نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > نەسىر

قۇچقاچ، سېنىڭ ئۇۋاڭ قەيەردە؟

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 03 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ، سائەت12:13    كۆرۈش :  

رەشىدە سېيىت

 

مەكتەپتىن يېنىپ ئالدىراش ئۆيگە كېتىۋاتاتتىم. يول ياقىسىدىكى چىملىق ئىچىدىن ‹‹ۋىچىر...ۋىچىر...›› قلىپ سايرىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم. قارىسام خېلى نېرىدىكى ئۆسۈپ كەتكەن چىملىقنىڭ ئارىسىدا بىر نەرسە مىدىرلىغاندەك كۆرۈندى. مەن ئاستا بېرىپ قارىدىم. ئۇ يەردە ناھايىتى ئوماق، چىرايلىق ئاق قۇشقاچ بالىسى قاناتلىرىنى كەڭ يېىپ ئۇچماقچى بولغاندەك تۇرۇپتۇ. لېكىن ئۇ قاناتلىرىنى شۇنچە كەڭ يېيىپ ھەر قانچە كۈچەپ پالاقشىپ باقسىمۇ ئۇچالمايۋاتاتتى. مەن ئۇنى تۇتماقچى بولۇپ ئاستا قولۇمنى سوزدۇم. شۇ ھامان ئۇ غەيرەتكە كېلىپ پۇررىدە ئۇچتى-دە، ئىككى-ئۈچ قەدەم يەرگىچە بېرىپ يەنە پوككىدە چۈشتى. بۇ چاغدا ئۇ بېشىنىمۇ يەرگە قويۇۋالغان بولۇپ بىر يېرى ئاغرىپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ قورسىقى ئاغرىپ كەتكەنمىدۇ؟ مەن ئۆتكەندە قورسىقىم ئاغرىپ قالغاندا ئانام سېلىپ بەرگەن يۇمشاق كۆرپىدىمۇ ياتالماي، ئۆينىڭ ئۇ بۇلۇڭىدىن، بۇ بۇلۇڭىغا يۇمىلاپ يىغلىغان ئىدىم. قۇشقاچ بالىسى ۋىچىرلاپ سايراپ ھەر تەرەپكە قارايتتى. ئۇنىڭ تىلىنى بىلگەن بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە؟ قۇشقاچ بالىسى مېنى كۆرۈپ يەنە ئىككى قەدەم نېرىغا ئۇچتى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا ئەنسىزلىك بىلەن قارايتتى. شۇنداق قارىسام ئۇ قوزغالغان جايىدا بىر قانچە تامچە قان تۇرىدۇ. ئەسلىدە ئۇ يارىلانغان ئىكەن-دە، بىچارە نېمە بولغانسەن؟ سېنى كىم يارىلاندۇرغاندۇ؟ نەپسى يامان ئوغرى مۈشۈكتىن بىرەرسى چىشلىۋالغانمىدۇ؟ مەن تېزلا بېرىپ ئۇنى قولۇمغا ئالدىم. قۇشقاچ بالىسى قولۇمدا تىپىرلاپ قاناتلىرىنى قاقاتتى. ئۇ بەك قەيسەر ئىدى. شۇ ھالەتتە تۇرۇپ مېنىڭ چاڭگىلىدىمدىن قۇتۇلۇپ ئۇچۇپ كېتىشكە ئۇرۇناتتى. مەن ئۇنى ئاۋايلاپ تۇتۇپ ئاستا سىلىدىم. لېكىن ئۇ قولۇمدىن يۇلقۇنۇپ ئۇچۇشقا تىرىشىپ تىپىرلايتتى. بىر نەچچە قېتىم بارماقلىرىمنىمۇ چوقۇۋالدى. قولۇم خېلى ئاغرىغان بولسىمۇ مەن ئۇنى قويۇپ بەرمىدىم. ئۇنىڭ بىر پۇتى ئازراق يارىلانغان ئىدى. ئۇنىڭ پۇتىدىن تېخىچە قان سىرغىپ تۇراتتى. قۇشقاچ بالىسىغا قاراپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى مۇڭغا تولغان بولۇپ، بىچارىلىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانمىدۇ؟ مەن يول بويىدا كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخى بار ئىدى. ئەتىگەن سەھەردە ئاق قۇشقاچلارنىڭ ئۈجمىنىڭ شاخلىرىغا قونۇپ ۋىچىرلىشىپ سايرىشىپ شاختىن-شاخقا ئۇچۇپ ئۈجمىلەرنى خالىغانچە يەپ قورسىقىنى توقلاپ، ئانا قۇشقاچلارنىڭ بىر تال ئۈجمىنى چىشلىگەن پېتى ئۇۋىسىغا بېرىپ بالىلىرىنى بېقىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. يەردە تۆكۈلگەن ئۈجمىلەر شۇنداق جىق ئىدى. مەن پاكىز ئۈجمىدىن بىر تالنى ئېلىپ بالا قۇشقاچقا تەڭلىدىىم. ئۇ ئۈجمىنى بىر چوقۇپلا ئاغزىغا ئالدى-دە يۇتۇۋەتتى. شۇنداق قىلىپ مەن بالا قۇشقاچنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ ماڭدىم.

    ئىشىكتىن كىرىشىمگە سىڭلىم ئادىلە ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى.

     ئاكا، قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟ ھە، قۇشقاچ بالىسى تۇتۇۋاپسەن-دە، ھەجەپ ئوماق ئىكەن. ئۇنى نېمىشقا تۇتتۇڭ؟! قارا سېنى، تېخى ئۇنى يارىلاندۇرۇپ قويۇپسەن، سوزماق بىلەن سوققان ئوخشىمامسەن؟ ھۇ رەھىمسىز، ئەمدى سېنى ئاكا دېمەيمەن، ـــ ئۇ چىنتەكنىڭ تولا گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. بىراق بۈگۈن تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى. قۇمدەك سوئاللارنى سوراپ بېشىمنى ئاغرىتىۋەتتى. مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنمەي ‹‹رەھىمسىز›› دەپ تىللاۋاتقىنىنى قارىمامدىغان.

   ـــ ئاكا دېمىسەڭ دېمە، جىنتەك، كىم رەھىمسىزكەن؟! بۇنى مەن يارىلاندۇرمىسام، ـــ بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئۇ خىجىل بولدى بولغاي:

    ـــ خاپا بولما ئاكا، تېخى سېنى شۇنداق قىلدىمىكىن دەپتىمەن. ئۇنىڭ پۇتىدىن قان چىقىپتۇ قارىغىنە، بۇ قانداق مەخلۇقنىڭ ئىشىدۇ؟ ئەمدى قانداقمۇ قىلارمىز؟ ـــ مەن بالا قۇچقاچنى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ كىچىك بىر سېۋەتنىڭ ئىچىگە سالدىم. ئاندىن ئادىلە كىچىك پىيالىسىغا قۇيۇپ كەلگەن سۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم. لېكىن بالا قۇشقاچ سۇغا قاراپمۇ قويمىدى. بېشىنى ھەر تەرەپكە جىددىي بۇراپ ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە قارايتتى. ئادىلە كىچىككىنە رەسىم تاختىسىنى كۆتۈرۈپ سېۋەتنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى سىزىشقا باشلىدى. ئۇ بىردەمدە قۇشقاچ بالىسىنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ بولدى. يەنە ئۇ قۇشقاچ بالىسى بىلەن پاراڭلاشتى.

    ـــ ھەي بالا قۇشقاچ، ماڭا قارا، بەك چىرايلىقكەنسەن، قارا ماۋۇ سېنىڭ سۈرىتىڭ، مەن سېنىڭ سۈرىتىڭنى مەكتەپ رەسىم كۇرژىكى زالىغا قاداپ قويىمەن. سېنىڭچە شۇنداق قىلسام بولامدۇ؟ ئۇ يەردە باشقا ساۋاقداشلىرىم سىزغان يەنە باشقا نۇرغۇن قۇش بالىلىرى بار، سەن ئۇلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىسەن.سېنىڭ قاناتلىرىڭنى، كۆزلىرىڭنى شۇنداق ئوخشىتىپ سىزدىم.لېكىن سېنىڭ كۆڭلۈڭ يېرىم بولمىسۇن دەپ يارىلانغان پۇتۇڭنى سىزمىدىم. خۇشال بولۇۋاتىسەن، شۇنداقمۇ؟ ماڭا دېگىنە قۇشقاچ بالىسى سېنىڭ ئۆيۈڭ قەيەردە؟ خاتىرجەم بول، بىزنىڭ ئۆيدە بىر قانچە كۈن تۇرساڭ ئوڭشىلىپ كېتىسەن، ئاكام بىلەن ئىككىمىز ساڭا ئوبدان قارايمىز، ساقايغاندىن كېيىن سېنى قويۇپ بەرسەك قاناتلىرىڭنى قېقىپ ئۇچقان پېتى ئۆيۈڭگە كېتىسەن، ئۆيۈڭگە كېتىدىغان يولنى بىلىدىغانسەن؟ بەلكىم ئاناڭ بىلەن داداڭ سېنى ئىزدەپ باغمۇ-باغ، تاغمۇ-تاغ ئۇچۇپ يۈرگەندۇ، ـــ قۇشقاچ بالىسى گويا سىڭلىمنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنگەندەك چىرايلىق كۆزلىرىنى ھەر خىل ئىپادىدە ئۇنىڭغا تىكىپ تۇراتتى. ھەم تۇرۇپ بوينىنى بۇراپ قاناتلىرىنى بوش قېقىپ ماقۇلللۇق بىلدۈرەتتى. بىر چاغدا ئانام بىلەن دادام خىزمەتتىن قايتىپ كەلدى. ئۇلارمۇ قۇشقاچ بالىسىغا قاراپ ئىچ ئاغرىتتى. دادام دوختۇر بولغاچقا ئۇنىڭ پۇتىغا دورا سۈركەپ تېڭىپ قويدى. ئانام بازاردىن ئاق قۇشقاچلار ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان يەم سېتىۋېلىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ بالا قۇشقاچ بىزنىڭ ئۆيدە بەش كۈن تۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يارىسى ساقايدى. ئۇ تېخى بەزىدە سېۋەتنىڭ ئىچىگە ياساپ بەرگەن قونداققا چىقىۋېلىپ چىرايلىق ۋىچىرلاپ سايراپ قوياتتى. سىڭلىم ئادىلە قۇشقاچ بالىسىنىڭ بىزنىڭ ئۆيگە كۆنۈپ قالغىنىدىن بەك خۇش ئىدى. بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا شۇنداق ئىچىكىپ قالغان ئىدۇق.

   ـــ ئۇ ئۇچالايدىغان بولدى. ئۇنى قويۇپ بەر، ـــ دېدى دادام بىر كۈنى. مەن ئۇنى سېۋەت ئىچىدىن ئېلىپ بالكۇنغا ئېلىپ چىقتىم. ئۇ قۇياشقا قارايتتى. يېشىل ياپراقلارغا قارايتتى. قۇياشمۇ يېشىل ياپراقلارمۇ قۇشقاچ بالىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. قۇشقاچ بالىسى قولۇمدىن يۇلقۇنۇپ كەڭ تەبىئەتنىڭ قوينىغا، ئۆز ئۇۋىسىغا كەتمەكچى بولاتتى. مەن قولۇمنى ئاچتىم. ئۇ ئۇچتى، ئۇنىڭ قاناتلىرى قۇياش نۇرىدا يالىلدايتتى. كۆزلىرى يىراققا تىكىلگەن ئىدى. لېكىن ئۇ قورۇنىڭ گۈللۈكىدىكى بىر دەرەخنىڭ شېخىغا قوندى. ئۇزاققىچە سايرىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى مەندە ئىدى. مەن ئۇنىڭ چىرايلىق سايراشلىرىدىن خۇشال بولۇپ قولۇمنى كۆتۈردۈم. ئۇ بىردەم ماڭا قاراپ شۇنداق تۇردى-دە، خۇددى يانىڭ ئوقىدەك يىراققا قاراپ ئۇچۇپ كەتتى.

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号