نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئۆرۈپ ئادەت > يېمەك ئېچمەك

3–نۆۋەتلىك شىنجاڭ توقسۇن لەڭمەن مەدەنىيەت–ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ، سائەت16:32    كۆرۈش :  

     مۇيەسسەر ئاباھامىت، ئىمىنجان داۋۇت خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان قۇتلۇق كۈنلەردە، توقسۇن ناھىيەسىدە 3 – قېتىملىق شىنجاڭ توقسۇن لەڭمەن مەدەنىيەت – ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ بايرام توقسۇن ناھىيەسىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان مەززىلىك تائام مەدەنىيىتى ئىستىراھەت شەھەرچىسىدە 2 – ئۆكتەربىردىن 4 – ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلدى.          بايرام مەزگىلىدە لەڭمەن يېيىش مۇسابىقىسى، توقسۇن ‹‹ئېسىل تەم›› مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى، ئالاھىدە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، كەشتە بۇيۇملىرى، غەلىتە تاش، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ‹‹بەخت چىلىنى ئۈزۈش››، خوراز سوقۇشتۇرۇش، ‹‹گۈزەل توقسۇن ئارزۇسى›› بالىلار ھۆسىنخەت مۇسابىقىسى، كۆجەي ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق 15 تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

      بايرام مەزگىلىدە يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن لەڭمەن ئۇستىلىرى ‹‹لەڭمەن پادىشاھى››لىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، لەڭمەن يېيىش مۇسابىقىسى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەردە ئۆزگىچە تەسىر قالدۇردى.

      بۇ بايرامدا توقسۇن خەلقى 10 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، توقسۇن لەڭمەن مەدەنىيىتىنىڭ داڭقىنى تەرەپ – تەرەپكە تاراتتى.

 

 

مەنبەسى: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号