نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ئۇقتۇرۇش

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 04 - ئاينىڭ 01 - كۈنى ، سائەت13:21    كۆرۈش :  

 

باي ھۆكۈمەت ئىشخانا〕2016〔26- نومۇرلۇق

 

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

 

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان) خەلق ھۆكۈمىتى (باشقۇرۇش كومىتېتى)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارغا:

ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيەمىزنىڭ 2016-يىلدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

1. ئدىيىۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش: ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لار «بىر قولدا قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، بىر قولدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئەتىياز پەسلىدىكى قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە رېمونت قىلىپ مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەپ، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە دەخلى قىلماسلىق، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككىلىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

2. تەشكىلى رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش. ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ تۇلۇقلاپ، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەڭشەپ تولۇقلىغاندىن كېيىنكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ئىسمىيەتلىكى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى (مۇقىم تېلېفون، يانفون)نى چوقۇم 3- ئاينىڭ 30 - كۈندىن بۇرۇن ناھىيەلىك سۇ ئىدارىسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسىغا يوللاش لازىم.

3. قۇرۇلۇش سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇش. ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى ۋە مەسئۇل رەھبىرى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، بايقالغان يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا يوقىتىش. ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لار چوقۇم 5- ئاينىڭ 30 -كۈندىن بۇرۇن تەۋەلىكىدىكى مەسئۇلىيەت بۆلىكىدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش لازىم. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى: سۇ ئېلىش بېشى دائىرىسىدە ئاستىنىڭ كەڭلىكى 8 مېتىر، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى 6 مېتىر، ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر، يېزا، بازار دائىرىسىدە ئاستىنىڭ كەڭلىكى 6 مېتىر، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى 4 مېتىر ، ئېگىزلىكى 2 مېتىر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ناھىيەلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى مەخسۇس تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغۇچى ئەۋەتىپ، سۈپەت، ساندا ئۆلچەمگە يەتمىگەن يېزا، بازارلارنى ناھىيە تەۋەسىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەم بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۆزگەرتىش؛ ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى ياخشى بولمىغانلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى ۋە مەسئۇل رەھبىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش. سۇ بېشىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەر قايسى  يېزا (بازار)لىق سۇ باشقۇرۇش ئورنى، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش، ناھىيەلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

4. قۇرۇلۇشنى بېكىتىشنى كۈچەيتىش. قوشنا يېزا (بازار) ئوتتۇرسىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى چېتىشلىق قۇرۇلۇش لايىھەسىنى جەزمەن ئالدى بىلەن ناھىيەلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ قوشۇلغاندىن كىيىن قۇرۇلۇش قىلىش. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىش پىرىنسىپىغا تەسىر يەتكۈزمەي، سۇنى ئىلمى راۋانلاشتۇرۇپ، سۇ ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلغان ئىككى تەرەپكە دەخلى قىلماسلىق لازىم.

5. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇش. ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار «بىخەتەرلىك بىرىنچى» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈن مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قىلىنۋاتقاندا ماددىي ئەشيا توشۇش ۋە قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش، بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرمەسلىك.

6. لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش. ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلار تەۋەلىكىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قارىتا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لايىھەنىڭ ئىلمىيلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى، مەشخۇلاتچانلىقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم.

7. دىجورنىلىق دوكلات تۈزۈمىنى كۈچەيتىش. ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار 24 سائەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش دىجورنىلىق تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇلۇققان سۇ ئەھۋالى، ئاپەت ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ناھىيەلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسى ۋە ئالاقىدار رەھبەرلەرگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىش (ناھىيەلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسىنىڭ تېلېفونى 8692773-0997)، خەتەرنى مەلۇم قىلمىسا، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلسا، چۈشۈرۈپ مەلۇم قىلسا ھەم ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، ئالاقىدار خادىملارنىڭ ۋە تۇرۇشلۇق يېزا، بازار، مەيدانلارنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى ۋە مەسئۇل رەھبىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

 

قوشۇمچە ھۆججەت: 2015-يىللىق ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لاردىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش پىلان جەدۋىلى

 

 

                                                2016 - يىل 3- ئاينىڭ 18 - كۈنى

 

 

قوشۇمچە ھۆججەت:

 

2016 - يىللىق ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)لاردىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش پىلان جەدۋىلى

تەرتىپى

ئورۇن

پىلان (مېتىر)

جەمئىي (مېتىر)

يېڭىدىن قۇرۇلغان (مېتىر)

رېمونت قىلىدىغان (مېتىر)

1

قېيىر يېزىسى

1930

1400

3330

2

قىزىل يېزىسى

350

500

850

3

سايرام بازىرى

1000

1000

2000

4

توقسۇن يېزىسى

1530

1355

2885

5

ياتۇر يېزىسى

30

5035

5065

6

كانچى يېزىسى

630

1180

1810

7

بۇلۇڭ يېزىسى

165

1646

1811

8

باي بازىرى

175

1100

1275

9

مىچىغ يېزىسى

2125

2210

4335

10

ئونباش يېزىسى

1750

2980

4730

11

چوڭ كۆۋرۈك يېزىسى

320

600

920

12

داۋانچى دېھقانچىلىق مەيدانى

290

700

990

13

ياقېرىق يېزىسى

1870

2150

4020

14

قاراباغ يېزىسى

450

450

900

15

تېرەك بازىرى

50

200

250

16

نەسىللىك قوي فېرمىسى

50

200

250

17

مەڭگۈلۈك دامبا

 

220

220

جەمئىي

12715

22926

35461

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号