاتا قىلىدىغان باش كىيىمى بولۇپ، مىللىي خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

 

 

گىجىم ياغلىقنىڭ نەپىس ئورالما قېپى

   گىجىم ياغلىق تۇقۇش تېخنىكىسى توقسۇ ناھىيەسىدىكى بىردىنبىر ۋارىس — ئابدۇللا ياسىننىڭ قولىدا ساقلىنىپ قالغان بولغاچقا، ئۇ تۈرلۈك جاپا – مۇشەققەتلەرگە چىداپ، تىرىشىپ ئىزدىنىپ، ئەسلىدىكى يىپەك ياغلىق ئاساسىدا گىجىم ياغلىقنى ئىجاد قىلدى ھەمدە قايتا–قايتا سىناپ، تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق گىجىم ياغلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. تېخنىكا يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىش ئاساسىدا يېرىم ماشىنىلاشتۇرۇپ، توقۇش سۈرئىتىنى تېزلەتتى، كۆركەم ئوراپ قاچىلاپ، مەخسۇس ‹‹ھىلال ئاي›› دېگەن ماركا بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇتتى. بۇ مەھسۇلاتنىڭ سۈنئىي تالادىن توقۇلغىنىنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسى 100 يۈەندىن، مەخسۇس مەشۇت (پىلە) يىپتىن توقۇلغىنىنىڭ 255 يۈەندىن 350 يۈەنگىچە بولۇپ، نۆۋەتتە، كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە سوۋغات بۇيۇمى بولۇپ قالدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ خىل ياغلىق پەقەت بىرلا ئائىلىدە توقۇش بىلەن چەكلىنىپ قالغاچغا، ھازىر بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.

 گىجىم ياغلىقنى توقۇشقا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇم (ئۈسكۈنە)لار 

   (1) ئىككى تال توقۇش زىقى، بىر قانچە تال چوڭ زىق، يىپ ئىگىرىدىغان چاق، توقۇش ماشىنىسى، چېتىش ماشىنىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. (2) يىپ بۇنىڭغا ئىشلىتىدىغان بىردىنبىر خام ماتېرىيال بولۇپ، بۇنىڭ بىر خىلى سۇنئىي تالالىق يىپ، يەنە بىرى، مەشۇت (پىلە) يىپ. پىلە يىپ ئەنئەنىۋى ھەقىقىي ساپ ماتېرىيال بولۇپ، تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە مەخسۇس تەييارلىنىدۇ، يەنى، بىر كىلوگىرام پىلە غوزىكىنى قازانغا سېلىپ ئون مىنۇت ئەتراپىدا قايناتقاندىن كېيىنئوت پەسەيتىلىدۇ، بۇ ھالەت غوزەك پىشۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ. ئاندىن كېيىن يۇلغۇن ياغىچىدىن ياسالغان زىق بىلەن قازاندىكى غوزەك تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا، زىقنىڭ ئۇچىغا پىلە يىپ ئىلىشىپ چىقىدۇ، بۇ چىققان ئۇچنى ياغاچتىن ئاجرىتىپ، سول قول بىلەن تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاندىن، قازان بېشىغا يەنە بىر ئادەم مۇشۇ يىپنى ئىگىرىشكە ماس كېلىدىغان چاقنى ئېلىپ كېلىپ، يىپ ئىگىرىشكە تەييار تۇرىدۇ، ئاندىن يەنە، سول قولدا تۇتۇپ تۇرغان يىپ ئۇچىنى ئوڭ قول بىلەن، يىپ توملۇقىنى مۆلچەرلەپ بېكىتىپ، چاقچىغا بېرىدۇ، چاقچى ئىگىرىشكەكىرىشىدۇ، داۋاملىق ئىگىرىشكە بىرلەشتۈرۈپ، يىپنىڭ توملۇقى ئىزچىل كونتىرول قىلىنىدۇ.

 

 

   بۇ ئۇسۇلدا قازاندىكى پىلە غوزىكى تولۇق ئىگىرىلىپبولۇنغاندىن كېيىن، يىپ تەييارلانغان بولىدۇ، بۇ تەييارلانغانيىپ توڭ يىپ دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ توڭ يىپ ئەۋرىشىم بولمايدۇ، ئەكسىچە، ئات قىلىدەك يىرىك بولىدۇ. بۇنداق يىرىك يىپنى شۇ پېتى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە، يىپنى ئىنچىكە قىلىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان شاخارنى ئىسسىق سۇغا تەڭشەپ، ئاندىن شاخار سۈيىگە توڭ يىپنى سالغاندا يىپ ئىنچىكىرەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقىقىي مەھسۇلاتئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىغان يىپەك ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ.

 ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ھەققىدە قىسقا ئارخىپ 

   گىجىم ياغلىق توقۇش تېخنىكىسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ۋارىسى ئوسمان يىپەكچى 19-ئەسىردە تۇغۇلۇپ، 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۆمرىدە توقۇمچىلىق قول ھۈنەر - سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئىككىنچى ئەۋلاد ۋارىسى ياسىن ئوسمان 1892-يىلى توقسۇ بازىرىنىڭ يۇلتۇز كوچىسىدا تۇغۇلۇپ، 1974-يىلى 1-ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆمرىدە توقۇمچىلىق، يىپەكچىلىك ۋە ئىلمە توقۇمچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۈچىنچى ئەۋلاد ۋارىسى ئابدۇللا ياسىن 1963-يىلى 15 يېشىدا يىپەك ياغلىق توقۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش تېخنىكىنى ئۆگەنكەن، 1970-يىلىدىن باشلاپ مۇستەقىل ھۈنەر قىلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇللا ياسىن ئۇرۇق – تۇغقان،دوستلىرى بىلەن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق گىجىم ياغلىق توقۇش ئۇسۇلىنى ھازىرقى دەۋرگە ماسلاشتۇرغان.

 

ئابدۇللا ياسىن توقۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا

 

گىجىم ياغلىقنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى 

   بىرىنچى، ماتېرىيال جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى. گىجىم ياغلىق توقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يىپنىڭ ماتېرىيالىغا بىر قەدەر ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدىغان بولۇپ، سۈنئىي تالالىق يىپ ياكى مەخسۇس پىلە يىپى بولۇشى ھەم سۈپەت جەھەتتىن ماس كېلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ياغلىقنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ.

   ئىككىنچى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى. مىللى كىيىم–كېچەكلىرىمىزنىڭ بىر تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر مىللەت خانىم–قىزلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ، باش كىيىم ئىشلىتىشتەك خاسلىقىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئالاھىدە مىللىي گۈزەل خاسلىق ۋە قويۇق مىللى ئەنئەنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خانىم-قىزلارغا گۈزەلىك، جەزبىدارلىق ۋە لاتاپەت ئاتا قىلىشتەك ئالاھىدىلىك ۋە ئورتاقلىققا ئىگە.

 

 

   ئۈچىنچى، ھۈنەر–سەنئەت ئالاھىدىلىكى. گىجىم ياغلىق تۇقۇش تېخنىكىسى گەرچە بىرلا ئائىلىدە ساقلىنىپ قالغان بولسىىمۇ، ئاددىي ئۇسۇل بويىچە ئىككى تال زىق بىلەن يىپنىئىلىپ توقۇلىدۇ. شۇڭا بۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە خەلق ئىچىدە كەڭ ئومۇملاشقان توقۇش تېخنىكىسى بولۇپ، ھازىرقى زامانىۋى دەۋر ھەم جىددىي رېتىم تۈپەيلىدىن بۇ تېخنىكىنىڭ ئومۇملىشىش سۈئىتى ئىنتايىن ئاستا بولغان. ئەمما، بۇ قۇيۇق مىللىي ھۈنەر – سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

   تۆتىنچى، مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى. بۇ ياغلىق يەن ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر - سەنئەت خاراكتېرىگە ۋە ۋارىسچانلىققا ئىگە بولۇپ، قەدىمكى دەۋر توقۇش تېخنىكىسى بىلەن ھازىرقى زامان سانائىتى بىرلەشتۈرۈلگەن. شۇنداقلا، قەدىمىلىكنى ساقلاپ، سۈپەت جەھەتتىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ھازىرقى زامان تەلىپىگە لايىقلاشتۇرۇلغان مىللىي بۇيۇم ئالاھىدىلىكىكە ئىگە بولۇپ، ئويغۇر مىللىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى، ھەر مىللەت ئاياللىرى ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىنسانلار كىيىم –كېچەك مەدەنىيىتىدە بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ.

گىجىم ياغلىققا مۇجەسسەملەنگەن قىممەتلىك ئامىللار 

   ئۇيغۇر قول ھۈنەر-سەنئەت كەسپىنىڭ تىپىك مەھسۇلاتى بولغان گىجىم ياغلىق توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئالاھىدە بىر خىل يەرلىك مەھسۇلاتى ۋە ساياھەت بۇيۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەنئۇيغۇر قول ھۈنەر–سەنئىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپلا قالماي، قىممەتلىك، مۇنەۋۋەر خەلق مەدەنىيىتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئالاھىدە راۋاجلاندۇرۇش قىممىتىگە ئىگە ھۈنەر-سەنئەتكەسپىدۇر.

   بىرىنچى، سەنئەتلىك قىممىتى. گىجىم ياغلىق توقۇش ھۈنەر ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، سىپتىلىقى، مىللىي خاسلىقى بىلەن ھازىرقى زامان تېخىنىكىسىنىڭ گىرەلىشىشىى، بۇيۇم تۈرلىرىنىڭ نەپىسلىكى، يارىشىملىقىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكى ۋە تۇرمۇشقا يېقىنلىقى بىلەن م تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزدە ئالاھىدە ماددىي ۋە مەنىۋى قىممەتكە ئىگە.

 

گىجىم ياغلىق توقۇلماقتا

 

   ئىككىنچى، ئىستىمال قىممىتى. ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەتىۋارلىق ئىستېمال بۇيۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر مىللەت خانىم-قىزلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش، مەلۇم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە .

   ئۈچىنچى، ھۈنەر–سەنئەت ۋە تېخنىكا قىممىتى. ئىشلەپچىقىرىش (توقۇش) ئۇسلوبى، شەكلى، تېخىكا تەرتىپىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ماتېرىيال، خام - ئەشىيا جەھەتتە مەشۇت (پىلە) يىپى ۋە باشقا يىپلارنى ئاساس قىلىشتەك ئالاھىدىلىكى،ئىشلەپچىقرىش ۋاستىلىرىنى بىۋاستە تەبىئەتتىن ئېلىپ، ئاددىي تېخنىكىلىق قول ئەمگىكى بىلەن توقۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ئالاھىدە تېخنىكا قىممىتىكە ئىگە.

   تۆتىنچى، مەدەنىيەت قىممىتى. گجىم رومال بىر خىل باش كىيىم بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەتلەرنىڭ ئىستېمالىغا ماس كېلىدىغان ئالاھىدىلىكى ۋە ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئالاھىدە ماددىي ۋە مەنىۋى قىممىتىكە ئىگە.

 گىجىم ياغلىق توقۇش تېخنىكىسىنىڭ يوقىلىپ كېتىش خەۋىپى

   گىجىم ياغلىق توقۇش تېخنىكىسى بىر قەدەر ئىنچىكىلىكنى، سىپتىلىقىنى ۋە ناھايتى ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان، جاپاسى كۆپ قول ھۈنەر-سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامانتاۋار بۇيۇملىرىنىڭ كۆپ خىللىقى، ۋاقىت زىچلىقى، ۋارىسلارنىڭياشىنىپ قېلىشى، ئشلەپچىقىرىش، تېخنىكا ۋە ئەمگەك سىجىللىقى بىلەن ئىش ھەققىي ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ئەڭ مۇھىمى، بۇ كەسىپكە قىزىقىدىغانلارنىڭ يوق بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن گىجىم ياغلىق توقۇش تېخنىكىسى مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا ھەم يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، گېجىم ياغلىق توقۇش قول ھۈنەر–سەنئىتى، تېخنىكىسى ھەم ۋارىسلىرىنى قوغداش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تولىمۇ زۆرۈر.

 

گىجىم ياغلىقنىڭ چۆرىسىگە گۈل ئىشلەنمەكتە

 

 

 

 

مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

 
باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号