نۆۋەتىكى ئورنىڭىز : توردا ئىش بىجىرىش > ئەدەبىيات > نەسىر

ئاناڭ شۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 04 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ، سائەت11:32    كۆرۈش :  

ئىلمىنۇر كامال

    

     سۈبىھى دەمدە، پېشانەڭگە يېنىك سۆيۈپ، سېنى ئۇيقۇ ئالىمىدىن ئىللىق مېھرى بىلەن ئويغىتىدىغان يېڭى تاڭ ساباسى ئاناڭ شۇ.

   بىر كۈنلۈك ئەمگەك قاينىمىدىن قاتتىق چارچاپ، قەدەملىرىڭنى تەسلىكتە يۆتكەپ، ئېغىرلاشقان گەۋدەڭنى نائىلاج كۆتۈرۈپ ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس باغچىغا قەدەم ئالغىنىڭدا، مېھىر – مۇھەببەتنىڭ خۇش پۇراق، رەڭدار گۈللىرىنى جۇلالاندۇرۇپ ساڭا زور ئىشتىياق بىلەن تەقدىم ئەتكىنى ئاناڭ شۇ.

   تۇرمۇشنىڭ ئەگرى – توقاي دوقمۇشلىرىدا چوڭقۇر يار لېۋىگە مەھكۇم بولغىنىڭدا، سېنى ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قۇدرەتلىك قولى بىلەن كۈچەپ تارتىپ قارشى قىرغاققا چىقىرىۋالىدىغان شەپقەتچىڭ ئاناڭ شۇ.

   ۋۇجۇدۇڭدىكى قۇرتتەك يامراۋاتقان قاراڭغۇلۇقلىرىڭغا تاغدەك سەبرى، دېڭىزدەك تەمكىنلىكى بىلەن خۇش تەبەسسۇم ئەيلەۋاتقىنى ئاناڭ شۇ.

   قولۇڭدىكى تىكەننى قىلچە ھولۇقماي پۈتۈن زېھنى بىلەن بىرمۇبىر ئالىدىغان كىشى ئاناڭ شۇ.

   قاتمۇقات قەرزلەرگە قاپسىلىپ، تۆت ئەتراپقا مەدەت تىلەپ باققىنىڭدا، جاپا – مۇشەقەتتە تاپقان چاغلىق پۇللىرىنى قىلچە ئايانماي سېخىيلىق بىلەن ساڭا سەرپ قىلىدىغىنى ئاناڭ شۇ.

   ئىت تۇيۇقسىز خىرىس قىلىپ كېلىپ، پارقىراق كىيىملىرىڭنى تالاپ، جۇل – جۇل قىلىۋەتكەندە، يېڭى، پاكىز كىيىملىرىڭنى پايپېتەك بولۇپ شۇ ھامان تېپىپ ئۈستبېشىڭنى قېقىشتۇرۇپ كىيگۈزىدىغىنى ئاناڭ شۇ.

   ھەممە سېنى قارىلىسىمۇ، يۈزسىزلىك توپانلىرىنى ياغدۇرسىمۇ، ساڭا چەكسىز ئىشىنىدىغان، سېنى مەھكەم باغاشلاپ مارجاندەك كۆز ياشلىرىڭنى يۈرىكى ئېچىشقان، ۋۇجۇدى ئۆرتەنگەن ھالدا ئېرتىپ، دىلىڭغا ھارارەت بەخش ئېتىدىغىنى ئاناڭ شۇ.

   سەپەر ئالدىدا خوشلىشىپ ماڭغىنىڭدا، ئارقاڭدىن كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۇزىتىپ تاكى سايەڭ يىتكۈچە قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرىدىغىنى، ئاق يول تىلەيدىغىنى ئاناڭ شۇ.

   دوست – بۇرادەرلىرىڭ، خىزمەتداشلىرىڭ بىلەن قەدەھ كۆتۈرۈپ، قىقاس – سۈرەنلەر ئىچىدە كەچ قايتقىنىڭدا، ساڭا زېرىكمەي قايتا – قايتا تېلېغون قىلىدىغىنى، ئىشىك ئالدىدا، قاتتىق ياغاچ ئورۇندۇقتا، ھاسىسىنى توكۇرلىتىپ سۈكۈتتە ئولتۇرىدىغىنى ئاناڭ شۇ.

   بەڭۋاشلىق مەيلىرىدە مەستخۇش بولۇپ، خۇدۇڭنى يوقاتقىنىڭدا، ئۆزۈڭنى بىلەلمەي قەلبىنى چۇل – چۇل قىلىۋەتكىنىڭدە، ئاتەش كەبى مېھرىنى نۇر – زىيا كەبى تارىتىدىغىنى ئاناڭ شۇ.

   بىر ئۆمۇر ئوتۇڭدا كۆيۈپ، سۈيۈڭدە ئېقىپ، مىننەت شاخلىرىنى يۇلۇپ ئېلىۋېتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ھايات بېغىڭنى پەرۋىش قىلىۋاتقان، گۈلدەك ياشلىق باھارىنى، پۈتكۈل زېھنىي كۈچىنى سېنىڭ ئۈچۈن قۇربان ئېتىۋاتقان قەقنۇس ئاناڭ شۇ.

   جاپاغا قولداش، ۋاپاغا يولداش، ئەقىدىگە ئۇل تاش، ساداقەتكە قانداش بولۇپ كېلىۋاتقىنى، تومۇر – تومۇرلىرىڭدا قىزىل قېنى ئوخچۇپ ئېقىۋاتقىنى ئاناڭ شۇ.

 

 

مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 

باينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى    تور خەت ساندۇقى    پاش قىلىش    ئەسەر ئەۋەتىش    ئىدارە تېلفۇن نومۇرلىرى       

باشقۇرغۇچى ئۇرۇن : باي ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى       تېخنىكا يىتەكچىسى : باي ناھىيلىك ئېلىكتىرونلۇق مەمۇرىيەت باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 8627000 – 0997 تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسى : 新ICP备05002482号