نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > مەدەنىيەت > ناخشا ئۇسسۇل

‹‹ ئون ئىككى مۇقام ›› دىكى مۇقاملارنىڭ قۇرۇلمىسى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ، سائەت05:50    كۆرۈش :  

    ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› نىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر مۇقام ‹‹چوڭ نەغمە››، ‹‹داستان ›› ، ‹‹مەشرەپ ›› قاتارلىق ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان . بۇنىڭدىكى ‹‹ چوڭ نەغمە ›› يۈرۈشلۈك لىرىك ناخشا ، چالغۇ مۇزىكىلىرى ۋە ناخشا – ئۇسسۇل كۈيلىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ .  ‹‹داستان ›› يۈرۈشلۈك ئېپىك ۋەقە ، چالغۇ مۇزىكىلىرىدىن شەكىللەنگەن يۈرۈشلەشكەن كۈي بولىدۇ . ‹‹ مەشرەپ ›› يۈرۈشلەشكەن ناخشا – ئۇسسۇل كۈيلىرى بولىدۇ .

    ‹‹ ئون ئىككى مۇقام ›› دىكى ھەر بىر مۇقامدا 20 دىن 30 غىچە مۇزىكىلىق كۈي بولىدۇ . ئورۇنلاش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئۈچ     سائەتكىچە بولىدۇ . ئون ئىككى يۈرۈش مۇقامدا ناخشا– مۇزىكىلىرى ، چالغۇ مۇزىكىلىرى ۋە ئۇسسۇل مۇزىكىلىرى ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق . ھەممىسىنى ئورۇنلاپ بولۇشقا يىگىرمە نەچچە سائەت كېتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى رايونلارغا تارقالغان مۇقام نۇسخىلىرى ئوخشاش بولمايدۇ . ئىلى ۋىلايىتىگە تارقالغان ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نىڭ ھەر بىر مۇقامىدا پەقەت ‹‹مۇقەددىمە›› بىلەن ‹‹داستان ›› ، ‹‹مەشرەپ ›› لا بولىدۇ . ‹‹چوڭ نەغمە ›› دە ‹‹ مۇقەددىمە ›› دىن باشقا مۇزىكىلىق كۈيلەر يوقىلىپ كەتكەن .

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号