نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش > مۇھىم تۈرلەر > دوكىلات

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 01 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ، سائەت17:14    كۆرۈش :  

باي ناھىيەلىك 15 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ھۆججىتى (15)

 

 

 

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

 

باي ناھىيەلىك  15 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا بېرىلگەن

ئېزىز مەمەت

 (2015- يىلى 2 - ئاينىڭ 8- كۈنى)

 

ۋەكىللەر، يولداشلار:

مەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

 

2014 - يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

 

2014-يىلدىن بۇيان، باي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك بەنزىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە ۋە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4- ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ 7-، 8- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ۋىلايەتلىك پارتكوم (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئېغىرلاپ كېتىش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە دادىل ئۈستىگە ئېلىش ئېڭىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسىلە كۆرۈلۈپ قالىدۇ دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىسلاھ قىلىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ناھىيەمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. پۈتۈن بىر يىلدا ناھىيەمىزنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %6.9 ئاشتى. ئۈچ خىل كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ نىسبىتى 23.7:39.4:36.9 گە تەڭشەلدى. ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 6 مىليارد 810 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %4.4 ئاشتى. يۇقىرىنىڭ 317 مىليون يۈەن ياردەم مەبىلىغى قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىجتىمائىي ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 690 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %15 ئاشتى. جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمى 1 مىليارد 90 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %3.9 ئاشتى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈر سېلىنمىسى 346 مىليون يۈەنگە يەتتى. شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 21 مىڭ 250 يۈەنگە يېتىپ، %7.7 ئاشتى. دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 9695 يۈەنگە يېتىپ، 975 يۈەن، %11.2 ئاشتى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئونىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. «بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، تەربىيە بېرىش، باشقۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، زەربە بېرىش «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» مۇقىملىقنى قوغداش مېخانىزىمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆتتە قاتتىق قول بولۇش» تەلىپى بويىچە بىر تۈركۈم زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىغا زەربە بېرىپ، بىر تۈركۈم پارتىلىتىش بۇيۇملىرى ياساش ئۇۋىلىرىنى بىدچىت قىلىپ، بىر تۈركۈم كەنت زومىگەرلىرىنى قاماپ، بىر تۈركۈم ئالدىن پىلانلانغان دېلولارنى پاش قىلىپ، زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى ئۆزىمىزگە مايىل قىلدۇق. پۈتۈن بىر يىلدا ئەمەلىي خەۋپى بار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈز بەرمىدى. مەسىلە كۆرۈلۈپ قالىدۇ دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزدۇق. ۋەزىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىش، يوچۇقلارنى ئېتىشنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى دائىملىق خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىش ۋە تىپىك دېلولارنى تەھلىل قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، «22-ماي»، «28-ئىيۇل» دېلوسى قاتارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ۋە ناھىيەمىزدىكى تىپىك دېلولارنى تەھلىل قىلىش بىلەن بىرگە ئادەم، نەرسە، رايون-بۆلەك، ھالقا ۋە كادىرلار قوشۇنىنى تۇتقا قىلىپ، نۇقتىمۇ-نۇقتا تەتقىق قىلىپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ، خىزمەت مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئەتتۇق. قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى چىڭ تۇتتۇق. قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنى قانۇن بويىچە تۈزەش، دىنىي ئەسەبىيلىك جىنايى قىلمىشىغا زەربە بېرىش، نىكاھ ئىشلىرى ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئونىۋېرسال تۈزەش، «ئۈچ قانۇنسىز»نى تۈزەش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تۈزەش خىزمىتىدە ھەپتىدە بىر دوكلات قىلىش، ئايدا بىر ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىش ۋە مەسئۇلىيەتنى ياندۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دەسلەپكى ئۈنۈمىنى كۆردۇق. «ئۈچتە قەتئىي بولۇش» نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، دەل، قاتتىق، ھەيۋەتلىك زەربە بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، قانۇن ۋاستىلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، قاتتىق سوراق قىلىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، زوراۋان-تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق. پۈتۈن يىلدا جەمئىي 5 قېتىم ئاشكارا توختىتىپ قويۇش، ئاشكارا قولغا ئېلىش، ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاممىنى تەربىيەلەش، دۈشمەننى چۆچۈتۈش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردۇق. ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش سىستېمىسىنى مۇستەھكەملىدۇق. نۇقتىلىق رايون، مۇھىم ئورۇن، مۇھىم نىشان، ئادەملەر توپلاشقان رايونلار ۋە ئاسان زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، ئادەم مۇداپىئەسى، ماددىي ئەشيا مۇداپىئەسى، تېخنىكىلىق مۇداپىئە، بىرلەشمە مۇداپىئە تەلىپى ۋە تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماشىنا بىلەن چارلاپ لىنىيەنى كونترول قىلىش، پىيادە چارلاپ بۆلەكلەرنى كونترول قىلىش، قاراۋۇلخانا دائىرىنى كونترول قىلىش، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار نۇقتىنى كونترول قىلىشتەك «نۇقتا، دائىرە، بۆلەك، لىنىيە» بويىچە كونترول قىلىش ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈردۇق. ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك تەشۋىقات مەركىزىدە تور ئۇچۇر ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، توردا «ئۈچ قانۇنسىز»نى نازارەت قىلىش - كونترول قىلىش، توسۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى ۋە توردىكى جامائەت پىكىرىنى پۈتۈن كۈن نازارەت قىلىپ-كونترول قىلىدۇق. خىزمەت پىكىر يولىدا يېڭىلىق ياراتتۇق. «ئىككىدە ئالاقىلىشىش، بىرنى تەربىيەلەش» خىزمەت مېخانىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىلىشىدىغان كادىرلارنىڭ «4 مەسئۇلىيىتى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جامائەت پىكىرىنى تەپسىلىي بىلىش ۋە ئالدىن بىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. دىنىي كەيپىياتنى باھالاش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، دىنىي كەيپىيات ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ - كونترول قىلدۇق. «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئائىلىسى»دىن 25 نى بەرپا قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى ئەڭ زور چەكتە جارى قىلدۇرۇپ، «ياۋا موللا» ۋە قىسمەن دىنىي زاتلارنىڭ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇش، قۇتىرىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇدا 8 يىل تارقاق ھەج-تاۋاپ قىلىدىغانلار يوق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. «زەربە بېرىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا تەربىيە بېرىش، باشقۇرۇش - كونترول قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، «بىر ئائىلىگە بىر ئارخىپ، بىر ئادەمگە بىر تەدبىر بولۇش، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، ھەر ۋاقىت باشقۇرۇش» ئۇسۇلى بويىچە، زەربە بېرىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا تەربىيە بېرىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى ئىشلىدۇق. ئۈرۈمچى، كورلا شەھىرىدە باي نوپۇسىدىكى ئىشلەمچىلەر ۋە ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش- باشقۇرۇش پونكىتى تەسىس قىلىپ، كۆچمە نوپۇسلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇردۇق. ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئالدىمىزغا كەلگەن ئاممىغا خىزمەت قىلىدىغان ئاممىۋى خىزمەت دەپ بىلىپ، ئەرزىيەتچى ئاممىنى دەۋا تەلىپىنى قانۇن بويىچە، مۇۋاپىق ئىپادىلەشكە پائال يېتەكلەپ، پۈتۈن يىلدا 476 دېلودىكى 1813 ئادەم (قېتىم) ئاممىنى كۈتىۋېلىپ، %98.9نى ھەل قىلدۇق. ئەرزىيەت ئومۇمىي مىقدارى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27 تۆۋەنلىدى. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېلوسىدىن جەمئىي 88 پارچە، 1014 ئادەم (قېتىم) بېجىرىپ، 22 مىليون 170 مىڭ يۈەن ئىش ھەققىنى ئېلىپ بەردۇق. ئۇدا 4 يىل ئاپتونوم رايون ۋە بېيجىڭغا بېرىپ بىنورمال ئەرز قىلدىغانلار يوق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

بىر يىلدىن بۇيان، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئىدىيۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدۇق. «تەربىيە بېرىش بىلەن ئۆزگەرتىشتە ئوخشاش قاتتىق قول بولۇش» ۋە «ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كارغا كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك، دائىملىق بولۇش» تەلىپى بويىچە، دىنىي ئەسەبىيلىكنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتۇق. ئاممىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق. «دىنىي ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش»نى چۆرىدەپ، «پۇقرالارنىڭ ھېكايىسىنى كۆپچىلىك سۆزلەش» پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپىدىكى ئادەم ۋە ئىشلار بىلەن ئاممىنى تەربىيەلەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى داۋاملىق كىچىكلەتتۇق. ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىشكە ئائىت بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ۋاستە قىلىپ، تەشۋىقات خىزمىتىدە ماھارەت سىنىشىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، «ئامما ئەڭ ياقتۇرغان تەشۋىقاتچى»، «ئامما ئەڭ ياقتۇرغان پىروگرامما»، «ئامما ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر دىكتور»، «مۇنەۋۋەر ئېتوت» قاتارلىقلارنى باھالاپ، قابىل تەشۋىقات ئەترىتىنى يېتىشتۈرۈپ، «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات-تەربىيەسنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق. چوڭ تەشۋىقات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدۇق. چوڭ تەشۋىقات ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ،  ناھىيەمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات قوشۇنى، تەشۋىقات بازىسى ۋە تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستە بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزى، يېزىلىق تەشۋىقات مەركىزى، كەنت (ئىجتىمائىي رايون) تەشۋىقات خىزمەت پونكىتى قاتارلىق ئۈچ دەرىجىلىك تەشۋىقات تورىنى قۇرۇپ، «تەشۋىقات بايلىقلىرى بىرىككەن، ئوخشاش ئاۋازدىكى» تەشۋىقات خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردۇق؛ ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزگىرىشنى سۆزلەش، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى سىياسەتنى سۆزلەش، ئەدىلىيە كادىرلىرى قانۇننى سۆزلەش، دىنىي زاتلار توغرا بولغان دىنىي ئەقىدىنى سۆزلەش، ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىكى تايانچ كادىرلار زامانىۋى كەيپىياتنى سۆزلەش، تىببى خادىملار ساغلاملىقنى سۆزلەش، پەن- مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئىلىم - پەننى سۆزلەشنى مەزمۇن  قىلغان «يەتتىنى سۆزلەش» خىزمەت مېخانىزىمىنى يولغا قۇيۇپ، قاتلام بويىچە تەشۋىق قىلىپ، «ھەممەيلەن تەشۋىقاتچى» بولۇشتەك خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردۇق. پۇقرالارنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق يەرلىككە ئۆزلىشىش، چوڭ مۇكاپاتلىق تەشۋىقات ئارقىلىق كىشلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كەنت رادىئوسى ئارقىلىق توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، دوستلىشىش ئارقىلىق ئىناقلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئاسان چۈشىنەلەيدىغان سۆزلەر بىلەن ياقتۇردىغان شەكىلدە تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، «شەكلى خىلمۇ-خىل، مەزمۇنى مول» تەشۋىقات-تەربىيە كەيپىياتىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ «ئىممۇنىت كۈچى»نى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق. چوڭ مۇكاپاتلىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردۇق. تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ۋە قىزىقارلىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، قاتلامغا بۆلۈپ گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسى، يېزا - كەنىتلەر مۇسابىقىسى، ئىجتىمائىي رايونلار مۇسابىقىسى ۋە ماھىرلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى قاتارلىق بىر قاتار چوڭ مۇكاپاتلىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاممىنى مەنىۋى ئوزۇقلاندۇرۇپ ھەم ماددىي مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدۇق. يېزا توي-تۆكۈن مۇلازىمەت ئەترىتى تولۇقلىمىسى مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاممىنى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە ۋە دىنىي كەيپىياتىنىڭ قۇيۇقلۇشۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يېتەكلىدۇق. ھەممەيلەن ئىتتىپاق بولغان كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردۇق. قوشماق شەكلىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ تەربىيەلەش پائالىيىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە پائالىيىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت بايرىقى ۋە ۋەتەنپەرۋەر مەشھۇرلارنىڭ ھېكىمەتلىك سۆزلىرى تەشۋىقات تاختىسىنى ئېسىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى يېقىن ئىناق ئۆتۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكاننى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدۇق. جەمئىيەت باشقۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك كەنت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار كەنت بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قەلبداش بولۇپ، قېرىنداشلاردەك ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، ئۆز-ئارا ياردەملىشىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، ۋىلايەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىلىك ناھىيە دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتۇق، شۇنداقلا راخمان ھامۇت، دىلشات ھەسەن قاتارلىق مەملىكەت دەرىجىلىك ئىلغار تىپلار مەيدانغا كەلدى.

بىر يىلدىن بۇيان، تەرەققىياتنى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ماددىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىدۇق. «چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشىدىكى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش يىلى»، «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى»، «ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش يىلى» ۋە «باغ-ئورمانچىلىق پەرۋىشىدە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش يىلى» پائالىيىتىنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، «تۆتلەشتۈرۈش، بىر ئۇل ئەسلىھە» قۇرۇلۇشىنى تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ،  ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق.

يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈردۇق. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «باغلىنىشلىق كەسىپلەر كۆپ بولۇش، تولۇق ئايلانمىلىق بولۇش، يۇقىرى پەن - تېخنىكىنى تۇتۇش»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە، ھالقىما تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ كەسىپ ۋە چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈرچىلىك، پولات-تۆمۈر، تەبئىي گاز قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ خام ماتېرىياللىرى، باھا تەننەرخى، مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى، سېتىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئىقتىساد تەرەققىياتىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. پۈتۈن يىلدا سانائەت قوشۇلما قىممىتى 1 مىليارد 560 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئاشتى. ۋىلايەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تۈرلەردىن 24نى يولغا قويۇپ، جەمئىي 2 مىليارد 389 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدۇق. جۇڭتەي كۆمۈر كوكۇسلاشتۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 1 مىليون 300 مىڭ توننا كوكۇس ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، 1- ئاۋغۇست پولات– تۆمۈر شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭ پولات-تۆمۈر باي چەكلىك شىركىتىنىڭ 1 مىليون 200 مىڭ توننىلىق داشقال ئۇۋىندىلىرى تۈرى قاتارلىق تۈرلەر كۆزلىگەن سۈرئەت بويىچە مېڭىپ، 1- ئاۋغۇست پولات– تۆمۈر شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭ پولات-تۆمۈر باي چەكلىك شىركىتىنىڭ 1 مىليون 200 مىڭ توننىلىق كوكۇسلاشتۇرۇش تۈرى ئوڭۇشلۇق پۈتتى، توقسۇ-باي يۈك تىرانسىپورت تۆمۈر يول تارماق لىنىيەسى تۈرىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ يىل قۇرۇلۇش باشلاش مۆلچەرلەنمەكتە. كۆمۈرچىلىكتە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتۇق، «باي ناھىيەسىنىڭ كان رايونى ئومۇمىي پىلانى» دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى، تىيەنچېن كانچىلىقى چىغلىق كانى، رۈنخۇا كۆمۈر كانى ۋە شۈنفا كۆمۈر كانى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئونىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا 4 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىلدى. مۇھىت ئاسراش بويىچە تەرتىپكە سېلىپ تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، 2013-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان مۇھىت ئاسراش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى جايىدا تۈزىتىلدى. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنى توپلاش، تۈرلەرنى ئۆز-ئارا تولۇقلاش ۋە ئايلانما ئىقتىساد پىكىر يولىنى چۆرىدەپ، تەبئىي گاز خىمىيە سانائىتى، زامانىۋى ماددىي ئەشيا ئوبوروتى، چوڭ تۈرلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرگە دىققەت قىلىپ، سودىگەر چاقىرىش پائالىيىتىنى پىلانلىق، قاراتمىلىق تەشكىللىدۇق. سودىگەر چاقىرىش ئەترىتى قۇرۇپ ئىچكىردىكى كارخانىلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ۋىلايەت تەشكىللىگەن تۈرلۈك سودىگەر چاقىرىش يىغىنلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، پۈتۈن يىلدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا 6 مىليارد 620 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭتەي كوكۇسلاشتۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ 200 مىڭ توننىلىق مېتانول ياساش تۈرى، باي ناھىيەلىك جوغا مىس كېنىنىڭ 2-باسقۇچلۇق قېزىش قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق ئومۇمىي سېلىنمىسى 9 مىليارد 482 مىليون يۈەن بولغان 7 تۈرنى ئارقا-ئارقىدىن ئىمزالىدۇق. ئېغىر خىمىيە سانائەت رايونىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش، سانائەت رايونى ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈش، باھالاش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر خېمىيە سانائەت رايونىنى كېڭەيتىش ئومۇمىي پىلانىنى دەسلەپكى قەدەمدە تۈزۈپ چىقتۇق. يەرلەردىن تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىش باھالاشنامىسى ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ تەستىقىلىشىغا يوللاندى، سۇ مەنبەسىنى دەلىللەش دوكلاتى ۋە سانائەت رايونى ئومۇمىي پىلانى ۋىلايەتلىك مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، چوڭ تۈر ۋە يۈرۈشلەشكەن كەسىپلەرنىڭ سانائەت رايونىغا كىرىشىگە شارائىت ھازىرلاندى. سانائەت رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتۇق، خىمىيە سانائەت رايونى جىنچۈەن سۇ تەمىنلەش تۈرى قۇرۇلۇشى ئاساسەن پۈتۈپ، سانائەت رايونىنىڭ خەۋەرلىشىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، يېشىللاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى. سانائەت رايوننىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 940 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يېڭىدىن 3 كارخانا كۆپەيدى.

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ساغلام راۋاجلاندۇردۇق. تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ سەرخىللاشتۇرۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 557 مىڭ 500 مو ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەھسۇلاتىنى 349 مىڭ 200 توننىغا يەتكۈزدۇق. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ لاپاستىن 1072 (700 مو)نى قۇردۇق، مو پايدىسى 4933.2 يۈەن بولدى. قىزىلچا، بەرەڭگە، پەمىدۇر ۋە مۇچ قاتارلىق ئۆزگىچە تېرىقچىلىق كۆلىمىدىن 213 مىڭ 600 مونى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇپراقنى رېتسىپلىق ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنى 502 مىڭ 500 موغا كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە بازىسىدىن 247 مىڭ 900 مو بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە ئېتىزىدىن 198 مىڭ 300 مونى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئۈلگىلىك كوپېراتىپىدىن 6نى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، جەمئىي 12گە يەتكۈزدۇق. چارۋىچىلىق تەرەققىياتى ئۈنۈملۈك بولدى. چارۋىچىلىقتا كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش تەرەققىيات نىشانىنى چۆرىدەپ، ياقېرىق بازىرى، توقسۇن يېزىسى، سايرام بازىرى، نەسىللىك قوي فېرمىسى قاتارلىق 4 ئۆلچەملەشكەن گۆش قويى باقمىچىلىق، بورداقچىلىق رايونى قۇرۇشنى سىجىل ياخشى تۇتتۇق، يىل ئاخىرىدىكى قوتان قالدۇقى 1 مىليون 105 مىڭ 100 تۇياققا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشتى، 685 مىڭ 200 تۇياق چارۋا قولدىن چىقىرىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.9 ئاشتى. 27 مىڭ 560 توننا گۆش، 1755 توننا تۇخۇم، 6208 توننا سۈت ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %12.77، %2.93 ۋە %19.16 ئاشتى، چارۋىچىلىقتىن قىلىنغان كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 2923 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 440 يۈەن ئاشتى. باغ-ئورمانچىلىق پەرۋىش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، 25 مىڭ 900 مو ئىقتىسادىي ئورماننى تولۇقلاپ تىكتۇق. ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتا ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى. پۈتۈن بىر يىلدا سىرتقا چىقىرىلغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى 10 مىڭ 82 ئادەم بولۇپ، ناھىيەمىزدىكى دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 2016 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 502 يۈەن ئاشتى. يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى سىجىل ياخشىلاپ، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭدىن 80.5 كىلومېتىر، كەلكۈن مۇداپىئە دامبىسىدىن 13.8 كىلومېتىر يېڭىدىن ياساپ، 30.9 كىلومېتىرنى رېمونت قىلىپ مۇستەھكەملەپ، 2076 ئائىلىگە تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزدۇق. نامراتلانى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، 1900 ئائىلىلىك 8446 ئادەمنى ئوڭۇشلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق.

يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەمدە ئىلگىرى سۈردۇق. پىلاننىڭ يېتەكلەش ۋە باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شەھەر ئومۇمىي پىلانىنى تۈزىتىش ۋە مەخسۇس تۈرلەرنى پىلانلاپ تۈزەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتۇق.  شەھەرنى يېشىللاشتۇرۇش سىستېمىسى، كونا بازار رايونىنىڭ پاسكىنا سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىش، پار بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش، تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇش پىلانى قاتارلىق 8 مەخسۇس تۈر پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزۈپ تاماملاپ، پىلان سېستىمىسنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتنىڭ يېڭىچە شەھەر–بازارلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «باي ناھىيەسىنىڭ يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى»نى تۈزۈپ، ياقېرىق، سايرام بازىرىدا ئۈلگىلىك بازار قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تېخىمۇ مۇكەمەللەشتۈردۇق. يېڭى بازار رايونى قۇرۇلۇشى ۋە كونا بازار رايوننى ئۆزگەرتىشنى زىچ چۆرىدەپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شەھەر دائىرىسىنى زورايتىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ سىغىمچانلىقى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق. 100 مىليون 660 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر رايونىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، قاپسىلاڭ دەرياسىنىڭ شەرقىي 1-يولى پاسكىنا سۇ چىقىرىش قۇرۇلۇشى، شىمالىي يېڭى شەھەر رايونى تاشيولىغا بەلگە تاختىسى ئورنىتىش ۋە شەھەر رايونىنىڭ يول چىراغلىرىنى ئالماشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 8 ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، شەھەر رايونىدا يېڭىدىن 10.5 گېكتار يەرنى يېشىللاشتۇردۇق. كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈش، كەسىپ بىلەن شەھەر بىر بىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تۇرمۇش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق، «قۇرۇلۇش قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش» پىرىنسىپى بويىچە، شەھەر باشقۇرۇش، چوڭ قۇرۇلۇش قىلىش، چوڭ مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئامما مۇداپىئەلىنىش، ئامما تۈزەش، كەسپلەر بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. تاشيول ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۇزۇنلىقى 102 كىلومېتىر كېلىدىغان نېفىتلىك يولى ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. قاپسىلاڭ دەرياسى ۋە تەلۋىچۈك دەرياسىغا يېڭىدىن ئىككى كۆۋرۈك سېلىنىپ، ئۆلكە يولى 307-لىنىيەسىنىڭ قاتناش بېسىمى زور دەرىجىدە پەسەيتىلدى،  25 مىليون 520 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 116 كىلومېتىر كەنت قارىماي يولى ياساپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق ياراتتۇق.

بىر يىلدىن بۇيان، بىز ھەر مىللەت خەلق ئامىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئىستەكلىرىگە ماسلىشىپ، سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن بەھىرىمان قىلدۇق.

تەرەققىيات مېۋىسنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ھەر مىللەت خەلق ئامىسىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، تۇرالغۇ، داۋالاش، سەھىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتتۇق، پۈتۈن يىلدا 1 مىليارد 55 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 20 تۈرلۈك 109 خىل خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى يولغا قۇيۇپ، ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرلۈك مەبلىغىدىن 458 مىليون 638 مىڭ 200 يۈەن تارقىتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا ھەر ۋاقىت پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقى ۋە مېھىر-شەپقىتىنى ھېس قىلدۇردۇق.  

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. «بىر ئادەمنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىق بىر ئائىلىنى خاتىرجەم قىلغانلىق» ئىدىيەسنى تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن يىلدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى 2104 ئادەمگە يەتكۈزۈپ، شەھەر-بازاردىكى ئىشسزلىق نىسبىتىنى %2.7 ئىچىدە كونترول قىلدۇق. قۇتاد شەھىرى ۋە ۋېنجوۋ - باي قەلبداشلار ئولتۇراق رايونىدىن ئىبارەت ئىككى ئىگىلىك تىكلەش رايونىنى قۇرۇپ، 325 ئادەمنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە 525 ئادەمىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغىدىن 18 مىليون 44 مىڭ 300 يۈەننى ئەمەليىلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلار ۋە ئالىي-ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق كىشىلەر توپىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمى بىرىپ، 489 نەپەر ئالىي-ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 182 نەپەر ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلارغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەنگەنلەر 8798 ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ھەقىقىي ئۆستۈرۈلدى. «ئىككىدە ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلار»نى ئوقۇتۇپ تەربىيەلەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، 211 نەپەر «ئىككىدە ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلار»نى تاللاپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ، كەسىپى تېخنىكا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، 63 نەپەر «ئىككىدە ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان» كۇرسانىتلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك تونۇشتۇرۇپ، 15 نەپەر كۇرسانتنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈردۈق. يېڭىدىن 1050 يەككە تىجارەتچى كۆپەيدى، 11 نەپەر يەككە تىجارەتچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كارخانا قۇرۇشىنى قوللاپ، كىچىك، مىكرو كارخانىدىن 93نى كۆپەيتىپ، ئىگىلىك تىكلەش رايونىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

مائارىپ خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. «مائارىپتا سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىدۇق. جەمئىي 47 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىمالىي يېڭى شەھەر رايونى قار لەيلىسى باشلانغۇچ مەكتىپى، قار لەيلىسى «قوش تىل» يەسلىسى، قاراباغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ياتىقى ۋە يېزا مەكتەپ ئاشخانىسىدىن 20نى سالدۇق. مەكتەپلەرنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قانۇن-تۈزۈمگە مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىلىرىنى سەپلەپ ۋە كۈچەيتتۇق. بىر يىلدا ۋىلايەت دەرىجىلىك ئەخلاق تەربىيەسىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ ۋە مەكتەپنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك مەكتەپتىن 5نى بەرپا قىلدۇق. مەكتەپتىن توختاشنى تىزگىنلەپ ئوقۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، رەھبىرى كادىرلارنىڭ يېزىنى، كەنتنى، مەكتەپنى ھۆددىگە ئېلىش تۈزۈمنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تەقسىملەش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە كېلىش نىسبىتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %98.8، %99.6 كە يەتكۈزدۇق. قوش تىل مائارىپىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى %72.35گە يەتكۈزدۇق. نامرات ستۇدېنتلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 348 نەپەر ستۇدېنتقا «مۇزات دەرياسى» نامراتلارنى يۆلەش مۇكاپات مەبلىغىدىن 841 مىڭ يۈەن تارقاتتۇق. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، 226 نەپەر ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قوبۇل قىلىپ، 35 ياشتىن تۆۋەن 183 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتقۇچىلرىنى تاللاپ شىنجاڭ ئىچى-سىرتىغا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتۇق. 30-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا، ناھىيەمىزدىكى 212 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىلغار مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى داغدۇغىلىق مۇكاپاتلاپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلدۇق. ئوقۇ-ئوقۇتۇش سەۋىيەسنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، 2014-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەخسۇس كۇرۇس نۇمۇر سىزىقىغا يەتكەنلەر 1087 نەپەرگە يېتىپ، مەخسۇس كۇرۇس نومۇر سىزىقىدىن ئېشىش نىسبىتى %89، تولۇق كۇرۇسقا ئۆتۈش نىسبىتى %59.9 بولۇپ، تارىخى يېڭى سەۋىيە ياراتتۇق.

تۇرالغۇ شارائىتى ياخشىلاندى. ئاممىنىڭ ئولتۇراق ئۆي شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدۇق. «تۆتتە يۈزدە-يۈز بولۇش» تەلىپىگە ئاساسەن، خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش ئۆيىدىن 4890 يۈرۈش، يېزا-بازار كادىرلار ياتىقىدىن 556 يۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش ئۆيدىن 230 يۈرۈش سېلىپ، 1415 ئاھالىنى ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي ۋە تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيگە ئەكىردۇق. ئاممىۋى بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى ۋە يېڭىدىن سېلىنغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ مۇستەھكەملىدۇق. 1 مىليون 584 مىڭ 200 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كونا تۇرالغۇ بىناسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى كونا ئىش بېجىرىش بىناسى، كونا جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تۇرالغۇ بىناسى، دېھقانچىلىق تەجىرىبە پونكىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقى بىناسى، يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىۋى تۇرالغۇ بىناسى، يولوچىلار قاتناش بېكىتى تۇرالغۇ بىناسىىنىڭ سىرتقى تېمىغا ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى چاپلاندى، ئۆزگەرتىش كۆلىمى 23 مىڭ 200 كىۋادېرات مېتىرغا يەتتى. باي بازىرى قۇتاد شەھىرى 1-، 2- رايونى ۋە ۋېنجوۋ-باي قەلبداشلار ئولتۇراق رايونى قاتارلىق كونا بازار كەپە رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، 1221 ئائىلىلىك 5049 ئادەمنىڭ ئۆيىنى چېقىپ كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇندىلىپ، چېقىپ كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرگە 2287 يۈرۈش ئۆي تەقسىملىنىپ، 734 ئېغىز تىجارەت ئۆيى سېتىپ چىقىرىلىپ، كونا بازار كەپە رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئولتۇرىدىغان ئۆي، ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئورۇن بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

سەھىيە داۋالىنىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن، قىممەت بولۇش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلدۇق. 2014 – يىلى ناھىيەمىز يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سوغۇرتىسىدىكى ئوتتۇرىچە جۇغلانما مەبلىغى ئۆلچىمىنى 446 يۈەنگە يەتكۈزدۇق.  بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز ياردىمى 220 يۈەن، ئاپتونوم رايون ياردىمى 55 يۈەن، ناھيەمىز مالىيە ياردىمى 101 يۈەن، شەخىس تاپشۇردىغىنى 70 يۈەن بولۇپ، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سوغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 176 مىڭ 61 ئادەمگە يېتىپ، قاتنىشىش نىسبىتى %99.8 بولدى. بالنىستا يېتىش ۋە ئامبولاتۇرىيەدە كېسەل كۆرسىتىشتە بىر تۇتاش جۇغلانمىدىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %77.08، %82.51 كە يېتىپ، پۈتۈن يىلدا جەمئىي 388 مىڭ 500 ئادەم (قېتىم) مەنپەئەتلىنىپ، 78 مىليون 930 مىڭ 400 يۈەن نەپكە ئېرىشتى. يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشپ داۋالىنىشتىكى چوڭ ئېغىر كېسەللەرگە تولۇقلىما بېرىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئەسلىدىكى 20 تۈرلۈك 52 خىل چوڭ ئېغىر كېسەللەرگە تولۇقلىما بېرىش دائىرسى ئاساسىدا بالىلار فېنىل كىتون سىيىش كېسىلى، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى قاتارلىق كېسەللىك يېڭىدىن تولۇقلىما بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. پۈتۈن يىلدا چوڭ ئېغىر كېسەللەرگە 95 ئادەم (قېتىم)غا جەمئىي 1 مىليون 124 مىڭ 400 يۈەن تولۇقلىما بېرىلدى. 15 مىڭ 167 ئادەم شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سوغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتتىن 57 نەپەر مۇتەخەسىس تەكلىپ قىلىپ، 85 مىڭ يۈەن مۇتەخەسىس ھەققى كەچۈرۈم قىلىندى. 218 ئادەم (قېتىم) بىرلەشمە دىئاگنوز قۇيۇش ۋە يىراق مۇساپىلىك بىرلەشمە دىئاگنۇز قويۇپ، نامرات ئاممىنىڭ 45 مىڭ 708 يۈەن بىرلەشمە دىئاگنوز ھەققى كەچۈرۈم قىلىندى. ھامىلدار، تۇغۇتلۇق نامرات ئاياللارغا 1380 يۈەن ھەقسىز قان بېرىپ، يېزىلاردىكى 4093 نەپەر ھامىلدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا جەمئىي 2 ملىيون 35 مىڭ 300 يۈەن ياردەم بېرىلدى. 4356 نەپەر 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ، 9564 يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ۋە 2996 دىئابىت كېسىلى بىمارلىرىغا مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزۇلدى. ئېلېكتىرو يادرو ماگنىتلىق رىزونانىست(خېسى)تا تەكشۈرۈش بويىچە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قۇيۇپ، 7338 ئادەمگە 1 مىليون 100 مىڭ 700 يۈەن ئېتىبار قىلىندى. يۇقۇملۇق كېسەلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ناھىيەمىزدىكى 4 ياشتىن تۆۋەن  16 مىڭ 954 بالىغا ئىككى قېتىم يۇلۇنسۇر ماددا يالۇغى ۋاكسىنىسىنى ھەقسىز ئەملەپ، يۇقۇملۇق كېسەل كۆرۈلۈشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدۇق. كېسەل كۆرسىتىش مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، 85 مىليون مەبلەغ سېلىپ، ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ 21 قەۋەتلىك ئونىۋېرسال بىناسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى ۋاقتىدا تاماملىدۇق، ناھىيە مالىيەسىدىن 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۆرەك زەئىپلىشىشنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى سېتىۋېلىپ كىرگۈزۈپ، بۆرىكى زەئىپلەشكەن 18 بىمارنىڭ ناھىيەمىزدە داۋالىنىشىغا قولايلىق ياراتتۇق. تىببىي ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 96 تىببىي داۋالاش خادىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، ۋېنجوۋدىكى A3 دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتۇق. ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىسلاھاتى، تىنچ دوختۇرخانا بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى، تىببىي ئەخلاق ۋە تىببىي ئىستلنى مەخسۇس تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تىببىي داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردۇق. پىلانلىق تۇغۇت بويىچە مۇكاپاتلاپ ياردەم بېرىش سىياسىتىدە 13 مىڭ 65 ئادەمگە 12 مىليون 254 مىڭ 700 يۈەن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردۇق. نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 17.89تە كونتىرول قىلىندى، تەبئىي كۆپىيىش نىسبىتى 13.18 كە يەتتى. يىمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، پۈتۈن بىر يىلدا يىمەكلىك-دورا بىخەتەرلىك ھادىسىسى كۆرۈلمىدى.

قىيىنچىلىقى بارلار ياردەمگە ئېرشتى. ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئېنىقلاش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شەھەر- يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن 2910 ئادەمنى بەھرىمان بولۇش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىپ، شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش ئائىلىلىرىنىڭ كاپالەت پۇلىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 يۈەن، 15 يۈەن ئۆستۈرۈپ، جەمئىي 13 مىڭ 184 ئائىلىلىك 26 مىڭ 55 نەپەر شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكىتىغا 55 مىليون 473 مىڭ يۈەن تارقاتتۇق. شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالتى ئائىلىسىگە 1 مىليون 471 مىڭ 600 يۈەن قىشلىق ئىسىنىش پۇلى تارقاتتۇق. 118 نەپەر شەھەر - يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ۋاقىتلىق ياردەم قىلىشنى يولغا قويۇپ، 94 مىڭ 800 يۈەن ياردەم پۇل تارقاتتۇق. بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ 3 مىليون 539 مىڭ 300 يۈەن بېقىلىش مەبلىغى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتى. بەشتە كاپالەتلىك ياشانغانلارنى يىغىپ بېقىش نىسبىتى %50 تىن ئاشتى. يېتىم بالىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلى 1 مىليون 190 مىڭ 700 يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 147 نەپەر يېتىم بالىنى يىغىپ باقتۇق. 1458 نەپەر 80 ياشتىن ئاشقانلارغا ياشانغانلار تولۇقلىما پۇلى بېرىش ۋە سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشانغانلارغا 1 مىليون 54 مىڭ 800 يۈەن تولۇقلىما پۇل تارقاتتۇق. شەھەر-بازار ئاھالىرىلىنىڭ داۋالىنىش سوغۇرتىسى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سوغۇرتىسى سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 26 مىڭ نەپەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكىتى ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئېلىش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ شەھەر -بازار  ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ياردەم قىلىندى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا تولۇقلىما بېرىش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم پۇلى 6 مىليون 985 مىڭ 100 يۈەنگە يەتكۈزۈلدى. 87 مىڭ ئادەم يېزا يېڭىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتى، يېزىلاردىكى 60 ياشتىن يۇقىرى تەمىنات ئېلىش شەرتىگە توشقان 13 مىڭ 805 ئادەم 13 مىليون 294 مىڭ 500 يۈەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئېرىشتى. پىنسىيەگە چىققان 3932 ئادەمگە جەمئىي 84 مىليون 810 مىڭ يۈەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تارقاتتۇق. «بىر كۆزنەك»تە ھېساپ ئۈزۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئۆزى ئۈستىگە ئالدىغان داۋالىنىش خىراجىتى بەك يۇقىرى، كېسەل كۆرسىتىشكە قۇربى يەتمىگەن 3707 ئادەمگە ئىككىنچى قېتىملىق دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشىغا 5 مىليون 473 مىڭ يۈەن ياردەم بەردۇق. ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، چاغان، روزا ھېيىت، قۇربان ھېيىت قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملاردا 5.4 توننا زاپاس گۆشنى بازارغا سېلىپ، 803 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بەردۇق. مېيىپلارغا ياردەم بىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىلدا چاقلىق ئورۇندۇق قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەردىن 669 دانە تارقىتىپ، ئۆيىدە بېقىلىۋاتقان 367 نەپەر مېيىپلارغا 468 مىڭ 500 يۈەن بېقىش پۇلى بەردۇق. 245 نەپەر يېزىلاردىكى نامرات مېيىپلارغا 245 مىڭ يۈەن ئۆي تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىپ، 4227 مېيىپنىڭ دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان 5 مىليون 289 مىڭ يۈەن سۇ ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدۇق. 61 نەپەر مېيىپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردۇق؛ 221 نەپەر كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارلارنى ھەقسىز داۋالاپ ئوپراتىسىيە قىلىپ، ئۇلارنى قايتىدىن يورۇقلۇققا چىقاردۇق، شۇنىڭ بىلەن  2014 - يىلى ناھىيەمىز مەملىكەت بويىچە كۆزگە ئاق چۈشكەنلەرنى داۋالاشتا توسالغۇسىز ناھىيە شەرپىگە ئېرىشتى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزدۇق. غەيرىي ماددىي- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە زاپاس تۈرلەرنى يوللاش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ناھىيەمىزنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددى- مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پالاز توقۇش تېخنىكىلىق ھۆنەر-سەنئەت تۈرىگە ماركا ئېلىش ۋە يېتىلدۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق. «ھەپتە ئاخىردىكى چوڭ سەھنە» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا كەنىتلەردە تەشۋىقات ئويۇنىدىن 134 مەيدان قويدۇق، يۈز كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن 75 قېتىم تەشكىللەپ، 1774 مەيدان ھەقسىز كىنو قويۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى- مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتۇق. ناھىيەمىزدىكى 16 يېزا، بازار مەدەنىيەت پونكىتىلىرى، 170 كەنت (مەھەللە) مەدەنىيەت ئۆيى نورمال ئىشلىتىلىپ، رادىئو-تېلېۋىزىيەنىڭ كەنتلەردە ئومۇملىشىشى، كاناي قاتارلىق ئۈسكىنىلەرنىڭ نورمال ئىشلەش نىسبىتى %98 تىن ئاشتى. چوڭ رادىئو كانايلىرىنىڭ ياڭراپ تۇرۇش نىسبىتى %98 تىن ئېشىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ساداسىنى ھەر بىر ئاممىغا يەتكۈزۈش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «باي ناھىيەسىنىڭ ئۈندىدار خەۋىرى»، «ئەڭ يېقىن ئارلىق— ئاممىۋى لۇشىيەن سۆھبىتى» قاتارلىق 34 ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىستونلىرىنى ئېچىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنى تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەتتە ئىجابىي تەسىرلەرنى ئەۋج ئالدۇردۇق.

بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى تۇتقا قىلىپ،  ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. خەلق ئۈچۈن، ئەمەلىيەتچىل، پاك - دىيانەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئوبراز تىكلەپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق. «تۆت خاھىش» مەسلىسىنى ئۈنۈملۈك تۈزەپ، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئامما مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئۇلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدۇق. ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خىزمەت ئىستىلنى ياخشىلىدۇق. سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم بولۇش، «تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرۇش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ كۆلەمدە ئاڭلاپ، ئەستايىدىل سېلىشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلى، تۇرمۇش ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى، ھۆججەت ئىستىلى، يىغىن ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىدۇق. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقىتىش ئادىل بولماسلىق، خوجىلىق باشقۇرۇش قېلىپلاشماسلىق، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى قىيىن بولۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش، ئىسراپخورلۇق قاتارلىق ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەمىز بېكىتكەن 44 تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەتىراپىمىزدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈگەتتۇق. يۈزەكى تۈزەش بىلەن ماھىيەتتىن تۈزەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە ۋە قائىدە– تۈزۈم ئورنىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزىم ئورنىتىپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق قەلبىنى مايىل قىلدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، ناھىيەمىزنىڭ ئاممىۋى لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. «ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلاردا كۆرۈلدىغان سىياسىدا مۇستەھكەم بولۇش، تۆت خاھىشۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەرەپلەردىكى 110 خىل ئىپادە»، «باي ناھىيەسىنىڭ چوڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى يولغا قويۇش لاھىيەسى» قاتارلىق 2 ھۆججەت پۈتۈن شىنجاڭدا ئۆگىنىپ ئۈلگە ئېلىشىقا تارقىتىلدى. «پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتى جەريانىدا ئۆگىنىشكە نازارەتچىلىك قىلىش، ئىمتىھان ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش»، «باي ناھىيەسىنىڭ “بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىش، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال ئۆزگەرتىش” ئارقىلىق ئاممىۋى لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائاليىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكىرى»، «ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، قىيىن مەسلىلەرنى نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش خىزمەت مېخانىزىمى» قاتارلىق 9 ھۆججەت پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئۆگىنىپ ئۈلگە ئېلىشىغا تارقىتىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيەت نەزەريىسىنى ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش يىغىنىدا ناھىيەمىز تەجىربىە ئالماشتۇرۇش سۆزى قىلدى، شۇنداقلا ناھىيەمىزنىڭ «ئاممىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى سالايلى» دېگەن تېمىدىكى تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش ماتېرىيالى پۈتۈن شىنجاڭدا ئۆگىنىشكە تارقىتىلدى. «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلدۇق. 155 خىزمەت گۇرۇپىسىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، 599 كادىرنى يېزىغا چۈشۈرۈپ، «7 تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسى»نى چۆرىدەپ، سەمىمىي مۇھەببەت، ياخشى ئىستىل، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما بىلەن چىن، سەمىمىي دوستلۇق ئورنىتىپ، ئامما بىلەن بولغان ئارلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئەلنى رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىدە، «ئۆلچەمگە سېلىشتۇرۇپ باشقۇرۇش، بايراقدار خىزمەت گۇرۇپپىسى، يۇلتۇز دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپا ئەزالىقىنى قولغا كەلتۈرۈش» پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كادىرلارنىڭ تەربىيەگە ئىگە بولۇشى، ئاممىنىڭ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. پۈتۈن يىلدا ئائىلىمۇ-ئائىلە زىيارەت قىلىپ، ئاممىغا 526 مىڭ ئادەم (قېتىم) تەشۋىقات تەربىيىسى ئېلىپ باردۇق. 1941 پارچە زىددىيەت-ماجرالارنى پەسەيتتۇق. 5611 نۇقتىلىق، نامرات ئائىلىكلەردىن ھال سورىدۇق ۋە ياردەم قىلدۇق،  266 تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشنى بېجىرىپ، قىيىن مەسلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتۇق. دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشنى كۈچەيتتۇق. دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغدىدۇق. ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش بەنزىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش رولنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ جەمئىي 13 پارچە تەكلىپى، 102 پارچە تەۋسىيەسى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 135 پارچە تەكلىپنى بېجىرىپ جاۋاب قايتۇرۇپ، رازى بولۇش نىسبىتىنى %85 كە يەتكۈزدۇق. مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىلدا ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنى 400 دىن 348 گە (مەمۇرىي ئىجازەت 215 تۈرلۈك، غەيرىي مەمۇرىي ئىجازەت 133 تۈرلۈك) ئازايتتۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تەستىقلاش ھوقۇقى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگىنى 65 تۈرلۈك، بىكار قىلىنغىنى 7 تۈرلۈك، قۇشۇۋېتىلگىنى 45 تۈرلۈك، يولغا قويغۇچىدا ئۆزگىرىش بولغىنى 2 تۈرلۈك. ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە كەسىپ ئىستىلىنى باھالاشنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق، ئىقتىسادچىل بۇلۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت چىقىمى»نى قاتتىق كونترول قىلىپ، مەمۇرىي ئىشلار چىقىمنى زور دەرىجىدە ئازايتتۇق. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پاك - دىيانەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇھىتى ياراتتۇق.

 ئىستاتىستىكا، ئارخىپ، مېتېئورولوگىيە، تەزكىرە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، قوش ھىمايە قىلىش، ياشانغانلار، تاشقى ئىشلار، مۇھاجىرلار ئىشلىرى قاتارلىق خىزمەتلەردە ۋىلايەتنىڭ سىناپ باھالاش نىشان ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلىدۇق.

ۋەكىللەر، يولداشلار، 2014-يىلى ئالاھىدە بىر يىل بولدى. «ئۈچ مەزگىل قاتلىنپ كەلگەن» كەسكىن، مۇرەككەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقۇملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان پايدىسىز ۋەزىيەتتە، قىيىنچىلقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ۋىلايەتنىڭ «5 يىل» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى دائىملىق تەكشۈرۈشتە، ناھىيەمىز ئۈنۈمنى باھالاش خىزمىتىنى مەخسۇس تۈزەش، «جەمئىيەت باشقۇرۇش يىلى» پائالىيىتى، «ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى باھالاشتا ۋىلايەت تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالاندى. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت رەھبەرلىرى ناھىيەمىزنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى، تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتى، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر ۋە تەجىرىبە، ئۇسۇللىرىنى پۈتۈن شىنجاڭ ياكى ۋىلايەتتىكى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ ئۆگىنىپ ئۈلگە ئېلىشىغا تارقىتىشقا يوليۇرۇق بەردى. جاڭ چۈنشىيەن شۇجى ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ 8-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىندىكى دوكلاتىدا باي ناھىيەسىدە قانات يايدۇرۇلغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات تەربىيە تەجىرىبىسىنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئۆگىنىشىنى تەلەپ قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيرۇسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ «باي ناھىيەسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات»غا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، باي ناھىيەسىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىدىكى پائال ئىزدىنىشلىرى ۋە تەجىرىبە ئۇسۇللىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە بۇ تەجىرىبە ئۇسۇللار مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ «شىنجاڭ مەخسۇس گېزىتى»دە ئېلان قىلىندى.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ناھىيەمىز ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات-تەربىيە تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى، ۋىلايەتنىڭ 2015 - يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىش نەق مەيدان يىغىنى، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئىقتىساسلىقلارنىڭ ئۆگىنىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش خىزمىتنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى، ۋىلايەتنىڭ ئېدولوگىيە ساھەسىدىكى «ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ناھىيە (شەھەر) لىك پارتكوم شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق نەق مەيدان تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى ئوڭۇشلۇق ئۈستىمىزگە ئالدۇق. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى ئوبلاست ۋە قېرىنداش ناھىيە (شەھەر)لەردىن 28 تۈركۈمدە ناھىيەمىزگە ئۆگىنىش ئالماشتۇرۇشقا كەلدى. ۋىلايەتنىڭ 2014 - يىللىق ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالىشىدا، ۋىلايەتتىكى 8 ناھىيە، بىر شەھەر ئىچىدە ناھىيەمىزنىڭ ئونىۋېرسال رازى بولۇش دەرىجىسى بىرىنچى بولدى، ئونىۋېرسال باھالاپ بېكىتىشنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى %99.39كە يەتتى. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى دېموكراتىك باھالاشنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى %98.5كە يەتتى. ۋىلايەتنىڭ يىللىق نىشانلىق باشقۇرۇپ باھالىشىدا بىرىنچى بولدۇق. تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى، 2011-يىلدىن بۇيان ئۇدا تۆت يىل بۇ نەتىجىگە ئېرشىتۇق، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان قولغا كەلمىدى.

بۇ نەتىجىلەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە ۋە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى؛ تۆت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ بىر نىيەتتە ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى؛ ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرىشىپ جاپالىق ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە نىغىتلىكنىڭ يەرلىكتىكى كارخانىلىرىنىڭ چەكسىز غەمخورلۇقى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ناھىيەمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر، دېھقانلار، زىيالىيلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، بايدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلار، بايدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى قوماندان - جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرى شۇنداقلا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاكتىپ تۆھپە قوشقان يولداشلار، دوستلار، كارخانىچىلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

  تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، تەرەققىياتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. يەنى: بىرىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقتا ئاجىز ھالقىلار يەنىلا مەۋجۇت. ناھىيەمىز شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرىغاچقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەۋپ زور؛ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇداپىئە ئېڭى، ئورۇنلارنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى گەۋدىلىك ئورۇن بولۇش ئېڭى ئاجىز، مۇقىملىقنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ، بىخۇدلىق قىلىدىغان ئىدىيە مەۋجۈت. «ئۈچ قانۇنسىز» تەكرار تەكشۈرۈلگەن بولسىمۇ يەنىلا ئۈزۈل-كېسىل تۈگىگىنى يوق. ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىق -تەربىيەسى، توردىكى كۈرەش ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ۋەزىپىمىز مۈشكۈل. ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كەمچىل. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بازارلارنىڭ تەسىرىدە، ھازىر بار بولغان كارخانىلاردا ئىش باشلىيالماي، مەبلەغ يېتەرلىك ئەمەلىيلەشمىگەچكە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كەتتى؛ سانائەت كەسپى ۋە مەھسۇلات قۇرۇلمىسى ئاددىي، كېيىنكى تۈر مەبلىغى كەمچىل، يېڭى كۆپىيىدىغان مالىيە مەنبەسى يېتەرسىز، ئىقتىسادنى سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلدۇردىغان كۈچ يېتەرلىك ئەمەس، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسى تۆۋەن. دېھقانلارنىڭ تىجارەت قىلىشقا تەشكىللىنىش سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشتا قىيىنچىلىق بىر قەدەر چوڭ؛ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشمىغان، قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جايىدا ئەمەس، قۇرۇلۇش سۈپىتى ناچار؛  يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى كەمچىل، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش ۋە لاياقەتلىك ئەمگەكچىلەر كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ناھىيەمىزنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى چەكلىمە كۆرۈنەرلىك بولماقتا. ئۈچىنچىدىن، ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشى كۈچەيتىشكە موھتاج. قىسمەن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاجىز، چېچىلاڭغۇ بولۇش مەسىلىسى تېخى ئۈزۈل - كېسىل ھەل بولغىنى يوق. ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا كۆڭۈل بۆلۈش سالمىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش زۆرۈر. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۆتىنچىدىن، قىسمەن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيەسى تولۇق ئازاد بولمىغان، بەزى پارتىيەلىك كادىرلار ئۆزىگە تەمەننا قۇيۇپ، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزمەيدۇ. ئىدىيىۋى تونۇشى ئاددى، خىزمەت سەۋىيەسى ئادەتتىكىدەك؛ ساقلاپ تۇرۇش، تاينىۋېلىش ئىدىيەسى بىر قەدەر ئېغىر، ئۆز قائىدىسى بويىچە ئىشلەشكە ئادەتلەنگەن، جاسارىتى، غەيرىتى يېتەرسىز؛ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كۆز قارىشى، خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى ئاجىز، خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي، خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. بەشىنچىدىن، بەزى خىزمەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى جايىدا ئەمەس. قىسمەن ئورۇن ۋە كادىرلار يۇقىرىنىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە سىياسەت بەلگىلمىلەرنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە، نەزىرىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە، ئارخىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە سەل قاراپ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ بىر قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرى ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنىڭ پەقەت ئېغىزدا ۋە قەغەزدىلا بار بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ، خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىكى ۋە سىياسەتنىڭ چەتنەپ يۈرگۈزۈلۈشى سەۋەبىدىن ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇنىڭغا بىز يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ سىياسى ئاڭ، مەسىلە ئېڭى، خەۋپ ئېڭى ۋە ئالغا ئىنتىلىش ئېڭىمىزنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، ئۆز - ئۆزنى يېڭىلاش جاسارىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن بۆسۈش ئېغىزى ۋە خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ باينىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

 

2015–يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى

 

2015- يىلى ــــ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۇنجى يىل، ناھىيەمىزنىڭ «12-بەش يىللىق» پىلانىدا بېكىتىلگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇدىغان ئاخىرقى يىل، شۇنداقلا قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردىغان بىر يىل، ھەم شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقنىڭ 60 يىللىقى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويغانلىقىدەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد، سىياسى، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيىلىكى تۈزۈلمىسى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىننىڭ ئىناقلىقى، شەھەر-يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭ بۆسۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھىرىمان قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچەپ  قوغدىشىمىز لازىم.

2015- يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى: مەۋقەنى ھازىرغا قارىتىپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتنىڭ تۈرلۈك قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ناھىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئېكولوگىيەلىك ناھىيە قۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ ناھىيەنى كۈچەيتىش ئومۇمىي ئىستىراتىگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «6 يىل» (قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىلى، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىلى، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىلى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يىلى، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش يىلى)نى تۇتقا قىلىپ،  قاتتىق زەربە بېرىش، تۈزەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ ناھىيەنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش، ساغلام تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش قاتارلىق توققۇز جەھەتكە كۈچەپ، «5 چوڭ بازا» (ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قېزىلما بايلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، مېتال تاۋلاش-پىششىقلاپ ئىشلەش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە چارۋا-قۇش باقمىچىلىق بازىسى)نى تېزدىن قۇرۇپ، «6 رايون» (ئارلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك تەجىرىبە رايونى، شەھەر-يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈلگە رايونى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش رايونى، جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش رايونى، دەم ئېلىشتىكى ئالدىن تاللىنىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك رايون، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكتىكى ئارام ئېلىش رايونى)نى پائال بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، تەرەققىياتىنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، تۈزەشنى تۇتۇش، ئىستىلنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچتە قەتئىي بولۇش» قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ۋىلايەت، ھەتتا جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە سانائەت ئىقتىسادىدا مۇھىم ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىغى تارماق لىنىيەسىدىكى باشلامچىلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، تىرىشپ 3 يىلدىن 5 يىلغىچە ۋاقىت ئىچىدە ناھىيەمىزنى شىنجاڭدىكى ئەڭ جەلپكار ناھىيە بازىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. 

2015- يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ كۈرەش نىشانى: 2015-يىلى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 6 مىليارد 20 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %11.2 ئاشۇرۇش؛ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى 2 مىليارد 190 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %11.6 ئاشۇرۇش؛ ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى 7 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %10.3 ئاشۇرۇش؛ يەرلىك جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمىنى 1 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش؛ ئىجتىمائىي ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى 777 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %12.6 ئاشۇرۇش؛ شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 23 مىڭ 675 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %11.4 ئاشۇرۇش؛ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 10 مىڭ 700 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1000 يۈەن، %10.4 ئاشۇرۇش؛ شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4 ئىچىدە تىزگىنلەش. نوپۇسنىڭ تەبئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى ‰14.06 ئىچىدە كونترول قىلىش.  ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، «13-بەش يىللىق پىلان»نىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت.

پارتىيەنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ تەلىپى ۋە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇش بولسا بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. نۆۋەتتە پۈتۈن يىللىق نىشان، ۋەزىپە، تەرەققىيات پىكىر يولى ۋە تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئايدىڭلاشتى. ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ھۆكۈمەتتىكى ھەر قايسى كومىتېت، ئىشخانا، ئىدارىلەر ناھىيەلىك پارتكوم بېكىتكەن يۇقارقى نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ، تارىخقا، ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش تۇيغىمىز بىلەن چۈشىنىش ئىقتىدارىمىز، ئىجىرا قىلىش ئىقتىدارىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە ئىرادىمىز بىلەن ناھىيەلىك پارتكوم بېكىتكەن تۈرلۈك كۈرەش نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم، ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى، بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى رازى قىلىمىز. 2015-يىلى نۇقتىلىق قىلىپ تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز.

1. زەربە بېرىش ئارقىلىق يول ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچتە قەتئىي بولۇش» نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى داۋاملىق خىزمىتىمىزنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىش بولسا مەركەز، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ نۆۋەتتىكى «ئۈچ مەزگىل قاتلىنىپ كەلگەن» مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىيىتىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى، شۇنداقلا خىزمىتىمىزنىڭ ئومۇمىي نىشانىدۇر. شۇڭا ھەر تەرەپتىن تەدبىر قوللىنىپ، زەربە بېرىش ئارقىلىق يول ئېچىپ، «قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىلى»، «ئاساسىي قاتلام تەشكىلى قۇرۇلۇشىدا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يىلى»نى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىشنى جايىدا ئېلىپ بارىمىز. قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنى بىر يىل ئۇزارتىش پايدىلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «قاپقاقنى ئېچىش» (مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلامدىكى مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش)نى قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتىنى باشىتىن-ئاخىر ساقلاپ، ئىز قوغلاپ زەربە بېرىش، يۇقىرى بېسىمدا زەربە بېرىش، بالدۇر، بىخ ھالىتىدە زەربە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەم، دېلو ۋە يىپ ئۇچىنى قاتتىق كۈزىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى پىلانلاش باسقۇچىدا ۋە ھەرىكەتلىنىشتىن بۇرۇن قەتئىي بىدچت قىلىشىمىز لازىم. «بايقاش ئىقتىدارى بىرىنچى ئىقتىدار» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇچۇر توپلاش، ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر قاتلاملىق، ئىچكى كۆرۈنىشلىك، ئالدىن مەلۇمات بېرەرلىك ئاخبارات-ئۇچۇرلار ۋە دۈشمەن ئەھۋالى، جەمئىيەت ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەپ، دۈشمەن ھەرىكەتلىنىشتىن بۇرۇن بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. جەمئىيەتنى باشقۇرۇش كونترول قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق، مۇھىم ئورۇنلار، ئادەم توپلاشقان سورۇنلار، شەھەر، يېزا تۇتاشقان جايلار ۋە نۇقتىلىق نىشانلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئادەم، ماددىي ئەشيا، تېخنىكا ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەتەرلىك پارتلاتقۇچ بۇيۇملار، تېزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلار ۋە ئاسان پارتلايدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ھەر ۋاقىت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىمىز. كۆچمە نوپۇسلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجارە ئۆيلەرنى يۇلتۇزلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئىجىرا قىلىپ، نۇقتىلىق خادىملارغا ياردەم بېرىپ ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، ئەھۋالنىڭ ئېنىق بولۇشى ۋە باشقۇرغىلى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. «زەربە بېرىشتىمۇ قاتتىق قول بولۇش، تەربىيە بىلەن ئۆزگەرتىشتىمۇ قاتتىق قول بولۇش» تەلىپى بويىچە، «بەش ئاچقۇچ»تىن ھەقىقىي پايدىلىنىپ، ئىدىيەدىكى مەسىلىنى ئىدىيىۋى ئۇسۇل بىلەن، مەدەنىيەتتىكى مەسىلىنى مەدەنىيەتتىكى ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، ئۆرپ-ئادەت مەسىلىسىگە ھۆرمەت پوزىتسىيەسىدە بولۇش، دىن  مەسىلىنى دىننىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەسىلىلىرىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاممىغا بولغان ئىدىيىۋى تەربىيە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات-تەربىيەسىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەيمىز.

2. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ پۇختا قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئومۇمىي يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، شەكىلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ، «بەشلەشتۈرۈش»نى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىش ئىستىراتېگىيەسىنى تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، «بەش چوڭ بازا»نى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى قۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ناھىيە، خەلق بېيىغان كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلشتىكى تۈرلۈك كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشتە سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بايلىق ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ، ئېنىرگىيەنى پىشقلاپ ئىشلەش، مېتال تاۋلاش-پىشىقلاپ ئىشلەش، كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرنى پىشىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق تۆت چوڭ تۈۋرۈك كەسىپنى يېتىلدۈرۈش بىلەن زورايتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ،  تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىتنى ياخشىلاپ، زېھنىمىزنى يىغىپ، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈرلەردە بالدۇر ئۈنۈمىنى كۆرۈش، ئۇل سېلىنغان تۈرلەردە بالدۇر قۇرۇلۇش باشلاش، سودىگەر چاقىرىلغان تۈرلەردە بالدۇرراق ئۇل سېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرىمىز. ئارلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ نىفىت -گازلىقنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىقشا قاتنىشىش جەھەتتە بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ناھىيەلىك پارتكوم بېكىتكەن تۈرلۈك ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەمدە ئىلگىرى سۈرىمىز. يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، «چارۋىچىلىقتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، تېرىقچىلىقنى سەرخىللاشتۇرۇش، باغ-ئورمانچىلىقتا پەرۋىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كەسپلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمگەك مۇلازىمەتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، باشلامچىنى كۈچەيتىش، كىرىمنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، «چارۋىچىلىق تەرەققىيات يىلى» پائالىيتىنى كۈچەپ يولغا قۇيۇپ، يىل ئىچىدىكى چارۋا قوتان قالدۇقىنى 1 مىليون 193 مىڭ 300 تۇياققا ، قولدىن چىقىرىش نىسىبىتىنى %65.6گە يەتكۈزۈپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىدىن 45 مىڭ ئادەم (قېتىم) سىرتقا چىقىرىمىز، نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، يىل ئىچىدە 1250 ئائىلىلىك 6000 نامراتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمىز. دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېزىلاردا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقوقىنى ئوبوروت قىلىش قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان يېزا ئونۋېرسال ئىسلاھاتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەقىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز.  شەھەر - بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلايمىز. پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرىمىز. شەھەر ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈش، شەھەر رايونى، يېزا- بازار كونترول پىلانى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس پىلان تۈزۈشنى تاماملاپ، پىلاننىڭ نوپۇزىنى قوغدايمىز. بىر تۇتاش پىلانلاپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرىمىز. شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كونا بازار رايونىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، شەھەرنىڭ تەڭ قەدەملىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىنىچكە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرىمىز. ئومۇمىي خەلق قاتنىشىشىتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ئاھالىسىنى خاتىرە كۆچەت تىكىشكە چاقىرىق قىلىپ، شەھەرنىڭ «تۆتلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرنى ئىنىچكە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرىمىز. ياقېرىق، سايرامنىڭ «ئۈلگە كۆرسىتىش بازىرى» قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، «تەبئىي گاز ئومۇملاشقان يېزا، بازار» خىزمىتىنى باشلاپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،«دەم ئېلىشتىكى ئالدىن تاللىنىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك رايون»نى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. توقسۇ-باي يۈك تىرانسپورت تۆمۈر يول تارماق لىنىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كان رايونى قوش ئېلېكتىر، قوش قايتىلىما توك يولى 2 – قەرەللىك قۇرۇلۇشى تۈرىنى كۈچەپ تۇتۇپ، ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈش كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز. يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى، قاپسىلاڭ دەرياسى، تەلۋىچۈك دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك ئېقىنلىرىنى كەلكۈن مۇداپىئەسى بويىچە تۈزەش قاتارلىق ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەدىمىنى ھەقىقىي تېزلىتىپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايمىز. سانائەت رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى زورايتىپ، سانائەت رايونىنى سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈۋرۈككە ئايلاندۇرىمىز. ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. تەبئىي مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تەبئىي ئورمان، سازلىق، سۇ بايلىقى، چۆللۈك يېپىنچە ئۆسۈملۈكلىرى ۋە بوستانلىقنى قوغداش قاتارلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىما مۇكاپات سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىىيلەشتۈرۈپ، سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق يولغا قويۇپ، تۈرلۈك قانۇنسىز بوز يەر ئېچىش خىزمىتىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغانمىلارنى ئازايتىش بويىچە ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ ناھىيەمىزنى ئەڭ پاكىز ناھىيە، «ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش رايونى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

3.خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز.

تۆۋەن چەكنى ساقلاش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جامائەت پىكىرىنى يېتەكلەش ئاساسىي پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشلاشتا «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى» پائالىيىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، 919 مىليون مەبلەغ سېلىپ، 17 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرىمىز. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كىچىك مىكرو كارخانىلار ۋە «قىسقا، تەكشى، تېز» تۈرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىش ئورنىنى قېزىپ، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، «باي ناھىيەسىنىڭ ئىگلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە مۇكاپاتلاپ تولۇقلىما بېرىش چارىسى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيەمىزدىكى كارخانىلارنىڭ يەرلىكتىكى ئەمگەك كۈچىنى كۆپرەك قوبۇل قىلىشنى قوللايمىز. يېزىلاردىكى ياشلار ۋە قىرانلارنى «قوش تىل»دا تەربىيەلەش ۋە «ئىككىدە ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلار»نى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، كارخانا ۋە مەكتەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئېچىش، كۇرسانتلار زاۋۇتقا بېرىپ ئۆگىنىش، پىراكتىكا، تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇشنى قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز.  ئالىي-ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلار ۋە يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-بازارلاردا 3000 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. مائارىپىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز. «يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، يېزا-كەنتلەر، دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چەت-ياقا رايونلاردىكى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە ياتاقلىق مەكتەپ قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەجبۇرىي مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مائارىپتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، «قوش تىل» مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاساسىي دەرسلىك ئىسلاھاتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يېتەكچى قىلىنغان كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتى ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىدىيە ئەخلاق ۋە كەسپىي ئەخلاق قۇرۇلۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەربىيەسى ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەپ، مائارىپ بازىسىنى ياخشى ساقلايمىز. ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. داۋالاش- سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىدا ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيەلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى ۋە ئاساسىي قاتلام شىپاخانىسىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھامىلدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئازلىتىمىز. پىلانلىق تۇغۇت تۈپ سىياسىتىدە چىڭ تۇرىمىز. ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، تۇغۇت، ئىشتا يارلىنىش، ئىشسىزلىق، نىكاھ، سەرگەردان تىلەمچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارغا قۇتقۇزۇش بېرىش قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەت كاپالەت مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سوغۇرتىسى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇشغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز. ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، مېيىپلار، ئاياللار ۋە بالىلار قاتارلىق ئاجىز كىشىلەر توپىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ھەممە كىشىنى ئاساسىي ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھىرىمان قىلىش نىشانىنى تەدىرىجىي ئىشقا ئاشۇرىمىز. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش ۋە يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى ياخشىلاش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پائالىيەت مەركىزى، چارۋىچىلىق مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش پونكىتى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپتا سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، سەھىيە داۋالاش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتى قاتارلىق تۆت چوڭ پىلاننى بىر تۇتاش پىلانلاپ يولغا قويىمىز. ۋېنجوۋ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئىچكى جەھەتتە جەلپ قىلىش، تاشقى جەھەتتە ئالاقىلىشىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋېنجوۋ كارخانىلىرىنى بايغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى جانلاندۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، ۋېنجوۋ بىلەن بولغان سودا ئالاقىنى كۈچەيتىمىز. ۋېنجوۋ-باي ساھەلەر بويىچە تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش، تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ، ۋېنجوۋ بىلەن باينىڭ ئالاقىسىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشقا كەلگەن كادىرلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.                                

4. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز.

دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكىسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، ئۆگىنىش تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى، مۇلازىمەت تىپىدىكى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىمىز. ھۆكۈمەت دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا قانۇن ئۆگىنىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىجىرا قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپى بويىچە ھوقۇقنى يۈرگۈزۈپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز. ئەدىلىيەلىك باشقۇرۇش ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدىلىيە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىمىز. زور ئىشلاردا ئامما قاتنىشىش، مۇتەخەسىسلەر دەلىللەش، خىيىم- خەتىرىنى باھالاش، قانۇنلىقلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە كوللىكتىپ تەدبىر بەلگىلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ زور تەدبىرلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ھۆكۈمەت قانۇن مەسلىھەتچىسى تۈزۈمىنى پائال يولغا قويۇپ، زور تەدبىردە مەسئۇلىيەتنى ئۆمۈرنىڭ ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى ياندۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز. ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، سۈرۈك ئىچىدە بېجىرش تۈزۈمى، ئاشكارە ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نۇقىتلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارغا بولغان ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز. ھۆكۈمەت فونكىسىيەسىدە ئۆزگىرىش ياسايمىز. مەمۇرىي تەستىق تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانا ئۈچۈن ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىپ، ماھىيەتلىك تەدبىر قوللىنىپ، مەمۇرىي ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنى ئىسلاھات مېۋىلىرىدىن بەھىرىمان قىلىمىز. ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتى، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئەدىلىيە ۋە ئەرزىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىق مەخسۇس ئىسلاھاتلارنى تەرتىپلىك يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھىس قىلدۇرىمىز. ھۆكۈمەت ئىشىدا خەلقنى كۆزلەيمىز. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نىڭ قايتىلىنىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىدىيە، خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆگىنىش، ھۆججەت ۋە يىغىن ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، زۆرۈر بولمىغان پائالىيەتلەرنى ئازايتىپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىمىزنى مۇقىملىق، تەرەققىياتىنى تۇتۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قارىتىمىز. ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توردا پارتىيەنىڭ سىياسەت-تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئامما رايى ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى مەبلىغىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك-دىيانەتلىك بولىمىز. تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئىشلىتىش ۋە ھۆكۈمەت ئىشىدا كۈتىۋېلىشنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇپ، «ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىكى ئۈچ خىل چىقىم»، ئادەتتىكى چىقىملار ۋە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىمىز. تۈزۈم ئارقىلىق ھوقۇق، ئىش ۋە ئادەم باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرلەرنى سېتىش، قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە بولغان مەمۇرىي تەپتىش ۋە ئىقتىسادىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەسپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەپ، قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىمىز. پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر ئىش ئورنىدىكى قوش مەسئۇلىيەت»نى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى قەتئىي قېلىپلاشتۇرۇپ، كادىرلار پاك-دىيانەتلىك، ھۆكۈمەت پاك، سىياسەت ئېنىق بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز. ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارە بولۇش، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئاساسىي، جەريانى، نەتىجىسىنى ئاشكارىلايمىز. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىنى ئەستايىدىل بېجىرىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، پارتىيەسىز زاتلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، جەمئىيەتنىڭ غەمخورلىقىغا جاۋاپ قايتۇرىمىز.

ۋەكىللەر، يولداشلار، دەۋىر بىزگە يۈكلىگەن ۋەزىپە مۈشكۈل، خەلقنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى زور. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىس، يېڭى پۇرسەت ئالدىدا ۋەزىپىمىز مۈشكۈل، مەنزىلىمىز يىراق، بۇرچىمىز شەرەپلىك. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەش ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەرنىڭ نازارىتى ۋە قوللىشىدا، ئىسلاھ قىلىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، راسىتچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئېچىۋېتىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، ئىسلاھات يېڭى مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىش، باينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى

 

1. «تۆتتە قاتتىق قول بولۇش»: زوراۋان-تېررورچىلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن زەربە بېرىش، جەمئىيەت باشقۇرۇش خىزمىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىشلەش، كادىرلار قوشۇنىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇش، ئىزچىلاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قوللۇق بىلەن تۇتۇش.

2. «ئۈچ قانۇنسىز»: قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بويۇملىرى، قانۇنسىز دىنىي  تور تەشۋىقاتى.

3. «ئۈچتە قەتئىي بولۇش»: «28-ئىيۇل» ۋەقەسىگە ئوخشاش چوڭ كۆلەمدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش، شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يامىرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش.

4. «ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىپ بىرنى تەربىيەلەش»: مەسچىت ۋە دىنىي زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالاقىلىشىدىغان مەسچىت دائىرىسىدىكى ئېتىقادچى ئاممىنى تەربىيەلەپ يېتەكلەش.

5. «تۆت مەسئۇلىيەت»: دىنىي زاتلارنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، مەسچىت باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، «ئۈچنى بېكىتىش، بىرى يوق» خادىملارنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، نۇقتىلىق خادىملارغا ياردەم- تەربىيە بېرىپ ئۆزگەرتىش مەسئۇلىيىتى.

6. «توققۇز خىل قوشماق شەكلىدە دوستلىشىش»: ئۇيغۇر مەكتەپ بىلەن خەنزۇ مەكتەپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچى، ئۇيغۇر سىنىپ بىلەن خەنزۇ سىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بىلەن خەنزۇ ئوقۇتقۇچى، ئۇيغۇر، خەنزۇ ئاھالىسى، ئۇيغۇر، خەنزۇ پارتىيەلىك كادىرلار، ئۇيغۇر، خەنزۇ سودىگەرلەر، يېزا، بازار پارتكوم شۇجىسى بىلەن دىنى زاتلار، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەتىرتىدىكىلەر ۋە ئامما قوشماق شەكىلدە دوستلىشىش.

7. «تۆتلەشتۈرۈش، بىر ئۇل ئەسلىھە» قۇرۇلۇشى: يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش، دېھقانچلىق-چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش.

8. ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ «يېڭى تۇراقلىق ھالىتى»: بولسا مەركەزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىككە بولغان توغرا يەكۈنى، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى: ئىقتىسادنىڭ فورماتسىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىگە، ئىش تەقسىماتى تېخىمۇ مۇرەككەپلىككە، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىقلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن ئوتتۇرھال سۈرئەتتە ئېشىشقا يۈزلىنىدۇ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلى كۆلەملىك، سۈرئەتلىك يىرىك ئېشىشتىن سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك تۈجۈپلىك ئېشىشىقا ئۆزگىرىدۇ، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسى مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىدارنى كېڭەيتىشنى ئاساس قىلىشتىن زاپاس مىقدارىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇپ مىقدارنى ئاشۇرۇش بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇردىغان چوڭقۇر قاتلاملىق تەڭشەشكە ئۆزگىرىدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئەنئەنىۋى ئېشىش نۇقتىسىدىن يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئۆزگىرىدۇ.

9.«يەتتە تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسى»: كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەيتىش، كادىرلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش.

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号