نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : ئۇقتۇرۇش

2016 – يىللىق چوكانتال بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 04 - ئاينىڭ 01 - كۈنى ، سائەت13:34    كۆرۈش :  

باي ھۆكۈمەت ئىشخانا 〔2016〕33 – نومۇرلۇق

 

2016-يىللىق چوكانتال بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

 

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان) لىق خەلق ھۆكۈمىتى (باشقۇرۇش كومىتېتى)، ھۆكۈمەتتىكى كومىتېت، ئىشخانا، ئىدارىلەر، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا:

2016 – يىللىق چوكانتال بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭنىڭ «2016 – يىللىق چوكانتال بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ش ھ  ب ئۇچۇق تېلېگرامما〔2016〕72 – نومۇرلۇق)نىڭ روھى بويىچە، ھازىر 2016 – يىللىق چوكانتال بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىشنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

2016 – يىل 4 – ئاينىڭ 2 –كۈنى (شەنبە)، 4-ئاينىڭ 3-كۈنى (يەكشەنبە)، 4-ئاينىڭ 4-كۈنى (دۈشەنبە، چوكانتال بايرىمى) دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىلىدۇ.

ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلار ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش تەلىپى بويىچە، بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى دىجۈرنلىك خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، رەھبەر دىجۈرنلىككە باشلامچى بۇلۇش ۋە كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر دىجۈرنى تۇرۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرسە، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەم ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ. بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېزىلاردىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، بايرامنى  بىخەتەر، تىنچ ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

(بۇ ھۆججەتنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئاڭلاتسا بولىدۇ)

 

 

                                                    2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号