نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ئۇقتۇرۇش

بوران ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 03 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ، سائەت13:27    كۆرۈش :  

باي ھۆكۈمەت ئىشخانا 〔2016〕20 – نومۇرلۇق

 

بوران ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش

 

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لىق خەلق ھۆكۈمىتى (باشقۇرۇش كومىتېتى)، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئالاقىدار ئورونلارغا:

يېقىندا، تېمپېراتۇرا تېزلىكتە ئۆرلەپ، نەرسىلەر قۇرۇپ، بوران ۋە كۈچلۈك توپا – توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا، سىرىتتا ئوت ئىشلىتىش كۆرىنەرلىك كۆپىيىپ، ناھىيەمىزنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى مۇھىم باسقۇچقا كىردى. بورانلىق ھاۋارايىدا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

1. ئەھۋالنى پەرق ئېتىپ، بوراندا ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم.

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)، ئورۇنلار بوران قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىغا بولغان تونۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بۇ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئۆز تەۋەلىكى، شۇ بۆلۈمدىكى ئالاقىدار خادىملارنى تەشكىللەپ بوران تەبئىي ئاپەتنى تۈگىتىپ مۇداپىئەلىنىش خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، بوران ئاپىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر يۈرۈش ئۆز تەۋەلىكى، شۇ بۆلۈمىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان، قوللىنىشچانلىقلىقى كۈچلۈك ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى تۈزۈپ، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر تەرەپتىكى كۈچلەرنى توپلاش، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ۋە ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشىدا، بوران تەبئىي ئاپەت يۈز بېرىش نۇقتىسىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، بورانلىق پەسىلدىكى ئاپەتنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى لازىم. 

2. تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، بوران ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ناھىيەمىزنىڭ ئاپەت ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، بىراق يېقىنقى كۈنلەردە بورانلىق ھاۋارايى كۆپەيگەنلىكتىن، ناھىيەمىزدە تۈرلۈك ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى كۆپىيىپ قالدى. ھەر قايسى يېزا، بازار، ئورۇنلار تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، تەۋەلىكى، تارماقلار ئىچىدىكى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئەستايىدىل ئانالىز قىلىپ، تېزلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. بىرىنچىدىن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ياغاچ ماتېرىيالى، ئاشلىق قاتارلىق ئاسان كۆيىدىغان، كۆيۈشچان ماتېرىياللار توپلانغان ئىسكىلاتلار، دۆۋىلەپ قويغان مەيدانلاردىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئورۇنلارنىڭ ئوت مەنبەسى، توك مەنبەسىنى كونترول قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى، ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئوت ئۆچۈرۈپ جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق خادىملارنى تەشكىللەپ ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋېرىنى قانات يايدۇرۇش لازىم.  ئىككىنچىدىن ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشنى چارلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى چارۋىچىلىق رايونى، كەنت (ئىجتىمائىي رايون)، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، يېزا، بازار (مەيدان)لارغا تەشۋىقات تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش لازىم. ئوت مۇداپىئە تەشۋىقاتىنى «بەشكە كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ ئاممىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىدىيەسى ۋە جېنىنى ئېلىپ قېچىپ ئۆزنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش. ئۈچىنچىدىن بورانلىق كۈنلىرى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىگە قارىتا، كەڭ ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئۆينىڭ ئالدىن – كەينىگە ئوتۇن – سامان دۆۋىلەپ قۇيۇش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ئۆت – چۆپ، چاتقاللىقلارنى ئۆرتەش قاتارلىق ناچار ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئوت ئىشلىتىشتە ئېھتىيات قىلماسلىق، تەزىيە بىلدۈرۈش قاتارلىقلاركەلتۈرۈپ چىقارغان تۈرلۈك ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش لازىم.

4. ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئوت ئۆچۈرۈپ قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش لازىم.

ھەر قايسى يېزا، بازار، مەيدان، ئورۇنلار بورانلىق كۈندىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، مېتېئورولوگىيە، تەشۋىقات تارماقلىرى بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئاساسىدا، ھاۋارايىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئوت ئۆچۈرۈش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش. ھەر قايسى يېزا، بازار، مەيدان، ئورۇنلار كۈندىلىك ئوت مۇداپىئە دىجۈرنىلىك تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ ھەر قايسى يېزا، بازار، مەيدانلار تەۋەلىكىدىكى ئوت مۇداپىئە قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋە ئەسلىھەلەرنى سەپلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەۋەلىكىدە ئوت مۇداپىئەسىگە تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ناۋادا ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە، ئامال بار تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇش، تېزلىكتە ھەرىكەتلىنىش، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ھەر قايسى يېزا، بازار، مەيدان، ئورۇنلار مېتېئورولوگىيە، تەشۋىقات قاتارلىق تارماقلار بىلەن بوران ۋە توپا – تۇمان يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنقى مېتېئورولوگىيە ئاگاھلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، رادىيو،  تېلېۋېزور، يانفون قىسقا ئۇچۇرى، ئۈندىدار قاتارلىق ئاخبارات ئۇچۇر يەتكۈزۈش يوللىرىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى تارقىتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭى ۋە ئۆز مۇداپىئەلىنىش ئۆزنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش لازىم.

 

 

   2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号