نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > نەسىر

مەنپەئەت بىلەن بەدەل

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 03 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ، سائەت11:20    كۆرۈش :  

تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم

 

بىر كۈنى بەدەل مەنپەئەتنى ئىزدەپ بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:

    ــــ مەنپەئەت، سەن بىلەن ھېچقانداق ئۆچ – ئاداۋىتىم يوق ئىدى، ئەمما يېقىندىن بۇيان ماڭا باشقىچە غەرەزدە بولۇۋاتىسەن، مەنىۋىيىتى پۈچەكلىشىپ، ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى ئۇنتۇغان بەزى جانلىقلار ساڭا قارىغۇلارچە ئىنتىلىپ، مېنى ھالسىرىتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئەقلىنىڭ قاياققا غايىب بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ، ئۇلار سېنىڭ قۇلۇڭغا ئايلاندى، سەن جاھاننى مالىمان قىلىۋەتتىڭ.

    بەدەلنىڭ سۆزىنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئاڭلىغان مەنپەئەت تەمكىن تەلەپپۇزدا ئېغىز ئاچتى:

    ـــــ قاقشاپ كەتتىڭغۇ بەدەل، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا شۇنچە گۇناھكارمۇ؟ ئەقلىڭ بولسا ئوبدان ئويلاپ باق، ھەركىم ماڭا ھالال تەرى، ئەجىر – ئەمگىكى ئارقىلىق ئېرىشسە، سېنىڭمۇ يۈزۈڭ يورۇق بولۇپ كەلدى، ئەمما ماڭا ھېچقانداق مېھنەت قىلماي ئېرىشكەنلەر بىر تەرەپتىن مېنىڭ ئوبرازىمنى خۇنۈكلەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن سېنى مۈكچەيتمەكتە، غاپىللىق، ھۇرۇنلۇق، تەييارغا ھەييارلىقلار بىزنىڭ خاراكتېرىمىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

    مەنپەئەتنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بەدەلنىڭ ئاچچىقى بېسىقىپ قالدى، چۈنكى مەنپەئەتنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا يېڭى ئۈمىدلەرنى بېغىشلىغانىدى. ئۇ مەنپەئەتكە دوستانە ھالەتتە دېدى:

    ــــ ياخشى نىيەتتە ئېيتقان سۆزلىرىڭدىن تەسىرلەندىم، ساڭا بىر تەكلىپىم بار، ئاڭلاشنى خالارسەنمۇ؟

    ــــ قۇلىقىم سەندە، دېدى مەنپەئەت.

    بەدەل سۆزىنى داۋام قىلدى:

    ــــ بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئىختىلاپتىن خالىي، ئىناق ئۆتۈشىمىز ئۈچۈن ئالدى بىلەن يامان غەرەزدىن يىراق تۇرايلى، جىمى جانلىقلار ساڭا ھالال ئەمگىكى بىلەن ئېرىشىش يولىدا توختىماي تىرىشسۇن! كىشىلەر سېنىڭ قەستەن قىزىقتۇرۇشىڭ تۈپەيلى ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان پۇشايمانغا قالمىسۇن! ئۇلار سۇدەك ئۆتۈۋاتقان قىممەتلىك ھاياتىنى قەدىرلەپ، بەخت يولىنى ئىزدىسۇن!

    ـــ بارچە كۆڭۈللەرگە ئازادىلىك بېغىشلايدىغان شەربەت سۆزلىرىڭنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن، دېدى مەنپەئەت بەدەلنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، مېنىڭمۇ ئۈمىدىم شۇكى، جىمى جانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكىگە ئوبدان ئىگە بولۇپ، ئىزباسارلىرىنى بىلىم، ۋىجدان، غۇرۇر بىلەن كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلەپ، ئاتا ئىزىنى بويلاپ مەزمۇت قەدەملەر بىلەن دۇنياغا يۈزلەنسۇن!

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号