نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > نەسىر

ئىككى نەسىر

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 04 - ئاينىڭ 01 - كۈنى ، سائەت11:28    كۆرۈش :  

مۇكەررەم ئابدۇللا

 

ھاياتلىق سىزىقى

 

 

     شۇنداق بىر سىزىق مەۋجۇتكى، بىر قارىسا ناھايىتى ئۇزۇن، يەنە بىرقارىسا تولىمۇ قىسقا. ئۇنىڭ بىر ئۇچىدا كۆزلىرىدىن ساددىلىق نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان تولىمۇ ئوماق بىر قىزچاق، يەنە بىر ئۇچىدا كۆزىنىڭ نۇرى ئۆچكەن ياشانغان موماي.

    شۇنداق بىر سىزىق مەۋجۇتكى، بىرقارىسا ئىنتايىن مۇرەككەپ، يەنە بىرقارىسا ناھايىتى ئاددىي. بىر ئۇچىدا ‹‹ئىڭڭە››لەۋاتقان، ئاق يۆگەككە يۆگىلىۋاتقان بوۋاق، يەنە بىر ئۇچىدا سەكراتقا چۈشكەن، كېپەنگە يۆگىلىش ئالدىدا تۇرغان بوۋاي.

    شۇنداق بىر سىزىق مەۋجۇتكى، بىر قارىسا بەك گۈزەل، يەنە بىرقارىسا ئادەتتىكىچە. بىر ئۇچىدا تۇپراق ئاستىدىن بىخ سۈرۈپ چىققان مايسا، يەنە بىر ئۇچىدا بەخت كۈلۈپ قارىغان ئامەت ئىگىسىنىڭ كۆكسىدە چاقناپ تۇرغان گۈل.

    شۇنداق بىر سىزىق مەۋجۇتكى، بىر قارىسا قىلچە ئەھمىيىتى يوق، يەنە بىر قارىسا تولىمۇ قىممەتلىك. بىر ئۇچىدا ئەمدىلەتىن بىخ سۈرۈۋاتقان ئۈجمە يوپۇرمىقى، يەنە بىر ئۇچىدا ئادەملەرنىڭ ئۇچىسىدا جۇلالىنىپ تۇرغان يىپەك.

    شۇنداق بىرسىزىق مەۋجۇتكى، بىرقارىسا كۆز يەتكۈسىز چەكسىزلىكتەك، يەنە بىر قارىسا كۆز ئالدىدىكى مەۋجۇتلۇقتەك، بىر ئۇچىدا يېڭى تىكىلگەن كۆچەت، يەنە بىر ئۇچىدا ھەيۋەتلىك قەسىر.

    شۇنداق بىرسىزىق مەۋجۇتكى، بىرقارىسا ناھايىتى كۈچلۈك يەنە بىر قارىسا تولىمۇ ئاجىز. بىر ئۇچىدا تۇپراقتىن باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان كېۋەز مايسىسى، يەنە بىر ئۇچىدا راھەت كىيىم، ئىسسىق يوتقان – كۆرپە.

    شۇنداق بىرسىزىق مەۋجۇتكى، بۇ سىزىق قانچىلىك ئۇزۇن ۋە قانچىلىك قىسقا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۈپتۈز بولۇشى ناتايىن.

 

ئۆزۈمگە نەزەر

 

     مەن قانداقتۇ بىر نىدانىڭ دەۋىتى بىلەن ئۆزۈمگە نەزەر تاشلىدىم. كۆزۈم تىكىلگەنسېرى ئىچ – ئىچىمنى ئۆرتەپ چىققان ئوتنىڭ ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرۈشىدىن پەيدا بولغان ئاچچىق ياشلار كۆزۈمدىن چىققان پېتى ئۇدۇل بېرىپلا يۈرىكىمگە ئاقتى. ھەرتامچە ياشتا مەڭگۈ ئورنىغا كەلمەس پۇشايماننىڭ ئەلەملىك شىۋىرلاشلىرى، تەلۋە ھاياجاننىڭ نادانلىقى مۇڭلىنىپ تۇراتتى. چۈنكى بەرگىنىمدىن ئالغىنىم، تەپەككۇر بىلەن تۇرغان ۋاقتىمدىن غەپلەتتە يۈرگەن ۋاقتىم، جۈرئىتىمگە قارىغاندا ئىككىلىنىشىم، ئەمەلىي ھەرىكىتىمدىن قۇرۇق خىيال سۈرگىنىم، ئۆز مەنپەئىتىم ئۈچۈن كەم ئەقىللىق قىلىپ، تۆگىنى قويۇپ بېرىپ چىۋىنگە مەھكەم يېپىشىۋالغان چاغلىرىم كۆپكەن ئەمەسمۇ.

 

 

 

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号